ئىككى دەۋرنىڭ پاسىبانى Bill Gates ۋە Steve Jobs ئەسرالاشقان شۇ مىنۇتلار…
Microsoft نىڭ قۇرغۇچىسى Bill Gates ۋە Apple شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Steve Jobs ھەر ئىككىسى دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن چوڭ شەخىسلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە، بۇ ئىككەيلەننىڭ بىرگە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقان ۋاقتىنى كۆرۈش ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس.
گەرچە، ئىككەيلەننىڭ بىر يەرگە كېلىپ پاراڭلاشقان ھالىتىنى كۆرۈش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، بىراق بەزىدە تاساددىپىي مۇنداق پۇرسەتلەر چىقىپ قالىدىغان ۋاقىتلارمۇ يوق ئەمەس. تۆۋەندە بىر يۈرۈش رەسىملەر ئارقىلىق ئىككىيلەننىڭ بىرگە غىزالىنىپ پاراڭلىشىۋاتقان ھالىتىگە نەزەر سېلىپ باقايلى…
Steve Jobs قارىماققا بىرەر ئۇلۇغۋار پلانىنى سۆزلەۋاتقاندەك، Bill Gates ئوغرىلىقچە كۈلىۋېتىپتۇ…
Bill Gates قاتتىق ھاياجان بىلەن Steve Jobs قا بىر نەرسىلەرنى چۈشەندۈرمەكتە
ئىككىيلەن ۋال-سترېت ژۇرنىلى پەن-تېخنىكا سالونىنىڭ ئاپتورى Walter Mossberg نىڭ سۆزىنى ئاڭلىماقتا، Bill Gates ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئانچە پسەنت قىلمىغاندەك ئولتۇرىدۇ
Bill Gates نىڭ چىراي ئىپادىسى سەل غەلىتە تۇرىدۇ، Steve Jobs بولسا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاڭلىماقتا
Bill Gates ھەدەپ Steve Jobs بىلەن پاراڭلاشماقتا، Walter Mossberg بولسا ياندىن قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغاندەك…
Bill Gates باشتىن ئاخىرى Walter Mossberg قا قاراپمۇ قويماي ئولتۇرىدۇ، قارىماققا ئۇنىڭ بىلەن ئانچە خوشى يوق بولسا كېرەك؟
Bill Gates ۋە Lotus نىڭ قۇرغۇچىسى Mitch Kapor ئىككىيلەن Steve Jobs قا قاراپ مۇغەمبەرلەرچە كۈلمەكتە، Jobs نىڭ بېشى نېمىشقا ساڭگىلاپ كەتكەندۇ؟
Mitch Kapor بىلەن Steve Jobs پاراڭلاشماقتا، Bill Gates بولسا ياندا چىرايىدا غەلبە كۈلكىسى ئەكس ئېتىۋاتقاندەك ھالەتتە تۇرىدۇ…
بۇ دۇنياۋى شەخسلەر بىر يەرگە كەلسە نېمە توغرىلىق پاراڭلىشىدىغانلىقى ھەقىقەتەن كۆپىنچەيلەن قىزىقىدىغان بىر مەسىلە. بۇ رەسىملەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، رەسىمدىكى Bill Gates بىر قەدەر «شاش»، Steve Jobs بولسا بىر قەدەر ئېغىر بېسىق، ھېچقانداق ئالاھىدە چىراي ئىپادىسىمۇ يوق.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، Jobs، Microsoft
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,579 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: jobs-and-gates.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پۇلى جىق ئادەمنى بوزەك قىلالمايسىز! 10 مىڭ دانە ئوق بىلەن Porsche 911 ئاپتوموبېلىنى ۋەيران قىلىۋېتىش!!!
- كېيىنكى يازما > سىز ۋە بىز بىلمەيدىغان Google ھەققىدىكى بىر قىسىم ئەپقاچتى پاراڭلار…
- Steve Jobs نىڭ جۇڭگودا مەۋجۇد بولۇپ تۇرالماسلىقىدىكى 6 چوڭ سەۋەپ
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- «جوبىسنىڭ ھاياتى» دېگەن كىنودىن تەسىرات
- Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
- 13 يىلدىن بېرى، Apple تۇنجى قېتىم كوكا-كولادىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماركىغا ئايلاندى
- ئالمىنىڭ تىجارەت تاكتىكىسى – iPhone 5C ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق ئايفون ئەمەس
يوۋۋۋۋۋۋۋ، بىزگىمۇ دىۋان تىگىدىكەن..
پاسىبانغا نۆۋەت كەپتۇ، يېڭى دەۋىردىكى پاسىبان، قېنى پەگاھقا مەرھەمەت!!!
بۇنداق تومۇز كۇنلەردە پەگا بىراز سالقۇنىراق ، راھەت…
سىتۋ جوبىزنىڭ چىراي ئالاھىدىلىكىدىن ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر بېسىق ئادەم ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىكەن .
جوبىزنىڭ گېپى چىقسىلا يادىمغا رەھبەر ۋە شامالغا ئەگىشىپ ماڭىدىغانلارنىڭ پەرقى يېڭىلىق يارىتىشتا، سىزنىڭ ۋاقتىڭىز چەكلىك، شۇڭا ئاشۇ ئاسىيالىقلارغا ئوخشاش، ۋاقتىڭىزنى باشقىلارنى دوراشقا سەرپ قىلماڭ. دىگەن مۇنۇ گەپلەر يادىمغا كېلىدىغان بولۇپ قالدى
ياۋ، ئاجايىپ قالتىس گەپ ئىكەن جۇمۇ ماۋۇ، خاتىرەمگە يېزىۋالدىم، مىنىڭ مۇ ئۆز – ئۆزەمگە دائىم دەيدىغىنىم (مەن باشقىلارنى دورىمايمەن، باشقىلار مىنى دورىسۇن، مەن باشقىلار ماڭغان يولدا ماڭمەيمەن، باشقىلار مەن ماڭغان يولدا ماڭسۇن،) ئاڭلىماققا سەل چۈشۈنۈكسىزدەك تۇرىدۇ …. قىسقىسى مەن ئۆز ئارزۇيۇم بۇيىچە يېڭىلىق يارىتىپ ياشايمەن، ………….جېق سۆزلەپ قويدۇم
قارىغاندا بۇ ئىككىسى خېلى يېقىن ئاغىنە ئوخشىمامدۇ! كۈلۈشۈپ ئۇلتۇرۇپ كېتىپتۇ !
بۇ ئىككىسى پۇلۇم بار دەپ ئازراق مولتۇرالامۇ نىمە شۇنۇڭ قۇرغۇچىسىمۇ بولغان بولسا ئەسىلى ھە گەپكە قالىيقلا بۇللاتتى دە
ئالما مەھسۇلاتلىرى بولمىغان بولسا ، سىتۋ جوبىز نى تونۇمايتۇق ، سىتۋ جوبىز بولمىغان بولسا ئالما مەھسۇلاتلىرىمۇ بولمايتى …
نېمە ئۈچۈن ئىككى دەۋرنىڭ دەيمىز؟ بۇنىڭ كەينىگە گەپ يوشۇرۇنغاندەك قىلامدۇ نېمە؟