نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

极品飞车16:亡命天涯 ئويۇنىنىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى!

need-for-speed-the-run-video

EA نىڭ ئاپتوموبېل ئويۇنلىرى ئىچىدىكى گىگانت ئەسەر «极品飞车16:亡命天涯» نىڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىنىپتۇ، ئويۇن ئوينىغۇچىلار كۈندۈزى ۋە كېچىسى قانۇنسىز ئاپتوموبېل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ساقچى تەرەپ چىقارغان ھەرخىل تۇتۇش بۇيرۇقلىرىدىن غالىپ كېلىش ئۈچۈن، سان-فرانسېسكودىن نىيۇيوركقىچە مۇسابىقىلىشىدىكەن، ئاپتوموبېللارنىڭ لايىھەلىنىشى ياكى باشقا جەھەتتىن بولسۇن، ئاجايىپ ھەيۋەت چىقىپتۇ…

مەزكۇر تەشۋىقات فىلىمىگە ئۆزگەرلەر(变形金刚) فىلىمىنىڭ رېژىسورى يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، فىلىمدىنمۇ روشەن بولغان تىپىك ھەرىكەتلىك ئاپتوموبېل فىلىملىرىنىڭ ئىزناسىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 6 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. باتۇرخان 2011.11.13 , 20:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ئويۇننى بىر ئوينىغىم بار بىراق كومپىيۇتىرېم بۇ ئويۇننى سۆرىگۈچە ئىنجىقلاپ چىقىرۋىتىپ قالىدۇ دە.

  2. مۇساپىر 2011.11.13 , 20:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەت ئېسىل ئويۇندە بۇ :mrgreen:

  3. ئادىل 2011.11.14 , 01:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما نەشىرى ئېۋۇ 14 بىلەن ئوخشاش دىيەرلىكتەك قىلدۇ ھە مەن ماۋۇ 15 نەشىرنى قەتتى ياقتۇرمىدىم بەكناچار 15 تىن 14 ياخشى 16چىقىپباقسا بۇنىمۇ كۆرىپباقامىز :lol: :lol:

  4. تاماشبن 2011.11.14 , 03:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي 16 بەك ئېسىل جۇمۇ، بۇنىڭدا ئادەمنىمۇ قوشۇپ باشقۇرىدىكەن ، مەن ئويۇن باشلىنىشىنى بىر يەردە كۆرگەنىدىم. نەدە كۆرگىنىم ئېسىمدە قالماپتۇ. ئاۋۇ كۆرۈنۈشلەردە چىقىۋاتقان تاقىرباش ئويۇننىڭ باش پېرسۇناژى ئوخشايدۇ، ئېسىل ماشىنىدا قېچىۋاتقان كەينىدىن ساقچى ماشىنىسى قوغلاۋاتقان كۆرۈنۈشتە باشلىنىدىكەن. قېچىپ قېىپ بىر يەرگە كەلگەندە، ماشىنا تورۇلۇپ قېلىپ ماشىنىنى تاشلاپ پىيادە قاچىدۇ. قېچىشى پاركۇرلارغا ئوخشايدىكەن. ئاندىن يەنە بىر ماشىنا بىلەن قاچقاندا، ماشىنا ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپ پويىزنىڭ رېلىسىغا توغرىسىغا يېتىپ قالىدۇ. ئىچىدە بولسا ھوشىدىن كەتكەن باش پېرسۇناژ ئاستا-ئاستا ھوشىغا كېلىپ قارىسا پويىز كېلىۋاتقان. ماشىنىنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىپ قالغان، ئۇ ھەدەپ ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى ئۇرۇپ تېپىۋاتقان ، ئاخىرى پويىز يېقىنلاپ كېلىپ لاپ قىلىپلا ئويۇننىڭ ئىسمى چىقىپ باشلىنىدىكەن. بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسىدە رولدا باشقۇرۇش چىقىپ تۇرىدىكەن. ئىشقىلىپ ماڭا ياققان

  5. نۆل ۋە بىر 2011.11.14 , 13:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۈنۈگۈن mw3نى ئويناپ تۇگەتتىم…256سىنكارتا بىلەن…بۇ ئويۇن ئەتە چقسا…ۋاقىتىمنى سەت ئىسراپ قىلدى جىمۇ بۇ فەچەتلەر!؟

  6. kokbora 2011.11.14 , 18:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ئويۇنزە بەكلا پىچەت جۇمۇ ، مەن 8دىن باشلاپ ئويناشنى باشلىغان ، 9 نى ئىككى قىتىم ئاخىرىغا چىقىرىپ بولدۇم ، 10،11،12،قەتئى ياقمىدى، 13 نى بىر قىتىم ئوينىدىم ، 14 زە بەكلا يىقىپ كەتتى ، ئىككى قىتىم ئاخرىغا چىقىرىۋىتىپتىمەن ، لىكىنزە كاساپەت تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولغان بولسا بەك پىچەت بولاتتى، بىرىمىز قاچساق بىرىمىز ساقچى بوپ قوغلىساق ، نىمە دىگەن پەيزى ،
    15نى بىر كىچە جاپا تارتىپ چۈشۈرسەم قاچىلانمىدى شۇنىڭ بىلەن ئوينىمايلا قويغان،

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif