ماشىنا ئويۇنلىرىنىڭ سەركىسى 极品飞车16:亡命天涯 نىڭ PC نەشىرى ئېلان قىلىندى!
ھەر يىلىنىڭ ئاخىرى مۇشۇ ۋاقىتلاردا، خۇددى دېيىشىپ قويغاندەكلا «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» دىن كېيىن مۇسابىقە ئاپتوموبېلى ئويۇنلىرىنىڭ ئىچىدىكى سەركەردە دەپ نام ئالغان 极品飞车 ئويۇنى ئۆزىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ يىلمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق. ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Need for Speed ئويۇنى «极品飞车16:亡命天涯(ئېنگلىزچە نامى Need For Speed: The Run)» ئاخىرى ئېلان قىلىندى!
ئويۇن توغرىسىدا ئارتۇق چۈشەنچە بېرىشمۇ ھاجەتسىزغۇ دەيمەن. ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان بىر قاتار تەشۋىق فىلىملەرنىڭ ئۆزىدىنلا، تورخۇمارلىرىمىزنىڭ بۇ ئويۇنغا بولغان يوشۇرغۇسىز تەقەززاسىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس.
ئويۇننىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىۋى:
ئەڭ تۆۋەن سەپلىمە:
مەشغۇلات سېستىما: Windows Vista SP2 32-bit(تېخىچە XP ئىشلىتىۋاتقان تورداشلار ئەمدى ھاي بېرىڭلار)
بولمىغاندا DirectX 10 قاچىلانسۇن
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(CPU دېگەن شۇ): 2.4 GHz Intel Core 2 Duo or equal AMD
ئىچكى ساقلىغۇچ: 3GB
قاتتىق دېسكا بوشلۇقى: 18GB
AMD سىنكارتا: 512MB لىق كۆرسىتىش سىغىمى سەپلەنگەن ATI Radeon 4870 or better
NVIDIA سىنكارتا: 512MB لىق كۆرسىتىش سىغىمى سەپلەنگەن NVIDIA GeForce 9800 GT or better
تەۋسىيەلىك سەپلىمە:
مەشغۇلات سېستىما: Windows 7 SP1 64-bit
نوچىسى يەنىلا DirectX 11 قاچىلانسۇن
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(CPU شۇ): 3.0GHz Intel Core 2 Quad or equal AMD
ئىچكى ساقلىغۇچ: 4GB
قاتتىق دېسكا بوشلۇقى: 18GB
AMD سىنكارتا: 1GB لىق كۆرسىتىش سىغىمى سەپلەنگەن ATI Radeon 6950
NVIDIA سىنكارتا: 1GB لىق كۆرسىتىش سىغىمى سەپلەنگەن NVIDIA GeForce GTX560
قاچىلاش كۆرسەتمىسى:
1. پۈتۈنلەي لاتىنچە ھەرپتىن تۈزۈلگەن مۇندەرىجە پرېستىن يېشىپ بېرىمىز؛
2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز؛
3. يېشىش يامىقىنى ئۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئويۇننى باشلاپ كەتسەكلا بولدى؛
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
极品飞车16:亡命天涯 نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | يېشىۋېتىش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: nfs، ئاپتوموبېل، ئويۇن، ماشىنا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,704 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: nfs16.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 8 : ھازىرقى زامان ئۇرۇشى 3»(使命召唤8) نىڭ PC نەشىرى ئېلان قىلىندى!
- كېيىنكى يازما > FIFA12 دىكى پۇتبولچىلارنى ھېچ يەردىن تاپالمايسىز، دۆلەت كوماندىسىدىمۇ بۇنداق فىگورىسى بار توپچىلار يوق!!!
- گېرماننىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى مۇنداق ۋەھشەتكەن!
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- BMW ئاجايىپ سەتەڭ يېڭى تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى چىقىرىپتۇ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىككەن
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
راستما!!!! ھازىر مەجبۇرىيەت چاقىرقىنى تېخى ئويناپ تۈگۈتۈپ بولالمىغانىدىم. بەك ياخشى بولدى. مۇشۇ ئويۇننى ھەم قەدىمى قەبرىدىكى پەرى كۆلەڭگۈسى9 نى ئوينايمەن دەپ كومپيوتېرنى تەييا قىلىپ ساقلاپ تۇرغىلى خېلى بولغان. بىرىنجى بولۇپ تورخۇمارغا، ئاندىن ئىشلىگەن شېركەتكە ئالدىن رەھمىتىمنى ئېيتىۋالاي… رەھمەت!
چۈشۈرۈش ئادرېسى ئۇلانمايدىغۇ؟
14 چىلىك ئىسىل چىقماپتۇ ، ماشىنىلارنى ئەركىن كونترول قىلغىلى بولمايدىكەن ، 13 بىلەن 15 نىڭ كونترول قىلىش ئۇسۇلى ئىشلىتىلىپ قاپتۇ . جەڭگاھ3 ئويۇنىنى ياسىغان گۇرۇپپا ياسىغان ئويۇنداك قىلىدۇ . تەشۋىقات فىلىمىدەك ئىسىل چىقماپتۇ بۇ ئويۇن .
ئامما لىكىن ساق بىر يېرىم سائەتتە قاچىلىنىپ بولدى ھە بۇ كاساپەت .
ئاۋۇ رەسىم قىستۇرمىسى پىچەتكەن !
مەن مەجبۇرىيەت چاقىرقى 8 نى ئويناپ بولدۇم لىكىن جەڭگاھ3 نى ئويناي دىسەم شەنكارىم DirectX 10 دىن چوڭىنى قوللىماىدىكەن ئەمەسمۇ كاساپەت مىنىڭ سوراىدىغىنىم شەنكارىمنى ئالماشتۇرماي تۇرۇپ DirectX 10 دىن يۇقىرى نەشرىنى قاچىلاشنىڭ ئامالى بامۇ ياردەم قىلغان بولساڭلا بۇپتىكەن
بولىدىكەن، مەنمۇ سىزدەك ئەھۋالغا يولۇقۇپ تۆۋەندىكى ياماقنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ھەل قىلىۋالدىم. سىناپ بېقىڭە
http://dl.dbank.com/c0243jj7z1
ئەمىسە مېنىڭ سەپلىمەم يامان ئەمەس ئوخشايدۇ ،DirectX 11 نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن ، 战地3 ، 极品飞车16 ، 使命召唤8 دىگەندەكلەرنى مىت قىلىپ قويماي سۆرەۋاتىدۇ
ياش چوڭايغانسېرى، ئويۇن ئويناش خوشياقمايدىغان بولدى دېسە، قانداق قىلساق بولار؟
بىر مۇنچە نەرسە يازسام نىمىشكە چىقمايدۇ؟
مىنىڭ سىنكارتام HD6870 تى ئۇچار ماشىن 14 تنى ئوينىسام سەلقېتىۋالغاندەك ھېسقىلدىم
مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ E5400 2.7لىكتى ئاساسى تاىتا جىجاp41تى ئىچكى ساخلىغۇچ 2gb تى قايەرنىڭ مەسىلسى
孤岛危机2نى ئوينىيالمىدىم قېتىۋالدى
مىنىڭ ئاۋۇ سەپلىمەم سىنكارتىغا ماسكەلگەنمىدۇ بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز
CPU سەل كىچىك كەپ قالغاندەك تۇرىدۇ
http://item.taobao.com/item.htm?id=9412540136
ماۋۇ شۇتى لىكىن ئۇباھادا ئالمىغان 1870سومغا ئاكغان 6ئاي بولدى
ئالدىنقى كۈنى 15 نى چۈشۈرگەن ئىدىم. بەك ياخشى ئەمەس ئىكەن. بۇ قانداقراق ئويناپ باققانلار بارمۇ ؟
سىنكارتىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىكەن. سىنكارتا بولا شۇندا بولا ئەمدى.
تورخۇمار ئاغىنە دىگەندەك مەركىزى بىر تەرپ قىلغۇچنى ئالماشتۇرۇڭ، ئاندىن ئىچكى ساقلىغۇچنى يەنە چوڭايتىڭ 4گىگابايىت بولسۇن.
مەن قاچىلاپ قوزغاتسام تورغا ئولىنىپ بىر نەرسە تەكشۈرىمىز دەپ ئۇچۇر چىقىپ قوزغالمىدى، ئۇنى ئۆچۈرۋېتىپ يېشىش يامىقىنى ئۇرۇۋېتىپ قوزغاتسام تۆۋەندىكىدەك خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى:
The program cant start because d3dx11_43.dl is missing from your komputer
بۇ دېرىكتىكىسنىڭ ماس كەلمىگەنلىكىمۇ ياكى مەن ياماقنى ئۇرماي تۇرۇپلا قوزغاتقاننىڭ ئىشىمۇ؟
دېرىكتىكىسنىڭ نەشرى 11 ئىدى بولمىسا!