نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

iPad ،iPhone قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە Google Sync ئارقىلىق ئالاقە دەپتىرىنى ماس قەدەملەش دەرسلىكى

google-sync-ios

ھەرقانداق يانفون ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن، يانفوندىكى ئالاقە دەپتىرىدىن مۇھىم ئۇچۇرلار بولمىسا كېرەك. بەزىدە يانفون يۈتۈپ كېتىش، ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇزۇپ قويۇش دېگەندەك سەۋەپلەر بىلەن، يانفوندىكى مۇھىم ئالاقە نومۇرلىرىدىن ئايرىلىپ قالىمىز، ناۋادا بۇ نومۇرلار باشقا بىر جايدا ماس قەدەمدە زاپاسلىنىپ ماڭغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە؟

Google Sync بولسا Google تەمىنلىگەن بىر خىل ھەقسىز مۇلازىمەت، Google Sync ئارقىلىق سىز يانفونىڭىزدا Gmail، ئالاقە دەپتىرى(Contacts) ۋە Google Calendar(كالېندار) قاتارلىقلارنى ماس قەدەمدە ئېلىپ يۈرەلەيسىز…ھازىر Google Sync قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەردىن iOS 3.0 دىن يۇقىرى مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلەتكەن ئالما مەھسۇلاتلىرى(iPhone ،iPad ۋە iPod Touch لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، Nokia S60 يانفونلىرى، قارا بۆلجۈرگەن يانفونلىرى(BlackBerry، پەقەت Contacts ۋە Calendar نى قوللايدۇ)، Windows Mobile يانفونلىرى ۋە SyncML يانفونلىرى(بىر قىسىم Sony Eriecsson يانفونلىرى، پەقەت ئالاقە دەپتىرىنى ماس قەدەملەشكە بولىدۇ) قاتارلىقلار بار.

ئەسكەرتىش: بەزىلەر يانفوندىكى QQ通讯录، 360安全卫士 قاتارلىقلارنىمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدارى بارغۇ دېيىشى مۇمكىن. قايسىنى تاللاپ ئىشلىتىش ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارىدىكى مەسىلە.

بۈگۈن مەخسۇس iOS 3.0 دىن يۇقىرى ئۈسكۈنىلەردە Google Sync نى قانداق تەڭشەشنى سۆزلەپ ئۆتىمىز، بۇ يەردە iPhone مىسالغا ئالىمىز، iPad ۋە iPod Touch تىمۇ ئاساسەن ئوخشاش.

1. ئاۋال قىلىدىغان ئىش، چوقۇم iPhone دىكى ئالاقە دەپتىرى ۋە كالېندار ئۇچۇرلىرىنى زاپاسلىۋېلىش كېرەك. چۈنكى تەڭشەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىرىنچى قېتىم ماس قەدەملەش ئېلىپ بېرىلغاندا، iPhone دا ئەسلىدە بار بولغان بارلىق ئالاقە ئۇچۇرلىرى ۋە كالېندار ئۇچۇرلىرى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدۇ.

2. زاپاسلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قول سېلىپ باشلاپ كەتسەك بولىدۇ. ئەمىسە دىققەت: ئاۋال iPhone نىڭ تەڭشەك(设置) قىسمىغا كىرىمىز.

image

3. «ئېلخەت، ئالاقە دەپتىرى، كالېندار(邮件,通讯录,日历)» تۈرىنى ئاچىمىز.

image

4. ئاككونت قوشۇش(添加帐户) نى چېكىمىز.

image

5. بىرىنچى ئورۇندىكى «Microsoft Exchange» تۈرىنى تاللايمىز، ھەرگىز ئاستىدىكى Gmail نى تاللاپ سالماڭ.

image

6. ئېلخەت ھېساباتى ۋە پارولىنى كىرگۈزۈپ بېرىمىز.

image

7. تاپشۇرۇشنى باسقاندىن كېيىن، ئاككونتقا نىسبەتەن دەلىللەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاندىن «无法验证此证书» دېگەن دېئالوگ رامكىسى كۆرۈنىدۇ، 接受 نى باسىمىز.

image

8. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۆرۈنمە يۈزدە «مۇلازىمېتىر(服务器)» تېكىست رامكىسى كۆرۈنىدۇ، m.google.com نى كىرگۈزۈپ كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.

image

image

9. بۇ قېتىم دەلىللەش مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ، يېڭى بىر كۆرۈنمە يۈزگە ئالمىشىدۇ. بۇ كۆرۈنمە يۈزدە، سىز ماس قەدەملەشتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ھەر قانداق مەزمۇننى تاللىسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن ئېلخەت، ئالاقە دەپتىرى ۋە كالېندار قاتارلىقلار، ئاخىرىدا 完成 نى باسىمىز.

image

10. بۇ چاغدا سىز ئاككونتىڭىزنىڭ ئاللىقاچان ئوڭۇشلۇق قوشۇلغانلىقىنى بايقايسىز. ھەمدە ماس قەدەملەشتۈرۈش تەڭشەكلىرى كۆرۈنىدۇ. ئەمدى قىلىدىغان ئىش 获取新数据 تەڭشىكىدىن ئۇچۇرغا ئېرىشىش شەكلىنى تاللايمىز.

image

11. 获取新数据 كۆرۈنمە يۈزىگە كىرگەندىن كېيىن، 推送 ۋېكلىيۇچاتېلى كۆرۈنىدۇ. بۇنى ئېچىپ قويساق، Web ھالەتتىكى بارلىق ئۆزگەرتىلگەن ئۇچۇرلار ئاكتىپ ھالدا يانفونىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ، ئېتىپ قويساق ئەكسىچە بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلارنى ماس قەدەملەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر، ئەمما ئېقىم مىقدارىنى سەل جىق خورىتىدۇ. سىز يەنە ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى ئارىسىدىن 15 مىنۇت، 30 مىنۇت دېگەندەك تۈرلەر ئارقىلىق ۋاقىتنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئالدىنقى ئۈچى ھەر قېتىملىق ئۇچۇر ئەۋەتىش ئارىسىدىكى ۋاقىتنى كۆسىتىدۇ. ناۋادا 手动 دېگەننى تاللاپ قويسىڭىز، ئۇچۇرلار پەقەت سىز ئۆزىڭىز يېڭىلىغاندىلا ئاندىن يېتىپ كېلىدۇ.

image

12. مۇشۇ جايغا كەلگەندە، بارلىق مەشغۇلاتلار ئاخىرلاشقان بولىدۇ. iPhone نىڭ Home كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، 邮件,通讯录,日历 قوللانچىسىغا كىرسەك، بىزنىڭ Google ھېساباتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار چۈشۈرۈلۈشكە باشلايدۇ.

كېلەر قېتىم Nokia نىڭ S60 يانفونلىرىدا Google Sync ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ماس قەدەملەش دەرسىنى سۆزلەيمىز. قىززىققۇچىلارنىڭ دىققىتى داۋاملىق تورخۇماردا بولغاي.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ھەۋەسكار 2011.09.18 , 23:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان….:grin:

  2. مەن شۇ 2011.09.19 , 10:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانىغا پۇل يوق بەرگۇدەك

  3. ئىلتەك 2011.09.19 , 19:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Home كۇنۇپكىسى قەيەردە مەن ئاخىرىنى تاماملىيالمىدىم ،ياردەم قىلىڭ

  4. روھچىن 2011.09.20 , 11:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاندرويد نىڭ يوقمۇ

    • مىسران 2011.12.23 , 23:35

      ئەنجۈردە بۇنچىۋالا جاپا تارتىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى سىستېما google نىڭ. تېلېفون دەپتىرىدىن سىرت، تور كۆرگۈچ خەتكۈچلىرى، كالىندارلىرىدىن تارتىپ ماس قەدەملىشىدۇ.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量