ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىشلەنگەن ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى ئېلانلار
ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلىپ باقمىغانلار بولسىمۇ بىلمەيدىغانلار يوققۇ دەيمەن. ھېچقىسى يوق، كەلگۈسىدە يامانراق خوتۇن ئېلىپ قالسىڭىز چوقۇم نەقمەيداندا تۇرۇپ ھېس قىلىسىز.
1. لىۋان
ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ھەممىسى تەن زەخمىسىدە بولمايدۇ، يارا ئېغىزىنىڭ شەكلى خۇددى زوراۋانلىق بىلەن ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ ئاۋاز دولقۇنىغا ئوخشاش، مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدەك، كىشىگە بەرگەن تەسىرى دەھشەت چوڭقۇر.
2. ئەنگلىيە
بۇ بىر بۆلەك كۆرۈنۈشنى لوندون ساقچى تەرەپ تەمىنلىگەن. «لوندوندىكى بەشتىن بىر ئۈلۈش قاتىللىق دېلولىرى ھەممىسى ئائىلە زوراۋانلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىكەن»، سىز ئولتۇرغان ھوجرىنىڭ يېنىدىلا قاتىللىق دېلوسى يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ بىر بۆلەك ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى ئىشلەنگەن ئېلاننىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى ئىنتايىن ئاددى: سىز تېلىفون قىلىسىز، بىز كېلىپ ئالدىنى ئالىمىز.
3. ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكى
ئېلان تېكىستى: ئۇ ماڭا توي تەكلىۋى قويغاندا بۇنى بەرگەن، بىراق بۇ ھېچنىمە ئەمەس. ئائىلە زوراۋانلىقىغا ھېچقانداق باھانە كەتمەيدۇ، ئۆزىڭىز كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىڭ.
4. فرانسىيە
5. گېرمانىيە
نۇرغۇن ئاياللار ئائىلە زوراۋانلىقىدىن قورقۇپ كەتكەندىن كېيىن: مەن پەقەت ئېھتىياتسىزلىقتىن پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشتۈم دەپلا قويىدۇ.
6. سېنگاپور
ئېلان تېكىستى: ناۋادا بىرىنچى قېتىم يۈز بەرسە، ئۇنداقتا ئىككىنچى قېتىممۇ چوقۇم يۈز بېرىدۇ.
7. فرانسىيە
ئېلان تېكىستى: ئائىلە زوراۋانلىقى: سۈكۈتتە تۇرغىنىڭىزنىڭ ئۆزى قاتناشقىنىڭىز بىلەن باراۋەر.
8. ئەنگلىيە
ئېلان تېكىستى: جۆرىڭىزنىڭ ئىبلىس قوللىرىغا سۈكۈت قىلماڭ.
9. ئەنگلىيە
10. گېرمانىيە
بۇ ئېلاننىڭ مەنىسى مۇنداق. ئېلاندا بىر ئادەمنىڭ كۆزى كامېراغا ئەگىشىگلىك، سىز ئېلانغا قارىمىغان چاغدا ئۇ دەل سول تەرەپتىكى سۈرەت(ئائىلە زوراۋانلىقى)، بىۋاستە بۇ ئېلانغا قارىغان چاغدا، بىرئاز كېچىكتۈرۈلۈشتىن كېيىن ئۇ ئوڭ تەرەپتىكى ھالەتكە(ئىناق ئەر-خوتۇنلار) ئۆزگىرەيدۇ.
ئېلان تېكىستى: ھېچكىم قارىمىغاندا، بۇ ئىش يۈز بېرىدۇ.
11. سېربىيە
ئېلاننىڭ تېمىسى: كونا سۈرەتلەر، ھاياتىمدىكى ئەڭ ئوسال كۈنلەر.
ئاخىرلىشىش سۆزى: مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار، ئەتىنى كۆرەلەمدىم يوق بىلمەيمەن.
12. ئامېرىكا
ئېلان تېمىسى: خورلاشقا ئۇچرىغان بارلىق ھەمشىرىلەر بىرلىشەيلى!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئائىلە، ئەخلاق، ئېلان، تۇرمۇش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,376 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: brutal-domestic.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [ئۇيغۇرچە خەتلىك] 2013-يىللىق Vine كۆرۈنۈش توپلىمى | دورا يېيىشنى ھەرگىز توختاتماڭ!
- كېيىنكى يازما > چەتئەللىك تورداشلار ياساپ چىققان نىمجان(半条命2) فىلىمى – Gravity Gun
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
خوتۇن ، بالىنى ئۇرغان ئەر كىشى نامەرت بولۇر. دەپتىكەن كونىلار.
دىۋان
نامەرتلەررررررررررررررررررررررررررررررررررررر
خوتۇن كىشىنى ئۇرمىسا ئەركىشىنىڭ بىشىغا دەسسەيمەنلەملام دەپ تۇرىدۇ ….
ئۇرسا تىخى .. ئۇرمىسا تخى يا ئۇزىنى بىلمەيدۇ … ئىشقىلىپ ئۇرۇشمۇ ياخشى چارە ئەمەس .. لىكىن ئۇرماي خوتۇن كىشىنىڭ زوراۋانلىقىغا يول قويسا ئاخىرى ئەركىشى خوتۇن كىشىگە قۇل قىلىدۇ …قىسقىسى بۇ ئاھىلىدىكى ھوقوق تالىشىش كۆرىشى .. كىم يەڭسە شۇنىڭ گىپى راس بۇلىدۇ .. كىم يەڭسە شۇ خوجا بۇلىدۇ ….
ماۋۇ خوتنى يوق بىچارە تۇللىنىڭ يۈرەك سۆزى!باشقىلار بىلىۋىلىڭلار!كىم مۇشۇندا ئويلىسا ئىنتايىن بىچارە دۇر!!ئايال كىشى دىگەن ئاجىز،لىكىن بىشەم بولىدۇ،شۇڭا ئۇلارغا بىر نەرسىنى بىلدۈرۈشنىڭ باشقە چارىلىرىنى قاللانغان ياخشى!ئۇرغانسىرى تىخىمۇ گەپ ئاڭلىماس ،قوقماس،يانماس قىلىن بوپ كىتىدۇ!
ماۋۇ مەن ئاڭلىغان ئەڭ بىمەنە گەپ بولدى. مەن مۇشۇ چاققىچە بىر ئادەمنى ئۇرۇپ قايىل قىلغاننى كۆرۈپ باقىمدىم، بولۇپمۇ ئايالنى. مەيلى دىندا بولسۇن مەيلى ئەخلاق يۈزىسىدىن بولسۇن ئايالىغا قول تەككۈزۈش ياخشى ئەمەس. ئايالىڭىزنى بەك ئۇرغىڭىز كىلىپ كەتسە ئاۋال ئانىڭىزنى، ياكى قىزىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، چوقۇم ئۆنۈمى بولىدۇ.
ئايالىڭىزنى قانچىكى ئۇرسڭىز ئۇ سىزگە ھەرگىز قايىل بولمايدۇ، ئەكسىچە تىخىمۇ بىشەملىشىدۇ. ئەڭ ياخشىسى مەسىلىنى چىرايلىق ھەل قىلغان ياخشى، كىمنىڭ گىپى گەپ بولۇش شۇ ئەركىشىگە باغلىق، ھەرگىزمۇ خوتوننى ئۇرۇپ قورقۇتۇپ ئۆيگە خوجا بولغىلى بولمايدۇ.
خوتۇننى ئۇرۇش ئاجىزلىقنىڭ سىمولى!
خوتۇنىنى ئۇرۇش ھەقىيقەتەن توغرا ئەمەس، بىراق خوتۇنىڭىزنىڭ ئۆزىنى ئۇرغۇزغۇسى كەپ كەتكەندە ھەقىيقەتەن ئامال يوق!
ئايال كىشىدىگەن ئەگرى قوۋۇرغا ، مەيلىگە قويساڭ تىخىمۇ ئىگىلىدۇ .
ئەمما تۇزلىمەكچى بولساڭ ئىھتىيات قىل ، بولمىسا سۇندۇرۇپ قويىسەن .
يا ھاناھ !؟ چەتتەللىكلەر خۇتۇن ئۇرسا كۇزىگە سالامدۇ نىمە ؟ ھەممىسىنىڭ كۇزنى كۇكەۋىتىپتۇغۇ ؟
مەندىن نەسىيەت ئۇرساڭلارمۇ ، ئۇرۇڭلار . ياتكۇزۇپ تۇرۇپ كاسسىسىغا ئۇرۇڭلار .
يا باشقىلارغا كۇسىتەلمەيدۇ ، يا ساڭا تىكىلىپ قاريىيالمايدۇ
ئەمما مانىڭدەك يۇز كۇزگە ھەرگىز سالماڭلار، چىراي دىگەن قىزلانىڭ زىننىتى ئەمەسمۇ
مىنىڭچە تاپىنىغا ۇرغىنى ياخشىمىكىن دەيمەن
ئۆگەي بالىلىرىنى ئۇرۇپ خارلايدىغان، ئېرىنى يۇۋاش كۆرۈپ ، دىققەت قىلمىغاندا ئۇرۇۋالىدىغان ، يىغلاپ قوقاق سالىدىغان بىشەم ئاياللارمۇ باركەن. شۇ ۋات – ۋات ئاياللارنىڭ خورلۇقىغا ئۇچراۋاتقان بىچارە بالىلار ۋە بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ھالىغا كىممۇ يېتە ؟!
بىرەر يەردە ياشانغانلار ۋە ئەرلەرنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىشىنى توسۇشنى تەۋسىيە قىلغان ئېلاننى كۆرمىدىم.
تورخۇمار بۇرادەر خوتۇننى ئۇرۇپ قويمىغانسىلە
ماۋۇ تۇزكورلارنى نىمە دىسە بۇلا ، بەئەينى توخو پۇقى يىگەن ئىتلاغىلا ئوخشاپتۇ ، ياق ! ھايۋانلار چېغىدا ئۆز جۆرىسىغا قانداق كۈيىنىشنى بىلىدۇ .باندالارچۇ !؟ بىز ئۇيغۇرلارئەزەلدىن ئىسىل ئەنئەنىلىك مىللەت ،ئۆز خوتۇن ـ قىزلېرىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك كىم قەدىرلەيدۇ ؟ يەنە كىلىپ خوتىنىغا قول كۈتۈرگەن ئەرنىڭ قۇلىدىن يەنە نىم ئىش كىلەتتى تۇغرىمۇ . ئېي ئوغۇللار ئاتىلاغا خاس مەردانە باتۇر كۈيۈمچان ئاتىلاردىن بۇلايلى ، ئۆيىڭىزدە ھىچكىم كۆرمەيدۇ دەپ خۇتىنىڭىزنى ئۇرماڭ تىللىماڭ. ھىچكىم بىلمىسىمۇ مانا تورخۇمارنىڭ كۆزى يامان ئىز قوغلاپ يۈرۈپ داستىخاندا ئەپتىڭىزنى چىتقا يايىدۇ (پەنىد نەسھەت ھە) . مىھېربان ئاياللېرىمىز يۇمران تەنلېرى ئامان بولسۇن !!!