بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 2
ھەممىمىز كىچىكىمىزدە گۈزەل چۆچەكلەرنى، سىرلىق رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولىمىز. بۇ ھېكايەتلەر ھەمىشە ئىنتايىن گۈزەل بىر نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بىراق، يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ جەمئىيەت قوينىغا بارا-بارا شۇڭغۇغاندىن باشلاپ، بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئارزۇ قىلغان، خىيالىمىزدىكى بۇ گۈزەل دۇنيانىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي باشقىچە ئىكەنلىگى ھەر ۋاقىت سەمىمىزگە سېلىنىپ تۇرىدۇ…
مۇناسىۋەتلىك يازما: بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر
يەنە شۇ بالىلىقىڭلارنى بومباردىمان قىلاي…
بىر بوۋاي دەريادىن بىلىق تۇتىۋىتىپ بىر ئالتۇن بېلىق تۇتىۋاپتۇ، ئالتۇن بېلىق زۇۋانغا كېلىپ:
-ھەي بېلىقچى، مىنى قويىۋەتسەڭ مەن سېنىڭ ھەرقانداق تەلىۋىڭنى ئورۇندايمەن!!
بوۋاي بۇرنىنى كوچىلاپ تۇرۇپ:
-ئۇنداق بولسا سەن بىر تەخسە سۈەن لا يۈ غا ئايلىنە!!
شۇنىڭ بىلەن بېلىق قورساققا كىرىپ كېتىپتۇ، بوۋايمۇ كەمبەغەل پېتى ئۆتىۋىرىپتۇ
مانا بۇ ئىنسانلارنىڭ نەپسانىيەتچىلىكىنىڭ ئاقىۋىتى…
ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال
ئوماق مەلىكە رەھىمسىز جادۇگەرنىڭ سېھرىگە ئۇچراپ ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇيقۇغا كېتىپتۇ…
ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن، بىر باتۇر شاھزادە ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەلىكە ئۇخلاۋاتقان قەلئەگە كىرىپتۇدە، ئۇخلاۋاتقان مەلىكىنى كۆرۈپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ تىۋىش چىقارماي مەلىكىنىڭ ئالتۇن، زىبۇ زىننەت، ھالقا مارجانلىرىنى ئوغرىلاپ، خالتىغا قاچىلاپتۇ، ھەمدە قولىغا قەلەم ئېلىپ مەلىكىنىڭ يۈزكۆزىنى بوياپ بۇرۇتلارنى سىزىپ كۆزەينەكلەرنى سىزىپ چىقىپ كېتىپتۇ…
بۇ بىزگە شۇنى بىلدۈرىدىكى كۆپ ئۇخلايدىغان ئايالنى ئەرلەر ياقتۇرمايدۇ…
ئالتۇن كەش
كۈل قىز چۈشۈرۈپ قويغان ئاياقنى كۆتىرىپ شاھزادە شەمۇ شە، نەمۇنە ئۇ قىزنى ئىزدەپ، ئاخىرى ئاقكۆڭۈل، ئىشچان، مېھرىبان كۈلقىزنى تېپىپتۇ، شاھزادە قىز چۈشۈرۈپ قويغان ئاياقنى قىزغا شۇنداق كىيدۈرەي دېگەندە، قىزنىڭ پۇتىنىڭ تىرنىقى شاھزادىنىڭ قولىنى شارتلا قىلىپ تىلىۋىتىپتۇ، شاھزادە ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ ئوردىغا كېتىپ قاپتۇ…
ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان بولۇشتىن سىرت، تىرناقنى ۋاقتىدا ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم!
قاغا بىلەن تۈلكە
گۆش چىشلەپ تۇرغان قاغىنى كۆرگەن تۈلكە، شۇ گۆشنى ئېلىۋىلىش ئۈچۈن قاغىنى ئالداپ:
-سېنىڭ ئاۋازىڭ بەك مۇڭلۇق، ناخشا ئېيتىپ بېرە – دەپتۇ
قاغا قاق قىلىپ ئاغزىنى ئېچىپتىكەن، گۆش ئاغزىدىن چۈشۈپ كېتىپتۇ، تۈلكە مەغرۇر گۆشنى چىشلەپ قېچىپ كېتىپتۇ.
ئازراق ماڭمايلا، بىر بۆرە چىقىپ تۈلكىنى بىر شاپىلاق ساپتۇ
-ئەكە شۇم، گۆشنى مەن يەيمەن!!
بۆرە ئۇزۇن ماڭماي شىر چىقىپ بۆرىنى بىر شاپىلاق ساپتۇ:
-تاتە قولۇڭنى شۇم، گۆشنى مەن يەيمەن!!
شىر ئۇزۇن ماڭماي، ۋاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن بىر ئوۋچى يۈگۈرۈپ كەپتۇ:
-ئۆلە شۇم، ۋاھاھاھا گۆش مېنىڭ بولدى…
ئادەم گۆشنى بىر چىشلەم يەپلا قورسىقى ئاغرىپ ئۆلۈپ قاپتۇ، ھېلىقى قاغا ئۇچۇپ كېلىپ گۆشنى چىشلەپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ…
شۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ساختا گۆش، ساختا يېمەكلىككە قەتئىي زەربە بېرەيلى
قار مەلىكە
قار مەلىكە زەھەرلىك ئالمىنى يەپ ئۆلگەندە شاھزادە ئۇنى قۇتقۇزىۋاپتۇ، ئۇلار بىر بىرىنى ياخشى كۆرىشىپ قاپتۇ، شاھزادە قار مەلىكنى ئېلىپ ماڭماقچى بولۇپ ئاتقا مىنگەشتۈرۈپتۇ، ماڭىدىغان چاغدا شاھزادە:
-مەلىكەم، سىزيەتتە پاپا دەۋاتاتتىڭىز، بۇلار سەككىز تۇرىدىغۇ؟
-ۋاي كارىڭىز بولمىسۇنا، ماڭايلى تېزراق، بولىڭە چاپسان!
ئىككىيلەن مېڭىپ ئۇزاپ كەتكەندە، پاپىلار ئارىسىدىن يىغلىغان ئاۋاز چىقىپتۇ:
-ئاپا!ئاپا! مىنى تاشلاپ كەتمەڭ! جىنىم ئاپا!!
مانا بۇ سىەككىزىنچى «پاپا»
ھەي، بۇ جەمئىيەتنىزە…
ئۇر توقماق
بوۋاي قاغىدىن ئۇر توقماقنى ئېلىپ ئىشلىتىش ئەپسۇنىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، قايتىپ كېلىپ بازار باشقۇرۇش ئەترىتىگە قاتنىشىپ، تەنزىچى، يايمىچى، باققال دىگەنلەرنى ئۇرۇپ، سۇندۇرۇپ، چېقىپ، مەھەللىدە ئابروي تېپىپتۇ…
ھازىر ئۇلارنى چىڭ گۇەن دەپ ئاتايدىكەن…
بۆرە بىلەن قوزا
بۆرە قوزىنى يەۋەتمەكچى بولۇپ باھانە ئىزدەپتۇ، قوزا سۇ ئىچىۋاتقاندا بۆرە سەكرەپ چىقىپتۇ:
-ھەي ھارىمى، سەن مەن ئىچكەن سۇنى بۇلغىۋەتتىڭغۇ؟!
-كۆزۈڭگە قۇم كىرىپ كەتكەنمۇ سېنىڭ، ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە جۇمۇ، سەن ئۈستىدىن، مەن پەستىن ئىچكەن تۇسام، ئاناڭنىڭ قېشىدا سۇنى بۇلغامدىم؟! سېنىڭ شالۋىقىڭنى ئىچتىم دەپ مەن زارلىسام بولىدۇ…
بۆرە:
-ماشۇمنى، خورىكىڭ يوغىناپ قاپتىغۇ؟! قايسى بىر چاغدا داداڭ مىنى بەك تىللىغان، شۇڭا سېنى يەيمەن!!
قوزا مانا يە دەپ بىرلا مەرەپتىكەن، شىر، يولۋاس، ئېيىق دىگەنلەر چىقىپ بۆرىنى دەسسەپ چەيلەپ خېمىر قىلىۋىتىپتۇ
كىمنىڭ چىشىغا تەگسىڭىز مەيلى،ئەمما 富二代 بىلەن官二代 نىڭ چىشىغا تەگمەڭ
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: قىزىقارلىق، ھېكايە، يۇمۇر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,523 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ruined-childhood-2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر
- كېيىنكى يازما > ھېلىقىدەك رەسىملەر توپلىمى 2- سان 0727 [47P]
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] باشلانغۇچ مەكتەپ خانىمى سوپىيەمنىڭ ئۇچرىشىشى
كۈل قىزنىڭ داۋامىنى يازغاچ تۇراي
ئابومجان يالغۇز قاپتىغۇ ما يەردە؟
ئىجادى نەرسىلەرنى يېزىڭلا ئاداش ، بىز تورخۇمارغا ئەڭ يېڭى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولىمىز دەپ كىرسەك ، ئۈندىداردا تولا يوللىنىپ سېسسىپ كىتەي دەپ قالغان بۇ نەرسىلەرنى يوللىساڭلار قانداق بولىدۇ …
ئىجادىي تېمىلارنى يوللاپ بولغۇچە مۇشۇنداق ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن يوللاپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوققۇ
بالاڭزا، ئاپاڭلا تۆنۈگۈن سۇيقاش ئېتىپ بۈگۈن يەنە ئالدىڭلىغا سۇيقاش ئەكەسە بۇ سۇيقاشنى تۆنۈگۈن ئىچىپ بولغان دەپ تۆكۈۋېتەمسىلە؟
ھەي ما ئابومجاننىڭكىنى قاچان كۆرەرمىز ئەمدى…. ماۋۇمۇ بەك كۈلكىلىك چىقىپتۇ …..
ئەستا ، يازىدىغانغا تۈزۈك ئىنكاس بولمىغاچ ، تۆردىكىلەرگە باھا بەرگەچ تۇردۇق ئەمدى
مانا ئىنكاس كەپ قالدى ، بۇ كىچىك پارچىلاردىن كۆرە ئاستىدىكى خۇلاسە كاللىسى تېخىمۇ قىززىق چىقىپتۇ
مەندە بىر قارا ھېكەيە بار… قار مەلىكە ،كۈل قىز،ئۇيقۇدىكى
ساھىبجامال دېگەنلەرنىڭ….
ۋوي «ئاكاڭزا» . تاماق دېگەن تاماق ، يازما دېگەن يازما ؟ ئوخشىتىش جايىدا بولسۇن .
باشقا يەرلەردە تولا يوللىنىپ لەيلەپ يۈرگەن نەرسىلەر تورخۇمارنىڭ خاراكتىرىگە ماس كەلمەيدۇ دەپ قويدۇم شۇ . خاسلىق بولىشى كېرەك. مۇشۇنداق خاسلىق تورخۇماردا بولغاچقا بىزمۇ شۇ تورخۇمارنىڭ خۇمارى ….
كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن.
بەك پېچەتكەن بەك ياقتۇردۇم