پاركور ئويناپ باقمىغانلار پاركوچىلارنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭلار، قانداق تۇيغۇ بولىدىكەن؟
ئالدىنقى قېتىم پاركورچى ئىنىلىرىمىزنىڭ ماھارەت فىلىملىرىنى كۆرۈپ باقتۇق ھەم ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى تىڭشىدۇق. بىراق مەشىق جەريانىدا ھەقىقىي ئەھۋالنى پەقەت شۇ ھەرىكەتنى قىلىپ باققانلارلا ھېس قىلالايدۇ.
چەتئەللىك پاركورچى ئۇستاملارنىڭ بىرى James Kingston يېقىندا بىر يۈرۈش پاركور ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئالغان. بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ باشقا پاركور فىلىملىرىدىن پەرقى شۇكى، پۈتۈن كۆرۈنۈش بىرىنچى شەخسنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدا، يەنى پاركور ئويناۋاتقان شۇ ئادەمنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىنغان. قارىماققا ئاجايىپ ئۆزگىچە چىققان دېيىشكە بولىدۇ.
بىرىنچى شەخسنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدىكى پاركور ماھارىتى
ھەممە ئادەمنىڭ بۇنداق كۆرۈنۈشلەردىن خالىغانچە بەھرلىنەشى ئاسان ئەمەس. پاركور ئەسلىدىنلا چىدامچانلىق، غەيرەت، جاسارەت تەرەپ قىلىدىغان بىر تۈرلۈك يۇقىرى قىيىنلىقتىكى ھەرىكەت. شۇڭا ناۋادا كەسپىي تەربىيلىگۈچىلەرنىڭ يېتەكچىلىگى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئالدىراپ پاركورغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەلۋەتتە، تورخۇماردا ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان پاركور تىپىدىكى ھەرىكەتلىك ئويۇن – Mirror’s Edge(خەنچە نامى: 镜之边缘) مۇ قالتىس ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، سىزگە پۈتۈنلەي 1-شەخسنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ خىلمۇ-خىل كۆرۈنۈشلەردىن ھوزۇرلىنىشىڭىزغا كاپالەت بېرىدۇ، تېخى پاركور ئوينايمەن دەپ يىقىلىپ كېتىپ زەخمىلىنىدىغان ئىشلاردىنمۇ ساقلىنالايسىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: پاركور، كۆرۈنۈش، ماھارەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,971 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: parkour-first-perspective.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىچىكىمىزدە كۆرۈپ قانمايدىغان گۇمپا چولپانلىرىنىڭ كىنولىرىدىكى ماھارەت توپلىمى، قايسى كىنولارنى كۆرۈپتىكەنسىز؟
- كېيىنكى يازما > يانفونغا بېرىلىپ كېتىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئەمەس، ئەمما…ناۋادا دۇنيادا يانفون مەۋجۇد بولمىسا ئەھۋال قانداق بولار؟
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
- بېشىدا ياڭاق چېقىپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان پاكىستانلىق يىگىت [V]
- ئۆتكەن بىر يىلقى توردا نام چىقارغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ كارامەتلىرى توپلانمىسى
- ۋەھشەت ئويناپ قويغان كوچا پۇتبولى! توپ دېگەن پۇتقا چاپلىشىپلا تۇرىدىكەنغۇ بۇلارنىڭ؟!
- سىرلىق تىك-تاك پىچاق زادى قانداق ئىش؟ تىك-تاك پىچاقچىلار يەنە نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشتۇ؟
- پۇت-قولى يوق يىگىت CS:GO دېگەننى تىتىۋېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس
- ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسىدىكى Temple Run ئويۇنى
ياخشىمۇسىز ئىسيانكار، قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز؟
ماقۇلە : ئۆھۆ ئۆھۆ ھېم….. ئۆھۆ…
بىشىم قىيىپ كەتتى كۆرۈپ بولغۇچە ، ئېگىزدىن قورقۇش كېسىلىم باردەك قىلىدۇ
ئوخشاش پىكىردە
ئاۋۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ سەل بىشىم قايغاندەك بولدى!!!
قەيسەرلىك جاسارەت دىگەن شۇدە،، ھەي!!!
مۇنداق بىر ئىسىمگە كېلىپ قالدى: كېچىك چاغلىرىمدا ئۇخلاۋىتىپ ، كاللامدا چاقماق تېزلىكىدە ئېگىزبىرجايدىن چۈشۈپ كەتكەنلىك ئىنكاسى پەيدا بولاتتى-دە، دېرىڭڭىدە چۆچۈپ كېتەتتىم..
شۇ چاغدىكى تۇيغۇ دەل ماۋۇ سىندىكى تۆۋەنگە شۇڭغىغان پەيتتىكى كۆرۈش تۇيغۇم بىلەن ئوخشاش بولىۋاتىدۇ…
قارىغاندا شۇ زامانلاردا چۈشۈمدە پاركور ئوينايدىغان چىغىم ؟!..
سىزمۇ شۇندامىتىڭىز…؟؟
مەن تۇلىسى خالا ئىزدەپ چۈشەيتىم ، شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى كۆپىنى ئاپتاپقا سالىدىغان گەپ
ماۋۇ قالتىسكەن !!
2.5 مېتىر ئىگىزلىكتىكى باغنىڭ تېمىدىن پاركورچىلارنى دوراپ ئۆتەپ باقاي دەپ سەكرەپ ، نەتىجىدە يامىشىپ ئۆتەلىدىم- يۇ ، ئەمما شۇ چاغدا قالغان تاتۇق ھازىرغىچە پات – پات ئاغرىپ قويىدۇ.
قايسى كۈنى نۇر تورىدا بىر پاركور ماھىرىنىڭ 16- قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئوقىغانتىم. ھەقىقەتەن خەتەرلىك بۇ ھەركەت.
ساراڭ ئادەم مۇشۇ ئىشنى قىلىدۇ
يامان پەيزى كۆرۈنىدىكەن.
ياخشىمۇسىز نەۋقىران، قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز؟
ھە ماقا ھە ئابومجونننننن كونا سىگەك دىسىلە ۋاھ تاۋۇز خۇمار قوغۇنخۇمار ئەمدى تور خۇمار شۇنداما
ھەنىمە بولسا بۇ بولسىمۇ iPhoneدا سۈرەتكە ئىلىنماپتۇ…ئۇھ!
يەنىلا يىراقتىن قاراپ ھوزورلىنىشقا يەتمەيدىغان ئوخشايدۇ
بەك ئاقسا كەن جۇما بۇلا، فىلىمنى كۆرۈپمۇ كومپىيوتىر ئويۇنى ئويناۋاتقاندەكلا بۇلۇپ قالدىم.. خەتەرلىك دوراپ سالماڭلا جۇما باللا….
مەندەك تەڭپۇڭلىقى ياخشى ئەمەس ئادەم ئېنىقلا قىلالمايدىكەنمەن بۇنى
كىچىك ۋاختىمدا تۇلا ئۆگىزىدىن چۇشۇپ كىتىپ چۇشەپ قالىتىم ماۋۇ سىننى كۆرەپ
بېشىم قېيىپ كۆڭلۇم ئېلىشىپ كەتتى.