قانداق قىلغاندا باشقىلارغا تۇنجى تەسىرنى ياخشى ۋە مۇكەممەل بەرگىلى بولىدۇ؟
ھاياتلىقتا ھەمىشە نۇرغۇن ئەپسۇسلىنىش ۋە ئۆكۈنۈش بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك ئۆكۈنۈش بولسا باشقىلارغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ قېلىش ياكى مۇۋاپىق كىشىنى قولدىن بېرىپ قويۇش. پىسخىكا ئالىملىرىنىڭ دېيىشىچە، ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەمىشە تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن چاغدىكى يەتتە سكونت ئىچىدە بەلگىلىنىپ بولىدىكەن…
كلىنىكا پىسخىكا مۇتەخخەسسىسى Linda Blair نىڭ دېيىشىچە «بىز تۇنجى قېتىم بىرەيلەن بىلەن كۆرۈشكەن چاغدا، يەتتە سكونت ۋاقىت ئىچىدە ئاللىقاچان قارشى تەرەپكە نىسبەتەن باھا بېرىپ بولىدىكەنمىز. ئەمما بۇ بىر ئاڭلىق جەريان بولمىغاچقا، بىز ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق ھۆكۈم چىقارغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمەيدىكەنمىز.»
The Body Language Bible نىڭ ئاپتورى Judi James بۇ كۆز قاراشنى قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېگەن: «بىرسى بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەن چاغدىكى نەچچە سكونت ئىچىدىلا قارشى تەرەپكە نىسبەتەن كۆز قاراش شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى تۇغما ئىنكاس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ خىل ئۇسۇلدا باشقىلارغا باھا بېرىش بەلكىم ئادالەتسىزلىك ھەمدە ئەمەلىيەتتىن چەتنەش ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بۇ بىزنىڭ كونترول قىلىش دائىرىمىزدە ئەمەس. بىزنىڭ تۇنجى ئىنكاسىمىز بولسا، بۇ كىشى ماڭا نىسبەتەن تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدۇ قارايمىز، ئەمما، قارشى تەرەپنىڭ جەلپكارلىقى ھەمدە ئادىمىيىتى بىزنىڭ باھا بېرىشىمىزدىكى تۈپ ئۆلچەم. بۇلار يەنە تەۋەلىك ئېففېكتى(attribution effect) دەپ ئاتىلىدۇ. بىزنىڭ ۋاقتىمىز دائىم چەكلىك بولغانلىقى تۈپەيلى، بىز ھەمىشە تۇنجى تەسىرنى ئۆلچەم قىلىمىز، بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ناۋادا بىز بىرىنچى قېتىم خاتا ھۆكۈم قىلساق، ئۇنداقتا خاتالىق ئاللىقاچان يىلتىزىدىن ئورناپ كەتكەن بولىدۇ.»
James يەنە مۇنداق دېگەن: «گەرچە بىز ھەمىشە تۇنجى تەسىر بويىچە باشقىلارغا ھۆكۈم قىلساقمۇ، ئەمما ئۆزىمىز ھەمىشە باشقىلارغا خاتا سىگنال ئەۋەتىپ سالىمىز، يەنى، بىز سودا يىغىنلىرىدا ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدا، قارىماققا تەمكىن، تەشۋىشلىك، خىجىلچان تەسىر بېرىمىز، ئەمما بۇ نۇقتىنى دائىم ھېس قىلالمايمىز. نۇرغۇن كىشىلەر ئاستا قىززىيدىغان تىپقا كىرىدۇ، ئەمما بىز بىرئاز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، باشقىلار بىز بىلەن كۆرۈشكەن دەسلەپكى نەچچە سكونت ئىچىدىلا ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك.»
شۇ سەۋەپتىن، ناۋادا سىز ھەقىقى ئۆمۈرلۈك ھەمرايىڭىزنى، سىردىشىڭىزنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، باشقىلارغا سىزگە نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بايانلارغا ياخشى قۇلاق سېلىڭ:
1. باشقىلار بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان چاغدا، ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ سىرتقى قىياپىتىڭىزنى بىر كۆزىتىپ چىقىڭ، ئاستا-ئاستا چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ جىددى كەيپىياتنى ۋە سىزنى خىجىل قىلىشقا قىستايدىغان كەيپىياتنى يوقىتىڭ.
2. قەددىڭىزنى رۇسلاپ تىك تۇرۇڭ، بۇ سىزدىكى ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىدۇ، جىددىيلىشىپ كەتكەن نېرۋا مۇسكۇللىرىنى بوشىتىدۇ.
3. ئوبراز مەسلىھەتچىسى Karen Gillam نىڭ دېيىشىچە، باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەڭ ياخشىسى يان تېلېفوننى تاقىۋېتىش ياكى جىمجىت ھالەتكە تەڭشەپ قويۇش كېرەككەن.
4. كۈلۈمسىرەش! سىز كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چېغىڭىزدا قارشى تەرەپمۇ ھەمىشە سىزگە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاپ قايتۇرىدۇ، Gillam نىڭ دېيىشىچە، كۈلۈمسىرەش ئىككى ئادەمنى تېخىمۇ ئاسان يېقىنلاشتۇرىدىكەن. ئەمما تېرىڭىزدە كۈلكە، گۆشىڭىزدە غەزەپ ئۇچقۇنلىرى بولمىسۇن، تەبىئىي كۈلۈمسىرەشنىڭ يوقىشى سەل ئاستا بولىدۇ، تۇيۇقسىز قاقاقلاپ كۈلىۋەتسىڭىز ھەمدە ئۇشتۇمتۇت توختاپ قالسىڭىز، باشقىلار سىزگە ساختىپەز دېگەن خەتكۈشنى چاپلاپ قويىدۇ.
5. سومكىنى سول قولدا كۆتۈرۈڭ، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن قىينالمايلا ئوڭ قولىڭىزنى چىقىرىپ باشقىلار بىلەن قول ئېلىشالايسىز. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بىر قېتىملىق ياخشى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش سىرتقى قىياپەتكە قارىغاندا قارشى تەرەپتە تېخىمۇ ياخشى تەسىر قالدۇرالايدىكەن.
6. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سىزنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان قىزىقىشىڭىزنى ئىپادىلىشىڭىز، سىزدە تېخىمۇ كۆپ جەلپكارلىق ئامىللىرىنى پەيدا قىلىدىكەن.
7. قولىڭىزنى مەيدىڭىزگە ئېلىۋالماڭ ياكى پۇتىڭىزنى ئالماپ ئولتۇرماڭ.
8. Gillam نىڭ دېيىشىچە، تىل-ئىبارىدىن باشقا، يەنە تاشقى قىياپەتمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. مۇۋاپىق كىيىنسىڭىز، ئايىقىڭىز پارقىراپ تۇرسا، بەك قويۇق ئەتىر چېچىۋالمىسىڭىزلا خېلى كۆپ مەقسەتكە يېتىشكە بولىدىكەن(دىۋاندا ئولتۇرغانلار ئوغۇرلۇقچە كۈلمەڭلار!)
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: پىسخىكا، تۇرمۇش، مۇھەببەت، ھاياتلىق، ھېسىيات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,210 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: how-to-leave-a-perfect-first-impression.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىكار بولسىڭىز كىرىپ كۆپچىلىك بىلەن ئوغۇللار ۋە قىزلارنىڭ قانداق پەرقلىرى بارلىقىنى مۇنازىرىلىشىپ باقمامسىز؟!
- كېيىنكى يازما > ھەر بىر ئىنساننىڭ قەلبى ۋە روھىي دۇنياسىدا ئەنە شۇنداق بىر LOVE.EXE ( سۆيگۈ ) پروگراممىسى بولىدۇ…
- ھوللىۋود سەھىيسىدىكى قىسقا فىلىم – ئانا مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى
- سەھنە تۇيغۇسى ئاجايىپ كۈچلۈك چولپان بوۋاق
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ئادىمىيىتىڭىز ۋە نەپسىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان ئاجايىپ قالتىس سىناق
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
تۇنجى تەسىرنى ياخشى بېرىش بەك مۇھىم مەسىلە
دىۋاندا مىق بار! بىرەي يەرگە كىرمىدىما؟
ۋاھ،يۈز تۇرانە ئىمتاھاندا كۆپ ئەسقاتقۇدەك!
ۋوي، گەپنىڭ ئاخىرى بارئىدى،…
تۇنجى تەسىراتقا ئىتىبار بېرىدىغان كشىلەر كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ياكى مەلۇم ساھەدە ئۇتۇق قازىنىش نېسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى كىشلەر دەپ قارايمەن.
مەن ئادەتتە بۇنىڭغا خىلى ئىتىبار بىرىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە پسىخىكا، مۇئامىلە سەنئىتى قاتارلىقلارغا ئائىت ماتېرىياللارنىمۇ كۆرۈپ تۇرىمەن .
ياشاشنىڭ ئۆزى بىر نۇقتىدىن قارىغاندا دەل سەنئەتنىڭ ئۆزى.
مەنمۇ تۇنجى تەسىرگە ئىشىنىمەن، بەزىدە بۇنى 6- سەزگۈمىكىن دېسەم، بۇ يىلقى قىز دوستۇم«ئوغۇللاردا 6- سەزگۈ نېمە قىلىدۇ؟»دەيدا
بۇ يىلقى قىز دوست؟
ما سەھرالىق ئاداش شەھەرگە كىرىپ بۇزۇلۇپتۇ.
دەپ قويماڭلا جۇما!
قىز دوستىڭىز تورخۇمارغا كىرمەمتى؟
قىشلىق تەتىلدە قىزلار بىلەن كۆرۇشمەكچى ئىدىم. پايدىسى تىگىدىغان بولدى ماۋۇ يازمىنىڭ.
تىمىدىن ئىنكاسلارغا بەكىرەك كۇلىمەن،،،،