قار مەلىكە شاھزادە ۋىسالىغا يەتتى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاجراشتى | باللار چۆچەكلىرىدىكى سىز بىلمەيدىغان ئارقا كۆرۈنۈشلەر
رېئاللىق قانچە رەھىمسىز بولغانسىرى، كىشىلەرنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى شۇنچە گۈزەللىشىپ بارارمىش. خۇددى بىز كۆرىۋاتقان كىنولاردىكى مۇمكىنسىزلىك ئىچىدىمۇ مۇمكىنلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بەخت ھېكايىلىرىدەك. خۇددى بىزلەر كىچىكىمىزدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغان چۆچەكلەردىكىدەك. ئۇلار بىزگە دائىم قاراڭغۇلۇق كەينىدە يورۇقلۇق مەۋجۇت. بەخىتسىزلىك ھامىنى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسىنى سالىدۇ دەيدۇ. ئەجەبا ھەقىقى تۇرمۇشتىمۇ شۇنداقمۇ ؟
فوتوگراف DinaGoldstein مۇ خۇددى مەندەكلا باللار چۆچەكلىرىدىكى بەختلىك «خاتىمە»لەردىن گۇمانلانغۇچىلارنىڭ بىرى. تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل قېين-قىستاقلىرىغا قوشۇلۇپ، رەھىمسىز رىئاللىقنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ ئايال، دادىللىق بىلەن باللار چۆچەكلىرىگە جەڭ ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ تۆۋەندىكى بىر يۈرۈش فوتو ئەسەرلىرى بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى غەش قىلىشى مۇمكىن. لېكىن بىزلەرگە رىئاللىققا يۈزلىنىشنى ئۈگۈتۈپ قويىشىمۇ مۇمكىن.
دەرۋەقە قار مەلىكە مۇرادىغا يىتىپ، شاھزادە بىلەن بەختلىك ئائىلىسىنى قۇردى. بىز بىلىدىغان چۆچەكمۇ مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى. ئاياقلاشمىغىنى بولسا تويدىن كېيىنكى باش قېتىقى. قىزىقچىلىقتا تۇغۇۋالغان بالىلارنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭىغا قوشۇلۇپ شاھزادىنىڭ تويدىن بۇرۇنقى قىلغان ۋەدىلىرىنىڭ بىرسىمۇ يوق.
ئۇيقۇ گۈزىلى ئاخىرى ئويغاندى ؟؟؟ ياق .. ئەمەلىيەتتە ئۇ مەڭگۈ ئويغىنالماي ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلاندى.شاھزادىمۇ ئامالسىز ئۇنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان قېرىلار ساناتورىيىسىگە ئاپىرىپ ئۆلگىچە ساقلىدى.
كۈل قىزنىڭمۇ دەردى باردە. ئۇنىڭ شۇنچە دەرتنى ئىچىگە سىغدۇرۇپ كېتىشى مۈمكىنمۇ ؟ ئۆگەي ئانىسى دېگەن جادۇگەرنىڭ ئەتمىشلىرىنى ئويلىغاندا ئۇمۇ ئاچچىقىدا بولىشىغا ئىچىپ، ئىچىنى بوشتىدۇ.
يەسىمەن مەلىگە، ھەي بىچچارە مەلىكە..، كىم سېنىڭ يۇرتۇڭنى ئوتتۇر شەرىقتە بولسۇن دەپتۇ. ئۇرۇش ئاۋازى توختىمايدىغان بۇ يەردە سەنمۇ ئامالسىز قولۇڭغا قۇرال ئالدىڭ.
گۈزەل خانىش بېللا، ھەرقانچە گۈزەل بولساڭمۇ قېرىلىقنىڭ ئالامىتى بولغان سەكسەن قورۇق سېنى ئىزدەپ كەلمەي قويمايدۇ. شۇڭا سەنمۇ ھۆسن تۈزىتىشكە مۇھتاجسەن.
مانا بۇ ھېلىقى ئۇزۇن چاچلىرى بىلەن، ئېگىز قەلئەدىن قاچقان قىز. ئوتتۇر ياشلاردا كۆرۈلىدىغان چاچ چۈشۈش كېسىلى بۇ بىچارىنى يالغان چاچ تاقاپ يۈرۈشكە مەجبۇر قىلماقتا…
بۇ قىزچاقنى دىمىسەممۇ ھەممىڭلار تونۇدۇڭلار. ئۇ يەنىلا شۇ ئورماندا، بۆرىگە يەم بولماي خاتىرجەم ياشىماقتا. ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇ ھازىر ئەخلەت يېمەكلىكلەرگەكۆنۈۋالدى. تەن ئېغىرلىقىمۇ ئېشىپ كەتتى ئەلۋەتتە …
ئۇنداقتا سىزدىن سوراپ باقسام، چىن تۆمۈر باتۇر ھازىر نىمىش بىلەن ئالدىراشتۇ ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: چۆچەك، فوتو سۈرەت، ھېكايە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,159 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ballar-chochekliri-heqqide.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قىزىلكۆزلەر دىققەت: نېمىشقا چاقماق لامپا(闪光灯) ئىشلىتىپ سۈرەت تارتقاندا ئادەمنىڭ كۆزى قىزىل چىقىپ قالىدۇ؟
- كېيىنكى يازما > كىنولارنىڭ ساغلاملىق دەرىجە كۆرسەتكۈچىنى بىلەمسىز؟ بۇھەقتە ئاز-تولا توختىلىپ ئۆتەي…
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- قىز دوستىغا ئەگىشىپ دۇنيانى ئايلىنىش – قىزچاقنىڭ جامالىنى كۆرىدىغان پەيت كەلدى!
- نورۋېگىيەلىك فوتوگراف يەتتە كېچە كىرپىك قاقماي ئىشلەپ چىققان ئەسەر
- 2013-يىللىق دۆلەت جۇغراپىيەسى فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسىدىكى نادىر تاللانمىلار
- يەر شارىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كىشى ئەقلىنى لال قىلدىغان گۈزەل ماكان
- غەربكە ساياھەتتىكى ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلەر
- فوتوگرافنىڭ كامېراسى ئاستىدىكى دەقىقىلەر | چوڭ بولغانسىرى چىرايىڭىزنىڭ دادىڭىزنى تارتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن
- [پارول] نوم ئالغىلى بارغانلار (غەرپكە يەنە بىر ساياھەت)
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 2
كىيىنكى ىشنى ويلاپ قويمايدۇ مابىتىم بىلەن مۇرادىمغا يەتسەم بدەپلا يۇرگەەن
قىزىقارلىقمۇ نىمە ؟………….
ئاڭلىسام چىن تۆمۈر باتۇرنى WWE دا مۇشلىشىۋىتىپتۇ دەيدىغۇ ؟
مىنىڭچە چىن تۆمۈر باتۇر ھازىر قاسساپلىق قىلۋاتامدىكىن؟
چىن تۆمۆ ئۈزگە خۇتون تاپالماي بۈركۈتى بىلەن كۈچىكىنى ئەگەشتۈرۈپ يغلاپ يۈرگىدەك
چاخچاق قىلماڭلار باللا ھەي، چىن تۆمۈر بىلەن ئاخشام تېخى ۋېيشىندا پاراڭلاشقانتىم، ئۆگۈنلۈككە كەچتە خانتاجىدا بالىسىنىڭ سۈنتەت تويىنى قىلماقچىكەن، شۇ يەرگە چاقىرىتىپتۇ، قەشقەلىك باللا، بىللە بارىلى
رەخمەتلىكنى تېش ياتقىلى قويساڭلارچۇ . . !! تىتىۋاتتىدىكەنسىلە . .
ئالامەت رەسىملەركەنغۇ بۇلار….
ئا چۈشەندۈرۈشلىرىمۇ شۇنداق قىززىقارلىق. ئەمما ئادەمنىڭ كۆز ئالدىدا ھەرخىل رىئاللىقلار ئايان بولىدىكەن..
چىن تۆمۈر باتۇر قايسى كۈنىسى ئارغىماق ئىتىغا مىنىپ قاغىلىقتىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇدەك، لىكىن بۈركۈتى بىلەن كۈچىكىنى سولاپ قويۇپتۇ…
ما گەپنى چىن تومۇر باتۇر قەشقەرلىك ئەمەس غۇلجىلىق ئۇنىڭ قەبرىسى سىڭلىسى مەختۇمسۇلانىڭ يېنىدا قورغاستا ئۇئادەم نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشقان رىۋايەتىكىدەك يالماۋۇز بىلەن ئەمەس ،غۇلجىغا باستۇرۇپ كەلگەن نىجىسلا بىلەن قانلىق جەڭ قىلغان
ئالامەت رەسىملەركەن بۇ……..
ئالامەت رەسىملەركەن بۇ…….:
ھى ..:shy:
ما چۈشەندۈرۈش ئالامەت كەپتۇ،
مەن چىن تومۆباتۇرشۇ مەن ھازىرتىڭ شۈندە ئىشلە ۋاتىمەن چچ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش
ئاخشام تېخى چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ كاباننادا گاڭنام سىتايىل ئويناپ چاڭ چىقىرۋەتكىننى كۆرگەنتىم ،..
تورخۇماردا دىبادا ئوينايدىغانلار جىق ئوخشايدۇ جۇمۇ ، بىرسى خانتاجى دەيدۇ، بىرسى كاباننا دەيدۇ
ئەل قاتارى كىرىپ قويدىكەنمىز ئەمدى زىرىككەندە .،.
ئاخشام تېخى چىن تۆمۇر بىلەن قىزىل چىراقتا كۆرەشكەن
شەيتاندىنمۇ يامان خەج قۇمۇ بىز~! چىن تۆمۈر باتۇرنىمۇ ئۇيانچى قىلۋەتكەندىنكىن
چىن تۆمۈر ھازىر بالا بېقىۋاتامدىكى!!
چىن تۆمۇر باتۇر دوڭمەنچېڭ ئوينىماس ھە؟
چىن تۆمۈر باتۇرمۇ ئائىلىسىنى بېقىش بىلەن ئالدىراشتۇ.ياكى تاتلىق چۈش كۈرىۋاتقاندۇ.ئىش قىلىپ مەنمۇ بىلمىدىم.لىكىن ئاۋۇ قىز بۆكلۈك قىز بەكلا سىمىزكەن شاكىلاتنى ئاز يىسە بولغۇدەك
چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ ئاخىرىنى دەپ بىرەي ھە ، مەختۇمسىلا جادىگەرنىڭ كەينىەە كىرىپ تاماكىغا ئۆگىنىپ قاپتىكەن چىن تۈمۈر باتۇر تىك ئۇچارنى ھەيدەپ ئىزدەپ كىتىپتۇمىش