يەنە بىر يۈرۈش قالتىس كىرىشتۈرۈلمە | 61 بۆلۈم ئايال چولپانلارنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرىنىڭ توپلانمىسى
ئىلگىرى تورخۇماردا بىز كۆرگەن باشقا توپلانما كىرىشتۈرۈلمە فىلىملەرگە قارىغاندا، بۈگۈنكى بۇ توپلانمىنىڭ ئالاھىدىكى شۇكى، باش پېرسوناژلار ھەممىسى ئايال. ھەرىكەتلىك فىلىملەردە بىز كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئورنىغا سەل قارايمىز، بىراق بەزىدە ھېكايىنىڭ تۈگۈنىگە مۇناسىۋەتلىك جايلارغا ئاشۇ ئاياللار سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ، مەسىلەن Iron Man 3 تەك.
مەزكۇر كىرىشتۈرۈلمىدىمۇ بىز كۆرگەن نۇرغۇن داڭلىق فىلىملەر، مەسىلەن: 杀死比尔、黑客帝国、异形、星球大战、终结者、卧虎藏龙、无耻混蛋、复仇者联盟、罪恶之城、阿凡达、TDKR、环形使者 قاتارلىق فىلىملەر ۋە بىز كۆرمىگەن يەنە باشقا فىلىملەردىنمۇ كۆرۈنۈشلەر ئېلىنغان. فىلىمنىڭ تەپسىلىي تىزىملىكى لازىم بولسا مەرھەمەت.
61 بۆلۈم ئايال چولپانلارنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرىنىڭ توپلانمىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فىلىم، قىزلار، كىنو، ھەرىكەتلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,734 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: shear-mixing-action-movie-actress.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىنو-فىلىملەردىكى قايسى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تويۇپ قالدىڭىز؟
- كېيىنكى يازما > سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى ئىشلىگەن قورقۇنچلۇق مىكرو فىلىم: سايە
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
دىۋان ،دىۋان ،دىۋان
ماڭا دىۋان تىگىدىغان ۋاقىتمۇ باكەن
تېمىنى تېخى كۆمىدىم ئەمدى ئالدىرماي كۆرەي
دىۋانىگە دىۋان دېگەننى ئوڭچە تاشلاپ بەدۇققۇ… (چاقچاق جۇما بىكا ئاچچىقىڭىزدا كوچىغا چىقىپ دىۋانە بوپ كەتمەڭ ئەمدى)
مەنمۇ ئەينى چاغدا دىۋاننىڭ غەلۋىسىنى تۇلا قىپ ، تىل دەشناملارنى تازا يەپ ، دىۋان دىسە قېچىپ نېرى تۇرىمە ھازىر ! باللانىڭ بىر گىپى بۇلىدىغان: توۋا قىلدىم ، مۇشۇنداق ئىسىل تىمىغۇ دىۋان دەپ تولايدىغان !تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئېنكاس يازساڭلاچۇ ! دىۋانلاردىن ھەجەپ زىرىكتىم ! دىۋان دىگەنگە پۇل بىرەمتىكەن ! دىۋاندا مىخ با دىگەندەك …
دىۋان غەلۋىسى قىغانلانىڭ ھەممىسى دىۋانى قانۇندىن خەۋىرى يوقلا ، مازكەننى جىقراق بېسىپ قويساق تالاشمايدىغان بۇلا
ھەي باللا سىلەردىۋانغا نىمانچە ئامراق
ھېلىقى ۋاجرادىكى قىزچاق بىلەن ئاۋۇ ئاۋاتاردىكى لېتېرىي ما ئا ، خېلى يامان ئەمەس، بۇ ئىككى كىنونى مەن بەك ياقتۇرىمەن ، قىززىق لىكىن ئىككىلىسىدە ئىنسانلاغا بەك ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ ئادەم ،…
يەنىلام ھەركەتلىك فىلىمنىڭ ئادەمنى جەلۇپ قىلىش كۇچى كۇچلۇككەن ….
قالتىس كىرىشتۈرگەندەك قىلامدۇ نىمە
لىكىن ئەمما ئالامەت كىرىشتۈرۈپ قۇياپتا … ئىسىلراق فىلىم كىرىشتۈرىدىغان يۇمتال بوسا تەۋسىيە قىپ قۇيۇڭلا باللا ، بىكا تۇرغىچە بىكار ئىشلە دەپتىكەن ، ئۆگىنىپ قويساق بۇلىدىغان ھۈنەكەن ماۋۇ
ئادوبىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئشلتىپ كۆرۈڭ.بەلكىم كەلگۈسىدە ھوللىۋۇتنىڭ ئالدىغا سىز ۋە سىزنىڭ رەسىمىڭىزنى چاپلاپ قويارمىز.
دىۋانغا تويدۇم باس دىسە مازكەننى 12 نى بېسۋېتىپتۇ دىسە
راسلا پەچەت كىرىشتۈرۋېتىپتۇ ئارىسىدا جىقلىرى مەن كۆرمىگەن كىنوكەن
كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ مەن سازكەننى بېسىپ قويدۇم.
توۋا … ئاۋاتاردىن باشقا ھېچقايسى كىنونى تۇنۇيالمىدىم دېسە …
بۇ كىنولارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپ كىنولارنى كۆرمىگەندەك قىلىمەن ھە
ئاۋاتار خاككىرلار ئىمپىريەسى جاسوس سولىت يەنە.يەنە ئىشقىپ كۆپ كىنولارنى كۆرگەندەك قىلدىمىمغۇ
مەن باشقىچىرەك بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويسام،رەنجىپ تېرىكىپ
كەتمەڭلار.ھوللىۋودنىڭ مۇشۇنداق فانتازىيىلىك ياكى ھەرىكەتلىك
ئاتالمىش«چوڭ»فىلىملىرىنى يالتىراق قەغەزگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.نېمىشقا
دېسەڭلار،بۇنداق فىلىملەرنىڭ ھەممىسى بازارنى قوغلىشىپ ئىشلىگەن
بەدىئىي قىممىتى ناھايىتى تۆۋەن فىلىملەر.گەرچە ئەڭ بازارلىق فىلىملەر
مۇشۇلار بولسىمۇ ،پۇلنى غازاڭ سۈپۈرگەندىن سۈپۈرۈۋالغان
بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ئۆرۈپ چۆرۈپ سىلكىپ باقسا،مۇشتلاش ياكى ئېتىشىش
كۆرۈنۈشلىرىدىن باشقا ھېچنىمە چىقمايدۇ.سۆزلەپ كەلسەك ئاتام ئېيتقان
بايىقى دېگەندەك.يىلىغا بۇنداق كىنولار سانسىزى ئىشلەنسىمۇ،مەۋقەسى
كونا،ئۇسۇلىمۇ كونا،ئىدىيىسىمۇ كونا،پەقەت كۆرۈنۈشلا يېڭى.ھەقىقىي
نادىر فىلىملەر « ئۆسمۈر پاي»،«بابىل»،«سوقۇلۇش»،«پادىشاھنىڭ
نۇتۇقى»غا ئوخشاش فىلىملەر.فرانسىيەنىڭكىنى چۈشكۈن ئۇ بۇ
دەيمىز،ئىراننىڭكىنى ئاددىي ،ئېزىلەڭگۈ دەيمىز،ئەمەلىيەتتە كىنو دېگەن
ئادەمنى ئويلاندۇرالمىسا،نېمە پايدىسى؟تورخۇماردا ئۈستىدىكىدەك پاخپاخ
كىنولار كۆپرەك تىلغا ئېلىنىپ قالىدىكەن.ئەپسۇسلاندىم.بىزنىڭ
كۆزىمىزنى ئېتىۋالغان نېمە ئۇ؟
ياۋ،مانىڭ ئىچىدە كامىدا 55 كىنونى كۆرۈپتىكەنمەن مەن… جاھاندا مەن كۆرمىگەن كىنو قالمىدىمۇ نېمە؟ ئې بىر نىگىر خوتۇننىڭ پەشۋاسى بەك ھەيۋەتكەن،ئاشۇنى كۆرمىگەندەك قىلىمەن.
ئەمما لىكىن پۇت پەشۋانى خاتون كىشى فەچەت ئوينىتامدۇ نىمە ؟! ھەممىسىدە پەشۋانى ئېسىل سالدى .
تۈزۈكرەك تىمىلارنى يوللاڭاۋا نىمە بۇ؟ تاينى يوق
ئەپەندىلەر ، تېمىغا مۇناسىۋەتسىزلا بىر گەپ قىلاي ، «ژ» ھەرپى بار بولغان ماقال-تەمسىلدىن بىرسى لازىم ئىدى …
ئۇزۇن بولاپتۇ ئىنكاس يېزىپ باقمىغىلى ئابومجاندىن ئەنسىرەپ( مازنى بېسىپ سالمىسۇن دەپچۇ)
بۇ كۇرۇنىشلەردىكى بىر قىسىم كىنولارنىڭ ئىسمىنى ئالغاچ كەلدىم.. خەنزۇچىسى جۇمۇ… لازىم بولسا داۋامىنى يوللاپ بىرىمەن
异性
星球大战
终结者2
黑客帝国
卧虎藏龙
制胜一击
第五元素
蝙蝠侠
杀死比尔1
末日侵袭
史密斯夫妇
无耻混蛋
特工邵特
恶夜追杀令
英雄
歪小子斯科特
杀死比尔2
十面埋伏
百夫长
复仇者联盟
冲出宁静号
罪恶之城
黑夜传说
阿凡达
末世纪暴潮
龙纹身的女孩
巫师
致命黑兰
星球大战之绝地大反击
汉娜
يوۋۋ ، دەششەتقۇ ، كىنو دىگەننى سىلى كۆرىدىكانلا ئەسلى ، ھەممىنى سىلى كۈرۈپ بۇلۇپ بىزگە كۆگىلى كىنو قامماپتىكېن شۇڭا … سازكەندىن كەتتى
مەن بەك ئامراق بۇ كىنولارغا