نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

خېنەندىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتى ئۇدا 12 يىلدىن بېرى بىر سوملۇق پۇل بىلەن ئىش ھەققى تارقىتىۋېتىپتۇ

a-dollar-of-wages

خېنەن شاڭچيۇ شەھەرلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتى 12 يىلدىن بېرى، ئىزچىل ئاپتوبۇسنىڭ پۇل تاشلاش ساندۇقىغا چۈشكەن پارچە-پۇرات پۇللارنى خىزمەتچىلەرگە مائاش قىلىپ تارقىتىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئاپتوبۇسقا كارتا ئىشلىتىدىغانلار بەك كۆپ بولغاچ، ھەمدە بانكىمۇ ئۇنچە كۆپ پارچە پۇلنى ساقلاشنى ئانچە خالاپ كەتمىگەچكە، بۇ شىركەت ئىزچىل ماتېرىيال پۇلى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى قاتارلىقلارنى مۇشۇ پارچە پۇللاردىن ئاجرىتىپ كەلگەن ئىكەن.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئاپتوبۇسقا چىققان يولۇچىلار پۇل ساندۇقىغا تاشلىغان پۇللار ئىچىدە پۇچۇق، ساختا پۇللار، ئويۇنچۇقخانىنىڭ تەڭگىلىرى ۋە بانكا خىزمەتچىلىرىگە پۇل ساناشنى مەشىق قىلىش ئۈچۈن تارقىتىدىغان ساختا مەشىق پۇللىرىمۇ بار ئىكەن، مۇشۇ سەۋەپتىن ئاپتوبۇس شىركىتىنىڭ ھەر يىللىق تارتىدىغان زىيىنى نەچچە 10 مىڭ يۈەنگە بارىدىكەن.

a-dollar-of-wages-01

a-dollar-of-wages-02

a-dollar-of-wages-03

a-dollar-of-wages-04

a-dollar-of-wages-05

a-dollar-of-wages-06

بۇ ئاپتوبۇسقا چۈشكەن مېيىپ-مەجروھ پۇللار شۇكەن.

a-dollar-of-wages-07

بۇ ئويۇنچۇقخانىلارنىڭ تەڭگىسى.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. پرېستان 2012.03.27 , 22:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا ھا ،،،بانكىغا بارسا ئالماشتۇرۇپ بېرەتتىغۇ،،،!

  2. سەزگۇرى 2012.03.27 , 23:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋا ھ ئاۋۇ پۇللارنى ماڭا بەرسىمۇ مەيلىتى ….ئۇلار ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدا كىلولاپ پۇل ئېلىپ كىتىدىكەن ئۆيگە … نىمدىگەن باي ھە

  3. xilas 2012.03.28 , 00:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىممەترەك نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا بارسا پۇللىرى سومكىغا پاتمىغۇدەك.:eek:

  4. Forever 2012.03.28 , 14:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇئاش چىققاندا كېسەكلەپ – كېسەكلەپ پۇللارنى ئېلىپ كېتىدىكەندە :mrgreen:

  5. ئۆزخان 2012.03.28 , 14:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دۇكاندا پارچە پۇل تاپالماي كىتىمىز، يىنىمغا كەلسە پۇتۇنلەپ بىرەتتىم.

  6. ئۇيغۇربەگ 2012.03.28 , 15:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزىدە شۇنداق لازىم بولاپ كېتىدۇ بۇ ئوقەتلەر…

  7. جاھانكەزدى 2012.04.01 , 23:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇ ئەمەسمۇ ئۆزخان دوستىمىز توغرا دەيدۇ

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量