iPhone راستىنلا تېلىفۇننىڭ قاتىلىمۇ نېمە؟ ھوللىيۋود سەۋىيىسىدىكى Siri ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىم
ئالدىنقى يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى iPhone 4S ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، ھازىرغىچە قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ Siri نى ھەزىللەشتۈرۈپ فىلىم ئىشلىگەنلىكىنى ساناپ بولالمايمىز. مەيلى دۆلەت ئىچىدىكىلەر بولسۇن ياكى چەتئەلدىكىلەر بولسۇن، ھەممىسى Siri دىن ئىبارەت بۇ ئاۋازلىق ياردەمچىنى گەپكە سېلىشقا ئىنتايىن ئامراق بولۇپ كەتتى، Siri تېمىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ ھەركۈنى توردا ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ…
بىراق، كۆپچىلىك بەلكىم Siri نى تېما قىلىپ ئىشلەنگەن ھەقىقى تۈردىكى بىرەر فانتازىيەلىك فىلىمنى تېخى كۆرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن كۆرىدىغان بۇ قىسقا فىلىم، نۇرغۇن چەتئەللىك تورداشلارمۇ كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن «ھوللىيۋود فىلىملىرىدىن قېلىشمىغۇدەك بوپتۇ!» دېگەندەك يۇقىرى باھالارنى بەرگەن فىلىم. گەرچە نەچچە مىنۇتلۇق بولسىمۇ، بىراق فانتازىيە فىلىملىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ خۇمارىنى ئوبدانلا باسىدۇ. تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، تەدبىركارمۇ iPhone 4 كە Siri نى ئورنىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدى.
ماقۇل، مەن قۇرۇق گەپنى جىق سۆزلىمەي، فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىۋەتسەم، مەلۇم بىر يىگىت تۇيۇقسىز بىر دانە iPhone تېپىۋالىدۇ ھەمدە دوستى بىلەن بۇنى سېتىش توغرىلىق مەسلىھەتلىشىدۇ، Siri بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر ئېغىز گەپ قىلىدۇ: I am afraid I can not let that happen(مەن بەلكىم بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىقىم مۇمكىن)…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، Siri، فانتازىيە، فىلىم، قالتىس، قورقۇنچلۇق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,082 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: psycho-siri.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 82-قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتىغا كىرگەن نادىر ئەسەر – فرانسىيە قاقلىما كاۋىپى(French Roast)
- كېيىنكى يازما > سەزمە ئەينەك ئېكرانلىق بىر كۈنلۈك تۇرمۇش كارتىنىسى سىزنى چوقۇم ھەيران قالدۇرىشى مۇمكىن…
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى 10 چوڭ غەلىتە مەخلۇق (يۈرەك ئاجىزلار كۆرمەڭلار)
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
دىۋانما بۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ۋاھ…..ئەگەرSiri دا مۇشۇنداق ئىقتىدار بولغان بولسا………چوقۇم بىرنى ئالاتتىم دە……يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرمىگەن بولاتتىم..
«ھوللىيۋود فىلىملىرىدىن قېلىشمىغۇدەك بوپتۇ!»
سىرى خانقىز سەل چاتاقمۇ نىمە ؟
ھىم…. ھىلىقى ئالما دىگەنگە قەتتى يولۇق مايمەن ئەمدى
ئەستاغپۇرۇللا…
iPhone – راستىنلا تېلىفۇننىڭ قاتىلىمۇ نېمە ؟
دەھشەتكەنغۇ
سىز قىستۇرما رەسىملىرىڭزىنى يۈكلىگەن توربەتتىن چاتاق چىقىپتۇمۇ نىمە؟
قارىسام يانفۇننىڭ ئېلانىدەك قىلامدۇ نىمە ، ھەقىقەتەن پەچەت ئىشلەپتۇ ……………
ۋوي بالا تىلفونكنغۇ بۇ
big bang theory نىڭ يىڭى قىسمىدىمۇ مۇشۇ سىرى توغۇرلۇق قىزىق ئشلار بار
bing bagn نىڭ 5-بۆلۈم 15-قىسىمىنى كۆرسەڭلار، ئۇمۇ بەك يۇمۇر.