Siri ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم 4S بولۇشى ھاجەت ئەمەس! iPhone4 شارائىتىدا Siri ئىشلىتىش
iPhone 4S بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىكى Siri كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇ خىل ئېھتىياج تۈپەيلى، نۆۋەتتە iPhone4 مۇھىتىدىمۇ ئىشلەيدىغان قانۇنلۇق Siri مۇ بارلىققا كەپتۇ. گەرچە مۇقىملىقىنى ياخشى دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق 4S سېتىۋېلىش شارائىتى بولمىغان ئەھۋالدا يەنىلا بىر ياخشى تەسىرات مۇھىتى بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن، تۆۋەندە iPhone4 كە Siri نى قانداق ئورنىتىشنى كۆرۈپ باقايلى.
ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر:
1. بىر دانە iOS5 قاچىلانغان iPhone4، تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولۇشى كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك مەنزىل: iOS5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش
خەنزۇچە Siri نى ئورنىتىشنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇسۇلى(يېڭىلانغان ۋاقتى: 2012-7-17):
ماس كېلىدىغان ئۈسكۈنىلەر: تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان iOS 5.1.1 قاچىلانغان بارلىق ئۈسكۈنىلەرگە ماس كېلىدۇ.
1. Cydia غا بېرىپ apt.feelsiri.com دېگەن مەنبەنى قوشىمىز.
2. feelsiri مەنبەسىگە كىرىپ، قولىڭىزدىكى iDevice غا ماس كېلىدىغان نەشىردىكى feelsiri قىستۇرمىسىنى تېپىپ قاچىلايمىز.
3. تامام، Siri نى ئىشلىتىشنى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ.
Siri نى ئورنىتىش ئۇسۇلى:
نۆۋەتتە Siri نىڭ بىر قەدەر مۇقىم بولغان ۋارىيانتلىرىدىن Cydia دىكى Spire ناملىق قىستۇرما بولۇپ، بۇنى قاچىلاش ئۈچۈن ئاۋال Cydia دىن apt.178.com ناملىق مەنبەنى قوشىمىز.
قوشۇپ بولغاندىن كېيىن Cydia نىڭ ئىچىدىن Spire دېگەن قىستۇرمىنى ئىزدەپ تېپىپ قاچىلايمىز. بۇ يەردە شۇنى سەمىڭىزگە سالىمەنكى، مەزكۇر قىستۇرمىنىڭ سىغىمى 100MB دىن يۇقىرى سىغىمنى ئىگىلىگەچكە، چوقۇم WiFi شارائىتىدا سىناڭ، قاچىلاش جەريانىغىمۇ ئالاھەزەل نەچچە سائەت كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا قاچىلىغاندا سەۋرچان بولۇڭ، ئۇنىڭدىن باشقا يانفوننىڭ ئېكراننى قۇلۇپلاش ۋاقتىنى بىكار قىلىۋېتىڭ، بولمىسا ئېكران قۇلۇپلانغاندا Cydia دا ئۈزۈلۈش يۈز بېرىدۇ. مەن قاچىلىغاندا ئاخشىمى بۇيرۇقنى بېرىپ قويۇپ ئەتىسى ئويغانسام قاچىلىنىپ تەييار بوپتىكەن. يەنە بىر قېتىم دېسەم، قاچىلاش جەريانى ھەقىقەتەن سەل ۋاقىت ئالىدۇ، چوقۇم سەۋرچان بولۇڭ، جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس دەپتىكەن.
ئەمدى بۇنىڭدىكى سېستىما بايلىقىنى ھەددىدىن زىيادە ئىگىلەپ كېتىدىغان بىر Bug نى ئوڭشايمىز، يەنى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن Cydia دىن iFile ناملىق ھۆججەت باشقۇرغۇچنى قاچىلايمىز، ئاندىن تەرتىپ بويىچە /Library/MobileSubstrate/DynamicLibraries/ (سولدىن ئوڭغا) كىرىپ SpireInjector.plist ناملىق ھۆججەتنى ئاچىمىز ۋە Exectuables دېگەن خەتنى Executables غا ئۆزگەرتىپ ساقلاپ چېكىنىمىز ۋە iPhone نى قايتا قوزغىتىمىز.
بۇنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن يانفوننى قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن 设置 غا كىرسەك Spire دەيدىغان بىر تۈر كۆرۈنىدۇ. رەسىمگە قاراڭ:
ئەمدى گۇۋاھنامە ھۆججىتى قاچىلايمىز. يەنى يانفوندىكى Safari نى قوزغىتىپ، تۆۋەندىكى ئادرېسنى ئىجرا قىلىمىز:
بۇ چاغدا ئاپتوماتىك بىر كۆزنەك ئېچىلىپ گۇۋاھنامە قاچىلاشنى سورايدۇ، قاچىلىۋېتىمىز.
ئەمدى Spire نى ئېچىپ Proxy Host دېگەن ئورۇنغا تۆۋەندىكى ئادرېسنى يازىمىز:
https://hk.feelsiri.com
ئەمدى iPhone نى يەنە بىر قېتىم قايتا قوزغىتىۋېتىمىز.
قوشۇمچە: feelsiri نىڭ قۇرغۇچىلىرى يەنە يېڭىدىن بىر قانچە مۇلازىمېتىر سەپلىگەن بولۇپ، ئەسلىدىكى مۇلازىمېتىر ئاللىقاچان كۈچتىن قالغان، شۇڭا مەزكۇر يازمىدىكى مۇلازىمېتىر ۋە گۇۋاھنامىسى يەڭگۈشلەندى. ئەسلىدىكى گۇۋاھنامىنى ئۆچۈرىۋېتىپ يېڭى مۇلازىمېتىر ۋە گۇۋاھنامىنى ئورنىتىپ قويساقلا بولىدۇ. قوشۇمچە يەنە ئامېرىكا مۇلازىمېتىرى قوشۇلغان بولۇپ، ئەھۋالغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
گۇۋاھنامە ھۆججىتى:
http://www.feelsiri.com/us2.pem
مۇلازىمېتىر ئادرېسى:
https://us2.feelsiri.com
تامام! ئەمدى تەرتىپ بويىچە 设置 دىن 通用 نىڭ ئىچىگە كىرسەك Siri دېگەن تاللانمىنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقايمىز، كىرىپ Siri نى قوزغىتىۋەتسەكلا بولدى. ئەمدى Siri دىن خالىغانچە ھوزۇرلانساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئېنگلىزچىڭىز ياخشىراق بولۇشى كېرەك. Home كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرساق Siri قوزغىلىپ ئاۋاز چىقىپ توختىغاندىن كېيىن سۆزلىسەك بولدى. ھېس قىلىشىمچە، نۆۋەتتە Siri جۇڭگو رايونىدا كۆپ قىسىم مۇلازىمەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ئامالسىز ئىكەن.
ئاخىرقى سۆز
مەن ئىشلەتكەن ئىككى كۈندىن بېرى ئىزچىل نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن، ۋەكالەتچى مۇلازىمېتىرغا ئۇلىنىشىمۇ ياخشى. بۇ مۇلازىمېتىرلار يەنە قانچىلىك مۇقىم تۇرىدۇ بۇنى بىلمەيمەن. بۇ يەردە پەقەت، ماڭا ئوخشاش Siri دىن دەسلەپكى تەسىرات ئىستەيدىغان تورداشلارغا ئازراق پايدىسى بولسىكەن دېگەن مەقسەتتە ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلىشىم، ئەلۋەتتە، يېڭى مۇلازىمېتىرلار چىقسا مەن مىكروبلوگ ئارقىلىق تورداشلارغا يەتكۈزۈپ تۇرىمەن. ناۋادا سىناپ مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار بولسا مەزكۇر تېمىغا تەسىراتىڭلارنى يېزىشنى ئۇنتۇمىغايسىلەر!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، Siri، تېخنىكا، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,081 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: siri-for-iphone4.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone دا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تەس ئەمەس! iOS تىكى ئۇيغۇرچە ئەپ – خاتىرەم(iPhone/iPad ھەممىنى قوللايدۇ)
- كېيىنكى يازما > iPhone نىڭ ئالدى كامېراسىنى قوزغىتىپ ئوغرىنىڭ سۈرىتىنى تارتىپ يوللاپ بېرىدىغان ئاجايىپ كۈچلۈك ئەپ!
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
دىۋان
دىۋاندا مىق بار
پاھ، يەنىلا مۇشۇ ئالما مەھسۇلاتلىرى قىززىق نوختىدە !
ۋاكالەتچى مۇلازىمىتىر ئىشلىتىپ بەك زىرىكتىم.ھېلىدىن-ھېلىغا توختىۋالىدۇ،ئۇلانماسلىق ئەھۋالىغا كۆپ ئۇچراپ كىتىپ ئاخىرى ئۆچۈرۋېتىپلا قۇتۇلدۇم. خەنلەر ياسايمىز دەۋاتقان،قاچان چىقار تاغتۇرا siri رەسمى نۇسخىسى.
مەن چىدىمىدىم. 自制固件 ياساپ 5.0 گە ھۇررا دەيدىغان ۋاقىت كەلگەن چىراي!
Siri؟
?are you bitch
i respect you.
…
تىللايدىخان قىزبالا تاپالماي تۇرخاندا؟ھى ھى
بەرىبىر ئېنگىلىزچە سەۋىيە ياخشى بولمىسا گەپ ئاڭلىتىپ بولالماي ئۆزىمىز جىلە بولۇپ قالغۇدەكمىز ….
پاسىبانغا: ھېلىمۇ جىلە بولمىدىڭىز. كۆتۈرۈڭە 5.0.1 گە. بۇنىڭ ھوزۇرى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە. يېڭى نەشىرگە كۆتۈرسىڭىز بىزگىمۇ نەپ چىقىدۇ سىزدىن. مەن تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن بىرى شۇنى ھېس قىلدىمكى، 5.0.1 مۇ تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىنمۇ بەك مۇقىم ئىشلەيدىكەن.
چاتاق بوپتۇ !
ئوھ . . .
بۈگۈن سېستىما توختىماي بىخەتەرلىك ھالىتىگە كىرىۋېلىپ قايتىدىن سېستىما يېڭىلىغان. باياتتىن تورخۇمارغا كىرىپ siri نى يەنە بىر سىناش نىيتىدە 178 دىن spire چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كىيىن safari پەقەت ئېچىلمىدى. ئاساسلىق سەۋەبى sbsetting ۋە 91 دىگەن چوماقچىنىڭ ئىشىكەن. مۇشۇنداق مەسىلىگە يۇلۇققانلار بولسا spire نى ياكى safari نى ئاچماي تۇرۇپ 91 بىلەن sbsetting نى ئۆچۈرۋېتىپ،قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن سىناپ كۆرۈڭ.
مانا مەنمۇ قاچىلاپ چىقتىم، ھېلىقى سافارىنى ئېچىپ قاچىلايدىغان گۇۋاھنامە قاچىلانمىدى، يەنى سافارى ئېچىلمىدى. لېكىن سىرى خان يەنىلا نورمال. لېكىنزە ئاۋۇ سپاير دىگەن قىستۇرمىنى بەك تەستە قاچىلايدىكەن. چۈشۈرۈشكە 2 سائەت، قاچىلاشقا 8 سائەت كەتتى… ئۇف…..!
ئايفوننىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن 91 نى ئىشلەتمەسلىكىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەيلى pc ياكى يانفۇن نوسخىسى بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر.
ئامال بار ifunbox ياكى itools نى ئىشلىتىڭلار. بۇ ئىككىلىسىنىڭ pc ۋە mac نوسخىسى بار. 91 تور بېتىدىن لازىملىق دېتال ۋە ئۇيۇننى ئىزدەپ چۈشۈرۋىلىپ مۇشۇ ئىككى قورالدىن پايدىلىنىپ قاچىلاڭلار.
91 ئىشلىتىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بىر قورال، بۇرۇن باشقىلارنىڭ ئۇچۇرى ئۈچۈن يۇچۇق قەستەن قالدۇرۇلغان.كىيىن بۇ ئىقتىدارلىرى كەڭ جەمئىيەتكە ئاشكارلىنىپ CEO گېزىت يۈزىدە كەچۈرۈم سورىدى ۋە ئىقتىدارلىرىنى راۋۇرۇس ياخشىلىدى.بۇ يەردە مەن ماختاش نىيتىدە دىمىدىم.نەچچە ئون قىستۇرما ئەمەلگە ئاشۇردىغان ئىقتىدارلارنى بىرلا 91 ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. گەپ سىزنىڭ قانداق تەڭشەپ ئىشلىتەلىشىڭىزدە…
ئوبدان ئىشلەۋاتقان سىرى تېلفۇننى قايتا قوزغىتىپلا مۇلازىمىتىرغا ئۇلىنالمىدى يەنە.. كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈڭ…. لا دەپ تۇرۋالدى ئەمدى. تولا ھەپىلىشىپ پەقەت ئوڭشىيالمىدىم…
پاھ ! پۈتۈن ئالمىچىلار ئەسلى بۇ يەردىكەنغۇ ؟
(نەزەرى كۆرۈنمەيدا ؟ )
بىر چاغلاردا ھەقلىق ئىدى بۇ cydia دىن قاچىلىغان سارىخانمۇ. ئەمدىلىكتە بۇمۇ ھەقسىزلەشتۈرۈۋېتىلگەن ئوخشىمامدۇ ؟
سارىخاننى نورمال قاچىلىۋالدىم. بىراق گۇۋاھنامە ئېلتىماس قىلىدىغان ئادرىس ئېچىلمىدىغۇ؟
يازمىدىكى تولۇقلانغان مەزمۇنغا دىققەت قىلىڭ، مۇلازىمېتىر ئادرېسى ۋە گۇۋاھنامە ھۆججىتى ئۆزگەردى.
،ئەتىگەنياقى بەك جىق سىناپ كەتتىم،.،.ھەممە باسقۇچلارنى مۇۋاپپىقىيەتلىك تاماملىدىم ،.،.نۇرغۇن قېتىم قايتا تامام قىلغان بولساممۇ ئەڭ ئاخىرقى «ئەمدى تەرتىپ بويىچە 设置 دىن 通用 نىڭ ئىچىگە كىرسەك Siri دېگەن تاللانمىنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقايمىز»لېكىن مەن كىرسەمSiri يوق.،.،.سەۋەبى نىمدۇ،.،.باشقا خىل ئۇسۇل يوقمىدۇ،.،..،.،،
ئۇ يەردە Siri كۆرۈنمىدى دېگەنلىك، Spire ئوڭۇشلۇق قاچىلانمىدى دېگەنلىك بولىدۇ، يەنە تەپسىلىي سىناپ كۆرۈڭ.
Spire نى كۈندە قايتا-قايتا قاچىلاپ سىناۋاتىمەن،.،.،ھەر قېتىمدا تولۇق ئوڭۇشلۇق قاچىلىنىۋاتىدۇ بولمىسا،.،،cydiaدىن مەجبۇرى تولۇق يۇيۋىتىپ يەنە قايتا قاچىلاپ باقتىم،.،.يەنىلا تۇللۇق قاچىلانغان،.،.يەنىلا Siriيوق..،.،نىم ئىشتۇ بۇ ئەمدى.،،.،مېنىڭ iphone4 行货تى
مەندە iphone4 يوق. iphone 3GS بولسىمۇ بولامدۇ.iOS5.11 قاچىلانغان .