سىز ۋە بىز بىلمەيدىغان Google ھەققىدىكى بىر قىسىم ئەپقاچتى پاراڭلار…
گۇگېل توغرىسىدا ئىلگىرىمۇ بىر قىسىم رىۋايەتلەر سۆزلەنگەن. ئەلۋەتتە، تۆۋەندىكىلىرىمۇ كۆپچىلىك بىلمەيدىغان گۇگېل ھەققىدىكى بىر قىسىم ھېكايەتلەر…
1. Foursquare نىڭ قۇرغۇچىسى Dennis Crowley تېخى گۇگېلدا خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىدا، شىركەتتىكى ئاتامانلارغا ئى-خەت يېزىپ، Twitter نىڭ زور ئىستىقبالى بار ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان، بىراق «چوڭاملار» بۇنىڭغا پىسەنت قىلىپ قويمىغان، چۈنكى ئۇ چاغدىكى گۇگېل شىركىتى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىستىقبالى يوق دەپ قارايدۇ. ئالاھەزەل بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا گۇگېل شىركىتى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاسمانپەلەك باھا بىلەن Twitter نى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇدەك.
2. 李彦宏(بەيدۇنىڭ قۇرغۇچىسى) بولسا، Dow Jones شىركىتىنىڭ تارمىقىدىكى بىر بالا شىركەت IDD ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتىدىن چىققان، شۇ ۋاقىتتا ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلانما ئارقىلىق توردىكى ئۇچۇرلارنى دەرىجىگە ئايرىيدىغان بىر خىل ئۇسۇلنى بايقىغان، ئۇنىڭ بۇ بايقىشى گۇگېل بىلەن تەڭ دېگۈدەك ۋاقىتقا توغرا كېلەتتى. ئۇ بۇ ئىشنى Dow Jones دىكى خوجايىنىغا ئېيتقان، بىراق شىركەتتىكىلەر بۇ ئىشقا ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ شىركىتى بىلەن تورنىڭ ئانچە كۆپ مۇناسىۋىتى يوق ئىدى، شۇنىڭ 李彦宏 شىركەتتىن ئىستېپا بېرىپ ۋەتەنگە قايتقان ۋە بەيدۇنى قۇرغان، بۈگۈنكى كۈندە، بەيدۇ جۇڭگو بازىرىدا گۇگېلنى مەغلۇب قىلىپ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر گىگانت ئىزدەش ماتورى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
3. لىكەيفۇ 2002-يىلى مىكروسوفتتا ئىشلەۋاتقان چاغلىرىدا، مىكروسوفتنىڭ گۇگېلنى سېتىۋېلىشى ھەققىدە گەيتىسكە مەسلىھەت سالغان، بىراق گەيتىس ئۇلارنىڭ قويغان باھاسى بەك يۇقىرىكەن دەپ قوشۇلمىغان ۋە مۇنداق دېگەن: ئۇ شىركەتنىڭ ھېچقانداق كىرىمى يوق تۇرۇپ 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى باھا قويىۋاپتۇ، بۇ بالىلار نامراتلىقتىن تۈگىشىپ كېتىدۇ.
4. YouTube نىڭ قۇرغۇچىسى چىرايلىق قىزلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى توغرىلىق ئىشلەنگەن سىنلارنى YouTube غا يوللىغاندا، ھەر 10 سىنغا 100 ئامېرىكا دوللىرى بېرىدىكەنتۇق.
5. گۇگېلنىڭ قۇرغۇچىلىرى Larry ۋە Brin ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن، 35 ياشلىق Stacy Sullivan يۈز تۇرانە ئىمتىھان بەرگەندە، Larry ۋە Brin ئۇنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنىمۇ سوراپ باققان. گۇگېلدىكىلەر بۇ نومۇر بىر ئادەمنىڭ ئەقىللىق ياكى دۆتلىكىنى بەلگىلىيەلەيدۇ دەپ قارايدىكەن.
6. Larry ۋە Brin نىڭ گولف توپ بىلەن قەتئىي خوشى يوق ئىكەن، شۇڭا تا ھازىرغىچە بىرەر گولف توپ مۇسابىقىسىگىمۇ خالىسانە قوللاش ئېلىپ بېرىپ باقماپتۇ.
7. گۇگېل باشقىلارنى خىزمەتكە ئېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم 25 قېتىم يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىشنى بەلگىلىگەن. ئادەتتە بەلگىلەنگەن يۈز تۇرانە ئىمتىھان 20 قېتىم بولۇپ، گەرچە 4-قېتىملىق يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، كېيىنكى ئىمتىھانلار ئانچە بەك قىيىن بولمىسىمۇ، بىراق يەنىلا تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈلىدىكەن. ھازىر گۇگېلدىكىلەر تىرىشىپ بۇ ئىمتىھانلارنىڭ سانىنى ئازلىتىشقا ئۇرىنىۋېتىپتۇ. ناۋادا سىز گۇگېلغا خىزمەتكە كىرمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئاز دېگەندە 45 كۈندىن 60 كۈنكىگە گۇگېلدا يۈز تۇرانە ئىمتىھان بېرىپ ئاندىن رەسمىي خىزمەتكە ئېرىشەلەيدىكەنسىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Google,گۇگېل
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: you-do-not-know-google.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۇيغۇرچە خەتلىك بىر MV : كىم دەيدۇ(Who Says) – سۈزۈك 1080P لىق نۇسخىسى
- كېيىنكى يازما > «پەندورا سېھىر قۇتىسى» ئېلىپ كەلگەن ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىغان 3D پرويېكسىيە ماھارىتى!!!
تۇنجى ئىنكاسنى يىزىۋىتىپ ئاندىن ئوقايچۇ، دىۋانچىلاربالدۇر چىقىپ قالمىسۇن.
گوگېلغا خىزمەتكە كىرەلمەي بىشىغا ئاق كىرىپ كىتدىغان ئوخشايدۇ.
شۇنداقتەك تۇرىدۇ!
گۇگېلغا خىزمەتكە كىرىش ئاسان ئەمەسكەن جۇمۇ، 4- قېتىملىق ئىمتاھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن باشقىلىرى ئانچە تەس بولمىسا، بۇ ئىمتاھانلارمۇ ئانچە مۇھىم دەپ كەتكىلى بولمىغىدەكقۇ…
مەن گۇگىلدا ئىشلىگىلى 5 يىلدەك بولۇپ قالدى
مەن بۇرۇن google دا ئىشلەيتىم، ھازىر facebook غا يۆتكىلىۋالدىم .
google بىلەن facebook تە ئىشلەيدىغانلار تورخۇمارغا ئىنكاس يازغىنىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ توخۇمارغا كۆزى چۈشۈپتۇ ، تورخۇمارنىڭمۇ ئىستىقبالى باردەك قىلىدۇ جۇمۇ
لىكەيفۇنىڭ مىكرو بلوگىدىن كۆرۈپتىكەنمەن .
مەن googleدىمۇ ئىشلىمەيمەن facebook تىمۇ ئىشلىمەيمەن facebookبىلەن googleمەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ
ماگەپنى
گوگىلدىكى ceo نەۋرەم گوگىلغا ئۇيغۇردىن بىر قانچىنى ئالدۇق دەۋاتاتتى. ھەممىڭلار بۇ يەردىكەنسىلەردە
يەنىلا ئۆزەمنىڭ ئىشى ياخشىكەن …
ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش بىپەرۋالىق قىلسىلا،كىين چوڭ پۇشايمانغا قالىدىغان گەپ شۇ…
ھازىرقى نىشانىمىز Google ۋە facebook نىسىتىۋىلىش، ئۇلارنى سىتىۋىلىپ بولغاندىن كىيىن تور خۇمارنى سىتىۋىلىش پىلانىمىز بار
بادامنىڭ ئاتامانلىرى ئەلشاتنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ
بادامنى ئاخشام سېتىۋالدىم،بىر تەخسە لەڭپۇڭغا!
ئازراق ئەتىر چىچىپ قويۇڭلار ماۋۇ يەرگە.
بۆرە تېگىن بەش موچەنگە 上市بولدى، مەبلەغ سالغۇچى چاقىرىدۇ(بىر پاي بەش مو جۇمۇ)
ۋاي تېخى گوگولنى سېتىۋالامىش مەن رۇخسەت قىلسام سېتىۋالارسىلە…..