نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

iPhone نىڭ ئالدى كامېراسىنى قوزغىتىپ ئوغرىنىڭ سۈرىتىنى تارتىپ يوللاپ بېرىدىغان ئاجايىپ كۈچلۈك ئەپ!

igotya

مەيلى iPhone بولسۇن، ياكى باشقا يانفون ئىشلىتىۋاتقانلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بىر ئەندىشىسى – ئېھتىياتسىزلىقتىن يانفوننى يۈتتۈرۈپ قويۇش. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىخەستىلىك سەۋەبىدىن ئامراق يان تېلېفونىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋالغا ئۇچراپ تۇرىمىز، خېلى جىق پۇل خەجلەپ ئالغان تېلىفون شۇنداقلا يۈتۈپ كەتسە، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ چوقۇم ئىچى ئاچچىق بولىدىغۇ دەيمەن؟ بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، دەل iPhone ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئەپ – iGotya.


ئاۋال بۇ ئەپنىڭ ئىقتىدارىنى بىر كۆرۈپ باقايلى:

iGotya نىڭ باشقا ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش قوراللىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ يانفون يۈتۈپ كەتكەندىن كېيىن يېڭى سېلىنغان كارتىنىڭ نومۇرىنى بەلگىلەنگەن يانفونغا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئەۋەتىپلا قالماي، بەلكى يەنە تۇيدۇرماستىن كامېرانى قوزغىتىپ يانفون ئوغرىسىنىڭ سۈرىتىنى تارتىۋالىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇپ GPS ئارقىلىق يانفوننىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ بارلىق ئۇچۇرلار بىلەن قوشۇپ بەلگىلەنگەن E-Mail ۋە يانفونغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. يانفون ئوغرىلانغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ پەقەت پارولنى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق خاتا كىرگۈزۈپلا سالسا، iGotya ئاپتوماتىك ھالدا يانفوندىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى يوشۇرىۋېتىپ يانفوننى پاك-پاكىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، ھەتتا تەڭشەش قىسمىغا كىرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس، يانفوننى تاقىۋېتىش ئىقتىدارىمۇ ئىشلىمەيدۇ. يانفون بىر ئاماللار بىلەن قايتا قوزغىتىلغان تەقدىردىمۇ، يەنە پارول خاتا كىرگۈزۈلسە، iGotya ئوخشاشلا يۇقىرى مەشغۇلاتلارنى ئاپتوماتىك تاماملايدۇ.

240_2959628_353702a53fe854d

قانداق؟ ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ كۈچلۈكمىكەن؟ ئۇنداقتا تۆۋەندە بۇ قىستۇرمىنى iPhone غا قانداق ئورنىتىشنى كۆرۈپ باقايلى.

كېتەرلىك شەرتلەر:

بىر دانە iPhone(ئەڭ ياخشىسى iPhone4 ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نۇسخىلىرى بولسا ياخشى، چۈنكى ئالدىنقى ئەۋلاد يانفونلارنىڭ ئالدى كامېراسى يوق، بۇ ئەھۋالدا سۈرەتكە تارتىش مەقسىدىگە يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن)، شۇنداقلا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولۇشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك مەنزىل: iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى

iGotya نى ئورنىتىش:

تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان iPhone بولغانىكەن، Cydia چوقۇم بولىدۇ، ئاۋال Cydia نى ئېچىپ كېرەكلىك مەنبەنى قاتىمىز. تۆۋەندە iGotya نى مىسال قىلىپ تۇرۇپ Cydia غا مەنبە قوشۇش دەرسلىكىنى قالدۇرۇپ قوياي.

1. Cydia نىڭ ئىچىدىن 管理 نىڭ ئىچىگە كىرىمىز.
2. ئاندىن 软件源 نى تاللايمىز.
3. ئوڭ ئۈستى تەرەپتىن 编辑 نى باسساق سول ئۈستى تەرەپكە 添加 دېگەن كۇنۇپكا كۆرۈنىدۇ، شۇنى باسىمىز.
4. چىققان كۆزنەككە apt.178.com دېگەن ئادرېسنى يېزىپ جەزملەيمىز(ئامال بار سىمسىز WiFi تورى شارائىتىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىڭ).
5. قارا ئېكراندا بىر قاتار ئۇچۇرلار چىقىپ تاماملانغاندىن كېيىن Cydia غا قايتىمىز ۋە ئاستى تەرەپتىن 搜索 غا كىرىمىز.
6. ئۈستىدىكى ئىزدەش ئورنىغا iGotya دەپ ئىزدىسەك بىر قانچە خىل نەتىجە چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن ئايكون رەڭگى قىزغۇچ بولغان بىرسىنى تۇتۇپ باسىمىز.
7. ئوڭ ئۈستى تەرەپتىن 安装 دېگەننى بېسىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز، قاچىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يانفوننى قايتا قوزغىتىدۇ.
8. iGotya نىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئېنگلىزچە، ناۋادا تەڭشەشتە قىينالسىڭىز، ئوخشاش ئۇسۇلدا iGotya دېگەن ھالقىلىق سۆزنى ئىزدىسىڭىز iGotya 汉化包 دېگەن خەنچە تىل بولىقى چىقىدۇ، شۇنى تاللاپ قاچىلاپ قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.

iGotya نى تەڭشەش:

يۇقىرىقى ئۇسۇل ئارقىلىق iGotya نى قاچىلاپ بولدۇق. ئەمدى يانفوننىڭ 设置 قىسمىغا كىرسەك iGotya نىڭ تەڭشەش ئورنى كۆرۈنىدۇ، بېسىپ كىرىپ iGotya نىڭ تەڭشەش كۆرۈنمە يۈزىگە كىرىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

2107_e21d132815078817f9373d997b9eb

كىرگەندىن كېيىن، ئاساسلىق تەڭشەك بۆلىكىنىڭ تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەنلىكىنى بايقايمىز.

بىرىنچى بۆلىكى بولسا، يانفون ئېكرانى قۇلۇپلانغان ھالەتتە ئوڭغا سىيرىپ ئاچساق پارول كىرگۈزۈشنى سورايدۇ ۋە پارولنى خاتا كىرگۈزگەندە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشغۇلاتلارنى تەڭشەيمىز.

iGotya پارولنى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم خاتا كىرگۈزۈشكە يول قويىدىغان بولۇپ، ناۋادا ئىككىنچى قېتىممۇ خاتا كىرگۈزسىڭىز، ئۇنداقتا يازمىنىڭ ئۈستى قىسىمدا دېيىلگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. ئاستىدىكى تەڭشەكلەر تەرتىپ بويىچە سۈرەتكە تارتىش، GPS ئارقىلىق ئورنىنى بەلگىلەش، پارول خاتا كىرگۈزۈلگەندە چىقىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنىڭ ئېچىش/تاقاش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنى. بۇلار ئادەتتە ھەممىسى ئوچۇق بولىدۇ، ئاستىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە يېزىۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئىككىنچى بۆلەك بولسا بىرىنچى مۇداپىئە تېمىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن ياكى بىۋاستە تېلىفوننى تاقىۋەتمەكچى بولغاندا قوزغىلىدىغان مۇداپىئە تېمى. تەڭشەكلەر ئۈستىدىكىگە  ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ بۆلەكتە يانفوننى تاقىۋېتىشتىن ساقلىنىش دەيدىغان تۈر بار، بۇ تۈر ئوچۇق قويۇلسا، ئوغرى يانفوننى تاقايمەن دەپمۇ تاقىيالمايدۇ، ئەكسىچە تاقاش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن يەنە بىر قانچە پارچە سۈرەتكە چۈشۈپ ئورنىنى مەلۇم قىلىپ سىزگە يوللاپ بېرىشى مۇمكىن.

ئۈچىنچى بۆلەك بولسا، ئوغرىنىڭ تارتىلغان سۈرىتى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنىنى E-Mail ۋە قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئەۋەتىشنى تەڭشەيدىغان بۆلەك، بۇ ئورۇنلارمۇ ئادەتتە ئوچۇق بولۇپ، سىز بەلگىلەنگەن E-mail ئادرېسىڭىز ۋە قىسقا ئۇچۇر يوللىنىدىغان تېلىفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

ئاستىدىكىسى قوغدىنىش ھالىتى بولۇپ، بۇ ھالەت ئادەتت ئوچۇق بولىدۇ. كىرگەندىن كېيىن پارول بېكىتىپ بېرىسىز. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمەن. چۈنكى مۇشۇ سەۋەپلىك ئۆزى سىناپ باقىمەن دەپ يانفونىنى تاقاپ قويۇپ ئاچالماي ئامالسىز ئىچىدىكى ئۇچۇرلىرىنى يۈتتۈرگەنلەر خېلى كۆپ. بىراق iGotya ھېچقانداق ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆچۈرىۋەتمەيدۇ، شۇڭا خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.

دىققەت: iGotya غا بېكىتكەن پارول بىلەن يانفونغا بېكىتكەن پارول چوقۇم بىردەك بولۇش كېرەك. بۇنى iGotya نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىمۇ ئەسكەرتكەن. يانفونغا پارول بېكىتىش ئۈچۈن 设置 نىڭ ئىچىدىن 通用 نى بېسىپ كىرىپ 密码锁定 دېگەن تۈرنى ئاچىمىز ۋە 打开密码 نى تاللايمىز، سۈكۈت قىممەتتە ئاستىدىكى 简单密码 دېگەن تۈر ئوچۇق بولۇپ، پەقەت تۆت خانىلىق ساننى پارول قىلىشقا بولىدۇ. بۇ تۈرنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن تېخىمۇ ئۇزۇن پارولنى بېكىتەلەيسىز.

يەنە دىققەت: ئېھتىياتسىزلىقتىن پارولنى خاتا كىرگۈزۈپ قويۇپ تېلىفونىڭىزدىكى ئۇچۇرلار يوشۇرىۋېتىلگەن بولسا، پارولنى قايتا توغرا كىرگۈزسىڭىزلا ئۇچۇرلىرىڭىز يەنە ئەسلىگە كېلىدۇ. ناۋادا ئېھتىياتسىزلىقتىن iGotya بىلەن يانفوننىڭ پارولىنى ئوخشاش بېكىتمەي تاقىلىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا يانفوننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىرىماڭ. بۇنىمۇ تامامەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىراق يازمىنى تەپسىلىي ئوقۇغان بولسىڭىز، چوقۇم بۇ خىل تۆۋەن دەرىجىلىك خاتالىقنى سادىر قىلىشتىن ساقلىنالايسىز.

تېخنىكىلىق مەزمۇن شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى، ئەمدى ئۆزىڭىز سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. E-Mail نى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ، سۈرىتىڭىز ۋە ئورنىڭىز يوللىنىپتىمۇ يوق؟

ئاخىرقى سۆز:

بىر تۈرلۈك ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش قورالى بولۇپ سۈپىتى بىلەن، iGotya ئۆزىدە ئاساسلىق بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدارلارنى تولۇق ھازىرلاپلا قالماستىن، يەنە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسىنى ھازىرلىغان. ئوغرىلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى گەرچە ئۆزىمىزگە چىڭ بولۇش بولسىمۇ، بىراق بەزىدە iGotya دەك بىر ياردەمچى قورالنىڭ بولغىنىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. المسلم 2012.02.12 , 21:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى مەنمۇ ئىشلىتىپ سىناپ باقتىم ھەقىقەتەن بۇلىدىغان ئەپ بۇ

  2. پەنجىر 2012.02.12 , 21:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان ،دىۋان ،دىۋان !

    • پەنجىر 2012.02.12 , 22:10

      ۋاي توۋا، ئادەم يوقتغۇ،ۋاي نۇمۇسۇم ،ۋاي نۇمۇسۇم !:cry:

  3. المسلم 2012.02.12 , 21:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەت بولدى ھە :grin::grin:
    يىللاردىن بىرى تورخۇمار نى ئارلاپ يۇرۇپ تۇنجى ئىنكاسىمدا دىۋان

  4. ئابدۇرېشىت ئېلى 2012.02.12 , 23:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بىر قېتىم قاچىلاپ ئۆچۈرۈۋەتكەن، قاچىلاپ قويسام بولىدىغان ئوخشايدۇ قارىغاندا.

  5. ۋەتەن 2012.02.13 , 00:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھىم، يەنە چىقسۇن ،مۇشۇنداق ئەپلەر ! ئايفۇن ئالىدىغانغا باھانە مىقدارىم توشمايۋاتىدۇ:mrgreen:

  6. مۇرادىل 2012.02.13 , 00:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەقىل :
    ناۋادا ئېھتىياتسىزلىقتىن iGotya بىلەن يانفوننىڭ پارولىنى ئوخشاش بېكىتمەي تاقىلىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا يانفوننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىرىماڭ. بۇنىمۇ تامامەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
    =========================
    مەسلەن قانداق ئەسلىگە ئەكىلمىز؟

  7. ئابدۇرېشىت ئېلى 2012.02.13 , 00:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ھازىر سىناپ باقتىم (سىم كارتىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقمىدىم، ئەمما كىرىش شىفىرىنى خاتا كىرگۈزۈپ سىنىدىم). بەلگىلەپ قويغان نومۇرغا ئۇچۇر كەلدى. ئۇچۇردا ئايفوننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يوللىنىپتۇ، بىراق ئوغرىنىڭ تېلېفون نومۇرى (تېلېفوندىكى مەۋجۇت كارتا نومۇرى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆزۈمنىڭ تېلېفون نومۇرى) يوق. (سىم كارتا ئالماشسا يوللامدۇ يا). يەنە بىرى بەلگىلەپ بەرگەن ئېلخەتكە ھېچقانداق خەت كەلمەپتۇ. ئەسلى تېمىدا دېيىلگەندەك بولسا ئوغرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، تېلېفون نومۇرى، ئوغرىنىڭ سۈرىتى قاتارلىقلار يوللىنىشى كېرەكتى. 20 مىنۇتتىن بىرى ئېلخەت يوق.

  8. ساراڭ 2012.02.13 , 02:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر ئوغرى بۇ دېتالنى يۇيۇۋەتسىچۇ؟ كارتىنى ئالماشتۇرماي تۇرۇپ يۇيۇۋەتسە،ئاندىن كارتىنى ئالماشتۇرسا ،تەدبىركارنىڭ تەدبىرىمۇ ئاقماي قالارمىكى:mrgreen:

  9. بەگزادە 2012.02.13 , 02:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قاچىلاپ قويدۇم قىنى باشقا ئالمىچىلا سىناپ غەلبە كىلساڭلا ھايت دەۋىتەسىلە مەنغۇ ئەزەلدىن تىلفۇنغا مەخپى نۇمۇر بەلگىلىمەيتتىم…
    تەدبىركار سىناقتىن ئۆتمىگەن ئەپنىمۇ يوللاپ يۈرمەس ھەقاچان..

    • تورخۇمار 2012.02.13 , 12:06

      سىناقتىن ئۆتكەن، ئەندىشە ھاجەتسىز.

  10. ئەجرىم 2012.02.13 , 02:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دېتالنىڭ ئىقتىدارى ھەقىقەتەن كۈچلۈك، مەخپى نۇمۇرنى قەستەن خاتا كىرگۈزۈپ تەخمىنەن بەش مىنۇتتىن كىيىن ئېلخەتنى ئاچسام رەسىم كەپتۇ.تۇرۇشلۇق ئورۇن GPS ئۇچۇرىمۇ كەپتۇ.
    ئىشلەتكۈچىلەرگە كىچىككىنە تەۋسىيە: 保护模式 قوغداش ھالىتى تۈرىنى ئۇچۇق ھالەتتە قويماڭ.ئەگەر ئۇچۇق ھالەتتە قويسىڭىز ئىككى قېتىم خاتا مەخپى نۇمۇر كىرگۈزۈلسە پۈتۈن ئۇچۇرلىرىڭىز،تېلېفۇن نۇمۇر،رەسىم،مۇزىكا ھەممىسىنى يۇشۇرۇپ قويىدۇ.ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى بىر قەدەر مۇرەككەپ.

    • زۇليار 2012.02.13 , 12:22

      保护模式 نى ئاچمىساق، بۇ ئەپنى قاچىلىغاننىڭ پايدىسى بولماس؟

    • بىپەرۋا 2012.02.13 , 18:25

      مەب 保护模式 نى ئېچىپ قويۇپ تىكەنمە پارۇلنى 6 خانە سەپ قويۇپ تىمەن بارلىق نەرسەم يوقاپ كەتتى قانداق قىلسام بولا…..:?::?::?:

  11. ئابدۇرېشىت ئېلى 2012.02.13 , 09:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن خاتا كىرگۈزۈپ سىناپ باقسام بەلگىلەپ قويغان نومۇرغا قىسقا ئۇچۇر كەلدى، بىراق ھېچقانداق ئېلخەت كەلمىدى (ئېلخەتمۇ بەلگىلەنگەن بولمىسا).
    مەخپىي نومۇر ئىككى قېتىم خاتا كىرگۈزۈلسە بۇ ئەپ قوزغىلىپ قىلىدىغاننى قىلىدىكەن، ئۇچۇرلارنى يوشۇرىۋېتىدىكەن، لايىھىلەش تۈرىمۇ يوقاپ كېتىدىكەن. بىراق، ئەلبۇمنى چەكسىڭىز بار سۈرەتلەر كۆرۈنمەيدىكەن ۋە لايىھەلەشكە كىرىپ iCloud نى لايىھەلەشنى ئەسكەرتىدىكەن، لايىھەلەيمەن دېسىڭىز لايىھەلەش ئىجرا بولىدىكەن ۋە ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدىكەن. مۇشۇ تەرىپى بولمايدىكەن، گەرچە بۇ ۋاقىت ئەپ قىلىدىغاننى قىلىپ بولغان بولسىمۇ.
    ئەگەر سىناش جەريانىدا ئۇچۇرلىرىڭىز يوشۇرۇلۇپ قالغان بولسا يانفون ئېكرانىنى تاقاپ مەخپىي نومۇرنى قايتا توغرا كىرگۈزسىڭىز ئايفون قايتا قوزغىلىپ ئەسلى ھالىتىگە كىرىدىكەن. ئەمما لايىھەلەش تۈرىدىن مۇشۇ تۈر ئېچىلغاندا غۇنداق بولىدىكەن، ئەكسىچە بولسىچۇ!؟…

    • تورخۇمار 2012.02.13 , 12:24

      ئېلخەت ئەۋەتىش ئىقتىدارى نورمال. ھەقىقەتەن، سىز دېگەندەك بىر يېتەرسىزلىك مەۋجۇد، بىراق تېلىفوننى ئېلىۋالغان ئادەمنىڭ ئۇنچە ئىنچىكە بولۇپ كېتىشى ناتايىن، سىز دېگەن شۇ باسقۇچقا بېرىش ئۈچۈنمۇ ئۇ چوقۇم بىر قېتىم سۈرەتكە چۈشۈپ ئورنىنى سىزگە يوللاپ بېرىدۇ. لايىھەلەش تۈرىدىن بۇ تۈر ئېچىلمىغاندا قانداق بولار دەپسىز، ئېچىلمىدى دېگەن گەپ، سىزنىڭ بۇ ئەپنى قاچىلىشىڭىزنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق دېگەن گەپ.

  12. مەرۋايىت 2012.02.13 , 13:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خەپ، مەنمۇ بىر ئايفونلۇق بولارمەن ھە:mrgreen:

  13. تىلەك 2012.02.13 , 13:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىززىق ئەپكەن بۇ، ئەمما مەندە Iphone يوق دە…………..

  14. پارتىزان 2012.02.13 , 23:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئەپتىن پايدىلىنىپ بىز بىلەن رەسىمگە چۈشكىسى يوق ئادام بىلەن، بىلدۈرمەستىن رەسىمگە چۈشىۋاساق :lol:

  15. بۆرە 2012.02.14 , 13:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باشقا خىلدىكى يانفۇنلارغا ماس كىلەمدۇ،مەسڭلەن نوكىيا.

  16. Dimat 2012.02.14 , 16:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېزدىن ئىشىتىشنى باشلاي ئەمسە..

  17. Dimat 2012.02.14 , 16:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen:ياخشى

  18. شوخ139 2012.02.15 , 13:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ تىلفۇنۇم سەنشىڭI9100ئىددى بۇنۇڭغا چۇشۇدىغىنى بولسا يۇللاپ بەرسىڭىز….؟
    رەخمەت سىزگە

  19. ئەركە 2012.02.17 , 14:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن بۇنى، بىر ئوبدان يوللاپ بىرىۋاتىدۇغۇ سۈرەت ، GPS ئورنىنى دىگەندەك…
    ………
    بەزىلەرنىڭ بۇنى ئىشلىتىشتىكى مەقسىتى چاتاقمۇ نىمە…؟:lol:

  20. ئەرۋاھ 2012.03.29 , 00:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بوپ قويىدىكەن جۇمۇ
    ئەمما مۇشۇ ئايفون ئالغىلى ھېچ باھانە توشمايۋاتىدۇ جۇمۇ

  21. yalkuntah 2012.05.22 , 17:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇشۇ ئالمدىن بىرنى قاچان ئالارمەن بەك ھەۋىسىم كىلىدۇ ،شۇ پۇل يوقتە :cry:

  22. شەرىپە 2012.09.07 , 00:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمىش بۇ مەن ئۈستىدە دىيىلگەندەك

  23. ئۆزخان ئىتوت قامۇسى 2013.05.28 , 13:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لېكىن مەن ھەممىنى قىلدىم، ئەمما ئېلخەتكە ھەم مەن بىكىتكەن تېلفۇن نومۇرغا ئۇچۇر كەلمىدى.:?:

  24. kapsiz 2013.09.09 , 17:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لېكىن مەن ھەممىنى قىلدىم، ئەمما ئېلخەتكە ھەم مەن بىكىتكەن تېلفۇن نومۇرغا ئۇچۇر كەلمىدى

  25. DasTan 2013.11.24 , 01:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالما يانفۇندا بۇ قىستۇرما بولمىسا بولمايدىكەن . :oops:

  26. نەشپۇت 2014.01.07 , 19:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توختىماي قوزغىلىۋەدىغو قايتىدېن قاندا قىلىش كىرەك؟:cry::cry::cry:

  27. ھارماس 2014.02.23 , 13:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇ ھەمىمىنى قىلدىم …..ئەمما ئېلخەتكە ھەم بىكىتىپ قويغان تىلفۇن نۇمرىغا ھېچ ئۇچۇر كەممىدى…………:neutral::neutral::neutral::arrow::arrow: قانداق قىلساق بۇلار…….

  28. ئەرفات 2016.01.06 , 22:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :idea:خاخا

  29. ئەرفات 2016.01.06 , 22:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما ئەپ بەك قالتىس كەنغۇ:smile:

  30. ئەرفات 2016.01.06 , 23:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانداق چۈشۈرمىز دەپ بېرىڭلار چۇ :?:

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量