بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولسا كېرەك يوق، بىراق چوقۇم «كۆپ خوتۇنلۇق بېجى» تۆلىشى كېرەك
بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولغانلار «كۆپ خوتۇنلۇق بېجى» تۆلەيدۇ؟ كۈلمەڭ، بۇ راست ئىش. ھېچ بولمىسا بېنگالدىكى تۆتىنچى چوڭ شەھەر راجىھاھ شەھىرىدە مۇشۇنداق تۈزۈم ئاللىقاچان يولغا قويۇلغان. 2006-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، بۇ شەھەردە قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق ئۆرپ-ئادەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، كۆپ خوتۇنلۇق بولغانلارغا نىسبەتەن باج ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويغان، ھەرقانداق بىر ئەر ئىككىنچى خوتۇننى ئالغان چاغدا 10000 تاكا(بېنگالنىڭ پۇل بىرلىكى) باج تاپشۇرۇشى، ئۈچىنچى خوتۇننى ئالغاندا 30000 تاكا، تۆتىنچى خوتۇننى ئالغاندا 40000 تاكا(تەخمىنەن 312 ئامېرىكا دوللىرى) تاپشۇرىشى كېرەككەن.
ئەمەلىيەتتە، بېنگالدا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش قانۇنلۇق بولۇپ، بۇ خىل يېڭىچە قائىدىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى سەۋەپكە، راجىھاھ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى مىگانۇر مۇنداق دەپ چۈشەنچە بەرگەن: بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزىمى ئاياللارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، ھالبۇكى ھازىر بۇ خىل تۈزۈلمە تېخىمۇ زاماننىڭ كەينىدە قالدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مەزكۇر شەھەر تېخىمۇ كۆپ ھازىرقى زامان تۈزۈلمىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى خالايدىغان بولۇپ، «كۆپ خوتۇنلۇق بېجى» بۇنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسمى ئىكەن.
بېنگال بولسا ئىسلام دىنى دۆلىتى بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، ئىسلام دىنىدا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويغاچقا، مەزكۇر دۆلەتتە بۇ خىلدىكى ئائىلىلەر ھازىرمۇ مەۋجۇد.
يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق ئائىلىلەرمۇ پەيدىنپەي ئازلىماقتا، بولۇپمۇ شەھەرلەردە خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەر يەنىلا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ. بىراق، بىر قىسىم يېزا-قىشلاقلاردا ھېلىھەم بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئۆرپ-ئادەت تەرىقىسىدە داۋاملاشماقتا.
بەلكىم غەرپلىكلەرنىڭ نەزىرىدە، ئىسلام دىنىنىڭ بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويۇشى كىشى ھەۋەس قىلىدىغان ئىش بولۇشى مۇمكىن. بىراق شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش كېرەككى، ئىسلام دىنىدا گەرچە يول قويۇلغان بىلەن، بىراق ھەرگىزمۇ ھەممە ئادەم خالىغانچە خوتۇن ئالسا بولىۋېرىدۇ دەپ بەلگىلەنمىگەن.
تۇنىسقا ئوخشاش شىمالى ئافرىقىدىكى ئەرەپ دۆلەتلىرىمۇ ئاللىقاچان قانۇندا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈلمىسىنى بىكار قىلغان، بېنىنغا ئوخشاش دۆلەتلەرمۇ تېخى يېقىندا بۇ خىل غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ نەزىرىدە زاماننىڭ كەينىدە قالغان تۈزۈلمىنى بىكار قىلغانلىقى ئېلان قىلدى.
بىراق، شۇنداق بولغان تەغدىردىمۇ يەنىلا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولىدىغانلار يەنىلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرماقتا. سىنگال بولسا غەرپلىكلەرنىڭ نەزىرىدە خېلى تەرەققى قىلغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، بىراق بۇ دۆلەت ھېلىھەم بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزىمىدە جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سىنگالنىڭ زۇڭتۇڭى 2000-يىللىرى يېڭى ئاساسى قانۇن ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرى، گەرچە نۇرغۇن قىز-ئاياللارنى ئازات قىلىش ھەققىدىكى شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزىمىنى بىكار قىلىشنى رەت قىلغان ھەمدە بۇنى «چەكلەشكە بولمايدىغان قەدىمقى ئۆرپ ئادەت» دەپ قارىغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئائىلە، غەلىتە، قانۇن، نىكاھ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,330 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: polygamy-tax.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > خېنەندىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتى ئۇدا 12 يىلدىن بېرى بىر سوملۇق پۇل بىلەن ئىش ھەققى تارقىتىۋېتىپتۇ
- كېيىنكى يازما > ئىبلىسلار ئارىلى(Alcatraz)دىكى تۈرمە مېھمانخانىسى سىزگە ھەقىقى تۈرمە تۇرمۇشىنى ھېس قىلدۇرۇشى مۇمكىن
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- يېڭىچە مودا سۈرەتكە چۈشۈش ئۇسۇلى: پلاستېر بىلەن يۈزنى ئورىۋېتىپ ئالۋاستىغا ئوخشاپ قېلىش
- فوتوگرافنىڭ كامېراسى ئاستىدىكى دەقىقىلەر | چوڭ بولغانسىرى چىرايىڭىزنىڭ دادىڭىزنى تارتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن
- ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىشلەنگەن ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى ئېلانلار
- بۇ رەسىملەرگە قاراپ بۇ ئاتا-بالىنىڭ ئۆز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي تۇرالامسىز؟ ئۆگەي؟! ياق، ئۆگەي ئەمەسكەن…
- تاياققا لايىق 10 خىل ئەر ۋە ئاياللار ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇمات | مۇشۇ خىلدىكىلەردىن بولسىڭىز قاتتىق دىققەت قىلىڭ
- ھىندىستاندىكى بەش يىگىت، بىر قىزنى ئورتاق خوتۇن قىلىپ ئەمرىگە ئاپتىمىش…
- بىر كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك يەنە بىر مىكرو تىياتىر- نىكاھنىڭ تەمى
- سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىكى كاتتا تۈرمىلەر! بۇنداق تۈرمىدە ياتقان جىنايەتچىلەرنى تورغا چىقىپ CS ئاتىدۇ دەيدۇ!!!
- كومىدىيە ۋە مۇھەببەتكە تولغان بىر يۈرۈش ئالبوم – دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئاتا
بۇمۇ دىۋان
دىۋاندا مىق بار.
غەلىتە ئىشلار بار جۇما ئىشقىلىپ
بۇنداق ئىشلار مۇشۇ شىنجاڭدىمۇ بار،لىكىن قانۇندا يول قويمىسىمۇ،ئۇلار BUG پەيدا قىلىپ ،باشتىكى ئايالىنى قويۋىتىپ يانا بىرنى ئەپ بولۇپ ئاندىن باشتىكى بىلەن ئەپلىشىۋالدىكەن ،بى قانۇنلىق بولدىكەن.
ئىملاخاتالىقى كۆرۈلىدىغان بۇلۋالداتورخۇماردا.يامەن خاتا ئوقۇۋاتىمەنمۇ بىلمىدىم.
ماۋۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكى بومبا ساقال قېرىلاردىنبى ھەسسىلەپ ئالغان بولسا مۇشۇ باجنى ، ساۋاپ بولىدۇ دەپ نۇمۇس قىلماي 2-3 نى ئېلىۋىلىپ ، ئارقىسىدىن خوتۇنلىرىنى بىرسى بىرسىگە دۈشمەن قىلىپ …..ھەيييييييييي ……
ما تۈزۈم جۇڭگودا بوپ قالسا چاتاق جۇما، پۇلى بار ئەمەلدارنىڭ ھەممىسى ئىككى ئۈچتىن خوتۇن ئېلىپ خەقنىڭ خوتۇنلىرىنى بۇلاپ قويمايدۇ.
2..3 نى ئالسىغۇ مەيلى 56 نى ئېلىۋالمىسىلا
بىر خوتۇن قانۇنلۇق يەرلەردە. خوتۇنىغا كۆڭلى قالمىسا 98 خانىلارغا كىرىدۇ
ساۋاپ بولدۇ ، ئاچىڭىز سىڭلىڭىزنى ئىنىڭىزغا ئېپ بېرىڭ .