شەندۇڭدىن «رېزىنكە تۇخۇم» چىقىپتۇ! تۇخۇم سېرىقىنى يەرگە تاشلىسىڭىز توپتەك ئۆرلەيدىكەن…
شەندۇڭ يەنتەي شەھىرىدىن ۋاڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ساختا تۇخۇم» سېتىۋالغانلىقىنى بايقىغان. ۋاڭ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئالدىنقى كۈنى، ئۇ مەھەللىدىكى ماگزىندىن بىر كىلو تۇخۇم سېتىۋالغان بولۇپ، ئىچىدىن ئۈچ دانە «ساختا تۇخۇم» چىققان. ۋاڭ ئەپەندى بۇ ساختا تۇخۇملارنى ھەرقانچە قىلىپمۇ چاقالمىغان، ئاخىرى قاتتىق جىسىم بىلەن ئۇرۇپ چاققاندىن كېيىن، تۇخۇمنىڭ ئىچىنىڭ ئاللىقاچان قېتىشىپ كەتكەنلىگىنى، تۇخۇمنىڭ ئېقىنىڭ سېرىق رەڭدە ئىكەنلىگىنى بايقىغان. كېيىن بۇ «ساختا تۇخۇم»لارنى پىشۇرۇپ باققاندىن كېيىن، تەمىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى ھېس قىلغان…
مۇخبىرنىڭ دېيىشىچە، تۇخۇمنى 20 مىنۇتلارچە پىشۇرغاندىن كېيىن، تۇخۇمنىڭ سېرىقى پارقىراپلا قالماستىن، تۇخۇمنىڭ ئېقىمۇ ساغىرىپ كەتكەن. قول بىلەن مىجىغاندا ئىنتايىن ئېلاستىكىلىقى يۇقىرى تۇيغۇ بەرگەن، يەرگە تاشلىغاندا بولسا، ئويلىمىغان يەردىن توپقا ئوخشاش قاڭقىپ چىققان.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ سېتىۋالغىنى ساختا تۇخۇم بولماستىن، بەلكى «رېزىنكە تۇخۇم» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ناچار سۈپەتلىك تۇخۇم ئىكەن. «رېزىنكە تۇخۇم» دېگىنىمىز، پىشۇرغاندىن كېيىن تۇخۇم سېرىقى مەلۇم نىسبەتتە ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولغان، ھەتتا توپنىڭ ئورنىدا يەرگە تاشلاپ قاڭقىتقىلى بولىدىغان تۇخۇمنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇنداق تۇخۇمنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى، توخۇنىڭ يەم-خەشىكىدە ئوشۇقچە خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ تەركىبىنىڭ كۆپ بولۇپ كەتكەنلىگىدە ئىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، خەۋەر، غەلىتە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,015 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: rubber-eggs.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يانفوندا تارتقان سۈرەتتىكى ئارتۇق ئېلىمېنتلارنى خالىغانچە ئۆچۈرىۋەتكىلى بولىدىغان ئاجايىپ سىرلىق تېخنىكا!
- كېيىنكى يازما > خېنەندىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتى ئۇدا 12 يىلدىن بېرى بىر سوملۇق پۇل بىلەن ئىش ھەققى تارقىتىۋېتىپتۇ
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
ھەرگىز يەپ سالماڭلار جۇما! بولمىسا گېلىڭلارغا تۇرۇپ قالىدۇ…
ئۇنىڭدىن چىققان چۈجىچۇ ئەمسە ؟ قانداق چوڭ بولا …
قاڭقىپ يۈرىدىغان «توپ» جۆجە بولا
خاشو چۈجىما . . .
مىنىڭچە ئۇ مۇسۇلمانچە ئەمەس
توۋا بۇ جاھان مۇشۇنداق ساختىلىشىپ كېتەرمۇ تۇخۇمنىڭمۇ جارى چىقىپتا
مەن تېخى ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي تۇخۇملار ئوخشايدۇ دېسەم، ئەسلىي بۇلغانغان تۇخۇم ئىكەندە…
جۇڭگودا بۇلغانغان نەرسىلەرنى ئۆز خەلقى يەيدۇ. سۈپەتلىكلىرىنى ئېكىسپورىت قىلىدۇ.
بۇندىن كىيىن تۇخۇمنى يىمەي توپ قىلىپ سەكرىتىپ ئوينىساق بولغىدەك ئەڭ ياخشىسى!
تىكتاك توپ قىلىپ ئوينايلى!
توۋا نىمە ئىش بۇ ئەمدى
بۇ كېچىك ئىشكەن، تۈنۈگۈن بىر يولداش بىنادىن سەكرىگەن، يەرگە چۈشكەندە كۈتۈلمىگەن يەردىن قاڭقىپ كەتتى
ئۇ ئادەممۇ ساختا ئوخشايدۇ….
ۋاي توۋا ! نىم بوپكەتتى ، 5000يىللىق مەدەنىي شاكال توپ مۇتىخى بۇ !!