نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

مۇۋاپىقىيەتنى ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدۇ: سىتايلون ھەققىدە راست-يالغان ھېكايە

تاشقى گۈزەللىك نۇقتىسىدىن نەزەر سالساق، دۇنيادا كىشىنى قورقۇتىۋەتكۈدەك سەتلەر ئاز بولغىنىدەك، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك گۈزەللەرمۇ جىق ئەمەس، بەلكى چىرايى نورمال ئادەملەر ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. مۇۋاپىقىيەت نۇقتىسىدىن قاراپ باقساقچۇ، مۇۋاپىقىيەت بىرخىل ناھايىتىمۇ تۆۋەن نىسبەتلىك ئىش بولغىنىدەك نەس بېسىپلا يۇرۇيدىغانلارمۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشلەر يەنىلا بەكمۇ ئۇتۇق قازىنىپمۇ كەتمەي، بەكمۇ نەس بېسىپمۇ كەتمەي نورمال ھالەتتە ياشايدۇ.

Sylvester Stallone
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايلىق كىرىمى 5مىليوندىن ئاشقان بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىغا ئايلانسىڭىزچۇ، ئۇنداقتا سىز ئايلىق كىرىمى 50مىڭ سوملۇق كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزىنى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بايقايسىز. مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچى ۋە مەغلۇبىيەتنى دېگەن ئۇقۇملار پەقەت سىزنىڭ تونۇشىڭىز خالاس. دەل شۇنداق بولغاچقا مۇۋاپىقىيەت دېگەن مەڭگۈ ئىنتايىن كىچىك نىسبەتتىكى بىرخىل تەقدىر. شۇڭا داڭلىق كىشىلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ھېكايىلىرىگە ئۇنچىۋالا مەپتۇن بولۇپ كەتمەڭ، ئەمما ئىلھام ئىلىشقا تېگىشلىك- نەرسە بەلكىم ئۇلاردىكى مەلۇم خىل روھ بولۇشى مۇمكىن. بولدى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي.

ئۇنداقتا ئالدى بىلەن گىگانت كىنو چولپىنى ستايلون( Stallone) نىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باقايلى:

مۇۋاپىقىيەت زادى تارىخمۇ ياكى رىۋايەتمۇ؟

rambo3

سىتايلۇن بىر قوپاللىققا تولغان ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، دادىسى قىمارۋاز بولۇپ قىماردا ئۇتتۇرۇپ قويدىمۇ بولدى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئاپىسىدىن ئاچچىقىنى چىقىراتتى، ئاپىسى ھاراقخۇمار بولۇپ ئۆلگۈدەك ئىچىۋالغاندىن كېيىن دەردىنى يەنىلا ئۇنىڭدىن چىقىراتتى، بىچارە ئۆسمۈر سىتايلون دائىم باش-كۆزى يېرىلغان، چىرايى كۆكەرگەن ھالدا يۈرەتتى.
تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېين، سىتايلون ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ كوچا چىڭداشقا باشلىدى، ھەتتا شۇتەرىقىدە كوچا لۇكچىكى بولۇپ كەتكىلىمۇ تاس قالدى. 20 ياشقا تولغان ئەشۇ يىلى بىر ئىش ئۇنىڭ قەلبىنى ئازابلىدى. «ھەرگىز بۇنداقلا ئۆتۈپ كەتمەسلىكىم كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا خۇددى ئاتا-ئانامغا ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ ئەخلىتىگە ئايلىنىپ قالمامدىم، كىشلەرمىنى داشقال دېمەسمۇ! مەن جەزمەن مۇۋاپىقىيەت قازانمىسام بولمايدۇ! » سىتايلون ئۆزىگە شۇنداق دىدى ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتى ھەققىدەلايىھە تۈزۈشكە باشلىدى.
سىياسى ساھەنى تاللاش مۇمكىنچىلىكى نۆل ئىدى، چوڭراق شىركەتتە ئىشلەش ئۈچۈن ئوقۇش تارىخى ۋە تەجرىبىسى بولۇش كېرەك ئىدى، تىجارەت قىلىش ؟!…بىركۆك نامرات قانداقمۇ تىجارەت بىلەن باش كۆتۈرسۇن….؟
سىتايلون دەسلەپتە ئۆزىنىڭ ھېچبىر چىقىش يولىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدى، لېكىن كېيىن ئۆزىچىلا ئارتىس بولغۇسى كېلىپ قالدى، ئەلۋەتتە بۇ مەبلەغ تەلەپ قىلمايتتى، نام-ئاتاق بولمىسىمۇ بولاتتى. گەرچە ئارتىس بولۇشمۇ مۇئەييەن شارائىت ۋە تۇغماتالانت تەلەپ قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ستايلۇن بۇ يولنى تاللىۋالدى…
شۇنىڭ بىلەن سىتايلۇن ھوللىيۋۇدقا كېلىپ، چولپانلارنى، رىجىسسورلارنى، فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنى، ئەيتاۋۇر ئۆزىنىڭ ئارتىس بولۇشىغا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن بولغان بارلىق كىشلەرنى چامىنىڭ يېتىشىچە ئىزدىدى، ئۇ ھەرقېتىمدا : «ماڭا بىر پۇرسەت بېرىڭلار، مەن جەزمەن ئۇتۇق قازىنىمەن!»  دېدى. بىراق ئۇنىڭ ئېرىشكىنى ھەرقېتىمدا ئوخشاشلا سوغۇق مۇئامىلە، مەسخىرىلىك قاراش ۋە رەت قىلىش بولدى.
دۇنيادا مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، مەن جەزمەن مۇۋاپىقىيەت قازىنىمەن سىتايلۇن شۇنداق دەيتىدە مۇددىئاسىدىن ۋاز كېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن ،تېخىمۇ ئىرادىلىك بولۇپ كېتەتتى.
شۇنداق بىرخىل يوسۇندا توپ-توغرا ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ 1000 قېتىمدىن كۆپرەك رەت قىلىشقا دۇچار بولدى، يېنىدىكى پۇللىرىمۇ تۈگىدى، ئۇ ھوللىيۋۇدتىكى بىر قارا ئىشچىغا ئايلاندى، پارچە-پۇرات ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن تۇرمۇشىنى قامدىدى…

«مەن سىنىڭ رولنى قانداق ئېلىشىڭنى پەرەز قىلالمايمەن، ئەمما سىنىڭ روھىڭ مىنى تەسىرلەندۈردى، مەن ساڭا بىرقېتىملىق پۇرسەت بىرەي، ئەمما مەن سىنىڭ سىنارىيەڭنى تېلېۋزىيە تېياتىرىغا ئۆزگەرتىمەن، شۇنداقلا ئالدى بىلەن بىر قىسىم ئىشلەيمىز، سەن باش رولنى ئالىسەن، نەتىجىسىگە قاراپ بېقىپ قالغىنىغا بىرنېمە دەيمىز. ناۋادا ياخشى بولماي قالسا سەن ئەڭ ياخشىسى بۇ نىيىتىڭدىن ۋاز كەچ!»

ئۇ توپتوغرا 1300 قېتىم رەت قىلىنغاندىن كېيىنكى مەلۇم بىركۈنى، ئۆزىنى ئىلگىرى 20 قېتىم رەت قىلىۋەتكەن بىر رىجىسسوردىن قىممەتلىك بىر قېتىملىق پۇرسەتكە ئېرىشتى.

ئۈچ يىلدىن كۆپرەك تەييارلىقتىن كېيىن ئۇ ئاخىرى كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان سەھنىگە ئېرىشتى، سىتايلۇن زەررىچىلىك بوشاڭلىق قىلسا بولمايتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن بۇئىشقا ئاتلاندى. قالتىس نەتىجە مەيدانغا كەلدى، ئۇسىنارىيىسىنى يېزىپ ئۆزى باش رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا بويىچە ئەڭ ئالقىشلانغان فىلىم بولۇپ قالدى. سىتايلۇن ئۇتۇق قازاندى

rambo2

ھاھاھ… ئەمەلىيەتتە سىز wikipedia ياكى باشقا كىنو توربېكەتلىرىدىن ئۇنىڭغا ئائىت ماتېرىيال ئاقتۇرسىڭىز بۇلارنىڭ بىررىۋايەت بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھەقىقى ھېكايە ئەمەسلىكىنى بايقايسىز.

سىتايلۇننىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى فرانك.ستايلۇن (FrankStallone)بولۇپ، ئىتالىيىلىك كۆچمەن ئىدى، ئۇ چاچ ياساش-ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئاپىسى جىسي. ستايلۇن بولسا روس-فرانسوز ئارغۇنى بولۇپ ۋاشڭتۇندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ خىزمىتى بەكمۇ قالتىس بولۇپ، ئۇ بىر ئاسترولوگ بولغاندىن تاشقىرى ئۇسسۇل مۇتەخەسسىسى ۋە ئاياللارچىلىشش تەنھەرىكىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى ئىدى.

ستايلون ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن كوچا چىڭداپ يۈرمىگەن، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدا بىرچاتاقچى يېگىت ئىدى، كېيىن ئالدى بىلەن ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش كەسپىدە بىرقانچە كۈن ئوقۇپ بولدى قىلغان لېكىن كۈن ئۆتكۈزۈش بىلەن ۋاقت ئىسراپ قىلغانمۇ ئەمەس.
ئەلۋەتتە ئۇ يەنە ئۆز كىلەچىكىنى لايىھىلەۋاتقان چىغىدا ئۆزىنىڭ ئوقۇش ئۇنۋانى ۋە تەجرىبىسى يوقلۇقىدىن، پۇلىنىڭ يوقلۇقىدىن ئۆزىگە ھېچقانداق بىر چىقىش يولى يوقلۇقىدىن، ئارتىس بولۇش يولىنى تاللىۋالغانمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىياتىر كەسپىدە ئۈچ يىل تىياتىر ئۆگەنگەندىن كېيىن ئوقۇشتىن چېكىنىپ تىياتىر سىنارىيىسى يېزىشنى قارار قىلغان ھەم بىر ۋاقىتتا رول ئېلىشنى باشلىغان. ئۇنىڭ ھەقىقى كەسپى ھاياتىنىڭ باشلانغان ۋاقتىمۇ ئەمەلىيەتتە ھېلىقى كۆرۈلۈش نىسبىتى ئامېرىكا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا چىققان تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن كېيىن ئەمەس، بەلكى 1976-يىلىدىكى «Rocky»دىن باشلانغان، بۇ كىنونىڭ سېنارىيىسىنى ئۇ ئۆزى يېزىپ چىققان ئىدى.

ئەمەلىيەتتە، سىتايلون ھەققىدىكى رىۋايە ھەقىقى تۈردە ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ چاكىنىلاشتۇرۇلمىغان، ناۋادا شۇنداق قىلىمىز دېسەك ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ھەققىدىكى رىۋايەت مۇنداق قىلىپتا يېزىلاتتى:
«مۇنداق بىر كىشى بار، ئۇنىڭ ناھايىتىمۇ پاجىئەلىك ئۆسمۈرلۈك دەۋرى بولغان،…… ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرىمۇ شۇنچىلىك….» دەپ باشلىنىپ، «ئاخىرى بىر كۈنى، ئۇ xxxxx بولدى» دېيىلەتتى ئاخىرىدا تېخى مۇئەللىپ :« بۇ ئادەم ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋاپىقىيەت قازاندى، ئۇ دەل ئامېرىكا كىنو چولپىنى -سىتايلون !!» دەپ تەنتەنە قىلاتتى.
ئادەتتە بۇخىلدىكى ھېكايىلەر راستىنلا شۇنداق يېزىلىدۇ، داڭلىقلار ئۆزى ئوقۇپ قالغان تەقدىردىمۇ دەسلەپتە كۆڭلىدە:« بۇ كاساپەت ھەقىقەتەن قالتىسكەن ھە!» دەپ قالىدۇ، تاكى ئەڭ ئاخىرقى قۇرغا كۆز يۈگۈرتكەندىلا ئاندىن ، توۋلاپ كېتىدۇ :« تەڭرىم ، بۇ ئەسلى مەن ئىكەنمەنغۇ؟!!»

سىتايلون ھېچقانداق ئىشنى قىلالمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئارتىس بولۇپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۇ بۇ كەسپنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدۇ. ستايلون ھېچقاچان ھېچكىملەرگە : «ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭلار، مەن جەزمەن ئۇتۇق قازىنىمەن !» دەپ توۋلىغانمۇ ئەمەس، ئۇنىڭدا سېنارىيە يازغۇدەك ۋە رول ئالغۇدەك ئىقتىدار بارئىدى، ئۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە نۇرغۇن كەسپى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق پسىخىكىلىق ھالىتىدىكى بىرقىسىم نەرسىلەرنى ئۆزگەرتكەن ئەلۋەتتە ھەممىسىنى ئەمەس.

مۇۋاپىقىيەت زادى رىۋايەتمۇ ياكى تارىخمۇ؟ سىز قايسى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئىش-ئىزىنى ئۈلگە قىلماقچى؟ ئۇلارنىڭ قانچىسى ھەقىقىدۇر؟

سىتايلۇن ھەققىدىكى ھېكايە «原来我还可以这样活:拆掉思维里的墙  » ناملىق كىتابدىن ئېلىندى.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. نەمۇنە 2013.01.22 , 13:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان دىگەن شۇمۇ …

    • ئابومجان 2013.01.22 , 16:08

      ۋوجووون ، بايا قالىسام يېڭى تىما يوقتى ، بىژدەمدە بىرمۇنچە ئىنكاس بوپكىتىپتۇ ، نىم بوغاندۇ دەپ چىسەم مىيەدە ئىككى بالا دەسمىنى قۇرۇپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشۋېتىپتىيا ، دىۋان قانداقكە نەمۇنەجان ؟
      باللا دىۋان دىگەندە مىخ با دەۋەتقان ، پۇتلاشمىغان ئوخشىمامدا ؟:lol:

    • ئايشەم تورى 2013.01.22 , 17:21

      دىۋان دىگەن شۇ

  2. نەمۇنە 2013.01.22 , 13:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان دىۋان .دىسە قانداقكى دەيتىم ..:mrgreen::razz:

  3. نەمۇنە 2013.01.22 , 13:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىگولاسنى .ئۈلەپ كىتىپتۇ دەيدۇ .راسمىكە؟؟؟ راس بولسا..بەك ماز ئىش بوپتۇ جۇما..ھەيييي….:evil::evil::cry:

    • شىنجاڭ دىتاللار بىلوگى 2013.01.23 , 00:41

      مەنمۇ مۇشۇنداق ئاڭلىدىم! راسىتمىدۇ؟

    • Forever 2013.01.24 , 16:09

      يېقىندىن بېرى ئۇ ئۈچ قېتىم ئۆلۈپ تىرىلىپ بولدى ! :evil:

  4. نەمۇنە 2013.01.22 , 13:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەركىنلىكنى قوغدۇغۇچى رامبو… كارتون فېلىمىنى نەدىن تاپقىلى بۇلۇدۇ؟؟ بالىلىغىمنى ئەسلەپ قالدىم:idea:

  5. داداش 2013.01.22 , 14:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يۇقۇردىكى نەمۇنە دېگەن ساۋاقداش تورخۇمارى تۇتۇپ سۆزلەپ قالغانمۇ نېمە؟:mrgreen:

  6. قارا ھەرە 2013.01.22 , 14:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىلگىرى بىر تور بېكەتتە سىتايلوننى ئەسكەر بولۇپ ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان دەپ كۆرگەنتىم.
    ئەمما بۇنىڭ رول ئالغان كىنولىرى كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.:idea:

  7. قارا ھەرە 2013.01.22 , 14:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋاندا ئولتۇرۇپ ھاياجىنىنى باسالماي قاپتۇ:mrgreen:

  8. نەمۇنە 2013.01.22 , 14:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ..:mrgreen::razz::mrgreen::razz::mrgreen:تۇنجى قېتىم ئولتۇرۇشۇم :grin:

  9. نەمۇنە 2013.01.22 , 14:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئاڭلىغان رامبونى راس ئۇرۇشقا قاتناشقان.دەپ…رامىكىن مەنچە

    • داداش 2013.01.22 , 14:31

      سادىغاڭ كىتەي ، ئاۋۇ يازمىنى ئوقۇمىدىڭىزمۇ ، ئەگەر شۇنداق بولسا ئەسكەرتەتتىم، ئەپسۇس تەييار يازمىنى ئوقۇماي، ئاڭلىغاننى سۆزلەپ يۈرگەن گەپمۇ؟:mad:

  10. نەمۇنە 2013.01.22 , 14:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋوي ۋوي .. كۈچىمەي گەپقىل .. مەنمۇ ئاڭلىغىنىمنى دەۋاتىمەن … ساراڭمۇ ماۋۇ..:mad:

    • داداش 2013.01.22 , 14:46

      :mrgreen:راست ساراڭكەنمەن

    • خىيال 2013.01.22 , 21:36

      مىڭ جاپادا تېما يېزىپ ‹‹ساراڭ›› لىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتىڭىز مانا…:mrgreen:

    • نەمۇنە 2013.01.22 , 21:41

      خاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخاخا………..

  11. نەمۇنە 2013.01.22 , 14:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىزىقچىلىق بوسۇن دەپ .دەپقويغان گەپلە ئۇ…چۈشەندۈرۈپ كەتمىسەڭمۇ بىلىمەن..

  12. سامسىپەز 2013.01.22 , 17:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئازبىرقىسمى

  13. ئەركە 2013.01.22 , 21:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تورخۇمارنى ئايكون قىلىپ ساقلىۋېلىش توغرۇرلۇق تېما يېزىلغانتى. ھەم شۇنداقمۇ قىلىۋالغانتىم. شۇنىڭ ياقى تورخۇمار نىمداق پەچەت كۆرۈنىدىكىن دىسەم ئەسلى خەت نۇسخىسى قوشۇلۇپتىكەن ئەمەسمۇ …. نەچچە كۈننىڭ ياقى خەت نۇسخىىسىغا دىققەت قىلماپتىمەن، بۈگۈن دىققەت قىلىپ ساپتىمە…

  14. ئىسيانكار 2013.01.22 , 21:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىرادىسىدىن تەسىرلىنىپ كىتىپتىمە تېخى يالغانكەنغۇ:sad:

  15. ئىسيانكار 2013.01.22 , 21:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رامبونىڭ تەرجىمەھالى (شىنجاڭ تىلىۋىزىيەسىدە قويۇلغانكەن)

    http://sirdax.la/qisqafilim/cholpanlar/2012-07-18/2090.html

  16. زەپەرىستان 2013.01.22 , 23:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يائاللا خۇداۋەندەكېرىم،يالغاندىن ئۆلۈپتۇ دېسىغۇ ماز ئىش بولسا،بىرسى راس ئۆلسىمۇ ماز ئىش بولغۇدەك.تۆۋۋە…

  17. سادا425 2013.01.22 , 23:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1-تامچە قان مۇشۇ كىنوسى بەك يارايدۇ ماڭا ،敢死队مۇ خىلى نوچى .باشقا كىنولىرى ……

  18. جاھانكەزدى 2013.01.23 , 12:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بىرىنىچى تامچە قان دىگەن كىنوسىغا بەك ئامراق

  19. ەزھەر 2013.01.23 , 18:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    الامەت كىنودە، ھەر يەكشەنبە بىرقىتىم كۆرمسەم تورالمايمەنغۇ ۇ كىنوسىنى

  20. ۋاقتىم 2013.01.23 , 20:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ چولپانلار توغۇرلۇق ھەر قىسىم گەپلەر چىقىپ باقىدۇ دېسە…:roll:

  21. تاڭنۇرى 2013.01.24 , 00:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بلوگ قۇرغۇچىسى تورخۇمار،يازمىلىرىڭنى داۋاملاشتۇر……(قاپىيە)

  22. ئىرادە 2013.01.26 , 02:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىشىنى ئوقۇپ تەسىرلىنىپ كىتىپ تىمىن تەخە:???:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量