كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ كامېرا ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېپيېڭى يازمىلار:
12كېيىنكى بەت
ئاخىرقى بەت (جەمئىي 2 بەت)
بۇ ماكرو ئالەمدە، بىز يانفون نىڭ سۈرەتكە تارتىش كۇنۇپكىسىنى باسقان ھامان، بىر پارچە تەييار سۈرەت شۇ ھامان يانفون ئېكرانىدا ھازىر بولىدۇ، ئەمما كۆپچىلىك ئويلاپ باقتىمۇ يوق بىلمىدىم، سۈرەتكە تارتىش كۇنۇپكىسىنى باسقان شۇ دەقىقىدە، پۈتكۈل كامېرا نىڭ ئىچكى قىسمىدا قانداق ئىشلار يۈز بېرىدىغاندۇ؟ يانفوندا سۈرەتكە تارتقان شۇ 0.0001 سكونت …..
ئىلگىرى تورخۇماردا كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن « سىرلىق تەجرىبە! كامېرا + سۇ + ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېقىۋاتقان سۇنى توختاتقىلى، ھەتتا تەتۈرىسىگە قاراپ ئاقتۇرغىلى بولىدىكەن! » دېگەن يازمىدىكى پرىنسىپقا ئوخشاش، تەۋرىنىۋاتقان سۇ ئېقىمىنى كامېرا ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە سۈرەتكە ئالغاندا، ناۋادا تەۋرىنىش چاستوتىسى ۋە كامېرا نىڭ سۈرەتكە ئېلىش چاستوتىسى ماسلىشىپ قالسا، ئۇنداقتا خۇددى بىز كىنولاردا دائىم كۆرىدىغان ماشىنا ئالدىغا كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چاق قارىماققا تەتۈر چۆرگىلەۋاتقاندەك مەنزىرە ھاسىل …..
يىقىندىن بېرى ئۇيغۇرلاردا مىكرو كىنو قىزغىنلىقى خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى. مەيلى كەسپى بولسۇن ياكى ھەۋەسكارلار بولسۇن، ياخشى چىققان بىرقانچە مىكرو كىنو نى تورخۇماردا ئېلان قىلىپمۇ ئۈلگۈردۇق. چوڭ تىپتىكى كىنو شىركەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا مەزمۇن جەھەتتە چانمىسىمۇ، ئەمما مەبلەغ ۋە ئۈسكۈنە جەھەتتىكى پەرىق سەۋەب، سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسىدە يەنىلا خېلى پەرىق مەۋجۇت. …..
ئادەتتە كىشىلەر كەچتە سۈرەت كە چۈشكەندە ئەتراپ قاراڭغۇ بولغانلىقتىن، نۇر تولۇقلاش ئۈچۈن كامېرا نىڭ چاقماق لامپىسى(闪光灯) نى قوزغىتىپ سۈرەتكە تارتىدۇ. ئەمما سۈرەت تارتىلغاندىن كېيىن چىرايىغۇ ئوچۇق چىقىدۇ، ئەمما نېمىشقا ئادەمنىڭ كۆزى قىزىل بولۇپ قالىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق قورقۇنچلۇق دەڭە؟! ئەمەلىيەتتە، ئادەمنىڭ كۆز قارىچۇقى كامېرانىڭ يورۇقلۇق چەمبىرىكىگە ئوخشاش يورۇقلۇق …..
نىمىشكە روسلارنىڭ ھەممىسى ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا تېلكامىرا ئورۇنتىدۇ؟ يىقىندا خۇددى مەندەكلا تورخۇمار ئاغىنەمدىن بىرى شۇنداق سوراپ قالدى. چەت ئەللىكلەرنىڭ قىززىقارلىق ۋىدىو ياكى قاتناش ھادىسسى خاتىرلەنگەن فىلىملىرىنى تولا كۆرىدىغانلار بىلىدۇ. كۆپۈنچە قاتناش ھادىسسىلىرى خاتىرلەنگەن ۋىدىولار روسسىيەنىڭ بولۇپ، شۇ دوستۇمنىڭ سوئالىدىن كېيىن بۇنىڭمۇ مۇئەييەت سەۋەبى بولىشى مۈمكىن دەپ قالدىم. …..
يۇقىرى ئېنىقلىتىكى كامېرا سەپلەنگەن يانفون لارنىڭ ئائىلىلەرگىچە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەممەيلەن فوتوگرافلىققا قىزىقىدىغان بولۇپ كەتتۇق. كۆپىنچىمىز يانفوننى قولىمىزغا ئېلىپ سۈرەتكە تارتقان چېغىمىزدا، ھەمىشە تارتقان سۈرەتنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە سۈپەتلىك چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق بەزىدە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تارتقان سۈرەت دائىرىسىگە كىرىۋالىدىغان ئەھۋال ئۇچرايدۇ، يا كىشىلەرنى نېرى تۇر دېگىلى بولمىغان، …..
مەيلى iPhone بولسۇن، ياكى باشقا يانفون ئىشلىتىۋاتقانلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بىر ئەندىشىسى – ئېھتىياتسىزلىقتىن يانفوننى يۈتتۈرۈپ قويۇش. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىخەستىلىك سەۋەبىدىن ئامراق يان تېلېفونىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋالغا ئۇچراپ تۇرىمىز، خېلى جىق پۇل خەجلەپ ئالغان تېلىفون شۇنداقلا يۈتۈپ كەتسە، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ چوقۇم ئىچى ئاچچىق بولىدىغۇ دەيمەن؟ بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، دەل iPhone ئۈچۈن …..
روسىيە يېكاتېنبۇرگلىق بىر فوتوگراف كۆيۈۋاتقان سەرەڭگە تېلىدىن ئىلھام ئېلىپ، سەرەڭگە تېلىنى ئىشلىتىپ ئوت يالقۇنى ۋە چىققان تۈتەك(ئەلۋەتتە يەنە ياخشى بىر كامېرا مۇ بار)تىن پايدىلىنىپ بىر يۈرۈش ئىنتايىن يۇقىرى تەسەۋۋۇر دا لايىھە لەنگەن ئىجادىي فوتو-سۈرەت ئەسىرىنى بەرپا قىلىپ چىققان، تۆۋەندە بۇ نادىر ئەسەر لەردىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىپ …..
ئەنگلىيە، فىرانسىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، مېكسىكا، ئالجىرىيە، تۈركىيە، ئىئوردانىيە، تايلاند… 343 كۈن ۋاقىت، 25 مىڭ مىل يول، 17 دۆلەت. ئەڭ گۈزەل نادىر مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قىسقىغىنە 290 سكونت ئىچىگە يىغىلغان. يۈرۈڭ، بىر دانە فوتو-ئاپېراتنى ئېلىپ، بىرلىكتە يەرشارىدىكى ئەڭ گۈزەل جايلار نى ئايلىنىپ كېلەيلى!
ھەرقانداق بىر پەيتنى نەچچە 10000 ھەسسە ئاستىلاتقاندىن كېيىن، ھەممىسىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل يېڭىچە تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. ئەسلىدە خەتەرلىك بىلىنىدىغان ھەرىكەتلەرنى كامېرا ئىچىدە ئاستىلاتقىنىمىزدا تىنچ ۋە قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان مەنزىرىلەرنى بايقايمىز؛ ئەسلىدە تۇرمۇش تىكى كىشىلەر ئەزەلدىن دىققەت قىلمايدىغان كىچىك نۇقتىلارمۇ ئاجايىپ سىرلىق ۋە نەپس …..
گەرچە ئۇقۇم فوتو-ئاپېراتى ھازىرقى پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئانچە يىراق كەلگۈسى دە بولمىسىمۇ، بىراق بەزى تەرەققىياتلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەقەززاسىنى كۈچەيتمەي قالمايدۇ. خۇددى مەزكۇر سىندىكى فوتو-ئاپېراتتەك، كامېرا بېشى بىلەن ئاپېرات سىمسىز تور ئارقىلىق ئۇلانغان، كامېرا بېشىنى خالىغان جايغا قويۇپ قويۇپ ئۆزىمىز خالىغان ھالەتكە تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن رەسىمگە تارتساقلا …..
يېقىندىن بۇيان تەدبىركارنىڭ تۈرتكىسىدە، Windows 7 گە كۆچىۋاتقانلار خېلى ئاۋۇپ قالدى جۇمۇ، بىراق بىر قىسىم تورخۇمارلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، win7 دا كامېرا قوزغاتقۇچ پروگراممىسى تولۇق قاچىلانغان بولسىمۇ، XP دىكىگە ئوخشاش كومپيۇتېرىم كۆزنىكى ئىچىدە كۆرۈنۈپ تۇرمايدىكەن، يەنە بىر قىسىم لەپتوپ(笔记本) ئىشلەتكۈچىلەر بولسا، لەپتوپقا توپلاشتۇرۇۋېتىلگەن كامېرا نى باشقۇرۇشتا قولايسىزلىقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى، ئەمەلىيەتتە …..
مەنمۇ كۆرەپ باقاي