پۈتۈنلەي يېڭىچە كۆرۈنمە ئۈنۈم ئىشلەتكەن يېڭى بىر ئەۋلاد 迅雷7.1.8.2294(ئاتەش تۈلكە 4 نى قوللايدۇ)
迅雷7 ئۆزىدە Bolt دەپ ئاتىلىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆرۈنمە يۈز ماتورى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئەنئەنىۋى كۆرۈنمە يۈزنى چۆرۈۋېتىپ، تېخىمۇ كۆركەم بىر مەشغۇلات مۇھىتىنى ھازىرلىغان. قوزغىلىش سۈرئىتى بۇرۇنقىدىن روشەن تېزلەشتۈرۈلۈپ، توردىن ھۆججەت چۈشۈرۈش ئېھتىياجىغا بولغان تەقەززانى تېخىمۇ كۈچەيتكەن؛ پۈتۈنلەي يېڭىچە كۆرۈنمە يۈز، يېڭىچە پروگرامما قۇرۇلمىسى، ئەنئەنىۋى پروگرامما ئېچىش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ 迅雷7 نى تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ مۇقىم ھالەتكە يەتكۈزگەن…
بۇداقى 7.1.8.2294 رەسمى نەشىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر:
1. 离开模式 قوشۇلغان؛
离开模式 بولسا Vista ۋە Windows 7 گە قوشۇلغان ئېنىرگىيە(توك سەرپىياتى) تېجەيدىغان بىر خىل يېڭىچە ئىقتىدار بولۇپ، 离开模式 قوزغىتىلغاندىن كېيىن كومپيۇتېر ئۇخلاش ھالىتىگە كىرىدۇ. بۇ ھالەتتە سىنكارتا، ئۈنكارتا قاتارلىقلار تاقىلىدۇ، پەقەت ئىچكى ساقلىغۇچ، CPU، قاتتىق دېسكا ۋە تور كارتىسىلا نورمال خىزمەت ئېلىپ بارىدۇ، 迅雷 نىڭ بۇداقى نەشىرىدە مۇشۇ خىل ھالەتتىمۇ چۈشۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، كومپيۇتېرنى ئوچۇق قويۇپ ماتېرىيال چۈشۈرگۈچىلەر ئۈچۈن توك سەرپىياتىنى تېجەشتە ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور.
2. ماتېرىيال چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، كومپيۇتېرنى ئاپتوماتىك تاقاش، قۇلۇپلاش، ئۇخلاش ھالىتىگە ئۆتكۈزۈش ۋە 迅雷 دىن چېكىنىپ چىقىش ئىقتىدارلىرى قوشۇلغان؛
3. توردىكى كۆپ قىسىم سىنلارنىڭ ئەسلى ئادرېسىنى پۇراپ تېپىش ئىقتىدارى قوشۇلغان ۋە شۇنىڭدەك سىنلارنى ئايرىم كۆزنەكتە كۆرۈش ئىقتىدارىمۇ سەپلەنگەن؛
4. FireFox4 كە نىسبەتەن قوللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان! بۇ ئىقتىدار كەڭ FireFox ھەۋەسكارلىرى 4-ئەۋلادقا كۆچكەندىن كېيىن تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقان ئىقتىدارنىڭ بىرى بولۇپ، 迅雷 نىڭ مەزكۇر نەشىرىدە تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؛
تېخىمۇ تەپسىليلەشتۈرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر:
1. BT چۈشۈرگەندە، ئۇرۇقنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسىنى كۆرستىپ بېرەلەيدۇ؛
2. چۈشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئۈنۈمدە ئازراق ئۆزگىرىشلەر بار.
3. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلىشقا بولىدۇ.
تەدبىركارمۇ ئىلگىرى ئىزچىل 迅雷 نىڭ 5.9 نەشىرىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان، نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز بېرىلگەن ئۆزىنى يېڭىلاش ئۇچۇرىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ يۈك چۈشۈرگۈنى يېڭىلاپ سالدىم ۋە يېڭىلانغاندىن كېيىنكى مەنزىرە مېنى تېخىمۇ مەمنۇن قىلدى. 迅雷7 دە يەنە پەقەت كۆرۈنمە يۈز چىرايلىقلاشتۇرۇپلا قالماي، ھەرقايسى توركۆرگۈلەرگە بولغان قوللاشمۇ شۇنداق ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئىلگىرى FlashGot قىستۇرمىسى ئارقىلىق ئامراق جانىۋارىم FireFox تا 迅雷 دا چۈشۈرۈشكە تېگىشلىك ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولاتتىم. بۇدا 迅雷 نىڭ بۇ ئىقتىدارى ئورگان تەرىپىدىنلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپتۇ ۋە IE، Opera، Maxthon، 360 تور كۆرگۈسى ۋە FireFox قاتارلىقلاردىمۇ 迅雷 نى كۆڭۈلدىكى يۈك چۈشۈرگۈ قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلۇپتۇ.
ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىدراكلاشتۇرۇلغان ئىقتىدار ۋە ئۆزگىچە ئۈنۈملەرنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرۇپ كۆپچىلىككە چۈشەندۈرۈش ناتايىن. نېمىلا دېمىگەن بىلەن 迅雷 ھازىر دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ چۈشۈرگۈ بولۇپ قالدى، توردىكى نۇرغۇن بايلىقلارنى 迅雷 ئارقىلىق چۈشۈرۈشكە تەمىنلەۋاتىدۇ، جۈملىدىن تورخۇمار ۋە tedbirkar.net تىكى نۇرغۇن نادىر يۇمشاق دېتال ۋە كومپيۇتېر ئويۇنلىرىمۇ كۆپچىلىككە 迅雷 ئارقىلىق چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىۋاتىدۇ. ناۋادا سىز تېخىچە ئەنئەنىۋى كۆرۈنمە يۈزدىكى چاقماق چۈشۈرگۈچىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد 迅雷7 نى سىناپ بېقىشنى ئۇنتۇماڭ.
FireFox ۋە باشقا تور كۆرگۈلەردە 迅雷 نى كۆڭۈلدىكى چۈشۈرگۈ قىلىپ بېكىتىش ئۇسۇلى:
迅雷 نى قوزغىتىپ تىزىملىك قىسمىدىن 工具 نىڭ ئىچىدىكى 浏览器支持 دېگەن ئورۇندىن بىز نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان كۆڭۈلدىكى تور كۆرگۈنى تاللاپ بەرسەكلا كۇپايە.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
迅雷 نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: چاقماق,چۈشۈرگۈ,چۈشۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: thunder7.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۈچىنچى ئەۋلاد Maxthon تور كۆرگۈسى يېتىپ كەلدى، Maxthon 3.0.22 رەسمى نەشىرى!
- كېيىنكى يازما > 3D كۆزەينەك تاقىماي 3D كىنو كۆرۈپ باققان، ئەمما 3D مودا كىيىم كېچىلىكى كۆرۈپ باققانمۇ؟
بۇ راستىلا ئالامەتكەن، مەنمۇ كومپىيۇتېرىمدىكى كونىسىنى يۇيۇۋىتىپتىكەنمەن، لازىم بولۇپ قىلىپ قايتا چۈشۈرەي دەپ قارىسام ئالامەت بوپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ… تور بىكەتمىكىن دەپ قالدىمدە، بىر تال گىلاسقىلا ئوخشاپ قاپتۇ بۇ كاساپەت .. بىر نەرسە چۈشۈرمىسەممۇ بىردەم-بىردەم ئۈنۈملىرىنى سىناپ ئوينايمەن بۇنىڭ
ئويۇن دىتال ھەھىپىلىرى بىلەن ھەپىلىشىش ھەقىقەتەن كۇڭۇللۇك …
مەن دىتال سەھىپىسى بىلەن ھەپىلىشىپ ھەرخىل دىتاللارنى سىناپ باقىمەن …
迅雷 يۇمتالى ناھايتى تېز تەرقەققى قىلدى جۇمۇ. ئەزالىق بىجىرىپ قويسا بەك ياخشى ئىقتىدارلىرى بار.
ئاۋۇ كىيۇ كىيۇ دېگەن نەرسىنىڭ ئەزالىقىدىن ۋاز كېچىدىغان ئىشمۇ يا!
بۇ نەشرىدە ئەزالىىق بىجىرىلمىسە تىزىملاتقىلى بولمايدىغاندۇ ھەقىچان … ئۇنداق بولمىسا چۇشىرىمەن …چۇنكى مەن ئەزالىقنى ئاچقۇرمىغان …
ئەزالىق بېجىرمىسىڭىزمۇ ئىشلەتكىلى بولىۋېرىدۇ، بۇ رەسمى ئېلان قىلىنىپ بولغان نەشىرى
ھەقسىز3كۈنلۈك تورسىز يۈكلەش مۇلازمىتى يولغا قۇيۇلۇپتىكەن تۈنۈگۈن سىناپ باقتىم،لىكىن ئاران800مىگا بايىت…
ئېقىمغا ئەگىشىپ ھەقسىز ئەزالىققا تىزىملىتىپ قويۇپتىكەنمەن، ھازىر 19-دەرىجىگە چىقىپ قاپتۇ بۇ!
بىراق ئۇنى ئادەتتە بەك ئىشلەتمەيمەن، مەن سىستېما قاچىلاپ بەرگەن كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرى ئىشلىتىدۇ. ئۆزەم internetdownload manager نى ئىشلىتىمەن.
مەن ئەزالىق نومۇرۇمنى يوقۇتۇپ قويدۇم دىسە..
ئەزالىق نومۇرنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭلار قايتۇرغىلى بولىدىغۇ … قايسى ئىلخەتنى تولدۇرغاننى دەپ بەرسەڭلارلا سىلەرگە نومۇرنى شۇ ئىلخەتكە يوللاپ بىرىدۇ …
دۆتلۈكۈمدىن شۇ ئېلخەت ئادرىسىمنى قايسى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمىدىم
تورخۇمار ئەپەندى مەن 迅雷7 گە تىزىملاتقان ئىدىم.كىيىن 迅雷7 مانى ئېچىپ نۇمۇرۇمنى كىرگۈزسەم بۇنداق ئابۇنت يوق دەپ چىقىۋالدى بۇرۇنخۇ بىر قېتىم تىزىملاتقان ئۇ چاغدا تىىزىملاتقان ئىسىم بويىنچىلا كىرگىلى بولاتتى ھازىر بىر نۇمۇر بېرىدىكەن شۇنى باسقاندىن كىيىن ئاندىن ئېچىلىدىكەن .
بۇ ئىككىسىنى ئۇلىغىلى بولمامدا 329761881 نۇمۇر بىلەن dilxat دىگەندەك تىزىملاتقان ئىسمىم dilxat ماۋۇ كىرىشتە يازىدىغان نۇمۇرۇم329761881 ماۋۇ بەك ئاۋارچىلىقكەن شۇڭا ئىككىسىنى باغلىغىلى بولامدىكىن دەپ سورۇشۇم.
ئۇنداق ئىش يوققۇ؟ قىستۇرما رەسىمنى كۆرسىڭىز، مېنىڭمۇ شۇ ئىسىم بويىلا كىرگەنلىكىمنى بايقىيالايسىز.
يەنە بىر سۇئالىم:
تەخەللۇس: دىگەن textbox نى سولدىن يازىدىغان قىلغىلى بولمامدا مەن ئالاھىدە بەلگىلەرنى قۇشۇپ يازاي دىسەم ھىچ بىر قاملاشمىدى. مەسلەن:%،# دىگەندەك
مىنىڭما قىستۇرما رەسىمنىڭ قېشىدا تىزىملاتقان ئىسمىم چىقىدۇ.
لىكىن كىرىش كۆزنىكىگە بۇ ئىسىمنى باسسام كىرمەيدۇ مەن دىگەندەك ھېلىقى 329761881 ماۋۇ سان بىلەن كىرىمەن. بولسا بىر ماتىريال ئىزدەپ باقسىڭىز
بۇ يەردە 迅雷 نىڭ خىزمەتچىسىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا جاۋابى بار ئىكەن.
شۈنلىينىڭ ھەقسىز ئەزاسى بولۇپ دەرىجە ئاشۇرسا بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى تېگىدۇ؟
مەنمۇ نەچچە يىل بۇپتۇ بۇنى ئىشلەتكىلى … ھەقىقەتەن ياخشى . ئارتۇق غەلۋىسىمۇ يوق ..
ۋاي قاملاشمىغان نەرسە بۇ 迅雷 دېگەن. ئېغىرلىقىنى بىر دېمەڭ. بىر قوزغۇتۇپ قويسام كومپيۇتېر قىينىلىپ بېشى قېتىپ، مىڭ تەسلىكتە قوزغىلىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگىلىۋېلىشىچۇ تېخى!@
باشقىلاردىن 迅雷 نى ئەزا قىلسا چۈشۈرۈش سۈرىتى تىز بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان. لېكىن ئەزا قىلغاندىن كىيىن يەنىلا ئوخشاش .高速通道 نى چەكسەم (20kb每秒) قوشۇلىدۇ…تورىم 2بەلۋاغلىق ئېدى…
ئەزالىق بېجىرىپ قويۇڭلاۋە باللا، ئۈچ ئايلىقى شۇ 15 كۆي. رازى بولاپ كېتىسىلە !
مىنىڭدىن نۇرغۇن ئادەملەر لىنۇكسدا 迅雷 بارمۇ دەپ سورىغان. 迅雷 نىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن لىنۇكس نۇسخىسى بار بولسىمۇ، بۇ يېڭىسىنى كۆرسە ئادەمنىڭ ئىچى قىززىيدىكەن. 迅雷ئورگىنى لىنۇكس نۇسقىسىنى تارقاتقان بولسا ئالامەت ياخشى بولاتتى. ئېلاندىن پۇل تاپالمايمىز دەپ قالى بولغاي بۇلار
ئەمدى مۇ شۇنى ئىشلىتىپ باقماي بولمىدى ، مەن كونىسىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ،بۇ يەردىكى ئىنكاسلارنى كۈرۈپ ئىچىم قىزىپ كەتتى
كۆرۈنمە يۈزىنى كۆرۈپلا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم !
خېلى بولغانتىغۇ بۇنىڭغا7گە
مېنىڭكى 26- دەرىجە بولدى. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئەزالىققا پۇل تۆلەپ ئازقۇزغاندىن كىيىنمۇ چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئانچە تېز بولمايدىكەن.
مەنچە بۇ دىتالغا پۇل تۆلەپ ئەزا بولۇشنىڭ جىق ئەھمىيتى يوق، بىكار پۇل بۇزغانلىق