نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

«جوبىسنىڭ ھاياتى» دېگەن كىنودىن تەسىرات

1.ئەمەلىيەتتە ئەرلەر پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كەسىپكە ئاتىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ ھاياتىدا ئارزۇ قىلغان ھەممە نەرسىسى بار بولغان بولىدۇ. خۇلاسە: ئوغۇللار چوقۇم تىرىشچان، مەسئۇلىيەتچان بولىشى كېرەك.

steve-jobs-movie

2.بىز ۋاقتىمىزنى باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تەڭشەش، كۆڭۈل ئاياش، تۈگىمەس سورۇنلارغا سەرپ قىلىۋاتقىنىمىزدا جوبىس ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئوكسىگىنغا ئارلاشتۇرۇپ بىزگە سىڭدۈرۈپ بولدى.

خۇلاسە: ھازىر ھەممەيلەن دىگۈدەك ئالمىنىڭ قۇلىغا ئايلاندى، ئۇ گۆرىدە يېتىپ بىزنى مازاق قىلىۋاتىدۇ ھەقىچان…باشقىلارنىڭ روھىدا ئەمەس ئۆزىڭىزنىڭ دۇنياسىدا ياشاڭ.(ئەمەلىيەتتە سىز ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە ئۇنىڭ ئەمگىكى بار).

3.دۇنيادا ئىككى رەھىمسىز ئادەم بولغان، بىرى گىتلىر يەنە بىرى جوبىس.(دوسلىرى ۋە تۇققانلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، گەرچە سەل ئاشۇرۋەتكەن بولسىمۇ)

خۇلاسە: ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ياۋايىلىق ۋە چېكىدىن ئاشقان بىلىم ئادەمنى ئىككى خىل تەقدىرگە باشلايدۇ.

4. ھاياتى كۈچكە ئىگە بولمىغان يېڭىلىق ياراتمىغان ھەرقانداق لاھىيەنىڭ ئالمىدا مەيدانغا كىلىشى ئالما ئۈچۈن ھاقارەت. (ئەينى ۋاقىتتا بېلگېيتىسمۇ ئالمىدىن ئوغرىلىغان سېستىمىنى ئۆزگەرتىپ بازارغا ساپتىكەن)

5.ئەمەلىيەتتە كىشىلەر دىققەت قىلمايدۇ دەپ قارالغان ئەڭ كىچىك نوقتا ئۇلارنى مەسھۇلاتقا جەلپ قىلىدىغان ئەڭ يارقىن نوقتا. (دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن نۇسخىلانغان يانفۇنلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى).

6.سىز باشقىلار ئۆزى ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان شەيئىگە ئېھتىياجى چۈشمەيدىغىنىنى قانداق  بىلىسىز؟…

خۇلاسە: يېڭىلىق ياراتقۇچى ھەرۋاقىت سەپنىڭ ئالدىدا.

7.يېنىدا بەشموچەننىڭ تايىنى يوق بىرتوپ كىشىلەر ئىچىدىن 90000 ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ لاھىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى يوقاتقانلار كېين ئىشلەمچى بولدى. تەمكىنلىك بىلەن «بۇ پۇل ئالمىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەرگىز يەتمەيدۇ» دېگۈچى كېين رەھبەر بولدى.

خۇلاسە: ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى تەمكىن تۇتۇشنى ئۆگنىۋېلىڭ، بولۇپمۇ سودىدا.

8. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملىرىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ.

خۇلاسە: تېنىڭىز سالامەت بولغاندىلا ئاندىن ئۆلسىڭىزمۇ باشقىلار غەيۋىتىڭىزنى قىلالىغۇدەك نەتىجە يارىتالايسىز.

9.ئېتىقادىڭىز ۋە مەدەنىيىتىڭىز يول قويغان ئەھۋال ئاستىدا ئەركىن يۈرۈڭ، سىرتقى نەرسىلەردىن بەكرەك ئىچكى دۇنيارىڭىزغا ئەھمىيەت بېرىڭ، شۇندىلا ھەممە يەردە خار بولمايسىز.

10. ئۆزىڭىز قىلغان ۋە باشلىغان ھەرقانداق ئىشقا ئاخىرغىچە ئىگە بولۇڭ، ئىگە بولالمىسىڭىز ئۇ ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ.

11.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ، خاتا تاللاپ قالسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق، ئۇنى ئەپۇ قىلالىغۇدەك ساپا ھازىرلاڭ، جوبىسمۇ شۇنداق قىلغان.(ئەلۋەتتە چەك-چىگرا ئېنىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا)



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ، ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,896 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: jobs-movie.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. .ئوربېتا 2013.10.22 , 19:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جوبىس . بۇ ئادەمگە قول قويماي بولمايدۇ

  2. مايكول 2013.10.22 , 19:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاخىرى يىڭىلىنىپتۇدە تېمىلا، مەنمۇ بىر دىۋان تالىشىپ باقاي.. :lol:

  3. ئەكرەمجان 2013.10.22 , 20:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي خۇدا ئەخىرى ھىت تۇگەپتۇ ھە..

  4. رىچارد 2013.10.22 , 20:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئەجەپ تاپالمىدىمغۇ مۇنۇ فىلىمنى ئ

    • ئابومجان 2013.10.23 , 01:32

      乔布斯دەپلا ئىزدىڭە … سۈزۈك نۇسقىسىمۇ چىقىپ بولدى بۇنىڭ ، بىر كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ ، رەمەتلىك بالدۇر كىتىپ قالدىدە …
      ھە راس ، بۇلۇپمۇ مۇشۇ كومپىيۇتېر بىلەن ئۇزاق ھەپلىشىدىغانلا ، پىروگىراممىرلا سالامەتلىكىڭلاغا بەك دىققەت قىلساڭلا بوغىدەك, جىق ھەركەت قىممايدىغان ، كىچىمۇ كىچە تۈنەيدىغانلا ، شەپەرەڭدەك كىچىسى بىلەن كۈندۈزى ئاملىشىپ قاغانلاغا سەمىمى ئەسكەرتىش ، راك كىسىلى دىگەن نىجىس مۇشۇنداقلاغا بەك ئامراقمىش ، جوبىسمۇ خىزمەت بېسىمى بەك ئېغىر ھەم دەم ئېلىشقا سەل قارىغانلىقتىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىپتۇ ، يېقىندا تېخى لى كەيفۇ دەيدىغان گوگىلنىڭ جۇڭگۇدىكى سابىق لاۋداسى راك كىسىلى بوپ قاپتۇ ، ئۇ ئەدەممۇ راك بۇلۇش سەۋەبىنى يىغىنچاقلاپ كىچە كۈندۈز جاپالىق خىزمەت ، دەم ئېلىشقا سەل قارىغانلىقىمدىن بولدى دەيدۇ ، ئاللا ھەممىمىزنىڭ تىنىنى ئامان قىلسۇن ، لىكىن يارىلىشىڭنى مەن ياراتتىم يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدىن دەيدىغان گەپمۇ با

  5. ئابومجان 2013.10.23 , 01:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوھوي خېلى تەپسىلى كۈرۈپسىز جۇمۇ بۇ كىنونى ، كىنودا جوبىس گەيتىسقا تېلفۇن قىلىپ سەن مىنىڭ سېستىمامنى ئوغۇرلاپسەن دەپ بەك سەت قايناپ كىتىدىغۇ
    لىكىن كىنودىمۇ چىقىدۇ ئەجايىپ جاھىل زىل ئەدەمكەن بۇ جوبىس ، خەق نەچچە ئاي ئاران ياسىغان لاھىيەنى بىر قاراپلا بومماپتۇ قايتا ياسا دەۋىرىدىكەن ،ئەگەر جوبىسنىڭ ئورنىدا مەن بوپ قاغان بوسام ، مەن ياساپ چىققان ئالما تېلفۇننى ھېچ قايسىڭلا ئىشلەتمەس بوغايتىڭلا ھەقچان ھې ھې …
    كىنودىكى بىر كۈرۈنۈش بەك يارايدۇ ماڭا ،جوبىس ئالمىدىن ھەيدىلىپ بىرقانچە يىلدىن كىيىن ئالمىغا قايتىپ كەسىلە غۇجام دەپ بەك يالۋۇرۇپ كىتىدىغۇ ، جوبىس ئالمىغا قايتىپ كىلىپلا ئەينى ۋاقىتتا بىرلىشىۋېلىپ جوبىسنى ھەيدىۋەتكەنلەنىڭ كۆتىگە تىپىدۇ ، ئوغاۋالا ئەكەك

  6. ياخشى ئۇكاش 2013.10.23 , 11:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك بەلەن ئىشلىەپتۇ.
    ئۇيغۇرچە خەتلىكى يوقمىدۇ بۇ كىنونىڭ؟
    ئۆزتىلدىكىنى كۈرۈپ بولدۇم.

    • ئىسيانكار 2013.10.23 , 13:50

      تەدبىركار ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىۋىتەمىكى :grin:

    • تورخۇمار 2013.10.23 , 20:06

      ئۇندا دەپ قاراپ ئولتۇرماي، ھايت-ھۇيت دەپ بەشلا ئادەم بۆلۈشۈپ قىلساڭلار تەرجىمە پۈتىدۇ. مەن چىرايلىق قىلىپ ئىسىملىرىڭلار بىلەن كۇلۇبنىڭ ئىسمنى بېسىپ پرىسلاپ بەرسەم، بۇنى كۇلۇبتا تارقاتساق ئوپچە كۆرسەك ياخشى ئەمەسمۇ؟

  7. تەمكىن 2013.10.23 , 11:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ كىنونىڭ بىۋاستە ئۇلۇنىش ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويمەمسىلەر،بىزمۇ كۆرۈپ باقايلى،مەن توردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم

    • سەزگۈر 2013.10.27 , 16:52

      تەرجىمىسى قىلىنىۋاتىدۇ، پۈتەيمۇ دەپ قالدى، ھازىر خەتلىرىنى تەھرىرلەش ۋە سۈزۈك فىلىمىنى تېپىش تەسكە توختاۋاتىدۇ، توردىمۇ تېخى شۇ بىرقانچە خىللا نۇسخىسى باركەن. ئەڭ مۇھىمى، ھازىرقى خەت ھۆججختىدە خاتالىقلار بەكلا كۆپ، ئىنگلىزچە نۇسخىسىدىن تارتىپ مەسىلە بار.

  8. ئىلچىن 2013.10.23 , 15:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىنونى مەنمۇ كۆرگەن، بۇ يازما كىنودىنمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ، بولۇپمۇ ئىككىنچى جۈمىلە ئەقىلىيە سۆز بەك جايىغا چۈشكەن، مەن مۇشۇكىنونى كۆرۈپ يۈرىكىمگە تەگكەن ۋە مېنى ئويلاندۇرغا مەسىلە دەل مۇشۇ، يەنە جوبىسنىڭ دوستلىرىغا رەھىمسىزلىكى…
    كونىلار توغرا دەپتىكەن، كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق

  9. ھەسەل 2013.10.23 , 17:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تورخۇماردا سەيلە قىلىپ يۈرگىلى 2يىل بوپتۇ،تور كۆرگۈنى قوزغۇتۇپ تۇنجى بولۇپ تورخۇمارنى كۆرۈش ھەۋەسلىرىمنىڭ بىرى بوپقالغان،غەيرەتكە كېلىپ يازغان تۇنجى تېمامنىڭ تەستىقلانغىنىنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم ۋە روھلانغاندەك بولدۇم … رەخمەت دوسلا

  10. خىيال 2013.10.27 , 15:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ھازىر قاتتىق ئۇيغۇرچىسىنى تەرجىمە قىلۋاتىمەن ئەينا …

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量