ئىزچىل تىرىشىپ ياشاۋاتقان 80-يىللارنىڭ باللىرى، ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيلى!!!
كىچىك چېغىمىزدا ئويۇنغا ئامراق ئىدۇق، ئارزۇ-ئارمان، غايە دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتۇق….ئارىدىن 10~20 يىللار ئۆتتى، ئاشۇ يىللاردىكى تەڭقۇرداشلارغا سالام! ھەممىڭلار ئامان-ئېسەنمۇسىلەر؟ ھەممىڭلارنىڭ ماڭا ئوخشاشلا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىڭلار باردۇ ھە؟ ھەممىمىزنىڭ شۇنداق بىر ئەسلىمىلىرى بولغان، بەلكىم بەزى ئەسلىمىلەرنى پەقەت ئاشۇ 80-يىللارنىڭ باللىرى ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن، چۈنكى بىزدە ئورتاق بولغان ھېسسىيات ۋە كەچۈرمىش بار…
قوشۇمچە تۆۋەندىكى تەڭتۈشلەر ناملىق ناخشىنىمۇ قالدۇرۇپ قوياي.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش,تەسىرلىك,جەمئىيەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 80-yillarning-balliri.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مۇز ئېراسىدىن يېڭى تەشۋىق فىلىم: يەرشارىدىكى قۇرۇقلۇق ئەسلى مۇشۇنداق پارچىلىنىپتىكەن (Ice Age 4)
- كېيىنكى يازما > ئاجايىپ قالتىس ئۈنۈمدىكى ئاۋاز كىرىشتۈرۈش تېخنىكىسى! ئابدۇكېرەم ئابلىز ئەسلىدە ناخشىچى بولسا بوپتىكەن!!!
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
دىۋان
راس . ماۋۇ فىلىمنى كۆرۇپ باللىق ۋاقىتلارنى ئەسلەپ قالدىم ،
ئاشۇ خوندولو دەپ ئويناپكىتىتۇق ئۇچرەتتە تۇرۇپ
ھازىر تۇرمۇش ئۇگۇنۇش ئالاڭچىلىقى
مىنىڭ كەپتەرلىرىم، لەگلەكلىرىم، قۇيۇنلىرىم……. تېخى مەھەللىدىكى كىچىك «خوتۇن»لىرىم(مىھماندارچىلىق ئويۇنلىرىدا خىلى خوتۇن ئېلىپ تاشلاپ قويغان… ) قىنىدۇ.
مېنىڭ بىر تاللا بارتى، ھازىرمۇ ئۇچرۇشۇپ قالساق چاقچاق قىلىپ خوتۇن دەپ قۇيىمەن، چاتاق يىرى، بۇرۇنقىدەك قىزارماس بولدى
ئەمما ماۋۇ تىما ئاجايىپ ياقتى ماڭا ، مەن 90 – يىلنىڭ بولساممۇ فىلىم بىشىدا چىققان ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئويناپ بىقىپتىمەن ، لىكىن ئارلىقتىكى بەزى كىنولارنى كۆرگەن ئىسىمدە يوق ، يەنە بىر كىنو بار ئىدى ، سىنگاپورنىڭ ، مەن بەك ئامراق ئىدىم ، شۇلا چالا قاپتۇ ئىسمى : ئىرا ۋىرۇسىنى بويسۇندۇرۇش ، ئاندىن ئاۋۇ ئۇچار بۆرە دىگەن كىنونى ئالامەت ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم ، ھەي بالىلىق چاغلار …
ئاۋۇ ئۇيۇنلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئويناپتىكەنمەن . رەگەتكە دىمەيتتۇق سوزماق دەيتتۇق
بىز چوناق دەيتۇققۇ
كامايلەك دېمەمتىڭلا؟
ساسچاڭ دەپ قوياتتۇق … ( قارىغاندا بەسەيچە ئىسىمكەندە )
رەھمەت! قېرىندىشىم ئەمگىكىڭىزگە ،
ھەش -پەش دىگۈچە مانا20يىل بۇلۇپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ !
ئاشۇبالىىقتىكى يىراقتا قالغان دوسىتلىرىمنى كۆرگەندەك بولدۇم !
ئېلىپبە…
مىم،مەشھۇركىشىلەر ھەققىدە ھېكايە بار ئېدى تېخى~!
ھە ھە ھە!!!90-يىللارنىڭ تىخىمۇ شاش جىمۇ!
ھەي شۇ چاغلار بەكلا پەيزىتتى جۇمۇ ، خۇندۇلۇ ئوينايمەن دەپ مەكتەپتىن قاچاتتىم، دادام رەھمەتلىك بەكلا تەربىيە قىلىدىغان ، ھەي،.،،
دادامنى بەكلا سىغىنىپتىمەن،
ۋوي، تورخۇماردا 80 بىلەن 90 نىڭ باللىرى خېلى بارمۇ نېمە؟ 90 نىڭ باللىرى بىر قولاڭلىنى كۆتۈرۈڭلارا؟!
مەن نەق 90 نىڭ، يۇقىردىكى فىلىمدىكى ئاز بىر قىسىم كىنودىن باشقا كۆپ قىسىم نەرسىلەرنى مەنمۇ ئىشلىتىپتىمەنكەن.
لىڭگىلتاختاق،چانا،چۇككالتەك،كامايلەك،غۇژژەك……….
قېنى ئەمسە 90-يىلىنىڭ باللىرى خوندولوغا ھۇررا…….. ::
بالىلىق دەۋرىم كۆز ئالدىمدىن بىر قىتىم ئۇچۇپ ئۆتكەندەك بولدى، ھەقىقەتەن ياخشى يازما بوپتۇ، ھەي بالىلىق، غەمسىز بالىلىق….
قىرىپتىمىز….
مەن گەرچە 92 نىڭ بولساممۇ يۇقارقى سىندىكى نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى بىلىدىكەنمەن
ئاراڭلاردا مەن ھەممىدىن كىچىكمۇ نېمە؟
مەن 90 يىلنىڭ بالىسى بولساممۇ سىلەر كەچۈرگەن بۇ كۈنلەرنى مەنمۇ كەچۈرۈپ بېقىپتىكەنمەن.
ئادەم كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆتمۈشنى ئەسلىسە ھەقىقەتەن گۈزەل بىلىنىدىكەن!
بۇ سىننى چۈشۈرۋىلىپ ساقلاپ قويمىسام ،،،ئاللا خالىسا باللىرىمغا كورسىتىشكە نىسىپ بولار،،،
رەخمەت سىزگە نۇرغۇن ئىشلارنى ئىسىمگە ساپ كۇيدىڭىز !!!