سىزگە نىسبەتەن قايسى ئۇيغۇر تورى ئەڭ گۈزەل؟ نەزىرىڭىزدىكى ئەڭ كۆركەم ئۇيغۇر تورى ھەققىدە ئازراق سۆزلىمەمسىز…
ئۇيغۇر تورچىلىقى مەيلى سان جەھەتتىن بولسۇن ياكى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. ھەممىمىزگە ئايانكى ئۇيغۇر تور ساھەسى ناھايتى مۈشكۈل. يول-يوللارغا مىنا يۇشۇرۇنغانكى بايقىمىسىڭىز دەسسىۋالىسىز. ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ ياشلىرىمىزنىڭ يىڭىلىققا ئىنتىلىش روھى بىزنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەتمەكتە. بۈگۈن بىكارچىلىقتا تورخۇمارلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ گۈزەل توربەتلەرنى بىلىپ بېقىشنى ئىستەپ، تۆۋەندىكى يازمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. خالىسىڭىز سىزگە نىسپەتەن لايىھەسى ئەڭ گۈزەل ئۇيغۇر توربەتلىرى ھەققىدە ئىككى كەلىمىدىن مىسال ئېلىپ ئۆتكەيسىز.
PS: مەزكۇر يازمىدا پەقەت بەت لايىھەسىنىڭ كۆركەملىكىلا ئاساس قىلىنىدۇ. مەزمۇن ۋە باشقا قۇرۇلمىلار نەزەردىن ساقىت قىلىنسا بولىدۇ. تۆۋەندە مەن ئۆزۈم بىر نەچچە مىسال ئېلىپ ئۆتەي.
1. تورخۇمارلار كۇلۇبى
نىمىلا بولسۇن ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلايدىغان گەپ. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ تورخۇمار ھەممىدىن نوچى دىگىنىم ئەمەس. قانداقلا بولمىسۇن تورخۇمارلار كۇلۇبى ئىزچىل ئوقۇرمەنلەر ھېسىياتىنى ئويلىشىپ كەلدى. خەت رازمىرىدىن رەڭگىگىچە، ئۇسلۇب قۇرۇلمىسىدىن ھەتتا قىستۇرما رەسىملەرگىچە ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ ئازادە موھىت يارىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ كەلدى. تورخۇمار ئاددى بىر بلوگلىقىغا قارىماي ئۇيغۇر تورچىلىقىدا يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى نىسپەتەن يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، تېخى يىقىندىلا ئىنكاس رايۇنىغا ئاز بولمىغان ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزدۇق. ئەپسۇسلىنىدىغىنىمىز شۇكى يەنىلا زور كۆپ ساندىكى ئوقۇرمەنلىرىمىز IE6 دەك سۈپەتسىز تور كۆرگۈلەرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ.
2. تورداش تورى
تورداش تورىمۇ خۇددى تورخۇماردەك ياخشى نەرسىلەرنى ھەمبەھىرلەيدىغان بىكەت. ئوخشىمايدىغان يېرى تورداش پەقەت تورداشلارنىڭ دۇنياسى. بۇ يەردە سىز ئۈچۈن ھېچكىم يۇقىرى سۈپەتلىك يازمىلارنى تەمىنلىمەيدۇ. بەت يۈزىمۇ ناھايتى كۆركەم بولۇپ، ئىلغار توركۆرگۈلەرنى قوللىشى دىگەندەك ئەمەس.
3. باغداش تورى
باغداش تورى باغداش مۇنبىرى ۋە ئۇ يەردىكى ئەركىن كەيپىيات بىلەن داڭلىق. گەرچە باش بەت نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسپەتەن ئانچە موھېم بولمىسىمۇ، ئەمما ناھايتى سىپتا ۋە پاكىزە لايىھەلەنگەن. يىتەرلىك مەزمۇن بىلەن ھازىرقى پاكىزە موھىت بىرلەشسە كۈچلۈك بىر تور بىكەتنىڭ روياپقا چىقىشىدا گەپ يوق.
4. مىرشاپ تورى
مىرشاپ تورى ۋە كارۋان تورى يىقىندىن بۇيان باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان كۈچلۈك ئونىۋېرسال تور بەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. بەت ئومومى گەۋدىسى نىسپەتەن ياخشى چىققان دىيىشكە بولىدۇ. ئىلغار تور كۆرگۈلەردىكى بىر قىسىم مەسىللەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياخشى بولغان بىر ئونىۋېرسال تور بىكەت ھازىرلاشقا تىگىشلىك بىر قىسىم شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلىغان. بىز ئۇلارنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇيغۇر توربىكەتلىرىنىڭ سەركىسى بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
5. ئەپەندىم تورى
ئەپەندىم تورىنى كۆپۈنچىمىز 2009- يىللاردىكى تور تاقاق مەزگىللەردە تونۇغان. تور قاماللاشنىڭ پايدىسىدىن ئەلكۈيى تورى ئوبدانلا پايدىلاندى. ئەمما نىمىشقىكىن ئەپەندىم تورى، تور ئەسلىگە كەلگەن ۋاقىتلاردا قارىسىنى كۆرسەتمىدى ياكى تەسىرىنى ئاشۇرمىدى. ئەمما يىقىندا ئەپەندىم تورى پۈتۈنلەي يىڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋىتىلگەن بولۇپ، شەخسەن مەنمۇ دائىم كىرىپ كونا ناخشىلارنى ئاڭلاپ قويىمەن. بەت يۈزى ناھايتى كۆركەم دىيەلەيمەن.
6. ئوكيان تورى
قارلۇق شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى ئوكيان تورى ئۆزىنىڭ خەۋەرلەر سەھىپىسى بىلەن ھەممىمىزگە تونۇشلۇق. يېقىندا ئوكيان تورى پۈتۈن لىنىيە بويىچە يىڭىلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇرۇنقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىلگىرلەش زور. لېكىن ئەقلىمگە سىغمايدىغىنى قارلۇقتەك كۈچلۈك مېدىيا شىركىتىدە شۇنچە كۆپ لايىھەلىگۈچىلەر قوشونى تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك تور بېتىگە شۇنچە پەرۋاسىز قارىشى. شۇنچە گۈزەل ئەپ ۋە كارتونلارنى ئىشلەۋاتقان قارلۇق، ئوكيان توربېتىنىڭ لايىھەسى ۋە ئوقۇرمەنلەر ھېسىياتىغا بەكەرەك كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
7. سازلار تورى
ناخشا-مۇزىكا توربەتلىرىگە ئانچە كىرىپ كەتمەيمەن. لېكىن قاچانلاردىدۇر تۇيۇقسىز سازلار تورىغا كىرىپ قالغاندىن بۇيان بۇ يەردىكى ئاددى ۋە پاكىز موھىتنى ياقتۇرۇپ قالدىم. بەلكىم مۇزىكىنى مانا مۇشۇنداق موھىتتا ئاڭلىسا تېخىمۇ يىقىملىق ھېس قىلىشى مۈمكىن.
8. دىلكۈيى تورى
دىلكۈيى تورىمۇ سازلار تورىدەك مۇزىكا تورى. بەت لايىھەسى بەكلا كۆركەم. كىرگەن كىشىگە ئارامبەخىش كەيپىيات ئىگە قىلىدۇ. مەنچە بولسا بىزدىكى سابىق مۇزىكا تورلىرىمىزمۇ دىلكۈيى تورىدەك كۆركەملىكنى قوغلاشسا دەيمەن.
8. شۇمتەك تورى
بۇ توربەت يىڭى ئېلان قىلىندىمۇ ياكى مەن كىچىكىپ بايقىدىممۇ بىلمىدىم. باللار ئويۇنلىرى بىكىتى بولىشىغا قارىماي بەت لايىھەسى ناھايتى نەپىس. ئىنىلىرىمىزگە ئويۇن تەۋسىيە قىلىشتا بۇ بەتنى ئالدىن ئويلىشىپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك.
خاتىمە :
يۇقۇردا تىلغا ئالغانلىرىم پەقەت مەزكۇر يازمىنى يىزىش ئۈچۈن ماتىرىيال توپلاش مەقسىدىدە بىر قۇر تەكشۈرگەن ھەم ئۆزەم دائىم كىرىپ تۇرىدىغان تور بەتلەر. ھېچقانداق تەشۋىق قىلىش ياكى سۆكۈش خاھېشى مەۋجۇد ئەمەس. خالىسىڭىز سىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئەڭ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان ئۇيغۇر تورلىرىدىن تەۋسىيە قىلسىڭىز، تورداشلار بىرگە پايدىلانساق بولىدۇ. ئەمما شەرت ھەرگىزمۇ ئېلان خاھىشى بولماسلىق كېرەك.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: توربەت، تېخنىكا، لايىھە، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 33,133 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: neziringizdiki-eng-guzel-uyghurche-torbet.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كائىناتنى كۆرگىڭىز بارمۇ ؟ 24GB سىغىمدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى سامان يولى سېستمىسىنىڭ رەسىمى
- كېيىنكى يازما > تورخۇمار ئەسلىگە كەلدى
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- كىنولاردىكى خاككېرلاردەك كود يېزىپ تور بېكەتكە بۆسۈپ كىرىش تېخنىكىسى! سەت ئاقسا….
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- مارىيو مەستانىسى بولا، مۇشۇنچىلىك بولا
- ئادەمنى جىلە قىلىپ قويىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى | ئەسەبىي سەنئەتكارلارنىڭ دۇنياسىنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن
- دۇنيا بويىچە ئەڭ رەتلىك سېلىنغان شەھەر
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
تورخۇمارغا خۇشامەت قىلغىنىم ئەمەس ،ماڭا ھەممىدىن مۇشۇ تورخۇمارلار كۇلۇبى بەك ئۆزگىچە ،ئازادە بىلىنىدۇ
پاكىزە ، سۈزۈكلۈك ، ئازادىلىك ، رەتلىك ، قولايلىق …. مانا بۇ تورخۇمارنىڭ ئالاھىدىلىكى ! ھەمدە مۇنداق بەتلەرنى ھەممە ئادەم ياقتۇرىدۇ ؟
ئىنكاسىمنى سازكەن دەيدىغانلار سولغا چىكىڭلار ، مازكەن دەيدىغانلار ئوڭغا چىكىڭلار ؟
ئىزدە تورىغا قاچان كۆنۈپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئۇيغۇرچە ئىزدىمەكچى بولسام ئىزدە كومغىلا كىرىمەن، باش بەتتە ئىلان يوق بەك پاكىز ، مائۇس قايانغا ماڭسا مۆلدۈرلەپ قارايدىغان ئىككى كۆزمۇ با تېخى
ئالىپ بىز :يانفۇن مۇنازىرە تورى ،بەك ئەتراپلىق تۈرگە ئايرىلغان ، لازىملىق نەرسىنى بىردەمدىلا تاپىسىز ، تىمىلارنىڭ سۈپتى يۇقىرى ،ھەقىقى نەپ تىگىدۇ ئەدەمگە ، بۇلۇپمۇ ما ئەنجۈر يانفۇنىنى ئۇيغۇرچە قىلماقچى بوغانلار ، ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرمەكچى بولغانلار چۇقۇم بېرىڭلا
ياخشى كوم ئۇلىنىش :خېلى كۆپ ئۇلىنىش بەتلەرنى كۆرگەن ، بەزىسى ئەدەمگە قۇلىنىڭ ئۇچىدىلا ياسىغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ ، ئەمما ما ئۇلىنىشنىڭ ياسىلىشى بەك چىرايلىق كۆركەم چىقىپتۇ
ئالىپ بىز دېگەن توربەتكە پەقەتلا كىرەلمىدىم ، چۇقۇم ئىسمىنى خاتايازدىم ، ئېغىر كۆرمەي ۋاششىدە پىنيىنچە ئىسمىنى يېزىۋەتكەن بولسىڭىز
ھەي بىغەم ، ئىزدە كومغا چىرىپ ئالىپ دەپلا ئىزدىسىڭىز ئۇدۇل ئاپامامدۇ دەيمە ، www.alip.biz
مەنمۇ توۋا دەيمەن ، ئويۇن ئويناپ چارچىغان ۋاختىمدا تورخۇمارغا كىرىپ ئۇنى -بۇنى كۆرسەم ،ھەزرەت تورىغا كىرىپ يىقىملىق مۇزىكا +رىسىم دىگەن تىمىللىرىدا مۇزىكا ئاڭلىغاچ رەسىم كۆرمەن ياكى رەپ ئاڭلاپ قويمەن،ئادەتتە مۇشۇ ئىككى تور بەتلا يىقىپ قالدى ماڭا.
ئەمەلىيەتتە ياخشى ، ئىزدەش تورى دىگەنلەر بىر ئادەمنىڭ توربىكىتى مىنىڭ كۆپرەك ئىشلىتىدىغىنىم ئىزدە دىگەن بەت ، ھەر ھالدا ياخشى رەتلىك چىققان
ئاندىن مىنىڭ يەنە پات پات مارلاپ تۇردىغان بەتلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ سودا تورىدىن شىنجاڭ سودا ، ئاندىن مۇشۇ تور خۇمار ئىككىسى بار ئۇلىنش بەتلىرىنىمۇ ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيمەن خەراس ئۇچۇر.سىن دىگەن بەتمۇ باكەن پايدىلىنىشقا مەن يۇقىردا ئېيتقان 3 بەت خېلى بوپ قالدۇ بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارشىم
بۇ يازمىدا پايدىلىنىش قىممىتى ياكى مەزمۇن موللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ، قايسى تور بەتنىڭ بەت لايىھەسى سىلەرگە ياقىدۇ شۇنى دەپ باقساڭلار. مەزمۇن جەھەتتە ئىلگىرى مۇشۇ خىلدىكى يازمىدىن يەنە بىرنى يوللاپ بولغان.
باش سۈرەت ئۆزگەرتىش ھەققىدە تەلىم ئالاي دىگەن .
http://en.gravatar.com
مۇشۇ تور بېكەتكە كىرىپ ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملىتىپ، باش سۈرەت يوللايسىز ….
لىكىن بۇ تور بېكەت ئېنگىلىزچە ….
قۇتيار،تورخۇمار،سەرقۇت،ئوكيان مۇشۇلار مېنىڭ كۈندە مارىلىمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايدىغان تور بەتلەر… قالغىنىنى تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن… ئەمدى ئاستا – ئاستا يۇقىرىدىكى تور بەتلەرنىمۇ مارىلاپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ… سۈپەتلىك تور بەتلەرنىڭ پەيزىنى سۈرۈشمۇ بىر خىل ھوزۇر
بۇرۇنقى زاماندا دوقمۇش دەپ بىر تور بېكەت بولىدىغان،باش بېتى ماڭىمۇ تەدبىركارغىمۇ يارىغان ئىدى.ھازىر ئۆزەمنىڭ بىلوگۇمنى مەخپىي تۈزەشتۈرىۋاتىمەن،خۇدايىم بۇيرۇسا،پات-يېقىندا چىرايلىق تور بېكەتلەر كۆپەيگۈسى…
توربەت كۆرۇنمە يۇز مەزمۇن جەھەتتە تورخۇمار ماڭا ئەڭ يارايدۇ.باشقا كۆپ ساندىكى مۇنبەر بىلوگلار بىرقىلىپتىن چىققاندەكلا بىلىندۇ.خىلى داڭلىق ھىسابلانغان توربىكەتلىرىمىزمۇ بارغانسىرى جەڭگە-جىدەلنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالغىلى تۇردى.مۇزىكا بەتلىرىدىن ماڭا ئەڭ يارايدىغىنى يەنىلا 284مۇزىكا تورى.باشقىسى ئادەتتىكىچە.
http://www.huxdil.com/ بۇ توربەت چىرايلىق كۆرۈنىدۇ كۆزۈمگە
تورخۇمارنىڭ ھازىرى راستىنلام باشقىچە چىرايلىق.مەن بىرتىۋىپ بلوگىنىڭ رەڭگىنى ياقتۇرىمەن.قۇرۇلمىسى نورمال.
بىر دادا بىلوگىمۇ ماڭا يېقىپ قالغان
ماڭىمۇ ئىزدە تورى يارايدۇ بولۇپمۇ ماڭا قاراپ تۇرىدىغان بىرجۈپ كۆز بىلەن ئاستىدا چىقىپ تۇرىدىغان ماقال تەمسىل
سصزدة مۇشۇنداق يۈرةك بارمۇ؟
قاپ يۈرةك زةھةر ئةتكةسچصلصرص ساقچصنص ئصككص كصلومصتصرچة ماشصصنا بصلةن ئصتتصردص،20 كۈندصن كصيصن بۇ زةھةر ئةتكةسچصلصرص قولغا چۈشكةن!
مىرشاپ تورىنىڭ فونـتى بىنورمال تۇرىدا ئايفوندا….يۇنىكودسىز فونـت ئىشلىتىۋاتامدۇ نىمە؟
ھەزرەت بلوگىنىڭ بەت لايىھەسىمۇ چىرايلىق تىنىچ پاكىز 9-گە تىزىپ قويساڭلا تامامەن بولىدۇ.
مەن كىنوغا ئامراق بولغاچ ئوغۇلچاق،ئاق بۈركۈت،تۇرانىم تورلىرى بەكرەك ياقىدۇ ماڭا. تورخۇماغىغۇ گەپ كەتمەيدۇ.نۇر تورى، 383520،كىنوئۇلۇنىش تورى،ئىزدە تورى،ئەلكۈيى دىگەندەك بىر قاتار تور بەتلەرگە كىرىپ قويىمەن.
مەن كۆپۈنچە لايىھە ئىشلىرى بىلەن شۇۇللانغاچقا ئاساسەن دىگۈدەك لايىھە بىكەتلىرىنى ئارلاپ يۈرۈيمەن تور خۇمار بولسا مىنىڭ ئارام ئالىدىغان كۆڭلۈمنى خوش قىلىدىغان بىردىن بىر كۇلۇپ مەن دائىم كىرىپ تۇرىدىغان بىكەتلەردىن شۇ تورخۇمار ، ھەزرەت گىرافىك ، گۈلبۇلاق لايىھە تورى ، ئەجرىم لايىھە تورى، سەرقۇت لايىھە تورى ، رۇستەمجان بىلوگى ، ئادىلجان بىلوگى قاتارلىقلار
ماڭا گۇزەل تۇيىلىدىغىنى ھەزرەت.جۇلالىق.xjqq.بۇلار ھەقىيقەتەن چىرايلىق.
بەزىدە ئاتايەن ھەزرەتكە كىرىپ سول تەرەپتىكى رەڭلەگە قاراپ چىكىتىمە
xjcfanنىڭ ۋە سەرقۇتنىڭ مۇنبىرى بەك ئۇز
توۋە ،ئۇيغۇرچە يازسام، ھاجىم ما توربەتتە بولسىمۇ ئۇيغۇرچە يازىلى دەپ چىقىۋاتىدا..
ماڭا مۇشۇ تورخۇمار، ئىشقىلىپ تورخۇمار بەك پاكىز، ..يەنە ئوكيان، ئۇيغۇربەگ، بىرداداش… ئسىمگە كەلگىنى مۇشۇلار..
تورخۇمار، قۇتيار، ئۇيغۇربەگ، كارۋاننى بەكرەك ياقتۇرىمەن.
تورخۇمار، ھەزرەت، بىر ھون قاتارلىق تور بەتلەرنىڭ بەت لايىھىسى بەك پاكىزە ھەم ئىنتايىن ئازادە
مېنىڭچە مۇشۇ تورخۇمار ھەممىدىن رەتلىك ھەم ئازادە…
مەن پرىستان بىلوگىنىڭ ياسىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ماختىغىنىم ئەمەس جۇمۇ ،تورخۇمار تورى بەك ئازادە .ھەرقېتىم كۆڭلۈم پاراكەندە بوسا بۇرۇن ئىزدىنىش تورىغا كىرىپ ئىنكاس ئوقۇپ خېلى ئارام تاپاتتىم،ئەمدى بولسا تورخۇمار دىكى دىۋان جېڭىدىن خۇمارىمنى چىقىرىۋاتىمەن .
ما باش سۈرەتنى قانداق ئۆزگەرتىمىز يا ؟؟
مۇنۇ يازمىنى ئوبدان كۆرسىڭىز،باش سۈرىتىڭىزنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىسىز…
gravatar.html
ماڭا قارلۇقنىڭ تور بىتى ئەڭ ئاقسا تۇيىلدۇ
http://lab.qarluq.com/
مەنچە مىسرانىممۇ خىلى بولىدۇ ئاۋازلىق ئەسەر ھەم مۇنبەر چىرايلىق رەتلەنگەن
ما ئىنكاسقا مەن قارشى…
مەن يېڭىلىق ھەم راھەت ھىس قىلدىغىنىم تورخۇمار،
مۇنازىرە مەزمۇنىڭ ياخشىلىقىنى جەھەتتە باغداش ،
ئوبزور سۈپىتى جەھەتتە ئوكيان توربىتىنى ياخشى كۆرىمەن !
تورخۇمار ۋە ئالىم ئەخەت مۇئەللىمنىڭ تورى ، مانا مەن كۈندە كىرىدىغان توربەت، مەزمۇنى مېغىزلىق، ھەم پاكىز ۋە چىرايلىق
ھازىرقى ئۇيغۇر توربېكەتلىرىمىز PHPWIND ياكى Discuz ۋە ياكى WordPressتىن تۈزۈلگەن.Discuz نىڭ گەرچە سىرتقى قىياپىتى گۈزەل بولۇپ كەتمىسىمۇ لېكىن ئىقتىدار جەھەتتە خېلى يېتىشكەن،بولۇپمۇ تېڭشۈن شېركىتى بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن Discuz نىڭ تەرەققىياتى باشقىچە بولۇپ،ئومۇملىشىش يولىغا ماڭغان.WordPress ئاساسەن بلوگگىرلارنىڭ ئالدىن تاللىشى،ئۇنىڭ سىرتقى قىسمىنى مودىللاردەك گۈزەل دېيىشكە بولىدۇ.PHPWIND تارىخى ئۇزۇن ئونۋېرسال ئالاھىدىلىككە ئىگە،PHPWIND شىنجاڭ دىيارىمىزدىكى بۇرۇندىن تارتىپ كۆزگە كۆرۈنگەن ياشقا چوڭ توربەتلىرىمىزنىڭ قابىل ياردەمچىسى.
تورخۇمار كۇلۇبىغا كۇندە دىگۇدەك كىرىپ يۇرگىلىمۇ مانا بىر نەچچە يىل بوپ قاپتۇ …
مەنغۇ ھازىرقى بۇ ھالىتىنى خىلە ياختۇرىمەن ئەگەر تەكلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە بۇ توربەتنى رەڭ ۋە شەكىل جەھەتتىن بىر يىلدىكى 4 پەسىلگە ماس ھالدا يىلدا 4 قېتىم ئوزگەرتىش ئېلىپ بارسا پات پات يىڭىچە ئۇسلۇپلاردىنمۇ ھوزۇر ئالاتتۇق
مىنىڭچە توخۇمار ،ھەزرەت گىرافىكى ،شاھ بىلوگ قاتارلىقلارنىڭ بىزىلىشى ،ئۇرۇنلاشتۇرىشى ،رەڭ ئۈنۈمى قارارلىقلار ياخشى دەپ قارايمەن .
مىنىڭچىمۇ تورخۇمار،سەرقۇت،تورداش دېگەن توربەتلەر بەك كۆركەم
مەن ئەلكۈيى تورىغا جىقراق كىرىمەن، ئۇنىڭدىن قالسا تورخۇمارغا…ئەلكۈيىنىڭ بەك لاھىيىسىمۇ بوپ قالىدۇ،ئېلان كۆپرەك يەنە ئەلكۈيى تورى قۇرغىچىسىنىڭ سەنئەتچى ،داڭلىق چولپانلار بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشىمۇقانداق سەنئەت خەۋەرلىرى كوپرەككەن…يەنە تېخى داڭلىق چولپانلارنى كوزور قىلىپ مىكرو بىلوگمۇ ئېچىۋالدى…
ماڭا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بەت يۈزى يارايدۇ
ئىشقىلىپ مۇشۇ نۇر تورىدەك ئادەمنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقمايدىغان ،ساپاسىز ، يالغانچى تەخسىكەش توربەتنى كۆرۈپ باقمىدىم .،.
تورخۇمار ، ئوكيان ، باغداش توربەتلىرنى ئۇيغۇر توربەتلىرنىڭ سەركىللىرى دىسەك ئارتۇق كەتمەس دەپ ئويلايمە .،.
ماۋۇ گەپلە ئېشىپ كەتتىغۇ دەيمەن مىنىڭچە، ھەممە ئىشتا باشلىنىش بولىدۇ، باشلىنىش بولغانىكەن، ئەلۋەتتە سەۋەنلىكلەر كۆپ بولىدۇ، بۇنداق سەت گەپلەرنى قىلساق سەت تۇرامىكىن
ما تېمىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى مۇنداقكەن: قەلبىڭىزدىن ئورۇن ئالغان لايىھەسى گۈزەل بولغان ئۇيغۇرچە بېكەتلەر قايسى؟
ھىم، تاپتىم: ئۇيغۇربەگنىڭ يېڭى تور تۇرايى!
يىڭى تۇرانى نەگە قۇردىڭىز؟
غەيۋەت سورۇنى بوپ قالمىسۇن ، مەزمۇن ئەمەس ، گۈزەللىك توغرىسىدا سۆزلەپتۇ !؟
مىنىڭغۇ كىرىدىغان تور بېكەتلىرىم بەكمۇ كۆپ ئەمەس، لىكىن شۇ ئاز بېكەتلەر ئىچىدىكى كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەنلىرىنى دەپ باقاي
تورخۇمار ئەلۋەتتە با، يەنە ئىككىسى بار، بىرى ئۇچۇر تورى، يەنە بىرى ئوكيان تورى، ماڭا يارايدۇ مۇشۇ بېكەتلەرنىڭ گۈزەللىكى
ماڭا تورخۇمار بىلەن باغداشنىڭ لايھىسى بەك يارايدۇ.باغداش لايھىسى ساز بولغان ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ سەركىسى دىسەم ئارتۇق كەتمەس.
ماڭا مۇشۇ تورخۇمار بىلەن پۇتبۇل مۇنبىرى ئەڭ يارايدۇ ……
يەنىلا يازاي ياخشى
يەنىلام تورخۇمار بوپقويىدۇ جۇما.لاھىيىلىنىشى ئۆزگىچە.تېما يېڭىلىنىشى تېز. بولۇپمۇ خۇمارداشلارنىڭ تېما ئۈستىدە ئېلىپ بارغان كەسكىن مۇنازىرىلىرى ماڭا بەك ياقىدۇ.بۇ تېما ئارقىلىق ھەزرەت تەك ئېسىل گىرافىك بىلەن ئۇچراشتىم.(ئۇنىڭدىن باشقا مەن ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو مەستانىسى،مۇزىكا ئاڭلاشقا ئامراق.تۇرانىم ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو تورى،ئۇدۇن مۇزىكا تورىنىمۇ پەتىلەپ تۇرىمەن.)
نۇرقۇت دۇنياسىغا كۈندە نەچچە رەت كىرىدىكەنمەن. تورخۇمار،قىسمەت،نۇرقۇت،ئۇيغۇربەگ،تەشنايى قاتارلىقلارنى كەچلىرى يوقلاپ كېلىمەن. بىراق ماۋۇ تورخۇمارنىڭ يېڭىلىنىشغا قايىلمەن. قوغلاپ يەتكىلى بولمايدۇ.
ماڭا يازاي يېنىك بلوگى
قۇتيار مۇنبىرى
نۇرقۇت مۇنبىرى
داداش پۈتۈكلىرى
تورخۇمار بلوگى
مۇشۇ بەتلەر يارايدۇ
يەنە كۈلگىن تورى ، ياشلىق تورى، تورلاش تورى ، ناخشا تورى ,ئەجداد تورى قاتارلىق توربەتلەرمۇ چىرايلىق لاھىيەلەنگەن.
يېقىندىن بېرى تورخۇمارغا كىرگۈملا كېلىدىغان بولۇپ قالدىغۇ توۋا…
باش ئېقىن تورىمۇ بۇپقۇيىدۇ
كارۋان تورى لاھىيسىى چىرايلىق قىزغا ئوخشايدۇ، باش بېتى ،ناخشا بېتى ئويۇن بەتلىرىنى ئارلاپ تۇرىمەن،بۇ تورنىڭ گۈزەلىكىگە قول قويغان ..ئىشلىگەن ئېلان لاھىيلىرىمۇ نەپىس ، بۇ تور بېكەتنىڭ تور سەركەردە سەركە بېكەت بولىشىغا تىلەكداشمەن.مەزمون جەھەتتىن جىق باللا سۆزلەپتۇ، مىسرانىم تورىنىڭ مۇنبىرى ياخشى،چىمبۇلاقنىڭ تەنتەربىسي…ئىشقىلىپ ھەممىسنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئالدىغا خۇددى كورلىنىڭ نەشپۈتى،تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى دىگەندەك.ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ھەممە بەتلەرنىڭ گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىسى ناتايىن.
روھلان تورى ياخشى چىققان تور بەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارايمەن . ئۇنىڭدا نۇرغۇن ھەقسىز دەرىسلىكلەر بىلەن تەمىن ئىتىدۇ (كومپىيۇتېر ، تېلفۇن ، ھەرقايسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرى ،شوپۇرلۇق ئىمتىھان دەرسلىكلىرى ۋە يەنە باشقا نۇرغۇن ماتىرياللار بار ) ئىزدە تورى مەن ياختۇردىغان تور بەتنىڭ بىرى (كۆرنىشى كۆركەم ،ئۇيغۇرچە ،خەنچە ، ئېنگىلىزچە ئىزدەش ئېلىپ بارغىلى بولدۇ ، ئۇنىڭ كۆپ تىللىق تور لوغىتى بەك قولاي ) تورخۇمارمۇ مەن ياختۇردىغان تور بەتنىڭ بىرى (كوركەم ، ئازادە ، ئەڭ ياخشى مەزمۇنلار يوللىنىپ تۇرىدۇ )
مەن بىلمەيدغان تور ئادىرسلىرمۇ باكەن ،مەن ھازىرلا چىكىپ سىناپ باقاي .
تورخۇمار! ئەسلىدە بۇ تېمىنى «مېنىڭ بېكىتىم چىرايلىقمۇ؟» دەپلا قويساڭلار بوپتىكەن (چاخچاق)
مەنچە بېكەت دېگەن سىزنىڭكىدەكلا بولسا دەيمەن، نېمە دېگەن ئازادە، نېمە دېگەن پاكىز، نېمە دېگەن رەڭدار، بېكىتىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى دېمەيلا قوياي، بىر-بىرىدىن سەرخىل…………….
سىزنىڭ بېكىتىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۆزىڭىزنىڭ مىجەز -خۇلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بەلكىم سىزمۇ ئادەتتە ئوچۇق مېجەز، ئەركىن ئازادە، رەتلىك ھەم مودا بولۇشىڭىز مۇمكىن
ئىككىمىزنىڭ رەڭگە بولغان قارىشىمىزدا بىردەكلىك باردەك ھېس قىلدىم. مەن ئادەتتە ئېلان تەشۋىق، ماركا دېگەندەك نەرسىلەرگە بەقەت قېنىق رەڭ ئىشلەتمەيمەن، ھەر قانداق رەڭنى ئەڭ تۆۋەن سۇسلۇقتا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلىگەن نەرسىلىرىمدە نەقىش، گۈل، ئاي -گۈمبەزلەرنى پەقەت ئۇچۇرتالمايسىز، پەۋقۇلئەددە ئىشلىتىپ قالمىسام ئادەتتە سىداملا قىلىپ ئىشلەيمەن. لېكىن سىزدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك بولسا تور ساھەسىدىكى ئىلىمدۇر، شۇڭا سىزدىكى بۇ ئىككى گۆھەر خۇددى «ئاتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» قويغاندەكلە ماس كەلگەن دېسە. بېكىتىڭىز ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدۇ، تېخىمۇ تىرىشىڭ
بۇ تورلاردا ئۇلىنىش تۇرى تىلغا ئىلىنماپتۇغو ،
ئەجبا ئۇ تۇرلارنىڭ سەركىسى بۇلالمامدۇ،
سۆزلىنىۋاتقىنى قۇرۇلمىسىدىكى گۈزەللىك
ئۇلىنىش تورلىرىدىن ياخشى كومنى تىلغا ئاپتۇ بىر تورداش
بىلىك نېمىشقا ئېچىلمايدىغاندۇ؟
بىز تور بېكەتلەردىن نېمىنى كۇتومىز ھەم نېمىنى ئىزدەپ تاپالايمىز بىزنىڭ كورىدىغىنىمىز ساپلا ئېلانغۇ ياكى بولمىسا ناخشا ئۇسۇل خۇمار خەلقنىڭ ناخشا كىنو شۇنىڭدەك نەرسىلە كوپ بىراق ئوقۇتۇشقا ئوقۇشقا ئۇگىنىشكە دائىرلىرى بەك ئاز كەم بەك تەستە تاپالىشىڭىز مۇمكىن تور بېكاتلىرىڭلار بەك چىرايلىككەن بازارچىلا