قىزىلكۆزلەر دىققەت: نېمىشقا چاقماق لامپا(闪光灯) ئىشلىتىپ سۈرەت تارتقاندا ئادەمنىڭ كۆزى قىزىل چىقىپ قالىدۇ؟
ئادەتتە كىشىلەر كەچتە سۈرەتكە چۈشكەندە ئەتراپ قاراڭغۇ بولغانلىقتىن، نۇر تولۇقلاش ئۈچۈن كامېرانىڭ چاقماق لامپىسى(闪光灯) نى قوزغىتىپ سۈرەتكە تارتىدۇ. ئەمما سۈرەت تارتىلغاندىن كېيىن چىرايىغۇ ئوچۇق چىقىدۇ، ئەمما نېمىشقا ئادەمنىڭ كۆزى قىزىل بولۇپ قالىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق قورقۇنچلۇق دەڭە؟!
ئەمەلىيەتتە، ئادەمنىڭ كۆز قارىچۇقى كامېرانىڭ يورۇقلۇق چەمبىرىكىگە ئوخشاش يورۇقلۇق تەڭشىيەلەيدۇ، پەقەت چوڭ-كىچىكلىكى ۋە قايتۇرغان ئىنكاسى سىمپاتىك نېرۋا ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۆز-ئارا ماسلىشىشچانلىق ئېلىپ بارىدۇ، بۇ خىلدىكى ئۆز-ئارا تەسىرلىشىش ئارقىلىق كۆز قارىچۇقىدىكى ئۆزگىرىش تاماملىنىدۇ، بۇ جەريانلارنى بىز ھەرگىز ئۆزىمىز خالىغانچە كونترول قىلالمايمىز. مەسىلەن، سەل قاراڭغۇ جايلاردا كۆز قارىچۇقى ئاپتوماتىك كېڭىيىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىش مەقسىدىگە يېتىدۇ.
چاقماق لامپا ئارقىلىق سۈرەتكە تارتقاندا، كۈچلۈك نۇر شۇ ھامان كۆزگە ئېتىلىپ چۈشىدۇ، بۇ چاغدا رەڭدار پەردە كۆز قارىچۇقىنى تېز سۈرئەتتە تارايتىشقا ئۈلگۈرمەيدۇ، يورۇقلۇق رەڭدار پەردىنىڭ يېنىدىكى تومۇرلۇق پەردە دەپ ئاتىلىدىغان قان تولغان بەلباغدىن ئۆتىدۇ ھەمدە كۆرۈش تور پەردىسىگە يېتىپ بارىدۇ، بۇ يەرگە جايلاشقان قان تومۇرلىرىمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، بىر قىسىم يورۇقلۇق قايتىپ كېلىدۇ ۋە كامېراتەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ، تارتىپ چىقىرىلغان سۈرەتلەردە ئادەمنىڭ كۆزى قىپقىزىل كۆرۈنىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ناۋادا كەچقۇرۇن ۋاقىتلاردا ھايۋانلارنى سۈرەتكە تارتساق، ئۇنداقتا ئېرىشىدىغىنىمىز بەلكىم قىزىلكۆز ئەمەس، بەلكى «باشقا» خىل كۆزلەر بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بەزى كۈچۈكلەر «يېشىلكۆز» كېلىدىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەپ بولسا، بۇ خىلدىكى كۈچۈكلەرنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئاستى قىسمىدا بىر خىل ئۇلارنىڭ كېچىدە كۆرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان قايتۇرما نۇر قەۋىتى بولۇپ، بۇ قەۋەت يېشىل رەڭدە ئىكەن. (PS: كىنولاردا كېچىدە بۆرە ياكى مۈشۈك دېگەندەك ھايۋانلارنىڭ كۆزىنىڭ باشقا خىل رەڭدە يورۇشىمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن ئوخشايدۇ)
ھازىر بىر قىسىم يانفونلارنىڭ چاقماق لامپىسىنى قوزغىتىش ھالىتىدە «قىزىلكۆزدىن ساقلىنىش» دەيدىغان ئىقتىدارلىرى بار، ياكى چاقماق لامپىدا سۈرەتكە تارتقاندا ئاپتوماتىك قىزىلكۆزنى سۈزۈۋېتىدۇ. بۇ خىل ھالەتتە سۈرەتكە تارتقاندا، چاقماق لامپا ئالدىنئالا بىر قانچە قېتىم لاپىلدىۋېتىپ كۆز قارىچۇقىنى تارىيىشقا غىدىقلايدۇ، ئاندىن سۈرەتكە رەسمىي تارتىدۇ، بۇ خىلدىكى سۈرەتلەردە قىزىلكۆزنىڭ ئالامىتى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، سىزنىڭ سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىڭىز ياخشى بولسا، يەنە بۇ خىل ھالەتتىن ساقلانغىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر يۇقارقىدەك ئاماللارنىڭ ھېچقايسىسى ئاقمىسا، ئەڭ ياخشىسى كۆزىڭىزنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ، بەلكىم سىز ھەقىقەتەن بىر قىزىلكۆز بولۇشىڭىز مۇمكىن!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ساۋات، سۈرەت، فوتوگراف، كامېرا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,887 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: red-eye.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سىز ۋە بىز دىققەت قىلمىغان ئەشۇ كىچىك بىلىملەر – سىز قانچىسىنى بىلىدىكەنسىز ؟
- كېيىنكى يازما > قار مەلىكە شاھزادە ۋىسالىغا يەتتى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاجراشتى | باللار چۆچەكلىرىدىكى سىز بىلمەيدىغان ئارقا كۆرۈنۈشلەر
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
شۇنداقمۇ تېخى
ئادەم يوقتى بايام تىخى
دىۋان ،
مەنمۇ تولاسى رەسىمگە چۇشكەن چىغىمدا شۇنداق چىقىپ قالىدۇ
iPhone دا كېچىدە رەسىمگە چۈشسە %99 قىزىل كۆز چىقىدۇ ! ( ئەلۋەتتە كۆپ قىسىمدىكى تېلىفۇنلاردىمۇ شۇ )
i9300داچۈشسىڭىزئۇنداق بولمايۇ ھا ھا ھا..
شۇڭا مەن %1 ئىھتىماللىقنى قويۇپ قويغانتىم ئەمەسما ؟
ئەمما دەششەت تېما بوپتۇ، مەنمۇ ئاغىنىلەر بىلەن ئوينىغىلى بارغاندا ياكى كەچلىك ئولتۇرۇش دەمدۇق ئىشقىلىپ كېچىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە ياكى ئۆي ئىچىدە چۈشكەن سۈرەتلەردە «ئاخىرلاشتۇرغۇچى» غا ئوخشاش چۈشۈپتىكەنمەن
تورخۇمارداشلارنىڭ يېڭى ھەپتىسىگە مۇبارەك بولسۇن
چاقماق لامپىسىنىڭ نەچچە قېتىم چاكىلدايدىغىنىنى ئەمدى بىلدىم
چاقماق لامپىنىڭ نەچچە قىتىم چاكىلدىغىنى پايدىلىقكەن دە ئەسلى
ەسلى مۇنداق كەندە… تورخۇمار بىزنىڭ 2-مەكتىۋىمىز بۇلۇپ قالدى ھە!!!
تورخۇمار بارغانسىرى پايدىلىق تىمىلارنى يوللاۋاتىدۇ جۇمۇ.
360 كامىراسى دەل مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئىشلەنگەن ئىدى.ھازىر باشقا ئىقتىدارلارنىمۇ قۇشۇۋاپتۇ.كۆزى قىزىللىقنى يوقىتىشتا ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.ios ،androit نۇسخىسى بار.
قىزىل كۆزلەر رەسىمگە چۈشكەندە دىققەت قىلسا بولغۇدەك
ئەمدى ئۈلىكنى ئاغىنە قىپ رەسىمگە چۈشكۈم كىلۋاتىدا
كۈزى چورت قىزىل چىقمايدىغانلارمۇ بار ،ھەتتا بوشراق قىزىللىق ئالامىتىدە چىقىدىغانلارمۇ بار ،ئىشەنمىسەڭلار تەجىربە قىپ باقساڭلار بۇلدۇ.
دىنىمىزدا ئۈلۈك بىلەن رەسىمگە چۈشسە يامان بۇلدۇ دىگەن قاراش يوقتۇ ھە؟!-
توۋا، ئۆلۈك بىلەن رەسىمگە چۈشۈدىغان ئىشمۇ باما؟ ما ئاغىنەم جەسسەتخانىدا ئىشلەمدۇ نېمە‹؟
دەيمىنا ئۈلۈكنىڭ كۈزىمۇ قىزىل چىقىدىغان ئەھۋال بارمىدۇ دەپ .
ئۆلۈك بىلەن رەسىمگە راس چۈشكەنلەر بار كۆرۈپ بېقىڭلار مانا : http://www.shafou.com
ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولماسمىدى
…. ئىدىيە جەھەتتەپۇختا تەييارلىق قىلمايلا كىرگەچكىمىكىن يۇرۇكۇم سەل نىم كىپ كالدا…
بەزى دوستلار قارچۇق كۆزەينىكى تاقىسا شۇنداق قىزىل كۆز بوپ قالىدىكەن
قوينىڭ كۈزىگە قول چىراق تۇتسىمۇ كۆك كۈرىندۇ
ئادەتتە سونى نىڭ شۇ ئىقتىدارى با .ئالدىدا بىر يىنۋىتىپ ئاندىن چاقنايدۇ.
مەنمۇ ئىلگىرى كۆپ يۇلۇققان ئىدىم،نىمە ئىش ئىكەنلىكنى ئەمدى چۈشۈندىم.
ئاۋۇ كاكاشىنىڭ رەسىمىنى ئوبدان ماسلاشتۇرۇپسىلە