سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى ئىشلىگەن قورقۇنچلۇق مىكرو فىلىم: سايە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! قانداق كۈنلىرىڭلار مەنىلىك ئۆتىۋاتامدۇ؟ شۇ مەنىلىك ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىڭلارغا يەنە بىر مەنا قوشۇش نىيىتىدە، گورۇپپىمىز ھەمكارلىقىدا پۈتۈپ چىققان بۇ فىلىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى. فىلىم پۈتۈنلەي كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىرىگە تەۋە بولۇپ، سىلەرنىڭ پەقەت كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەمما چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئويلىنىپ كېتىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق.
فىلىم قورقۇنچلۇق فىلىم بولغاچقا يۆلەنچۈكى بار ئورۇنداقتا ئولتۇرۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، بولمىسا ئارقاڭلارغا ئۇچۇپ كەتمەڭلا يەنە!
سايە
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فىلىم، قورقۇنچلۇق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 23,987 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: terror-shadow.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يەنە بىر يۈرۈش قالتىس كىرىشتۈرۈلمە | 61 بۆلۈم ئايال چولپانلارنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرىنىڭ توپلانمىسى
- كېيىنكى يازما > ھەزىللەشتۈرۈلگەن COD پۇرىقىدىكى «مارىيو جېڭى» فىلىمى، ئۈنۈملىرى خۇددى چوڭ كىنولاردىكىدەكلا چىقىپتۇ
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى 10 چوڭ غەلىتە مەخلۇق (يۈرەك ئاجىزلار كۆرمەڭلار)
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- بىر-بىرىنى قورقىتىپ ئەخمەق قىلىپ توردا داڭق چىقىرىپ كەتكەن بۇرادەرلەر
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
- 160 كىنو-فىلىمدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ توپلانمىسى
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 11: يۇقىرى دەرىجىلىك جەڭ» نىڭ تۇنجى تەشۋىق فىلىمى ئاشكارىلاندى
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
ما دىۋانمۇ تورخۇمارداشلار بىزار بولساڭلارمۇ بىر دىۋالاي ، دىۋان .
سەل تەخىر قىپ ئەتە كۈندۈزدە كۆرەي
6مىنۇتلۇق سىن ، ھەي نىمە دىسەم بۇلا … قەستەن قوقۇپ كىتەي دىسەممۇ قوقۇدەك يىرى چىقمىدى ، ئىسمىنى يوغان قۇياپ سەنئەت مەكتەپنىڭ ئىشلىگەن بىژمىسى دىگەنگە چۇشلۇق ئىشلىسىچۇ
قورقۇنۇشلۇق يىرىگە كەلگەندە كۆزىڭىزنى يۇمىۋالغان ئوخشايسىز
قورقۇنۇشلۇق ئەمەستۇ
مەن بەك ئامراق مۇشۇنداق فىلىملەرگە….
قورقۇنۇشلۇق كىنو فىلىم دىسە قاناتلىق بولۇپ ئۇچۇپلا كېلىدىكەنسىز.. قارىغاندا مۇشۇنداق فىلىملەرگە ئامراق ئوخشايسىز … ئە
ئەمما مەن بەك قورقىمەن… دەڭە زادى خوشۇم يوق…
بۇرۇن بىرسى بولىدىغان قاسماق پايپاقنى ئاستىغا باسۇرۇپ يېتىپ
كىچىچە جۆيلۈپ چىقىدىغان !كىيىن سورىساق بىر قارسايە گېلىنى بوغۇپ تاس
قاپتىمىش ئۆلتۈرۈپ قويغىلى!
نېمە ئىشلار تۈز بېرىپ كېتەر دەپتىمەن…
يۈز بەرمەي تۈز بەرگىنىگە قارىغاندا راس خېلى ئىشلار بولاپتۇ جۇما
قېنى ئەمسە تورخۇماردىكىلەمۇ بىزنىڭ فىلىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
كەمچىللىكلەر بولسىمۇ بىر قۇچاق…
رىۋايەتلەردىكىدەك قورقۇنچلۇق چىقماپتۇ…
مانى كۆرەپ مىنىڭ كاللامدىن بىر سىنارىيە پەيدا بولدى . ئىشلىسەڭلار ھەمكارلىشىلى . ئۇنتۇپ قالسام ئۆزەڭلارنىڭ شورى
ئۇنداق ئىلھام كەلگەندە دەررۇ بىر نەرسىگە ئىلىۋالغۇلۇق
سەھرالىققا ئەگەشتىم
ئوغۇللار ياتىقىدا جىن باركە دىمەكچىمۇ ياكى، مەن ئاددىي كاللام بىلەن مەزمۇنىنى چۈشەنمىدىممۇ؟ زادى قانداق مەزمۇن ئىپادىلەنگەن بۇ كالتە فىلىمدا؟ قايسىڭلار چۈشەندىڭلار ؟ فىلىم ئىشلىگۈچى كۆرۈرمەنلەرگە نىمنى ئىپادىلىمەكچى بولغىتى؟ ئاۋۇ سۇ خانىدا ئادەم جىقكەنغۇ، ‹‹كات›› بوپقاپتۇ
shit , مۇشۇنىمۇ قورقۇنۇشلۇق فىلىم دەپ ئىشلىگەن بولسا ، دۇنيادا قورقۇنۇشلۇق فىلىمنىڭ زامان ئاخىرى بوپتۇ.
ۋەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەت بەك قىززىق ھە. قورقۇنۇشلۇق يىرىدىن ئۆتەپ كەتتىم مۇ يا.
ياخشىمۇسىز نەۋقىران، قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز
ھەماقا ما ئاداش ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈرە ئىخلاس ،فەلەق ،ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئوقىغان بولسا مۇشۇ ئىش يوق سىنارىيە لازىم بولسا مەندە بار تۇتامى يوق فىلىم ئىشلىمىسەڭلار
ئەمدى ئالتە مىنۇت ئىشلەپتۇ باللا ئۇنداق دەپ كەتمەڭلار ، بۇ جاھان ئۇزۇن جاھان دەپتىكەن، بەش قولنى بىراقلا ئېغىزغا تىققىلى بولماس ، ناچار ئىشلىسەڭلارمۇ سىلەرنىڭكى بارمۇ؟ يا ئاللاھ بىر كۆرەيلى بولسا….. مەدەت بېرەيلى . 60 مىنۇتلۇق ئىشلىسۇن….
توۋا ، 6مىنۇتلۇق قىسقا فىلىم بولغانكى ياخشىراق ئىشلىدىمىكىن دەپتىمەن . 5مىنۇتلۇق يېرىگىچە نېمىدىگەن زېرىكىشلىك ؟ مۇشۇنى يازغان سىنارستقا ئىسىت … دەپ قالدىم . مۇشۇنىمۇ قورقۇنۇشلۇق فىلىمنىڭ سىنارىيىسى دەپ يېزىپتۇ ؟ ۋەقەلىكى 200قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرنىڭكىدىنمۇ مىس-مىس … تېخىنىكا ، مەبلەغنىڭ تۆۋەنلىكىنى توغرا چۈشىنىمىز ئەمدى . لېكىن سىنارىيىسىنى بولسىمۇ ياخشىراق چىقارسا بولمامدۇ ؟ ياپۇنىيەنىڭكىدەك قورقۇنۇشلۇق نەرسىلەرنى چىقارماي تۇرۇپمۇ ئادەمنىڭ روھىنى قورقىتىۋىدىغان قىلىۋەتسە بولمامدۇ ؟
ئىسىت سەنئەت ئىنىستىتوتىمىزنىڭ مۇشۇ سەۋىيىسىگە …
ئەمما ماۋۇ 6مىنۇتلۇق قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ خۇددى زىرىكىشلىك 200قىسىملىق تىلۋىزىيە – تىياتىرىنى كۆرگەندەك بولاپ كەتتىم ….
مەنمۇ بىر قورقۇنۇچلىق فىلىم ئىشلىمەكچى بولۋاتىمەن سىناريەسى تىخى پۇتمىدى
ئىشلەپ بولغاندا مۇشۇ تورخۇمارغا يوللايمەن قىنى شۇ ۋاقتىدا كىم قورقماي دىۋاندا ئولتۇرۇپ كورەلەيدىكىن يۇلەنچۇكى بار ئۇرۇندۇقتا ئۇلتۇرۇڭلار
ھەر ھالدا بىر قىسىم قورقۇنۇشلۇق فىلىملەرگە ماتىريال بولغۇدەك، ئادەمنى نىمىش بولا دىگەن ئويغا سالالىغۇدەك چىققاندەك ھىس قىلدىمغۇ، قارىغاندا سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ يىڭىراق ئاكتىيورلىردىن ئوخشايدۇ، لىكىن مەن قوللايمەن، ھەممە ئىش بىر قىتىمدىلا ئۇنچىۋىلا مۇكەممەل بولۇپ كىتىشى ناتايىن، ھەممە ئىشلار مۇشۇنداق ئاددىلىقتىن تەرەققى قىلىدۇ، تىخىمۇ تىرىشىڭلار، سىلەرنىڭ بىز ئۈچۈن تىخىمۇ ياخشى فىلىم ئىشلىيەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن،
قارىسام ئۇستىدە قوللايدىغان پىكىردىن قوللىمايدىغان پىكىرلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەپتۇ، مىنىڭچە مۇشۇ ناچار پىكىرلەرنىڭ ئورنىغا كەمچىللىكلىرى يىزىلغان بولسا كىيىنكى قىتىم تىخىمۇ ياخشى بولغان فىلىملەردىن ھوزۇرلىنالايدىكەنمىز، مەيلى ئۇ گەپلەرگە قۇلاق سالماڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يىرىنى ئوبدان ئويلاپ تىخىمۇ ياخشى فىلىملەرنى ئىشلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن
ئىسىت 6مىنوت 45سىىكىنوت ۋاقتىم…
تورداشلارنىڭ پىكرىگە ھەشقاللا، ئىنشائاللاھ فىلىمرىمىز بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى چىققۇسى.
رازۋىتچىك! مۇنبىرىڭىزنىڭ ئادېرىسىنى قالدۇرۇڭ، ياختۇرۇپ قالدىم.
يائاللا، ما باللىنى، ئۆزىمىز بىر ئىشنى جايلاپ قىلالمايمىز، خەق ئازىراق بىر نەرسە ئىشلىسە تېخى ياراتمايمىز. خەنلەر ياكى ئەجنەبىيلەر بىزلەر بۇرۇن قىپ بولغان نەرسىنى ئازىراق ئۆزگەرتىپ ئىشلە «تەسەۋۋۇر دىگەن دەششەت » دەپ كېتىمىز، بىز خەقكە ئامال يوق جۇما.
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىگەن فىلىمى قانچىلىك؟ تېخى ئۆزىمىزنىڭكىنى ياراتماي، خەقنى ماختاپ ئولتۇرىمىز. تاما-تاما كۆل بولا، مۇشۇ باللىغا ئىلھام بېرەيلى قېرىنداشلا، بۇلارغا ۋوللىۋوتنىڭ، ياپۇننىڭ فىلىملىرىغا قويغان تەلەپنى خېلىلا بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
[مىسال] سىز بىر ئىشقا قىزىققان ۋاقتىڭىزدا بىرەسى سىز قىلغان ئىشنى ياراتماي قىزىقىشىڭىزغا «سوغاق سۇ» سەپسە، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن رايىڭىز يانىدۇ. مۇشۇنداق بولسا سىزنىڭچە ياخشىمۇ؟
[خۇلاسە كالام] باشقا گەپ يوق.
بۇگىلىمنىڭ ئىسمىنى سايە ئەمەس قارا باستى دەپ قويسا بولغۇدەك !!!!!
بەزەنلەر بەك ئاشۇرۋېتىپسىلە .. سىنارىيىسى ياخشى ئەمەسلىكى ياخشى ئەمەسكە لېكىن تېخنىكا جەھەتتىنمۇ قەتئىي بولمامدىكە بۇ فىلىم … دەسلەپتە مۇشۇنداق بۇلدۇ كېيىن ئالدىرماي ياخشىلانمامدۇ ، مۇشۇنداق كەسىپنى چۈشەنمەيدىغانلا بەك باھالاپ كىتىدۇ تېخى ئۆزى ۋەششششى ئىشلىۋىتىدىغاندەك قاپاقۋاش !
ئەگەشتىم
بەلكىم ھەممەڭلارنىڭ پىكرى ئورۇنلۇقتۇ، بىز ئەمدى كەسىپكە چۈشتۈق، دىمىسىمۇ نۇرغۇن نۇقسانلار بار. خەلقئارا سەۋىيەمۇ بىزدىن يىراق ئەمەس. بەلكىم نەچچە قەدەم قالغانمۇ بولىشىمىز مۇمكىن، خەق يولنى بېسىپ بولدى،بىز پەقەت ئىزىدىن ماڭىمىز،لىكىن كەينىدىن ساناقسىز قوللار تارتىپ تۇرسا قانداق قىلىپ قەدەم ئالغۇلۇق؟!!!!
ماڭا ئوخشاش ياتاقتا يالغۇز قالغاندا يېرىم كېچىدە كۆرسەڭلا تەسىرى بولىدۇ
مەن ئالدىدىكى يۈگرەۋاتقان كارتون ئوبرازنى بەك ياقتۇردۇم (بەكلا مەنىلىككەن )
مەنىسى چۈشۈنۈپسىزدە، بۇرۇن لاھىيەلەپ قويغان،ئەمدى ئۆزگەرتمەكچى.
فىلىمدىكى ئېرپانجان ئىكەنلىكىنى تۇنۇدۇم ، لىكىن فىلىم قىسمى سەل ئاددي بوپ قالدىمۇ قانداق ؟
قوقايدىغان يېرىنى ئىشلەپ بۇدا چىقاماقچىكەن، لېكىن مۇزىكىسى ئۆزىلا قورقىتىپ قويىدىكەن خېلى
ئۆزىمىز پوقنى ئىككىگە بۆلەلمەيمىز خەخنىڭ قىلغىنىنى ياراتمايمىز….. سۆزلىسەم قايناپ قالىمەن ……
بولدىلا جېق سۆزلىمەي رامىزاندا….
خۇلاسە كالام : گەرچە سىنارىيەسى ئانچا ياخشى بولمىسىمۇ لېكىن سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى ۋە قوشقان ئۈنۈملەر خېلى ياخشى چىقىپەۇ…
يەنە ئاكتىيورلىرىمىز ھېسىياتىنى بەكرەك چىقىرىپ رولنى ئالسا تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ ئەلۋەتتە….
بارىكاللا مۇشۇنچىلىك قىلغىلىمۇ خېلى ئىش كېتىدۇ، قېنى داۋاملىق تىرىشىڭلار بۇرادەر… قولنى قولغا تۇتۇشۇپ غەيرەت قىلايلى…..
ماڭا ياقمىغان يەلىرىنى بىىژ دەۋىتەي ھە !؟
1. دەسلەپتىنلە قۇرقۇنۇشلۇق فىلىم بۇلغاندىن كىيىن ئازىراق قۇرقۇنۇشلۇق تۇس لازىمتى ئاندىن بارا بارا ئەسىلى مەزمۇنغا سۇرەپ كىرسەك 2. ئاۋۇ ئارتىس بالنىڭ ئىنكاسى سەل ئاستا قۇرقۇنۇشتىن ئەسەر يۇق دىمەڭ ھەركەت تەبىئى ئەمەس 3 . ئەينەككە بەكىرەك دىققەت قىلدىڭلامىكىن ئەينەكنىڭ ئىچىدە باشقا باللا ماراپ قاپتۇ .ئۇپىراتۇر دىقەت قىلمىغان ئۇخشايدۇ 4. ئالۋاستىنىڭ ئۇبىرازى مەن مۇنداقلا قارسام مىنىڭ ئاغىنەمگە ئۇخشاۋاتىدۇ قۇرقۇنۇشلۇق ئەمەس مىنىڭ ھىس قىلغانلىرىم مۇشۇنچىلىق بۇلسا تىرىشىپ تىخىمۇ ياخشىسىنى چىقىرىڭلار
ۋاي ئاللا ، ئۇزىمىز ئشلىمەيمىز تېخى ئشلىگەنلەرنى ئەيىپلەيمىز،مەدەت بەرسەڭلا نىم بولدۇ ھە؟! ھەممىمىز مەدەت بېرەيلى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىگە …
مەن سىلەرنى قوللايمەن