يانفونغا بېرىلىپ كېتىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئەمەس، ئەمما…ناۋادا دۇنيادا يانفون مەۋجۇد بولمىسا ئەھۋال قانداق بولار؟
«21-ئەسىرگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرمەيدۇ» تېمىسىدا دېيىلگەندەك، ھازىر ھەممەيلەنلەندە يانفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش ئەھۋالى ئېغىر. بىراق، شۇنى ئېتىراپ قىلمايمۇ بولمايدۇ، يانفوننىڭ بارلىققا كېلىشى، بولۇپمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئومۇملىشىشقا ئەگىشىپ، تۇرمۇشىمىزغا يەنىلا ئاز بولمىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. E-mail، ئۇچۇر دېگەنلەرنى يانفوندىلا يوللايدىغان بولدۇق، ئويۇن ئويناش، ناخشا ئاڭلاش دېگەنلەرمۇ قولايلىق بولۇپ كەتتى، ئالاقە تورلىرىدا ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايدىغان بولدۇق. ئەگەر ناۋادا دۇنيادا يانفون بولمىغان بولسا، ئەھۋال زادى قانداق بولۇپ كېتەر؟
ئەگەر دۇنيادا يانفون مەۋجۇد بولمىسا
قارىغاندا يانفون بولسا تېخىمۇ قالتىسمۇ نېمە؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئېلان، تۇرمۇش، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,477 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: world-without-mobile.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پاركور ئويناپ باقمىغانلار پاركوچىلارنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭلار، قانداق تۇيغۇ بولىدىكەن؟
- كېيىنكى يازما > كىنو-فىلىملەردىكى قايسى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تويۇپ قالدىڭىز؟
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
قارىغاندا تۇنجى ئىنكاس يېزىش پۇرسىتى كەلگەن ئوخشايدۇ.
ئىشقىلىپ يانفوننى كەشىپ قىلغۇچىغا رەھمەت، نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كەلدى مەنچە.
يانفۇن يىراقتىكىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، يىقىندىكىنى يىراقلاشتۇرىدىغان نەرسە بولۇپ قالدى
داداشقا ئەگەشتىم !
بۇرۇن ئاكامدىن نەچچە قىتىم تىل ئىشتكەن ،‹پاراڭغا قېتىلماي يانفۇن ئويناپ ئولتۇرسە › دەپ ، يېقىندا ئاكاممۇ ئەقلىفۇنغا كۆچۈپتىكەن ئۇمۇ ئوخشاشلا
مىنىڭچە يانفوننىڭ پايدىسى زىيىىنى بىلەن تەڭلا تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرۋاتىدۇ ، بۇ مەخلۇقنىڭ شاكىلىنى چىقىرۋېتىش نۇرغۇنلىرىمىزغا بەكلا تەس ….
يانفۇن تۇرمۇشىمىزدا بۇلماسا بۇلمايدىغان بولىپ قالدي
يانفۇننى قورال سۇپىتىدە پايدىلانسا بەك جىق قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن بەزىدە يانفوننى ياندا ئېلىپ يۈرمىگەن كۈنلەردە بىرخىل ئازادىلىك ھېس قىلىپ قالىمەن.
يانفون بىركۈن ياندا بولمىسا سىلە قانداق ھېس قىلىسىلە ؟.
يانفۇن نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى . ھەم كۆپ ياشلارنىڭ يانفۇنغا بىرلىپ كىتىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى . يانفۇنغا بەك بىرلىپ كىتىش ياخشى ئەمەس . ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرغا ئىشلەتساك ياخشى
ۋاي ۋاي … قاچان يىڭى تىما چىقاكىن دەپ تەييارلا تۇردۇدە تورخۇمارنىڭ باللىرى .. بىز قاچانمۇ دىۋانغا چىقامىز ھەييي
ماۋۇ قىززىق چىقىپتا
شۇنى دەيمە ، بۇلۇپمۇ ئاۋۇ مۇزىكانت قىزچاق سازنى ئوبدانلا ئوينۇتۇپ قويامدۇ قانداق ….
چىقامىز ئاداش بىر كۈنى
ھەپتىدە بىر mv دىن ھۇزۇرلىنىش 丨 ۋاي خۇدايىم قارىغاندا بۇ سەھىپىگە ئەلۋىدا ئوخشايدۇ …….
بۇ فىلىم بەكلا قىززىقارلىق چىقىپتۇ ! !
ئەگەر تېلىفۇن بولمىغان بولسا ، بىزمۇ ئەجدادلىرىمىز تۇرمۇش كەچۈرگەندەك ، تۇرمۇش كەچۈرگەن بولاتتۇق
ھەممەيلەنگە ئەگەشتىم
توغرا پايدىلىنىپ ھىچ كىمگە ئەگەشمىدىم قانداق
ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىس ئەپەندىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى. مۇشۇ كىشى بولمىغان بولسا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلار بۇنچە تېز تەرەققىي قىلمىغان بۇلاتتى. جوبىس ھەقىقەتەن دۇنيانى ئۆزگەرتتى. بۇ كىشىگە بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى.
بىر كۈنى بىرەيلەن كوچىدا كىتىۋېتىپ،ئايفوندىن بىرنى تېپىۋاپتۇ،خۇشاللىقىدا يېنىش-يېنىشلاپ سىلاپ كېتىپتىكەن،تۇيۇقسىز بىر تۇمان پەيدا بولۇپ ئىچىدە سىتىۋىن جوبىس پەيدا بولۇپ ئېيتىپتىدە:《سېنىڭ تېپىۋالغىنىڭ ئادەتتىكى ئايفون ئەمەس،سەن بەك تەلەيلىككەنسەن،شۇڭا سېنىڭ ئۈچ تەلىۋىڭنى شەرتسىز ئورۇنلاپ بېرىمەن》.بۇ ئاداش خۇشاللىقتىن سەكرەپ كېتىپتۇ، دە:《ماۋۇ تېلىفۇنغا qqدىن ئوننى قاچىلاپ بەر》.قاچىلاپتۇ.《يەنە ئۈندىداردىن ئوننى》،قاچىلاپ بولۇپ:《ھېي،ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتىڭ قالدى،نەدىكى تاينى يوق نەرسىگە زايا قىلماي،جېنىڭغا ئەسقاتقۇدەك نەرسە سورا》دىسە،بۇ ئاداش ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ :《ھەممىسىگە توشقىچە چىرايلىق قىزلارنى قاچىلا ئەمىسە》
مۇشۇ ئەقلىيفون چىقمىسىمۇ بولاتتىكەن ، بۇرۇنقى رەڭسىز نوكىيانى ئىشلاتكەن بولساق بۇنچىۋالا بېرىلىپ كەتمەيتتۇق مۇشۇ يانفون دىگەنگە .. جوبىس دۇنيانى ئەمەس ئادەملەرنى ئۆزگەرتىۋەتتى مىنىڭچە ……
ماۋۇ فىلىم ئۆزگىچە چىقىپتۇ بارىكاللا
ۋاي خۇدايىم ھېلىمۇ يانفون بوپقاپتىكەن. بولمىسا پالااكەت بېسپلا يۈرەمىزمىتتۇق ھە؟