بىكار بولسىڭىز كىرىپ كۆپچىلىك بىلەن ئوغۇللار ۋە قىزلارنىڭ قانداق پەرقلىرى بارلىقىنى مۇنازىرىلىشىپ باقمامسىز؟!
بۇرۇنلاردا تۈركىيە بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ پەرقى، دۆلىتىمىز بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ پەرقى، ياۋروپا بىلەن باشقا رايونلارنىڭ پەرقى، ئەر-ئاياللارنىڭ باشقىچە پەرىقلىرىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق، ئەمدى ئاددى سۈرەتلەر ئارقىلىق ئوغۇللار ۋە قىزلارنىڭ باشقىچە پەرقلىرى بارلىقىنى ھېس قىلىپ باقايلى، باشقىچە ئويلىغان بولساڭلار قېنى بەھەزۇر ھە؟
ئەرلەر ئاياللارنى ئۇرسا:
-ھۇ نائەھلى، خوتۇن كىشىگىمۇ قول تەككۈزەمدا؟
-ھەي ئوغۇل بالىمۇ قىز بالىنى ئۇرامدۇ؟ ھايۋان!
-ۋىجدانىڭ بارمۇ يوقمۇ سېنىڭ؟
-@#$%^&……
ئاياللار ئەرلەرنى ئۇرسا:
-ھەجەپ جىگرى بار قىزكەن
-ئوغۇل بالىىدەك قىزكەن جىمۇ، ئالايمىكىن
-ئاياللاردىن تاياق يېگەندىكىن تازىمۇ لاتىكەن، ئۇرۇپ مىجىۋەتمەي تازا
-@#$%^&*
كوچىدا خىيالى كىتىپ بارغاندا بىر ئوغۇل بالا بىر قىز بالىنى سۆيىۋالسا:
-ھۇ لۈكچەك(كاچىتىغا چاڭ….)
-نىمانداق ئەخلاقسىز نىمە ئۇ؟
-ھەي مېنى كىمىڭگە ئوخشىتىپ قالدىڭ؟
-&^%$#@!
قىزلارغۇ ئۇنداق قىلىقنى قىلمايدۇ، ئەگەر مۇھەبىتىنى كوچىدا ئاشۇنداق قىلسا:
-ھەجەپ رومانتىك قىزكەن…
-مۇھەبىتىنى ھەجەپ ياخشى كۆردىكەن….
-!@#$%%&*
قىزلار ئوغۇللار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ قالسا:
-ئوغۇللار ھاجەتخانىسىغا خاتا كىرىپتۇدە؟
-ھە ،بۇ ئەرلەر خالاسىمىدى، ۋىيەي
-ئاپلا(يۈزىنى ئېتىپ تالاغا قاچىدۇ)
ئوغۇللار قىزلار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ قالسا:
-نىمە بار قىزلار ھاجەتخانىسىدا
-كاللىسىنىڭ سۈيى باركەن
-راسىت، كاللىسىنىڭ تورمۇزى تۇتمامدۇ نېمە؟
-@#$%^&*
قىزلار يولدا نەرسە كۆتۈرۈپ ماڭسا:
-ياردەم قىلسا بولمامدىغاندۇ؟
-ھەي.ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ياردەم قىلىڭە ھەي
-ئوغۇل بالا تۇرۇپ قىزلارغا كۆتەتىپ قويغىنىنى، ۋىژدانىنى مۈشۈك يەپ كەتكەن گۇي!
ئەگەر ئوغۇل بالا كۆتۈرۈپ ماڭسا:
-خو،ئەكەك! ئوغۇل بالا مۇشۇنداق پىشىدۇ.
-ھەجەپ ياخشى بالىكەن، ياخشى ئىش قىلىدىغان
-بۇ ئوغۇللارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى.
پۇل تۆلەشكە توغرا كىلىپ قىزلار ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىز تۆلەيلى دېسە:
-ھەجەپ ياخشى قىزكەن
-مۇستەققىل ئىقتىساد قارىشى بار قىزكەن
-قىزبالا بولا مۇشۇنداق بولا
ئەگەر ئوغۇللار ئاشۇنداق دېسە:
-ھۇپىتى! بىرە قىېتىم پۇل تۆلىسە نىمە بوپتۇ؟!
-نىمانداق پىخسىق بالىدۇ ماۋۇ؟
-ئۆلۈكتىن جان تىلايدىغان پىتىكەن ماۋۇ
يولدا خىيالى كىتىپ بارغاندا بىر قىز بىر يىگىتنىڭ يۈزىنى سىلىسا، يىگىت ساقچىنىڭ قېشىغا بېرىپ:
-ساقچى ئاكا، يولدا كېتىپ بارسام ماۋۇ ئايال يۈزۈمنى سىلاۋاتىدۇ.
-ئۇكام ماڭقايسا! سىلىغانغا ئۇپراپ قالمايدۇ ئى لەنچۇردەك يۈزلىرى، كىچىك بالىدەك مۇشۇنىمۇ دەپ كەلدىڭما؟؟ ماڭە جۇغۇ قىلىدىغان ئىشىم جىق مىنىڭ
ئەگەر قىز ئاشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ ساقچىنىڭ قېشىغا كەلسە:
-ساقچى ئاكا، ئاۋۇ لۈكچەك مېنىڭ يۈزۈمنى سىلاپ يۈرىيدۇ
-ھې گۇي، بۇ قىزچاقنىڭ يۈزىنى مائۇسمىكىن دىگەنما؟! ماڭە سولتەك بېرىپ ئىككى پۇتۇڭنى بىر ئۈتەككە تىقاي بۈگۈن بىر سېنىڭ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەخلاق، تۇرمۇش، جەمئىيەت، قىزلار، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,467 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: difference-between-man-and-woman-in-live.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىزچىل تىرىشىپ ياشاۋاتقان 80-يىللارنىڭ باللىرى، ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيلى!!!
- كېيىنكى يازما > قانداق قىلغاندا باشقىلارغا تۇنجى تەسىرنى ياخشى ۋە مۇكەممەل بەرگىلى بولىدۇ؟
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
يەنە بىر دىۋان …
بۈگۈن تەلەي باركەن جۇمۇ !!!
نېمە تەلەي؟ يەنە شۇ دىۋانمۇ؟
ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ گېپى بۇيىچە بولغاندا : ئېي ئوغالۋاللا ، نىمىدىگەن جاپاكەش سىلە !!!!!!!!
ئەمما كۈلمەي تۇرالمىدىم ما گەپلەرگە
مۇشۇمۇ گەپ بولدىمۇ
ھەممىسى نەق راس گەپكەن ئەمەسما ،،،
بىز دەيدىغاننى ئابدۇكېرىمكام ئىتوتىدا دەپ بولدى
ئاياللار(قىزلار)ئەزەلدە يارىلىشتىلام ئاجىز يارالغان.ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇلارنى ئەرلەرنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرغان.
قىزلارمۇ بەزىدە ئۇستۇنلۇكنى ئىگەنلەپ قالىدىكەن ھە ھى ھى . مەنمۇ كومپىيۇتىر ئۈگىنەي دىگەندە تۇققانلار قىز بالىغا تۆمۇر تىسەكنىڭ قىشىدا نىمە بار دىگەنتى ھى ھى ھى …
خاخا
بەك ياقتى ماڭا بۇ تىما ئەمەلىيەتكە بەك ئۇيغۇنكەن
ۋاي قىززىق…..
نىمانچە قىزىقتۇ ماۋۇ گەپلەر،،،،،
ئوخخو ما گەپنى بوپ قالىدىكەن جۇما نىمانچە قىززىق
يېڭى تىما يوللىسا بۇلاتتى