ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
3000-يىللارغا بارغاندا قانداق ئىشلار يۈز بېرەر؟ پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا بارار؟ بىزنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن؟ قېنى تەسەۋۋۇرىڭىزنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ بىر پەرەز قىلىپ بېقىڭ، بەلكىم بىر قىسىم پەرەزلىرىمىز ھەقىقەتەن رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن.
1. 3000-يىللارغا بارغاندا ئاپتوماتىك ساقال ئېلىش ماشىنىسىغا قالايمىقان مازغاپ ۋە سىلىقلاش مېيى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ دادىمىزنىڭ سالاپىتىنى ساقلاپ قالالايمىز.
2. 3000-يىللارغا بارغاندا ئۈستىڭىزدىكى كىيىم شۇ ۋاقىتتىكى مودىغا ئاساسەن ئاپتوماتىك ئالمىشىپ تۇرىدۇ.
3. 3000-يىللارغا بارغاندا پەقەت بىر قانچە سكونت سەرپ قىلىپلا قۇياش نۇرىغا چىداملىق ساغلام تېرىگە ئېرىشەلەيمىز.
4. 3000-يىللارغا بارغاندا سىز كىتاب سومكىسىنى ئەمەس، كىتاب سومكىسى سىزنى كۆتۈرۈپ مەكتەپكە بارىدۇ.
5. 3000-يىللارغا بارغاندا، ناۋادا زۇكام بولۇپ يېتىپ قالسىڭىز، ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىلەر بۇرنىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ھېلىپ، توختىماي ماڭقىڭىزنى تازىلاپ تۇرىدۇ.
6. 3000-يىللارغا بارغاندا گىرىم قىلىش كۆپ ئاسانلىشىپ ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ساقلاش ۋاقتى نەچچە ھەسسىلەپ قىسقىرايدۇ.
7. كەلگۈسىدە، بەدەن چېنىقتۇرۇشمۇ كۆپ ئاسانلىشىدۇ. سىز ئۇخلاۋاتقان تەقدىردىمۇ ئۈسكۈنىلەر ئاپتوماتىك ھالدا سىزنى چېنىقتۇرۇپ قويىدۇ…
8. 3000-يىللارغا بارغاندا ئۇچار شەپكىنى كىيىۋالغاندىن كېيىن بىر يەرگە بېرىشىڭىز كۆپ قولايلىقلىشىدۇ، قاتناش توسۇلىدىغان ئىشلاردىن قۇتۇلىسىز.
9. 3000-يىللارغا بارغاندا، كەسپىي توپچىلار پۇلىنىڭ كۆپلىگىدىن باشقىلارنى ياللاپ ئۆزىگە ۋەكالىتەن مۇسابىقىگە سالسىلا بولدى.
10. 3000-يىللارغا بارغاندا، ناۋادا سەت گەپ قىلىپ قالسىڭىز، كومپيۇتېر سىزنى جازالايدۇ.
11. 3000-يىللارغا بارغاندا، تۆت تال پاچىقى بار پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋالسىڭىز، مەيلى قەيەرگىلا بېرىڭ ئۆرە تۇرۇپ قالمايسىز.
12. 3000-يىللارغا بارغاندا ئېنىرگىيە بايلىقىنى تېجەش ئۈچۈن، بارلىق مەكتەپ ئاپتوبۇسى شوپۇرلىرى كەسپىي سېرىكچىلەرگە ئالماشتۇرىلىدۇ.
13. 3000-يىللارغا بارغاندا، ماشىنا توختىتىش بەلگىسىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ توختىمىغان ماشىنىلار يەنىلا توختاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
14. كەلگۈسىدە، سىز تېلىۋېزوردا قانال يۆتكىگەندە، پروگراممىدىكى مەزمۇننى ئالماشتۇرماي تۇرۇپلا ئىچىدىكى ئارتېستلارنى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئارتېستلارغا ئالماشتۇرۇپ كۆرەلەيسىز!!!
15. كەلگۈسىدە دوختۇرلارمۇ يامان بولاپ كېتىدۇ، سىزنى ھېچقانداق X نۇرىغا سالماي تۇرۇپلا سۆڭەكلىرىڭىزنى خالىغانچە تەكشۈرەلەيدۇ.
قانداق؟! بۇ خىسلەتلىك كىشىلەر ۋە ئاجايىباتلارغا تولغان كەلگۈسىگە قىززىقىۋاتامسىز؟! سىلەرچە 3000-يىللارغا بارغاندا يەنە قانداق ئىشلار يۈز بېرەر؟! قېنى تەسەۋۋۇرۇڭلارنى بىر قويۇۋېتىپ بېقىڭلار!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، قىزىقارلىق، كەلگۈسى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 25,175 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 09-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 3000-years-later.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- كېيىنكى يازما > [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
ئوۋ!دەھشەت تەسەۋۋۇرلاركەنغۇ بۇ.
مەن بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىپ بوپتىكەنمەن
راس بەك قىزىقكەن.
تورخۇمارنىڭ ھەر بىر تېما ماۋزۇ ئاستىدا چىقىدىغان ئاۋۇ غىلجىڭدىن ئەجەپ زېرىكتىم
بەلكىم 3000-يىللاردا ئوسۇرۇقنى توك ئورنىدا ئىشلىتىپ يانفۇننى بولكا ئورنىدا يىيىشىمىز مۇمكىن
مەن كەلگۈسىدە تاشقى پىلانىت ئادىمىدىن بىر خوتۇن يەر شارى ئادەملىرىدىن بىر خوتۇن ماشىنا ئادەمدىن بىر خوتۇن ئېلىپ كۆپ خوتۇنلۇق بولىۋېلىشنى ئويلىشىپ باقسام بولغۇدەكبۇنداق بولۇشنى خالايدىغانلار سازكەننى بېسىڭ
لىكىن بىز 3000-يلغىچە ياشىيالمايمىز
ئەتىگىچە ياشىساق شۇ كۇپايە
بەرھەق
مەن بىزگە بىلدۈرمىگەن غايىپنى ئالدىن بىلگۈچى ئەمەسمەن جىق گەپ قىلىپ قويۇپ ئىمانىمدىن ئاجىراپ كىتىشىمدىن قورقىمەن.
3000 – يىلغا بارغاندا مەن ئۆلۈپ بولغىى بەلكىم 9 ئەسىر ئەتراپىدا بولغان بۇلۇپ مىنڭىڭ سۆڭىكىمنى تېپىشمۇ ھازىرقىدىن كۆپ قىيىنلىشىپ كىتىدۇ
ئىنسانلار ھورۇنلىشىپ كىتىدۇ پەن تىخنىكا كۇچىنى كۆرسىتىپ 变态بوپ كىتىدۇ.
ساپلىق يوقايدۇ ھەممىسى تىخنىكا ماشىنا كۇچى ئورنىنى باسىدۇ.
بىكا گەپنى بوشراق قىلىڭلا
تۇرۇپ ، 3000- يىلى تۇغۇلساممۇ بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم شۇ ۋاققا بارغاندا جاھان قانداق بولۇپ كېتە ؟
3000 – يىلىغا بارغاندا بىر تەخسە لەغمەننى 3000 كويغا يىيىشىمىز مۇمكىن ….
بۇلارنىڭ بەزىسىنى ھازىرلا ئىجاد قىلىۋەتكىلىمۇ بولاتتىكەنتۇق ، لېكىن بەكلا بىمەنە بەڭگىنىڭ خىياللىرى ئىكەن …
تەدبىركار ئەپەندىم تورخۇماردىكى تېمىلارنى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالەتتە سالونۇمغا قويسام بولامدۇ؟
ئۇنداق قىلسىڭىز تەدبىركارنىڭ سەل ئاچچىقى يامان ، سىز بىلەن كەلگۈسىڭىز توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالارمىكىن …
ياخشىمۇسىز. تورخۇمارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋېيشىن سۇپىسى بار، تورداشلار ماقالىلەرنى شۇ سۇپا ئارقىلىق ئىزدەپ تېپىپ كۆرەلەيدۇ. شۇڭا ۋاقتىنچە باشقا سۇپىلارغا يوللاشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. باشقا تور بېكەتلەرگە مەنبەسى ئەسكەرتىلىپ يوللانسا بولىدۇ. مۇشۇ باھانىدە باشقا سالون ئېچىۋاتقان تورداشلارغىمۇ ئەسكەرتسەم، تورخۇمارنىڭ ھەرقانداق يازمىسىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئالماخۇن ئېلان قىلىنىپتۇ. تېزدىن تېما ئېلان قىلىنسۇن ھەم ئۇ تېما ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئالماخۇن 6 توغرىلىق ئەڭ پەچەت تېمىغا ئايلانسۇن!
ماقۇل غۇجام
يا ئاندا غوجام دەپ كەتمەيلى. مەن بۇ ھەقتىكى تېمىنى سىزنى ئەڭ ياخشى يازالايدۇ دەپ دېگەنتىم، غوجام دەپتىكەنسىز، ئەندىكىپ كەتتىم.
3000يىلغا كەلگەندە变态بوپ كىتىدۇ دىسەم مازنى تازا بىسىپتۇ
ھازىرلاردىن نىمىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ بىلەمدۇق،
بالىنى ھامىلدار بولمايمۇ تۆرەلدۇرۇشنى،مەڭگۇ ياشايدىغانغا جەسەتلەرنى ساق پىتى ساقلاپ قايتا تىرىلدۇرۇشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ ،
ئادەم قىلىدىغان ئىشلارنى بارا بارا ماشىنلاشتۇرۇپ مىھىر مۇھەببەت كۆترىلىۋاتىدۇ.
بۇندىن كىيىن ئەرخوتۇندىن ئىغىز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ،تەنھا تۇرۇپمۇ بالىلىق بولغۇسى كەلسە بۇيرىتىۋىردىغان بالا بىقىش ئىغىر كىلىپ پۇتۇن ئاپتۇماتلىق بالا بىقىش ماشىنىسى ياساپ چىقسا نىمدىگەن بىمەنە زامانىۋلىشىش ھە.
قىرىساق بىلىمىز ئالدىرماي بىشارەتلىرى كۆرىلىۋاتىدۇ.
ماڭا ئەرلەرنىڭ ساقلاش ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسقىرايدىغانلىقى ئەڭ يارىدى.
يىڭى iPhone توغۇرلۇق ھېچقانداق تىما يوققۇ تورخۇماردا
ماڭا ئۇچار شەپكە بەك يارىدى ، ئەمما باشتا ئاشىندا چىڭ تۇرالامدىغاندۇ ؟
بەك يۈزەكى بولغان تەسەۋۇرلار ئىكەن…
ئۇ چاغدا بىز كىنونى ئەمەس كىنو بىزنى كۆرىدۇ. بىز ماشىنىنى ئەمەس ماشىنا بىزنى ھايدەيدۇ ، ھاھاھا
نىمىدىگەن قىززىققارلىق ھە
ئاجايىپكە