كىنو-فىلىملەردىكى قايسى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تويۇپ قالدىڭىز؟
يېقىندا چەتئەلدىكى بىر ئىجتىمائىي پىكىر ئالماشتۇرۇش تور بېكىتىدە «كىنو-فىلىملەردىكى قايسى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تويۇپ قالدىڭىز؟» دېگەن تېمىدا بىر مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرغان. بۇ سوئالغا نۇرغۇن قىزىقارلىق ئۆزگىچە جاۋاپلار چۈشكەن بولۇپ، بەزىلىرى رەتلەپ ئېلان قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك يازما: رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق
بۇ ھەقتە Rebert Frost ئىسىملىك تورداش مۇنداق ئىنكاس قايتۇرغان:
ئەر باش پېرسوناژ كۈچلۈك نۇرلارغا ھەمرا بولۇپ دەھشەتلىك پارتلاش ھەم ئوت ئۇچقۇنلىرى ئارىسىدىن ئىنتايىن كېلىشكەن ۋە قامەتلىك قىياپەتتە يۈگۈرۈپ چىقىدۇ. بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنىڭ كىشىنى ئەڭ موتو قىلىدىغىنى، ئوت ئۇچقۇنى توختىماي تونىلدەك بىر جايدىن سىرتقا ئوقتەك سۈرئەتتە ئېتىلىپ چىقىدۇ، ئەمما يالاڭئاياق يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان باش پېرسوناژغا قەتئىيلا يېتىشەلمەيدۇ. ئەجىبا شۇ رېژىسورلار پارتلاشنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ دۇنيا قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرەش چېمپىيونىنىڭ سۈرئىتىدىن 700 ھەسسە تېز ئىكەنلىگىنى بىلمەمدۇ؟
بۇ خىل كۆرۈنۈشلەر ئاللىقاچان كىنولاردىكى دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئېلىمېنتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تۆۋەندە يەنە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ باقايلى
-
تاشقى پلانېتتىكىلەر دائىم ئامېرىكىغىلا ھۇجۇم قىلىدۇ
-
ئەڭ ئاخىرقى بىر سكونت قالغاندا كېسىۋېتىلگەن بومبىنىڭ قىزىل سىمى پارتلاشنى توسۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا يەنە بىر قېتىم خەتەردىن ئامان قالىدۇ، دائىم مۇشتاق
-
ئەسكىدىن بىرسى تاپانچىنى باش پېرسوناژغا تەڭلەپ تۇرىدۇ، مەيداننىڭ كەيپىياتىدىن باش پېرسوناژ ھازىرلا ئۆلىدىغاندەك قىلىپ تۇرىدۇ، ئارقىدىن پاڭ قىلغان بىر پاي ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، ئەمما قارىساق باش پېرسوناژ يەنىلا ھايات، كۆرۈنۈش بىر ئالمىشىدۇ، قارىساق بايىقى ئەسكى يەردە ياتقان. شۇنداق دەل ۋاقىتتا پەيدا بولىدىغان بىر دوست كېلىپ بىر پاي ئوق بىلەن باش پېرسوناژنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ
-
باش پېرسوناژنى بىر توپ ئەسكىلەر قوغلاپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا يول بويىدا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن ياكى پارتلاپ كەتكەن ماشىنىدىن بىرسى پەيدا بولۇپ قالىدۇ، باش پېرسوناژ بۇ ئاتەشلىكتىن شۇنداق كېلىشكەن ھالەتتە ئۇچۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئاندىن، ھېچيېرى كۆيۈپ كەتمەيدۇ
-
ئەسكىلەر ئاتقان بىرىنچى پاي ئوق ھەمىشە جايىغا تەگمەيدۇ
-
ياردىن چۈشۈپ كەتكەن ماشىنا چوقۇم پارتلايدۇ، يەنە كېلىپ ئاجايىپ گۈمبۈرلەپ پارتىلاپ قويىدۇ
-
ئاي تولغان كۈنىسى چوقۇم بىر چاتاق ئىش يۈز بېرىدۇ
-
كىچىك ۋاقتىدا ئازار يېگەن كۆڭۈللەر كېيىن ھەققانىيەتنى ياقىلاش ئارقىلىق يالقۇنجاپ كۆيىدىغان بولۇپ كېتىدۇ
-
ئىتلار ھەمىشە ئەسكى ئادەمنى ئاسانلا تونۇۋالىدۇ ۋە ئىككىلەنمەي بېرىپ پاچاقتىن ئالىدۇ
-
قىزلارنى ئەسكىلەر قوغلاپ كەتكەندە شياۋشىمېننى ئايلانغان پۇتلىرى ھەمىشە كارغا كەلمەي قالىدۇ، تولاراق بىر پۇتى قايرىلىپ پۇتلىشىپ يىقىلىپ يەرگە دۈم چۈشىدۇ
-
بىر تال تاپانچىغا AK-47 نىڭ ئوقىنى پۇرلاپ تىقامدىكىن، قەتئىي ئوقى تۈگىمەيدۇ، يا ئوق ئالماشتۇرغاننى بىلگىلى بولمايدۇ
-
FBI نىڭ كومپيۇتېرلىرىنى خاككېرلار پالەچ قىلىپ قويۇۋاتقىلى 30 يىل بولاي دېگەندۇ
-
پۈتۈن مەخپىيەتلىك ئورگانلىرى يېشەلمىگەن پارولنى كېلىشكەن بىر شۇم چىقىپ كۇنۇپكا تاختىسىنى ئىككى تاراقشىتىپلا يېشىۋېتىدۇ، ئىشلەتكىنى Mac تېخى
-
پەقەت قىز دوستى ياكى خوتۇنى گۆرۈگە چۈشكەندىن كېيىنلا، بىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلىرىمىز چىقىپ دۇنيانى قۇتقۇزۇشقا باشلايدۇ
قېنى، ئاخىرىنى كىم داۋاملاشتۇرۇپ باقىدۇ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: قىزىقارلىق، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 20,302 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: tired-in-movies.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يانفونغا بېرىلىپ كېتىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئەمەس، ئەمما…ناۋادا دۇنيادا يانفون مەۋجۇد بولمىسا ئەھۋال قانداق بولار؟
- كېيىنكى يازما > يەنە بىر يۈرۈش قالتىس كىرىشتۈرۈلمە | 61 بۆلۈم ئايال چولپانلارنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرىنىڭ توپلانمىسى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
بىر توپ ياپونلۇق دۆلىتىمىزگە باستۇرۇپ كىلىدۇ ، لىكىن ئۇ ياپونلۇقلار شۇنچىلىك كالۋا دەلتە ئىكەنكى ، مۇشۇنداق كىنو فىلىملەرنى ئىشلىگەن ئارتىسلار ئۆزىمۇ ئىشەنمەيدۇ تېخى …
شۇنى بىژ دەگە ئابۇمجان ئۇ ياپۇنلۇقلار ئۇلسە ئۇلسە تۇگمەيدۇ تىخى
ھىلىقى جۇڭگۇلۇق نۇچىلانى دىمەيلا قۇياي بىرنى مىدىراپلا قۇيسا نەچچە ياپۇن ئۇلۇۋاتقان
بەزى كىنۇلارنى ياپۇنلۇقلار كۇسە تىرىكىپ نەچچىسى مۇللاق ئىتىپتۇ دەيدۇ راسمىدا
باش قەھرىمان ھەمىشە تولىمۇ ئاخسا ھالدا بىر توپ ئەسكىلەر قالايمىقان يەپ ئىچىپ ، پاراڭلىشىۋاتقاندا ماشىنىدىن چۈشىدۇ ، ئەسكىلەر ئۇنىڭغا بىر مۇنچە گەپ قىلىپ تىنىچ_ئامانلىق سوراپ بولغاندىن كېيىن تەڭلا ئۇنىڭغا قاراپ ئوق ياغدۇرىدۇ ، لىكىن باش قەھرىمانىمىز تولىمۇ چەبدەسلىك بىلەن ئەسكىلەرنىڭ ئالدىدىن غايىپ بولىدۇ _دە ، بىر ئېغىز «ۋەلەيكۇم » دىن كېيىنلا ، ئەسكىلەر يەر چىشلەيدۇ ….
يىراق يەرلەدىن يۇرتىمىزغا ياردەم بەرگىلى كىلىدۇ،ئۇلار ناھايىتى ئاقكۆڭۈل، تەدبىرلىك ،ئىشچان ،قۇلىدىن كىلىشىچە بىزدە ياردەم قىلىدۇ.بىز بولساق شۇ قەدەر خۇراپى،دۆت ،رەھىمسىز ئۇلار بىزگە ياردەم قىلىدۇ .بىز يىغلاپ رەھمەت ئېيتىمىز..
شۇندا يامان ئادەملەر باركى بۇ ئادەملەر بىرە مىڭچە ئادامنى قورقۇتۇپ پەقەت بىر ئادامنى قورقۇتالمايدۇ.
بۇ قوقماس ئادام رىۋايەتلەردىكى خاسىيەتلىك ئادامنىڭ ئۇزى ,رەقىبىنى بىرسالسا خۇتتى سىرىك ئارتىسى موللاق ئاتقاندەك ئاتىدۇ,بۇ قەھىرمانلارنى ھىلىغۇ تاپانچا ئۇياقتا تۇرسۇن ھىلىقى ئاپتىماتتىك ئىتىلىدىغان ئارقا ئارقىدىن ئوقى ئۇزۇلمەي چىقىدىغان رامبونىڭ چاچما ئوقلۇق تاپانچىلىرىمۇ بەدىنىنى سۇرمەي ئوتۇپ كىتىدۇ .
لىكىن باش قاھىرمانىڭ بىرتال ئوقىمۇ زايا كەتمەي نەخ جايىغا دىگىدۇ.
تولىسى، بىرە پىرسۇناژ قىيىنچىلىققا يولقىدۇ، نەتىجىدە ئۇ يولۇققان قىيىنچىلقى ئويلىمىغان يەردىن تەلىيى ئوڭدىن كىلىپلا ھەل بوپ كىتىدۇ، ياكى بولمىسا بىرەسىنىڭ ئازراقلا ياردىمىدە ھەل بوپ كىتىدۇ. ياردەم قىلىش زادى شۇ ئادەمنىڭ داۋاملىق قىلىدىغان ئىشىدەك، باشقا بىرىگە پەقەت ئىش ئاشۇرمايدۇ، يابى شۇنداق قىلسا رول ئالغان پۇلىنى جىق بىرىۋىتەمدۇ
ھازىر مودا خەنزۇلار ئارىسىدا مودا بولىۋاتقان فىلىم 光头强ۋە ئىيىقلارنىڭ فىلىمىدىكى ھىلقى نەشپۇت يانفۇنىچۇ تىخى كۆپ ئىقتىدارلىق توك ھەرىسى، توك كالتەك، ئۇچقۇر پىچاق، تىخى تاپانچا، يامان يىرىگە كەلگەندە ئاپلا تېلېفۇننىڭ توكى تۈگەپتۇ. باتارىيەنى ئالماشتۇرسا پۇلى تۈگەپتۇ، دەرھال ئاپتۇماتسىز ئىستانسىغا تىلفۇن قىلسا ئەپەندىم بىزنىڭ ھەر بىر ئەپلىرىمىزنى ئىشلىتىش ھەق بويىچە ھېسابلىنىدۇ دەيدىغان يىرى ئالامەت قىززىق. جۇڭگۇنىڭ زاپار تېلېفۇنلىرىنىڭ ماھىيىتىنى دەششەت ئىچىپ بەرگەندە.
دائىم باش پېرسۇناژ نۇرغۇن ئۇلۇغۋار ئىشلاردىن كېيىن ئېغىر يارلىنىدۇ ۋە ھاياتتىن ئۈمۈت ئۈزىدۇ. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن فىلىم ئاخىرىدا ئۇنىڭ مۆجىزىلەرچە ھايات قالغانلىقىنى بايقايمىز.
ئۇزۇن بوپتا ما باشنى كۆمىگىلى !
ۋىروسقارى ئۇزۇن بوپتۇ كۆمىگىلى ، ئۆزىڭىز ۋىروسلىنىپ قامىغانلا ……
بەزى بىر ئىشلار ھەلەكچىلىكى بىلەن، پات ئارىدا كۇلۇبقا قايتىمەن…
مۇشۇنداق كىنولاردا سەلبى رولچى باش رولچىنى تۇتىۋالىدۇيۇ لىكىن پاڭ قوياپ ئىتىۋەتسە ئىش تۈگەيدىغان يەگە مىڭ سائەت كوتتاڭشىيدۇ شۇنىڭ بىلەن باش رولچىغا يا بىرسى ياردەم قىلىدۇ يا ئۆزى قۇتۇلۇپ دۈشمىنىنى يوقۇتۇپ كىنونى ئاياغلاشتۇرىدۇ. باش رولچى سەلبى باش رولچىنى ئۆلتۈرىدىغان چاغدا جىق گەپ قىلمايلا جەھەننەمگە يولغا سالىدۇ لىكىن مۇشۇ سەلبى رولچىلانىڭ ھەممىسى باش رولچىغا ھەۋەس قىلامدىكىن تاڭ تۇتۇپ بولسىمۇ ئۆلتۈرۋەتمەي كىنونى مەلەڭ قىلىدۇ. ئەمدىغۇ باش رولچىنى ئۆلتۈرۋەتسە كىنونىڭ تەيىنى قالمايدۇ.ئۆلسىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا سەلبى رولچىنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ ئاندىن بىرنى ھىجايغان پىتى ئۆلىدۇدە كىنومۇ تۈگەيدۇ.
كىنولاردىكى پىرسوناژلار كونۇپكا تاختىسىدا خەت ئۇرۇشقا شۇنداق ئۇستىكى گەپ توغرا كەلمەيدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىدىغان كومپىيۇتېرىنىڭ سېستىمىسى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ ، ئۇنداق سېستىمىلارنى بىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان …..
نەق كۆزنەك سىستىمىسى شۇ،پەقەت چاپانلا كىيدۈرۋالىدۇ،
باش رولچى ئىكراندا پەيدا بوپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سەتەڭ مەزلۇمدىن بىرسى تام تۈۋىدىن ھۇشۇ چىققاندەكلا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ باش قەھرىمانغا ھەمرا بولۇپ « ۋەزىپە » ئورۇندايدۇ.
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالىدىغان بولدى-دە، لېكىن سورىۋالمىسام بولمايدۇ. مۇشۇ تورخۇماردا پىكىر دەپتىرى دەپ بىر نەرسە بولىدىغان، شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمايۋاتىمەنغۇ؟ تورخۇمارغا پىكىر يېغىپ كەتمىسۇن دەپ قورقۇپ يوشۇرۇپ قويدۇڭلارمۇ يە؟
ۋاي نومۇسۇم قانداق قىلارمەن، پىكىر دەپتىرى دېگەن نەرسە بەتنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى لوپا ئەينەكتە قارىمىسا كۆرگىلى بولمايدىغان خەتلەر بار رايوندا تۇرىدۇ، كۆرمەي قاپتىمەن. ئاجايىپ سەت بولدى ھە تورخۇمارلار
ئەسكىلەر ياخشىلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ گېلىنى سىقىپ تازا ئۇرىدۇ… دەل شۇ ھالقىلىق پەيىتتە نەلەردىندۇر پەيدا بولغان بىر تاش،ياكى پىچاق… ئىشقىلىپ بىر نەرسە قولىغا چىقىپ بىرنى تىقىپلا ياكى ئۇرۇپلا قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئەمما ھەر قانچە كۈچلۈك ئەبلەخ ئۇرغان بولسىمۇ ئۇ ھامىنى يېڭىلىدۇ.
بىر تەجىبىخانىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋېتىپ چاتاق چىقىپلا ھېلقى بىرنېمە پالۋانلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ ،دۈشمىنى چاتاق چىقارسا بىرنېمە ئالۋاستى ئەلەيبەلەيلەرگە ئايلىنىپ قېلۋاتقان
ھەمىشە يامان يەرگە كەلگەندە ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى يوقاپ ھېچكىمنى تونماس بوپ قالدۇ ، رىيالىقتىغۇ كۆرۈپ باقمىدىم بولمىسا
مەن يازماقچى بولغاننىڭ ھەممىنى يېزىپ بوپتۇ ماۋۇ تورخۇمارلا . مىنىمۇ ئەڭ زېرىكتۈردىغىنى ، باش رولچىنىڭ بىر پاي ئوقىمۇ زايە كەتمەي ، ئەسكىلەر نىڭ ئوقى تەگمەيدىغان يېرى (باش رولچى ھىچقانداق دالدا يوق يەردە تېخى). ئۇنچە دۆت ئادەمنى كىنوغا چىقىرىپ نىمە قىلدىكىنە ، مايەدە ھەر مەرگەن CS ,CF چىلار بار تۇرسا ھەي ………..
ئۆلگەن يەردىن تىرىلىپ قوپىدۇ ! مۇشتاق
كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن ماۋۇ يازمىلارنى كۆرۈپ ، مەنمۇ بىرقانچىنى يېزىپ قوياي .
باش رولچىغا ئوق تەگسە ھەرگىز بېشىغا تەگمەيدۇ . يا پۇتىغا يا بىلىكىگە تىگىدۇ .
ئەڭ ئاددى يەردىكى ئاددى بىرەر كۆرۈنۈش سەل ئۇزۇن كۆرسىتىلىپ كەتسىلا شۇ يەردە مەلۇم بىر ئىش يۈز بېرىدۇ . مەسىلەن : لىفىتنىڭ ئىچىگە كىرىۋېتىپ ، يېرىم كىچىدە بىر تار كوچىدا يالغۇز كېتىۋاتقان مەزلۇمنىڭ بىرەر ئىشقا يولۇقىشى دېگەندەك …
مەن ھوللىۋودنىڭ ھەم باشقا جايلارنىڭ فىلىملىرىنى كۆپ كۆردۈم ئەمما مۇشۇ كىنولارنىڭ ئارىسىدا ئامىركىنىڭ بىر فىلىمى بولىدىغان ئىسمى: قاتمۇقات سۈيقەست مۇشۇ فىلىمدىكى باش رولچىنىڭ ئالغان رولىنى ياقتۇرمەن
بىرەر يەردىن تەلەي كېلىدىغان چىراي چىقمايدۇ دەڭە ئۇ كىنودا
مۇشۇ ئالاھىدە خادىملارنىڭ كىنولىرى ئىچىدە شۇ «قاتمۇقات سۈيقەسىت» يۇقۇرى تېخنىكىدىن خالىي ھەقىقى ئالاھىدە خادىم كىنوسىكەن، باشقا ھەممىسىدە يۇقۇرى تېخنىكىدىن ئايرىلىپ قالسىلا ساق تۈگىشىدىغان گەپ. يۇقۇرى تېخنىكا يوق، كىلىشكەن جاسوسلار، چىرايلىق قىزلار، ئالىي ماشىنىلار يوق…
يەنە بىر كىنونى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ؛ ‹‹ ئادانالىق رازۋىتچىك چاكىر ›› فىلىمىدىكى ئېتىشىشتىن شۇنداق بىزار بولۇپ كەتكەنىدىمكى ، ئېتىشىدۇ _ ئېتىشىدۇ بەش ئون مىنوتقىچە ھىچقايسىسى ھىچنىمە بولمايدۇ ، ئاندىن ئەسكىلەر بىر ئۆلگىلى تۇركەتسە بىر پايدا بىر ئۆلىدۇ ئەمەسمۇ … ئاخىر قى قىسىملېرىغا بارغاندا ئېتىشىشلېرىنى ئۆتكۈزىۋېتىدىغان بوپقالغان مەن …….
بىر مۇنچىۋالا ئەسكىلا يالغۇز باش پېرسوناژغا ئوقنى ياغدۇرۋاتىدۇ، ئەمما ئاتقان ئوقى ئاسمانغا يەرگە تىگىپلا تۈگەيدۇ، لىكىن باش پېرسوناژ 8 پاي ئوق بىلەن ھەممىنى ھالاك قىلىدۇ.
ۋاي نىمىنى دەي، ھىلىقى بىر مۇش بىلەن 10 ياپۇن پاكىرنى ئۇلتۇردىغاننىمۇ ؟
ياكى ئۇچۇپ يۇرۇپ چىۋىن ئۇلتەگەنندەك ئۇلتۇرگىننىمۇ ؟
بىچىچارە ياپۇن پاكالىرىنىمۇ دەي بىر ماشنىغا 1000 ئادەم چىقىقاندەك ئىككى ماشىنا ئادەم كەلسە ئۇلسە ئۇلسە تۇگمەيدۇ تىخى ، ھازىر ئۇلگەنلىرى قۇپۇپ يەنە ئۇلىۋاتقان
ۋاي نېمىسىنى دەي ئەمدى… ئەسكى پىرسۇناژ بىلەن باش رولچى مۇشتلىشىپ قالسا مەيلى ئۇلار يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقان پويىز بولسۇن ، مەيلى سۇ ئىچىدە بولسۇن يا كەڭ قۇملۇق بولسۇن ، يا جەڭگاھتا ، يا بوممىسا بىرەر مىڭ ئادەم مۇسابىقە كۆرەۋاتقان مۇسابىقە مەيدانى بولسۇن ، ئىشقىلىپ، مۇشت – پەشۋالىرىنىڭ ئاۋازى شۇنداق ئاڭلىنىدۇكى ، ئەتراپىدىكى شاۋقۇنلۇق مۇھىت بىلەن قىلچە كارى يوقتەك…
ئادەم بەدىنىگە مۇشت – پەشۋا تەگسە راستتىنلا ئاشۇنداق ئاۋاز چىقامدىغاندۇ؟!
دېمىسىمۇ شۇ ، ئۇندا شامالغا مۇش ئاتسا نەدە ئۇندا ئاۋاز چىققان بار ….
باش رولچى فىلىمدە بىرەر قىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە دائىم شامال چىقىپ چېچىنى يەلپۈپ قۇيىدۇ
ئېتىشقان مۇشت پەشۋالىرى ھېچ بىرەر يېرىگە ئاتقاندەك ئەمەس، ساپلا قوللىرىغا ۋە ياكى ھاۋاغا شىلتىغاندەك
باش رولچى بىرنى قويسىلا قارشى تەرەپ ئايلىنىپ كېتىدۇ ياكى ئۆلىدۇ
توغرا ، بوينىنى شۇنداق قىلىپ يىنىكلا بۇراپ قويسا ئۆلۈپ قالىدۇ
ھەيرانمەن.چوڭ قۇرۇقلۇق فىلىملىرىدە ئاتالمىش شۇنچە كىلىشكەن خىنىم چىراي ئەر پىرسۇناشلار ئۇزىنىڭ قۇيۋالغان ياڭزا چاچلىرى ساقال بۇرۇتسىز يۇزلىرى بىلەن ئۇستا قىز كەلتۇرۇش ھۇنىرىگە تايىنىپ قىز چوكانلارنى كەلتۇرۇپ مۇھەببەت دىڭىزىغا چۆكىشىدۇ.
ئەمما چەت ئەل فىلىملىرىدا بولسا تاز بولمىسىمۇ چىچى بار ئەرلەرگە خاس ساقال بۇرۇت قويغان پىشقان سۇباتلىق ئەرلەر قۇرال ئىشلىتەلەيدۇ ياۋغا ھۇجۇم قىلىدۇ ئىشقىلىپ ئەرلەرگە خاس ئوبرازى بار قىز ئاياللارنى مۇھەببەت كە تايىنىپ ئەمەس بەلكى دۇشمەننىڭ ياۋنىڭ قولىدىن مۇشكۇلارتلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ .فىللىملاردىكى ۋىجدانلىق غۇرۇرلۇق ئوبرازى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ.
يانا مۇشۇ جۇڭگونىڭ ئازادلىق ئۇرشى فىلىملىرىدىكى ياپۇنلارنى
شۇنداق دۆت كالۋا چىقىردىكى ، ئۇلارنى يوقىتىش بىر ئويۇننىڭ ئورنىدىكى
ئىشتەك تۇيغۇ بېرىدۇ ، ھىي نىمانداق ئۆزىنى ئەقىللىق كۆرسىتىشكە
ئامراقتۇ بۇ خەق ، ئەگەر ياپۇنلۇق شۇنداق دۆت بولسا ئالقانچىلىك
يەردىن مۇشۇ جۇڭگۇغا كىلىپ ، مەيدىسىنى كېرىپ قىلىدىغانلىكى ئىشنىڭ
ھەممىنى قىلىپ ، ئۇزۇن يىل بېسىپ ياتالامدا ؟ بۇ خەقچۇ ئەزەلدىن دوپپا
كەيدۈرۈشكە يامان ، ھازرىمۇ شۇنداق ئازىراق بىر ئىش بولسا دوپپا
كەيدۈرىدىغۇ …………!~
دائىم قانخور ئالۋاستىلار ياكى موردا ئادەملەر ئىنسانلارنى چىشلىۋالسا ھەتتا نەچچە ئونى بىر بولۇپ ئۇ ئىنساننى يەۋەتسىمۇ بىر ئازدىن كىيىن قارىسا ئۇ ئادەممۇ موردا ياكى قانخور ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالغان.
نۇرغۇن كىنولاردا سىھرىگەرلەرنىڭ قولىدىن چاقماقتەك بىر نىمە چىقىپ ئادەمنى توك سوقتۇرۋەتكەن، يەنە بەزى كىنولادا تۆۋەن بىسىملىق توك كالتەكلىرىدە ئادەمنى توك سوقتۇرۋەتسىمۇ خۇددى چاقماق سوقۋەتكەندەك توك ئىقىمى كۆرۈنۈپ تۇرغان.
كىنودىكى سەلبى ئوبراز باش پىرسۇناژنى تۇتىۋالغان تاپانچىنى تەڭلەپ يا ئاتمايدۇ، ئىككىسى پاراڭلىشىپ تا سەلبى ئوبراز ئۆلگەنگە قەدەر پاراڭلىشىدۇ
دەپ كەلسەك گەپ جىق…
ھەر قېتىم بىرەر ماشىنا ياكى تانكا بىر نەرسىلەرگە بىرەر پاي ئوق ئېتىپ پارتىلتىۋېتىپ ئارقىغىمۇ قارىماي كېتىپ قالىدۇ