پاركور تىپىدىكى ھەرىكەتلىك ئويۇن – Mirror’s Edge(خەنچە نامى: 镜之边缘)
EA شىركىتىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان پاركور تىپىدىكى ھەرىكەتلىك ئويۇن – Mirror’s Edge(خەنچە نامى: 镜之边缘) چىققىلىمۇ ئۈچ يىل بولاي دېدى. بىراق بۇ ئويۇن كۆپىنچە ئويۇن ھەۋەسكارلىرىغا يەنىلا ناتونۇش بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا تاساددىپىي پۇرسەتتە مەزكۇر ئويۇننىڭ iOS نەشىرىنى ئويناپ قالدىم. شۇ پۇرسەتتە بۈگۈن كۆپچىلىككە مەزكۇر ئويۇننىڭ PC نەشىرىنىمۇ تونۇشتۇرىۋېتىشنى لايىق كۆردۈم.
ئويۇننىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرىلىشى:
ئويۇندىكى باش پېرسوناژ Faith ئىسىملىك قىز بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئالاقە ۋە قاتناش ۋاستىسى ئېغىر دەرىجىدە قامال قىلىنغان بىر شەھەردە ئاسىي قاچقۇن بولۇپ ياشايدۇ. Faith سىڭىللىرىنىڭ تېخى يۈز بەرمىگەن بىر قېتىملىق قەستلەش سەۋەبىدىن تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، بۇ شەھەرنىڭ گۇمراھلىق پاتقىقىغا پاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ چوقۇم شەھەرنىڭ چېگرىسىدا، يەنى قانۇننىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇشى كېرەكلىگىنى ھېس قىلىدۇ.
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
ئويۇننىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلىمۇ ئاددى، ئاساسى جەھەتتىن ئويۇنغا كىرگەندىن كېيىنلا بىردەمدە كىرىشىپ كەتكىلى بولىدۇ. Mirror’s Edge ئۆز نۆۋىتىدە پاركور ھەرىكىتىنى ئاساس قىلغان ئويۇن بولۇپلا قالماي، يەنە قوراللىق ئېتىشىش تىپىدىكى FPS ئويۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا سىز پاركور ھەرىكىتىنى ياخشى كۆرسىڭىز، شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر FPS ھەۋەسكارى بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ئويۇن بىر ئويناپ كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدۇ.
ئويۇننى قاچىلاش ئۇسۇلى:
چۈشۈرۈپ پرېستىن يېشىمىز
setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
ئۈستەل يۈزىدىكى ئويۇننىڭ ئايكونى ئارقىلىق باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دە چۈشۈرۈڭ):
Mirror’s Edge خەنچە تولۇق نەشىرى | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن، ACT، FPS، ئويۇن، پاركور
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,395 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mirrors-edge.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان Flash ئويۇن – ئارغامچا يېشىش! كېلىڭ، كاللىڭىز ئىشلەمدۇ يوق بىر سىناپ باقايلى
- كېيىنكى يازما > گۇگېلنىڭ باش بېتىدىكى قىزىقارلىق Doodle، قېنى تورخۇماردىكى باللار 110 مېتىرغا يۈگۈرۈشۈپ باقمامدۇق؟
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
خى خى ، دىۋان مىنىڭ ئوخشايدۇ ، پاركوغا بەك قىزىقمىساممۇ ، ئانچە مۇنچە كۆرۈپ قويمەن ، بولدىغان ئويۇندەك قىلدۇ،،
ئويناب باقسام بولغۇدەك..
تورخۇمار ئەپەندىم:
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلدىغان بولدۇم….
سىزمۇشۇ ئايفۇن 4 كە siri نى سىناق قىلغان بىر تىمىڭىز بولدىغان شۇنى قانچە ئىز دەپمۇ تاپالمىدىم مۇمكىن بولسا شۇ تىمىنى بىر تەمىن ئەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن
مانا يازما ئادرېسى : siri-for-iphone4.html
بۇ ئويۇننى مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئوينىغانتىم. ھازىرغىچە بار كومپيوتېرىمدا بۇ ئويۇن. رەڭنى ئاجايىپلا سۈزۈك بېرىۋەتكەن ھە بۇنىڭغا
iosنەشىرچۇ؟
5.1.1 ios ئىدى سىز سىناپتىكەنسىز شۇنداقمۇ قاراخان
Mirror’s Edge دېگەن ئىسىم بىلەن ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ.
Forever :
رەخمەتسىزگە
مانداق چۇشۇمەيدىغان نىمنى يولاشما ماقما كالاشوۋچىلار ئادەم ئەخمەق قىلىپ
باشقىلار كالاشوۋچى بولسا، سىز نىمە شوۋچى…؟!
نىماندا لاۋزا نىمىسەنوي ……. سىنىڭ قانچىلىك پايداڭ تەگكەن خەققە ………. قاملاشمىغان………..
ساراڭ مۇسەنيا
ئاجايىپ سۇزۇك رەڭلىرمۇبەك چىرايلىق ھەركەتلىرمۇ ئادەمنى جەلىپ قىلىدۇ لىكىن ئۆتكەللىردىن ئۇتۇش سەل تەسراق ئۇيۇن بۇ مەنلا ئامراق ئوخشايمەن دىسەم مەندىن باشقىلارمۇ ئويناپتىكەندە
ئاندورۇيىد نۇسخىسى چققاندا ماڭا خەۋەر قىلىۋىتىڭلار.
يې باللا ماۋۇ ئويۇننى ئوينىمىساڭلا بولغۇدەك . . . . . 5-بۆلىمىدە پاسماق.كوم تورلىرىدەك نەرسىلەر چىقىدىكەن ئەمەسمۇ~~~~~~~~~!