نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > رەقەملىك دۇنيا > يازما كۆرۈش

iOS 5.0.1 قاچىلانغان iPhone، iPad قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى

ios501-untethered-jailbreak

@pod2g دەيدىغان پىروگىراممىر بۈگۈن ئۆزىنىڭ مېكروبلوگىدا iPhone4 قاتارلىق A4 ئۆزەك ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ 5.0.1 نەشىردىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى redsn0w_win_0.9.10b1 نى ئېلان قىلغان.ھازىرچە iPhone4 ۋە تۆۋەن نۇسخىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى قوللايدۇ…

ئىشلەتكۈچىلەر ئەڭ يېڭى نەشىرىدىكى redsn0w 0.9.10b1(بۇنىڭ Windows ۋە Mac نەشىرى بار) ئارقىلىق مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، ناۋادا سىز سېستىمىنى ئاللىقاچان iOS 5.0.1 غا كۆتۈرۈپ بولغان بولسىڭىز، بىۋاستە تۈرمىدىن قاچۇرسىڭىز بولىدۇ، ئىلگىرى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئېلىپ بارغانلارغا نىسبەتەن، ئۈستىدىن قاپلىۋېتىش شەكلىدە تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

بىراق نۆۋەتتە، A5 تىپلىق CPU ئىشلەتكەن iPhone 4S ۋە iPad 2 قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا بولمايدىغان بولۇپ، pod2g نىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھازىر ھەدەپ A5 تىپلىق CPU دىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋېتىپتىمىش.

تۈرمىدىن قاچۇرماقچى بولغان دوستلار ئۈسكۈنىدىكى 设置 نىڭ ئىچىدىن 通用 ئاندىن 关于本机 ناملىق ئورۇندىن نۆۋەتتە iPhone ياكى iPad تىكى سېستىمىنىڭ نەشىرىنى كۆرەلەيدۇ، ناۋادا سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز كونا نەشىردىكى iOS سېستىمىسى بولسا، ئاۋال iOS 5.0.1 گە كۆتۈرۈپ ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. قۇلۇپى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن، PwnageTool غا ئوخشاش قوراللار بىلەن سېستىمىنىڭ ROM سىنى ئۆزى يېڭىلاش ئېلىپ بارغىنى سەل ياخشى. ئۇنىڭدىن باشقا، Pod 2G ئىشلەتكۈچىلەرگە ئالما شىركىتى iOS 5.0.2 نى ئېلان قىلغان چاغدا ئالدىراپ يېڭىلىماسلىقنى ۋە بۇ ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئۈنۈمسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلغان.

iOS نەشىرىنى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى:

دىققەت:  ھەرقانداق باھانە – سەۋەب بىلەن سېستىما يېڭىلاش ياكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىنى باشلاشتىن بۇرۇن، چوقۇم زاپاسلىۋېلىڭ. iTunes قا iPhone نى چېتىپ، 我的设备 دېگەن جاينىڭ ئاستىدىكى «پالانچىنىڭ ئايفونى» دېگەن جايدىكى iPhone نىڭ ئىسمىغا ئوڭ تەرەپنى چېكىپ 备份 نى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

كېرەكلىك قوراللار:
itunes ئەڭ يېڭى نەشىرى(iTunes نى قوزغاتسىڭىز كونا نەشىرى بولسا ئاپتوماتىك يېڭىلاشنى ئەسكەرتىدۇ)

5.0.1 ئۈسكۈنىڭىزگە ماس كىلدىغان نەشىرى: http://www.weiphone.com/ios/ بۇ يەردىن ئۈسكۈنىڭىزگە ماس كىلىدىغان نەشىرىنى چۈشۈرۈڭ. سېستىمىڭىز 5.0.1 بولسا بولغانچە، ئەگەر بۇ نەشىردە بولمىسا يۇقارقى ئادرېستىن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان 5.0.1 سېستىما بولىقىنى چۈشۈرۈڭ. ئاندىن iPhone نى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ، iTunes نى ئېچىپ Shift بىلەن 恢复  نى بېسىڭ. چىققان كۆزنەكتىن، چۈشۈرۈپ قويغان 5.0.1 نىڭ سېستىما بولىقىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ. (لېكىن چوقۇم ئاۋال زاپاسلىۋېلىڭ) ئەگەر سېستىمىڭىز 5.0.1 بولسا بۇ باسقۇچتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ.

iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش سۈرەتلىك دەرسلىكى:

1. چۈشۈرگەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى redsn0w نى ئېچىڭ(چۈشۈرۈش ئادرېسى بەت ئاستىدا). (Win7 دە باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ئاچىسىز) ئاچقاندىن كىيىن Jailbreak نى باسىمىز.

image

2. بۇ چاغدا ئۈسكۈنە چوقۇم تاقىۋېتىلگەن ھالەتتە بولۇشى شۇنداقلا كومپيۇتېرغا USB سىمى بىلەن ئۇلانغان بولۇشى كېرەك.

image

3. Next نى باسقاندىن كېيىن  بۇ باسقۇچ DFU ھالىتىگە ئۆتۈش باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئاۋال تېلىفوننى ئېچىش كۇنۇپكىسىنى نەچچە سكونت بېسىپ تۇرىمىز، كەينىدىن ئەسكەرتىش بۆلىكىدىكى خەتلەر كۈل رەڭگە ئۆزگىرىپ كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتىدۇ.

image

4. ئاندىن ئۈسكۈنىنى ئېچىش/تاقاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويۇۋەتمەي تۇرىمىز ھەمدە بىللە HOME كۇنۇپكىسىنى تەخمىنەن 10 سكونتلار ئەتراپىدا بېسىپ تۇرىمىز.

5. ئەڭ ئاخىرىدا ئېچىش/تاقاش كۇنۇپكىسىنى قويۇپ بېرىمىز ھەمدە HOME كۇنۇپكىسىنى داۋاملىق 15 سكونت بېسىپ تۇرىمىز.

6. مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا تۆۋەندىكىدەك بىر جەريان تاياقچىسى چىقىدۇ.

image

7. تۆۋەندىكى كۆرۈنۈش چىققاندا، Install Cydia تۈرىنى تاللاپ قويىمىز، Cydia نى iOS ئۈسكۈنىسىگە قاچىلاشقا باشلايدۇ.

image

8. بىر ئاز ساقلىغاندىن كېيىن، iOS ئۈسكۈنىسىدە ئېنگلىزچە ئۇچۇرلار كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا مەشغۇلاتلار تاماملىنىۋاتقان ۋاقتى بولۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن ساقلايمىز.

9. ئىككى ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن، يانفون قايتا قوزغىلىدۇ ۋە Cydia نىڭ ئايكونسى كۆرۈنىدۇ. بۇ چاغدا يانفوننى يەنە بىر قوزغىتىپ قويۇڭ.

10. شۇنىڭ بىلەن iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش تاماملاندى.

ئەگەر سىزدە نامۇكەممەل قاچقان 5.0.1 سېستىمىسى بولسا:
1.  Cydia نى ئېچىپ بارلىق يېڭىلايدىغان نەرسىلەرنى يېڭىلىۋېتىڭ. ئاندىن Corona 5.0.1 Untether دەپ ئىزدەپ تېپىپ مۇشۇ نەرسىنى قاچىلىۋېتىڭ. بۇ نامۇكەممەلنى مۇكەممەل قىلىدىغان نەرسە.
2. يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن قايتا بىر قېتىم تۈرمىدىن قاچۇرىۋېتىڭ.

ئاخىرىدا بىر ئېغىز گەپنى قوشۇمچە قىلاي، گەرچە تۈرمىدىن قاچۇرۇش سىزنىڭ iOS ئۈسكۈنىڭىزنى ئىلگىرى ھازىرلانمىغان بىر قىسىم ئىقتىدارلارغا ئىگە قىلسىمۇ، ئەمما يەنە سېستىمىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، توك سەرپىياتىنى خورايتىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.

مەزمۇنلار پاسىبان، ئەجرىم بلوگلىرى ۋە توردىن يىغىپ بىر قەدەر تولۇق قىلىپ رەتلەندى.

redsn0w 0.9.10b1 نى چۈشۈرۈش مەنزىلى:

redsn0w 0.9.10b1 نىڭ نىڭ Windows ۋە Mac نەشىرى    |   مەنبە: تورخۇمار

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 20 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. شىر خان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي ئايپون ھەي ئايغون سىنى ئالاي دىسەم پۇل يوق ئالماي دىسەمزە سىنىڭ شۇ ئىسىل خەۋەرلىرىڭ ھەي خەپ توختاپ تۇ ئايپاتەك سىنى بىر ئالمىسام :mad: :mad: :mad: دىۋان :lol: :lol: :lol:

  2. يفشى ئۇكاش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما ئىشنى كۈرۈڭ مەنمۇ دىۋاندا ئولتۇرۇپ باقاي دەپ ساقلىغان يا!؟
    سىلە نىمانداق 3 يازمىنىڭ دىۋاننى ئىگەنلىۋالىسىلە؟!
    ئىنساپ قىلىڭلار :twisted:

  3. ياخشى ئۇكاش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئايفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرمىسا ئىشلەتكىلى بولمامدۇ؟ :?:

    • ئابدۇرېشىت ئېلى :

      ئەلۋەتتە بولىدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرمىغاندا پەقەت ۋە پەقەت app store دىكى ئەپلەرنىلا چۈشۈرەلەيسىز ۋە ئىشلىتەلەيسىز. بۇ ئادەتتە تەشەببۇس قىلىنىدىغان قانۇنلۇق ئىشلىتىش ئۇسۇلى. بىراق تۈرمىدىن قاچۇرسىڭىز app store دىن چۈشۈرگەن ئەپلەرنىلا ئىشلىتىپ قالماي يىشىۋېتىلگەن ئاجايىپ ئېسىل ئەپلەرنىمۇ ھەم Cydia دىكى تۈرلۈك تۈمەن ئەپلەرنىمۇ … ئىشلىتەلەيسىز دېگەن گەپ. ئىشقىلىپ تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ گۇينىڭ ئىقتىدارى چەكسىز كېڭىيىدۇ. نېمە قىلاي دېسىڭىز قىلالايسىز (قۇرسىىقىڭىز ئېچىپ قالسا سىزگە تاماق ئىتىپ بېرەلمەيدۇ ئەمما :mrgreen: ) ئادەتتە بۇ خىل ئۇسۇل تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. ئەمما ھەر بىر ئالما مەستانىسى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئىشلىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  4. سەزگۈرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما شىرخان بۈگۈنچىقىۋاوتا دىۋانغا … باشقا دىۋانىلار قىنىدۇ ؟ سەھرالىق ،ئۇيغۇربەگ دەيدىغان :mrgreen: :mrgreen:

    • پەنجىر :

      سەھرالىقنى سېغىنىپ قاپسىزدە ! :mrgreen:

  5. پەنجىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تاغتۇرا يانفونلىرىدىن چىقالماي ئۆتەپ كىتىدىغان ئوخشايمەن ! بىراق باشقىلار ئالمىسىنى كۆتۆرەپ كەلسە خېلى ئوبدان تەڭشەپ بىرىدىغان ! :mrgreen:

  6. پەنجىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راسىت گەپ قىلسام ، مەن تىلگىراف ساھەسى بىلەن شۇغىنلىنىۋاتىمەن ، مۇنداق قاراپ باقسام، ھازىر كۆپ قىسىم ئالما ئابونتلىرى بىچارە ئالمىنى تىلفون ئۇرۇشتىن باشقىغا ئىشلەتمەيدىكەن، ئەلۋەتتە ئۇچۇر يىزىشنى بىلمەيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس، ھەتتا بەزى كىشلەر ئېقىم مىقتارىنى ئەتكۈزۋىتىش ئۈچۈنمۇ كەلدى، تورغا چىقمسا ئەقلى يانفونلارنىڭ جىق ئەھمىيتى يوق . مىنىڭچە كىشلەر مودا قوغلىشىپ ئەمەس بەلكى ئۈز ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتسا ياخشاراق بۇلاركەن ! بۇ يازمىنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن جىقاراق سۆزلەپ قويدۇم ، كەچۈرەرسىلەر!

    • ياۋايى :

      جىڭ گەپ قىلىسىلە .. قولىدا 5000 كويلۇق تىلفۇننى ئىلۋىلىپ ئاران 50 كويلۇق تىلفۇندا ئىشلىتىدىغان ئىقتىدارنى ئىشلەتسە ئا ئىشلەتكەن ئادەم ئەمەس ما بىز كۆگەن ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلىپ قالىدىكەن …

  7. شەمشەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    siri خاننى ئىشلەتكىلى بۇلامدىغاندۇ يا ؟؟

    • تورخۇمار :

      سىناق قىلىپ بېقىپ ئايرىم تېما ئاچاي.

  8. ئابدۇرېشىت ئېلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېمەي، تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇش دەپ قوللانساقچۇ. چۈنكى مۇكەممەل تۈرمە دەيدىغان گەپ يوق.

  9. نادان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نقېنى مەن بىر سىناپ باقاي، تۈرمىدىن قاچۇرالماي تۇرغانتىم ، بۇ يازما ايفوندا يېزىلدى

  10. مۇرادىل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇپ باققانلار بارمۇ؟
    ناۋادا ئارلىقتا بىرەر كىلىشمەسلىك يۈز بىرىپ قالسا تۈرمىدىن قاچۇرالمىغاننى ئاز دەپ پالانچى پۇلغا ئالغان تىلفۇن ئېچىلماس بۇلۇپ قالماس ھە.مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ قالساق قانداق قىلمىز؟

  11. ئەجرىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېلېفۇن ئېچىلماس بولۇپ قالسا چۇقۇم بىر سەۋەبى بولىدۇ.يېڭىلاشتا خاتالىق كۆرۈلدىمۇ،تۈرمىدىن قاچۇرغاندىمۇ تەپسىلى قالدۇرسىڭىز تورداشلار ھەل قىلىشىپ بېرىدۇ. مەن مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن. ئايفوننى ياختۇرسىڭىز 91 دىن يىراق تۇرۇڭ. باشقا مەسىلىلەر كۆرۈلمىدى.نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.

  12. Goodluck : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداق قىلىپ بىر ئايفوننى كېسەككە ئايلاندۇردۇم :mrgreen: :cry:

    • ئۆركەش :

      iPhone ئۇنداق ئاسان كىسەككە ئايلانمايدىغۇ؟ نىمە بولدى؟

  13. نىگا ر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :?: تۇرمىدىن قاچۇرۇش دىگەن نىمە گەپ،مەن چۇشنەلمىدىم

    • تورخۇمار :

      iPhone نىڭ سېستىمىسىغا ئازراق ئۆزگەرتىش قىلىپ ئەسلى سېستىمىدىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، سېستىمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىش ۋە شۇنىڭدەك بىر قىسىم ھەقلىق ئەپلەرنىڭ يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىنى بىمالال قاچىلاشنى كۆرسىتىدۇ.

  14. umud10 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇشۇ ئۇسۇل بۇيىچە قىلسام ئايفون ئۈچۋېلىپ 6تىنجىستە توختاپ قالدى ۋە ئايفون ئېچىلمىدى ئەمدى قانداق قىلامەن :cry: :cry: :cry:

 汗