دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىزدىن سەكرىگەن رېكورتنىڭ تولۇق كۆرۈنىشى ئېلان قىلىندى
باياتىن كىنوخانىغا بېرىپ ئېغىرلىق تارتىش كۈچى(Gravity) دېگەن كىنونى كۆرۈپ كەلدىم. جىددىيلىككە تولغان بۇ فىلىم كۆرۈرمەنلەرگە، كىشىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ھەقىقەتەن ئاجىز ئىكەنلىگىنى، يەرشارىنىڭ ئېغىرلىق تارتىش كۈچىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا نەقەدەر سۆيۈملۈك ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن.
گەپكە كەلسەك، يۇقارقى فىلىمدىكى ۋەقەلىككە ئوخشاش، تورخۇماردا ئىلگىرى 39000 مېتىر ئېگىزلىكتىن پاراشوت سەكرەش تېمىسىدا بۇ ئىش توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتكەن. ئاۋستىرىيىلىك Felix Baumgartner ئىسىملىك بىرەيلەن 39000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن بولۇپ، يېقىندا ئۇ ئۆز بەدىنىگە ئورناتقان كامېرا ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىنغان پۈتۈن جەريان جامائەتكە ئاشكارىلانغان. تۆۋەندىكى شۇ دەقىقىلەرنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئالەم، يەرشارى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,020 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: felix-baumgartner-skydive.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قورقۇنچلۇق قىسقا فىلىم: ئويۇن | بۇ بەلكىم سىز كۆرگەن باشقا قورقۇنچلۇق فىلىملەرگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن!
- كېيىنكى يازما > Volvo ماشىنىنىڭ يېڭى ئېلانى: The Epic Split
- بىز تۇرىۋاتقان ئالەم – گەرچە تەسەۋۋۇر قىلىنغان كارتون بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدىكى ئالەم بەلكىم مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن
- ئالەم بوشلۇقىدا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چېچىنى قانداق يۇيىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- SpaceX Grasshopper راكېتاسى ئۆزىنىڭ رېكورتىنى يەنە يېڭىلاپتۇ
- ئالەم بوشلۇقى(ئېغىرلىق تارتىش كۈچى يوق) شارائىتىدا ھۆل لۆڭگىنى سىقسا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- كائىناتنى كۆرگىڭىز بارمۇ ؟ 24GB سىغىمدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى سامان يولى سېستمىسىنىڭ رەسىمى
- ئىشىك-دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاپ ئولتۇرۇڭلار، چاغاندا يولداشلار ئاتقان مېتىئورىتلار روسىيەگە چۈشۈپ كېتىپتۇ دەيدۇ…
- نىمە ئۈچۈن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى خەت يازغاندا قېرىنداش ئىشلەتمەي نەچچە مىليون دوللارغا بىر تال قەلەم ياسايدۇ ؟
- ھوللىۋودنىڭ «زامان ئاخىرى» فىلىملىرى نېمىشقا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ؟
- بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن: بىر كۈنلۈك قىسقا ئۇچۇر مىقدارى ، يەر شارى ئومۇمىي نوپۇسىدىنمۇ كۆپ!
- سۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى چۈشىنىدۇ دەيدۇ، راستىمىدۇ؟ قوشۇمچە: ئەگەر يەر شارىدا پەقەت بىر تامچە سۇ بولسا…
ھەقىقەتەن پەيزى كۆرۈنۈشكەن”
پەگا!….ئالدىرىماي كۆرەي!
ۋاھ نىمانداق پەچەت !!پاراشوتتىن سەكىرەپ باقسا قانداق بولىدىغاندۇ ھە!؟قاچانمۇ بىر سەكىرەپ باققۇدەك پۇرسەت بولا
مەن ئاللىكارامەت ھەۋەس قىلىمەن . خۇدايىم نىسىپ قىلسا مىنىڭمۇ پاراشوتتىن سەكلەپ باققۇم بار. مىنىڭچە ئازراق قورقۇش پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
باللا ماڭا ياردەم قىلىڭلار :
ماۋۇ سىندا ئادەمنىڭ كۆزىگە تۈز كۆرىنىدىغان يەر شارسىمان كۆرۈنىدىكەن . مىنىڭمۇ مۇشۇنداق ئۇسلۇبتا ئىلىنغان سىنلارنى سىنغا ئالغۇم بارتى ، بۇنداق قىلىشقا مەخسۇس كامىرا كىتەمدۇ ياكى تىلفۇننىڭ سىنئالغۇسىنىمۇ شۇنداق ئۈنۈم قىلىپ سغ ئالىدىغان ئەپ بارمۇ؟
خەنزۇچىنى تازا بىلمىگەچكە بۇنداق ئەپنى ئىزدىيەلمىدىم. بىلىدىغانلار بولسا ئىسمىنى يوللاپ بىرىڭلارچۇ؟
مىنىڭ بىلىشىمچە بۇنىڭغا بېلىق كۆزلۈك كامېرا كېتىدۇ، يەنى سىنئالغۇنىڭ كۆزىنى بېلىق كۆزلۈك كامىراغا ئالماشتۇرىسىز
ئالەم بوشلۇقى ئەڭ قورقۇنۇشلۇق يەركەن جۇمۇ. ئاۋۇ كىنو بەك تەسىر قىپ كەتتى.
مىنىڭ بىرىنجى بولۇپ ھىس قىلغىنىم بولسا ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشى بولدى 165 تىن تۆۋەن ئەمەس قورقۇنچاقلار يۈرىكىدە دەردى بارلار سىنىمىسا بولغۇدەك~~!
ۋاھ ، ما ئاداش يەريۈزىگە چۈشۈپ بولغۇچە ئىڭكىم چۈشۇپ قالاي دىدىدى !
ئوزۇن قاتلىمىدىن ئۆتۈپ كەتتىمۇ نىمە، يەرگە چۈشكىچە كۆيۈپ كەتمەپتا ئەجەپ؟ ئوزۇن قاتلىمىنىڭ ئارلىقى نەچچە بولغىيتى….
تازا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ جۇمۇ، قارىسام يەرشارى يومىلاق كۆرنىۋاتىدۇ بۇ سىندا ، ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ كەتكەندەك، لېكىن ئالەم ئۇنچىلىك ئىگىزلىكتىن سەكرىگەندە ئوزۇن قاتلىمى قاتارلىق ھاۋا قاتلاملىردىن ئۆتكىچە راكىتالارنىڭ تاشقى قېپى كۆيۈپ كىتەتتىكەن، شۇنداق بولسا ماۋۇ ئاداش كۆيۈپ كاۋاپ بولۇپ چۈشەتتى ئۇنچىلىك ئىگىزلىك ۋە تىزلىكتە، ئۇنچىلىك ئىگىزئەمەسمىكى دىسەم يەرشارى سۈنئىي ھەمراھتا تارتقاندەك كۆرنىۋاتىدۇ…فىزىكىچىلار بولسا بىر نىمە دەڭلار…
راكىتانىڭ كۈيۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى سۈرئىتىنىڭ بەك تېز بولغانلىقىدىنغۇ دەيمەن، ھاۋا گاز جىسىم بولغاچقا سۈركۈلۈش كۈچى ئاجىز، شۇڭا سۈرئەت ئىنتايىن تېز بولغاندىلا ئاندىن كۆيۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
بەلكىم پاراشۇتچى ئالاھىدە كىيىملەرنى كەيگەن بولىشى، ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلەش قۇتىسى ئىشلەتكەن بولىشى مۇنكىن. يۇمىلاق كۆرۈنىشى ناھايتى تەبىئىي بىر ئىش 39000 مىتىر ئىگىزلىكتىن سەكرەپ يەرگە قارىسىڭىز بۇلۇتلار سىزنى توسىۋالىدۇ. ئۆزىڭىزگە ئەڭ يىقىن بولغان نوقتىنىلا تولۇق كۆرۈلەيسىز قالغانلىرى بارا- بارا سۇسلايدۇ شۇڭا يۇمىلاق كۆرۈنىدۇ. ئەسلىدىنلا يۇمىلاق بولغاندىكىن
ئاسۇ چاغدا يەشارىغا چۈشمەي ،يەرشارىنىڭ يېندىن ئۆتەپ كەتسە كۆرەڭ ……شۇ چاغدا شامال بىر چىقىپلا يان تەرەپكە ھەيدىۋەتسە …يەرشىرىغا چۈشمەي يانداپ ئۆتەپ كەتسە…تۇيىىتى….يامان يىرى تارتىش كۈچى بار دە.
ما ئاداش 39000 مىتىر ئىگىزلىكتىن سەكىرەپ ئۇددۇل جاڭگالغا چۈپتۇ دىسە. 39000 نىڭ ئۈستىگە نىم بىلەن چىققان بولغىيتى بۇ ئاداش.
ئويلاپ قالدىم: بۇ خەق بىكارچىلىقتا قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي قىلىۋاتقان ئىشمىدۇ ياكى مۇشۇندا ئىگىزلىكتىن چۈشسە ئەدەم نىم بولدىغاندۇ دەپ سىناق قىلىۋاتامدىغاندۇ؟
بىزنىڭ ماۋۇ شەدىمۇ ئۇ چەت-بۇ چەتكە ساھايەت ئاچىقىمىز دىگەن گەپلەر قاچانمۇ ئۇ سەييارە-بۇ پىلانتقا ساياھەتكە ئاچىقىمىز دىگەنگە ئۆزگىرە دەيمە!
ھەۋەس دىگەن زادى باشقا گەپ جۇما، جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ چىقىدۇ دە .
مانا بۇ سىندا نىمىدە چىققانلىق تەپسىلاتى بار
Felix Baumgartner 39000米高空超音速跳伞 http://v.youku.com/v_show/id_XNDYzNDI1Mzg4.html
4يېرىم مىنۇتتا 39 كىلومڭتېرنى بېسىپ بولسا سائەتلىك سۇر ئىتى قانچە بولىىدۇ ؟
باش بەتتىكى رەسىمى 2013_يىللىق ‹‹يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى›› ناملىق فانتازىيە فىلىمىنىڭ رەسىمىكەن ھە…… بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ دەيدۇ…..