كائىناتنى كۆرگىڭىز بارمۇ ؟ 24GB سىغىمدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى سامان يولى سېستمىسىنىڭ رەسىمى
دۇنيادا مەن كۆرگەن ئەڭ گۈزەل مەنزىرە ئالەم بوشلىقى بولسا كېرەك(ئاپولوغا چىققاندا كۆرگەن). ئىنسانلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا، ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر سەنئەتكارلىرىمۇ بۇنداق گۈزەل مەنزىرىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغان. ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا پەقەت بىر يەرشارى ۋە بىر قۇياش كۇپايە ئىدى. 18 مىڭ ئالەمنى يارىتىشىدىمۇ ئاجايىپ ھېكمەتلەر بار ئەلۋەتتە!
كىچىكىمدىن بىر تېلىسكوپۇم بولسا، يۇلتۇزلارنى كۈزەتسەم دەپ ئارزۇ قىلاتتىم. گەرچە تا ھازىرغىچە بىرەر تېلىسكوپقا ئىگە بولمىغان بولساممۇ ئەمما ئىشقا يارايدىغان كومپىيۇتېرىم بولسىمۇ بار. مانا مۇشۇ كومپىيۇتېردا ئۆزىمىز ياشاۋاتقان سامان يولى سېستىمىسىنى ئارىلاپ تۇرىمەن(تاشقى پىلانېتا ئادەملىرىنى ئىزدەپ دىگەندەك). تۆۋەندە تورداشلارغىمۇ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سامان يولى سېستىمىسىنىڭ رەسىمىنى تەمىن ئېتىمەن. قىززىقىدىغان تورداشلار چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ.
مەزكۇر رەسىمنى ياۋرۇپا جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە بازىسى (ESO) تەمىنلىگەن بولۇپ، يەر يۈزىدىن دەرىجىدىن تاشقىرى تېلىسكوپتا تارتىپ ئۆز ئارا بىرلەشتۈرگەن. ئىككى خىل رازمېردا. بىرى 108500×81500 ئېنىقلىقتا بولۇپ سىغىمى 24GB چىقىدۇ. يەنە بىرى 40000×30000 ئېنىقلىقتا بولۇپ 3.9GB چىقىدۇ. ئەڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈش ئۈچۈنمۇ كومپىيۇتېر سەپلىمىسىگە تەلەپ قويۇلىدۇ ئەلۋەتتە. قوشۇمچە : PS تە ئېچىپ تەھرىرلىمەكچى بولسىڭىز يەنە 30G ئەتىراپىدا سېستىما بوشلىقى تەلەپ قىلىشى مۈمكىن.
چۈشۈرۈش ئادىرىسى (شۈنلېيدە چۈشۈرۈڭ) :
24GB لىق ئەسلى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمارلار كۇلۇبى | 3.9GB لىق قوشۇمچە نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
قوشۇمچە ياۋرۇپا جەنۇبى ئاۋىئاتسىيە بازىسى ESO نىڭ ئورگان تور بېتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئالەم مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىڭ : مەرھەمەت
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئالەم، چۈشۈرۈش، رەسىم، كائىنات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,879 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: kaenat.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر تال قىستۇرما ئارقىلىق 优酷/土豆 نىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلىرىنى تەلتۆكۈس كۆزدىن يوقىتىش
- كېيىنكى يازما > سىزگە نىسبەتەن قايسى ئۇيغۇر تورى ئەڭ گۈزەل؟ نەزىرىڭىزدىكى ئەڭ كۆركەم ئۇيغۇر تورى ھەققىدە ئازراق سۆزلىمەمسىز…
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 8 تال رەسىم سىزگە بۈگۈن قانچىلىك سوغۇق بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- iPad دىن پايدىلىنىپ سىزىلغان داڭلىق ھوللىۋود چولپىنى Morgan Freeman نىڭ رەسىمى، بەك ئوخشىتىۋېتىپتۇ
- دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىزدىن سەكرىگەن رېكورتنىڭ تولۇق كۆرۈنىشى ئېلان قىلىندى
ۋاي ۋاي ۋاي .،،،
دىۋان
دىققەت قىلدىڭلارمىكىن تورخۇمارغا تىما يوللاش ئىقتىدارى قۇشۇلۇپتۇ. (باش بەتنى ئېچىپ كۆزىڭىزنى يوغان ئاچسىڭىزلا كۆرىسىز )
خۇماداشلار دىۋان تالىشىۋەرمەي نادىر يازمىلار بولسا يوللاپ تۇرۇڭلار
نىمانداق تىز
نىمىنى دەيسىز ؟؟؟
بەك چىرايلىقكەن….
‹خۇشال›غا ئىنكاس : دىۋانغا چىقىش سۈرئىتىڭىزنى دەۋاتىدۇ
ھە مۇنداقمىتى يا
ۋويجو مالانى مەن دىۋاندا ئولتۇرسەملا ھەممىسى يوقاپ كىتىدۇ ؟ ئىززا تارتىپ ( كىچىك تۇرۇپ ئۇستىگە چىقىۋاپتۇ دەپ ) بىشىنى ئىچىگە تىقىپ ئولتۇرۇشتىمۇ بۇلا ……….
ما خۇشالجان كەينى كەينىدىن ئىككى قېتىم دىۋانغا چىقىۋېلىپ تورخۇمار ئېچىلماس بوپ قاغان ، بۈگەنمۇ يانا چىقىۋاپتا ، ما بالغا دىۋان بەمىسەك بۇلىتى دەيمە ، ئىشىنى بۇزىدا بىكا
نىمدا چوڭ ؟
شۇنچە كۆرگۈم بولسىمۇ چۈشۈرۈشكە قۇلۇم بامىدى ، كىنودىن 30 نى چۈشۈرەمە بۇنىڭ ئونىغا .
چۈشۈرۈپ كۈرۈپ باققان باللا تەسۋىرلەپ بىرىڭلا بولدى ،چۈشۈرگەن بىلەن كومپىيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى يەتمەي ئىس چىققىلى تۇرمىسۇن
دىۋاندا ئولتۇرىدىغان كۇنلەرمۇ كىلەرمۇ.خەپ…….
3.9Gلىق نۇسخىسى چۈشمەيۋاتىدىغۇ باللا؟
3.9 گىگابايىتلىقنى بولسىمۇ چۈشۈرۈپ كۆرۈش تۇرايلى !
ھەر ئىككى ئادرېستىكىسى 24 گىگابايىتلىقنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىمۇ نېمە ؟
شۇنداقكەن . مەنمۇ قانچە قىلىپ 3.9Gلىقنى چۈشۈرەلمىدىم.
رەسىم بولا مۇشتا چوڭ بولااااا
تورخۇماردا نىماندا تېما يېڭىلانمايدىغاندۇ دىسەم ئەسلى تېما يوللاش ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىۋېتىپتىكەندە
مىنىڭچە بۇ ئىقتىدارنى ئاچماسلىق كېرەك ئىدى،تورخۇمارمۇ باشقا بېكەتلەردەك بىر دۆۋە ئەخلەتلەر بىلەن تۇشۇپ كىتەرمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم،تورخۇمارنىڭ سېھرىي كۈچى ئاجىزلاپ قېلىشى مۇمكىن بۇ پەقەتلا مىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم باشقىلار قانداق قارايدىكىن؟
ئويلىغىنىڭىزنىڭمۇ ئاساسى باركەن ، لىكىن قاراپ باقسام يوللانغان تىمىلارنى بىرمۇ بىر تەستىقلاپ چىقىدىغان چېغى ، ئەلۋەتتە ئەخلەت تىمىلار ئۇدۇل بارىدىغان يىرىگە بارىدۇ ، مەنمۇ بىر تىما يوللايمىكى دەپ ئولتادىمغۇ ، دىۋان تالىشىدىغاننىڭ زاماننىڭ ۋاقتى ئۆتتى دەپ
شۇنچە چۈشۈرگۈم بولسىمۇ يەنىلا جۈرئەت قىلالمىدىم . كۇمپىيۇتۇرۇمدا نۇرغۇن ھۆججەتلەر بار ئىدى . قىستا-قىستاڭچىلىق ، دەسسلىش ، قانلىق جەڭگە جىدەل بولمىسۇن دەپ چۈشۈرۈشكە قۇلۇم بارمىدى . يوغااااان يۆتكىلىشچان دىسكا ئالغاندا بىرىنچى بولۇپ شۇنى چۈشىرىمەن ، خۇدايىم بۇيرىسا !
مەن 24 لكىنى چۈشۈردۈم لىكىن ئېچىلمىدى
ئادەتتە ئەڭ ئىلغار سەپلىمىدىمۇ ئېچىلىشىغا ئون نەچچە مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ …
ما باللا دىۋانلا دەيدىكەن ماڭا قاچانمۇ كىلە مۇشۇ دىۋانجاننڭ ئورنى.بولمىسا ئىسمىمنى بولسىمۇ دىۋان غا ئۆزگەرتىۋالايمۇ يا
ئېچىلىش سۈرئىتى مائوستىن تېزغۇ يەنە بىر ھەپتىلە دەم ئالغان بوسا ئىشارەت بىلەنلا ئاچۇركەنمىزھە
پەقەتلا چۈشمىدى
ھەر ئىككىلىسى چۈشمىدى .مەن 3 گ لىقنى چۈشۈرمەكچى ئېدىم
ما سۈرەتنى چۈشۈرۈپ ئېچىشقا كۆزۈم يەتمىدى، ئەڭ ياخشى ئىشخانا بىناسىنىڭ ئۈستىگە ئەسكى پالاستىن بىرنى سېلىپ، تاغامنى بالىسى ئويناپ يۈرگەن 30 كويلۇق دىربۇندا يۇلتۇز ساناپ ياتاي (ئەمەلىيەتتە نەدىمۇ ئۇنىڭغا ۋاقىت)
مەن 24GB سىغىمدىكىسنى چۇشۇرگەن ئىدىم ھۆججەتنىڭ كىڭەيتىلمە نامى PSB ئىكەن ، شۇنداقمۇ؟ بۇنى قايسى يۇمشاق دېتالدا قۇيمىز ؟ ياردەم قىلغان بولسىڭىز بوپتىكەن شۇنداق قاپادا چۇشۇرگەن ئىدىم ،شۇ ئالەمنىڭ سىرتىنى كۆرەي دەپ .
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوستلار
مەن ئالەم بوشلىقى مەنزىرىسىنىڭ 24GB سىغىمدىكىسنى چۇشۇرگەن ئىدىم. لېكىن بۇ PSBفورماتىدىكى ھۆججەت ئىكەن.
بۇPSBقانداق فورمات؟ بۇ فورماتنى قايسى خىلدىكى قويغۇچ ئوقۇيالايدۇ؟
بولسا، چۇشۇرۇش ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار!