نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

SMS Backup ئارقىلىق Android دىكى قىسقا ئۇچۇرلارنى Gmail دا زاپاسلاپ مېڭىش

sms-backup-android

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بەزىدە يانفوندىكى قىسقا ئۇچۇرلارنى زاپاسلاپ خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قويۇش ئېھتىياجى چىقىپمۇ قالىدۇ. SMS Backup بولسا دەل يانفوندىكى قىسقا ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك ھالدا gmail غا زاپاسلاپ ماڭىدىغان قورال، Gmail نىڭ مۇقىملىقىغا كەلسەك، يەنە نەچچە ئون يىلغىچە جاھاننىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا ئەلۋەتتە گەپ كەتمەيدۇ…

Gmail دا بۇ ئۇچۇرلار ئېلخەت شەكلىدە ساقلىنىدۇ، ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئىزدەپ تېپىش قولايلىق، مەسىلەن، سىز توردىن بىرەر نەرسە سېتىۋېلىپ، يانفونىڭىزغا كەلگەن قىسقا ئۇچۇر ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن بولسا، يانفونىڭىزنى ئېلىپلا Gmail نى ئېچىپ تاپالايسىز.

sms

ئەلۋەتتە، بۇنىڭ بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن ئانچە بەك زۆرۈر ئەھمىيىتى بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن. بىراق، ناۋادا 80 ياشقا كىرگەن چېغىڭىزدا، 20 ياشتا يېزىشقان قىسقا ئۇچۇرلىرىڭىزنى خالىغانچە ئېچىپ كۆرەلىسڭىز، بۇمۇ قالتىس ئىش بولىدۇدە! ئۇنىڭ باشقا سۆزلىشىش خاتىرىسىمۇ ئاپتوماتىك ساقلىنىدۇ، ئۇسۇلى قىسقا ئۇچۇرغا ئوخشاش، Call Log ئىسىملىك خەتكۈش ئاستىغا ساقلىنىدۇ.

Android قوللانچى بازىرىدىن چۈشۈرۈش     |    مەنبە: torhumar.com



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. پرېستان 2011.09.24 , 00:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانىلار كۆرۈنمەيدىغۇ؟

    • بۆرەيار 2011.09.24 , 16:11

      پرېستانغا كېتىپتۇ، كىيىنكى پاراخوتتا ئۇلارغا تارقىتىلىدىغان ئالتۇنلار كېلەرمىش

  2. ئو.تۇرپان 2011.09.24 , 01:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزىڭىز چىقىۋاپسىز،-دە. دىۋانىلەرگە قالدۇرۇپ قويىدىغان ئىشكەندۇق.

  3. مۇخلىس 2011.09.24 , 07:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا بۇ ئۈمۈرۈمدە دېۋان تەگمەيدىغان ئوخشايدۇ!!!:twisted:

  4. بىغەم 2011.09.24 , 16:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانغا ئولتۇرۋالغاننىڭ نىمە پايدىسى؟
    داستىخاندىكى مەزەگە ئىغىز تىگەلىسەكلا دىۋانمۇ، سۇپىمۇ، پەگاھمۇ ئوخشاش ئەمەسمۇ؟

  5. شاھزاد 2011.09.24 , 20:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت بۇرادەر

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量