نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر

ھەممىمىز كىچىكىمىزدە گۈزەل چۆچەكلەرنى، سىرلىق رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولىمىز. بۇ ھېكايەتلەر ھەمىشە ئىنتايىن گۈزەل بىر نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بىراق، يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ جەمئىيەت قوينىغا بارا-بارا شۇڭغۇغاندىن باشلاپ، بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئارزۇ قىلغان، خىيالىمىزدىكى بۇ گۈزەل دۇنيانىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي باشقىچە ئىكەنلىگى ھەر ۋاقىت سەمىمىزگە سېلىنىپ تۇرىدۇ…

Ruined childhood

ھېلىقى پالتىسى سۇغا چۈشۈپ كېتىپ ،ئالتۇن، كۈمۈش پالتىلارنى ئلېپ كېتىدىغان بالىنىڭ رىۋايىتىنى بىلىسىلەر…
ئەسلى ۋەقەلىك مۇنداق……
بىر بالا ئوتۇن كەسكىلى چىقىپ، پالتىسىنى پىرقىرىتىپ مېڭىۋىتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن دەرياغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، بالا نېمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىرەپ تۇرغاندا، دەريا يۈزى قاتتىق دولقۇنلىنىپ كېتىپتۇ، بالا ئەجىبا دەريادا ئىلاھ بارمىدۇ دەپ ھەيران بولۇپ تۇرسا، باشلىرىدىن قان ئېقىپ تۇرغان، مۈرىسىگە پالتا سانجىقلىق بىر ئىلاھ چىقىپ:

-ئان……ۋاي،ۋاي،ۋاي… قايسى ئىپلاس بۇ، ئەتتىگەنلىك تاماق يەۋاتسام، پالتا تاشلاپ، ئاھ مۈرەم……ئۇۋ~~سەنما ھاراملىق، ماۋۇ ئان……

بالا قورقۇپ قېچىپ كېتىپتۇ، سۇ ئەۋلىياسى بولسا قان بەك چىقىپ كەتكەنلىكتىن قانسىراپ ئۆلۈپ قاپتۇ، شۇڭا ھازىرغىچە دەريادا ئىلاھ يوقلۇقىنىڭ سەۋەبى شۇ ئىكەن……

يەنە بىر نۇسخىسى
ئەسلى ۋەقەلىك مۇنداق……
بىر بالا ئوتۇن كەسكىلى چىقىپ پالتىسىنى پىرقىرىتىپ مېڭىۋىتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن چاڭجىياڭ دەرياسىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، بالا نېمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىرەپ تۇرغاندا، دەريا يۈزى قاتتىق دولقۇنلىنىپ كېتىپتۇ، بالا ئەجىبا دەريادا ئىلاھ بارمىدۇ دەپ ھەيران بولۇپ تۇرسا، باشلىرىدىن قان ئېقىپ تۇرغان، مۈرىسىگە پالتا سانجىقلىق بىر ئىلاھ چىقىپ:

-تامادى……ناگى سىڭكۇ گەندى شىچىڭ جىگا، ۋو رى نى شەن رىن، نى ما بى……ئەييو ……جىيەنباڭ تېڭ!!……شى نى گەن دىما، ۋو پىي!……ۋو **نى زۇزوڭ شى با دەي!

بالا قورقۇپ قېچىپ كېتىپتۇ، سۇ ئەۋلىياسى بولسا قان بەك چىقىپ كەتكەنلىكىتىن، قانسىراپ ئۆلۈپ قاپتۇ، شۇڭا ھازىرغىچە دەريادا ئىلاھ يوقلۇقىنىڭ سەۋەبى ئىكەن……

تايچاقنىڭ سۇدىن ئۆتىشىنى ئاڭلىغان چوقۇم……

يېقىندا بىر تايچاق دەريادىن ئۆتمەكچى بولۇپ، دەريا ئالدىغا كەلگەندە ئىككىلىنىپ قاپتۇ:

-سۇ چوڭقۇرمىدۇ ياكى ……
تۇيۇقسىز كەينى تەرەپتىكى ئورمانلىقتىن ئاۋاز كەپتۇ:

-قورقما تايچاق، بۇ سۇ چوڭقۇر ئەمەس، مېنىڭ تىزىمغىمۇ كەلمەيدۇ ئۆتىۋەر!!

تايچاق ئۈمۈدلىنىپ دەرياغا چۈشۈپتۇ، ئاقىۋەت چۆكۈپ ئۆلۈپ قاپتۇ، ھېلىقى ئورمانلىقتىن باشقا بىرەيلەننىڭ ئاۋازى چىقىپتۇ:

-ئاپلا، ياۋمىڭ ئاكا، تايچاقنى ئالدىمىسىڭىز بولمامدۇ؟
-ۋاي ئالدىمىدىم، ئۇ سۇ مىنىڭ تىزىمغىلا كېلىدۇ!!

ياۋمىڭ كېيىن داڭلىق ۋاسكىتبولچى بوپتۇ……

بىر مىنكاۋخەن كالا مانداق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپتۇ:

مەن بارلىق 牛 جەمەتىگە تەۋەلەرنى ئۆيۈمگە ئىپتارلىق چاقىرىمەن، 牛لا بولسا مېنىڭ ئەزىز مېھمىنىم!
كەچتە كالىنىڭ ئۆيىگە كەركىدان، قۇلۇلە، بىر ئاليومىن قۇتا كەپتۇ…
كالا: سىلەرگە نىم با؟
ئۈچەيلەن: بىز مۇ 牛
كالا:خوش، سېنىڭ ئىسمىڭ نىمۇ؟
قۇلۇلە:蜗牛!

كالا:ئۇف، مەيلى سەنچۇ؟
كەركىدان:犀牛!
كالا: بوپتۇ، ماۋۇ ئىككىسىغۇ جانلىق بوپتۇ، ساڭا نىمە با؟
قۇتا: مەن 红牛!
كالا: ئاپ……چىقىشە مېڭىشە!
كالا ئاغزىنى بۇزۇپ روزىنى بۇزىۋاپتۇ……

بىر ھورۇن توختىماي بىر نەرسىنى سېتىپ خەجلەيدىكەن، بىر كىشى ھەيران بولۇپ:
-توختىماي بىرنەرسە سېتىپ خەجلەيسەن، نىمە ئۇ تۈگىمەمدا؟
ھورۇن: سېتىۋاتقىنىم ئەتە،تۈگىمەيدۇ
-نىمىشقا؟
-كونىلار «ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس»دىگەن……



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. دولقۇن731 2013.07.19 , 01:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاھ..! دىۋان؛ مەنمۇ بىر يۈرۈش تەييارلاپ قويدۇم پات ئارىدا تورخۇماردا يۈز كۆرۈشكىسى

  2. ئۇيغۇرمەن 2013.07.19 , 01:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بالىلىقىمدىكى ئاڭلىغان گۈزەل رومانتىك چۆچەكلەرنى راستىنلا ۋەيران قىلىۋەتتى ……..:roll::shock:

  3. رىچارد 2013.07.19 , 04:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بالىلىقتىكى گۈزەل ئارزۇ ھەۋەسلەرنىڭ يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەزى گۈزەل ئەسلىمىلەر بىراقلا قارمۇ قارشى بوپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ…..
    بەك ئوخشىتىۋېتىپسىز جۇمۇ راسا بىر كۈلىۋالدىم جۇمۇ
    زوھورلۇق يىگەچ ئوقۇۋەتتىم جۇمۇڭ…..

  4. ئابومجان 2013.07.19 , 07:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    【قار مەلىكە】
    خانىش ئۆگەي قىزى قار مەلىكىنىڭ ھۆسىن جامالىغا ھەسەت قىلىپ ئۇنى ئوردىنىڭ بىر بۈرجىكىدىكى كىچىك ئۆيگە نەچچە يىل قاماپ قۇيۇپتۇ .
    خانىش: ھەي ، سىھىرلىك ئەينەك ! دۇنيادا كىم ئەڭ چىرايلىق ؟
    سىھىرلىك ئەينەك : خانىش ئايىم ، ئاق قار مەلىكە ھەممىدىن چىرايلىق .
    بۇنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولغان خانىش بىر ئوۋچىغا قار مەلىكىنى ئورمانلىققا ئاپرىپ ئۆلتىرىۋىتىپ كىلىشنى بۇيرۇپتۇ .
    بۇ ئوۋچى بۇۋاي مەلىكىگە ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنى ھايات قالدۇرۇپ ئوردىغا قايتىپتۇ . مەلىكە ئورمانلىقتا يەتتە پاپىنىڭ ياردىمى ئاستىدا بىرقانچە يىل ياشاپتۇ .
    بىر كۈنى خانىش ئەينىكىدىن ئوخشاش سۇئال سۇراپتۇ : دۇنيادا چىم بەك چىرايلىق ؟
    ئەينەك : يەنە شۇ قار مەلىكە چىرايلىق .
    خانىش ئاچچىغىدا مەلىكىنى ئۆزى جايلىماقچى بوپ زەھەرلىك ئالمىسىنى ئېلىپ ئورمانلىققا قاراپ يۈرۈپتۇ ، توك توك توك ئىشىك چىكىلىپ قار مەلىكە ئىشىكنى ئېچىپتۇ ، خانىش يالغاندىن كۈلۈمسىرەپ ئوتقاشتەك زەھەرلىك ئالمىنى مەلىكىگە سۇنۇپتۇ . بۇ ساددا مەلىكە ئارتۇق ئويلانمايلا ئالمىنى ئېلىپ شۇنداق يۇغان بىر چىشلەپتىكى ،ئالمىنىڭ تازا زەھەرلىك يىرىنى چىشلەپتىكەن بۇ خان ، شۇ ھامان تىكىراڭڭىدە ئوڭدىسىغا چۈشۈپتۇ ، خانىش خوشلىقىدا ئوردىغا قايتىپتۇ . يەتتە پاپا يىغلاپ قاخشاپ دىگەندەك مەلىكىنى ئۆيگە ئاران سۆرەپ ئەكىرىپتۇ . دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بايىقى خانىشنىڭ ئۆز بالىسى يەنى شاھزادە بۇ يەرگە كەپ قاپتۇ، بۇ نان قېپى ھۇشسىز ياتقان مەلىكىنى بىر كۈرۈپلا ئاشىق بۇلۇپ قاپتۇ ، لىكىن ھېچقانداق قىلىپمۇ ئويغىتالماپتۇ ، تۇيۇقسىز بىر ئەقىل كەپتۇدە چۆچەكلەردەك مەڭزىگە سۈيۈپ باقاي ئويغۇنۇپ قالا دەپ چوككىدە بىرنى سۈيۈشى بىلەن مەلىكە سەت بىرنى ھومايغان پېتى ھۇشىغا كەپتۇ .
    شاھزادە سىز بىلەن توي قىلغۇم با دەپ يىغلاپ تۇرۇۋاپتىكەن مەلىكە ئامال يوق ماقۇل بوپتۇ ، بۇلار ئودىغا كىرىشىگە خانىش قار مەلىكىنى كۈرۈپ شۇنداق ئاچچىقى كەپتۇ ، ھەم بالىسىنىڭ مەلىكنى قۇتقۇزغىنىغا بەك سەت قايناپ كىتىپتۇ ، ئامال يوق بۇلارنىڭ تۇيىنى قىلىپ قۇيۇپتۇ .
    خانىش ئۆزىنىڭ زەھەرلىكىدىن قار مەلىكىگە تۇلا ھەسەت قىلىپ ئۇزاققا قالماي ئۇ دۇنياغا سەپەر قىپتۇ . شاھزادە بىلەن مەلىكە دەسلىپىدە شۇنداق ئىجىل ئىناق ياشاپتۇ ، مەلىكىمۇ كەينى كەينىدىن 7 نى تۇغۇپتۇ ، بۇ شۇملار شۇنچىلىك كەپسىز چوڭ بوپتۇكى مەلىكىنىڭ گىپىنى پەقەت ئاڭلىمايدىكەن، شاھزادىمۇ ئۈجمە كۆڭۈل چىقىپ قاپتۇ ، ئايلاپ ئايلاپ ئوردىغا كىرگىلى ئۇنماي سىرىتلادا ئويناپ يۈرۈپتۇ .
    كەپسىز باللانى باشقۇرالماي جېنى ئازلا قاغان مەلىكە 35 يېشىدا يەتتە بالنى يىتىم قىلىپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىپتۇ !

  5. ئابومجان 2013.07.19 , 08:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    【كۈل قىز 】
    (سەمىمى ئەسكەرتىش: چۆچەكنىڭ ئاخىرى سەل ۋەھشىيراق ، كىچىك باللا كۆرمەڭ )
    يۇقارقى چۆچەكتىكى شاھزادە ، قار مەلىكىنىڭ دەردىدە بىر مەزگىل يىغلاپ بېقىپتۇ ، يەتتە بالىنى گەپكە كىرگۈزەلمەي قاخشاپمۇ بېقىپتۇ ، قاندا قىلىمىز ئەمدە ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ ، شاھزادە نەچچە ھەپتىگە قالمايلا بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ ياشاپ ئويناۋىرىپتۇ .دەل مۇشۇ پادىشاھلىقتا بىز گىپىنى قىلغان كۈل قىزمۇ ياشايدىكەن ، كۈل قىزنىڭ ئۆگەي ئانسى ھەم ئىككى ئاچىسى شۇنچە ھازازۇل ئىكەنكى ، كۈلقىزنى ئالدىراپ بۇسۇغىدىن بىر قەدەم ئالغىلى قويمايدىكەن .
    بىر كۈنى ئۆگەي ئانىسى قىزلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ شەھەرگە كىيىم كىچەك سېتىۋالغىلى كىرىپ كىتىپتۇ ، مۇشۇ كۈنى شاھزادىمۇ شىكارغا چىقىپتىكەن كۈلقىزنىڭ مەلىسىگە كىپ قاپتۇ ، سىرىتتىكى ۋاراڭ چۇرۇڭنى ئاڭلاپ نىمىش بولغانلىقىغا قىزىقىپ ئىشىكنىڭ يۇچىقىدىن شۇنداق قارىشى بىلەن كۆزلىرى شاھزادە بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ ، شاھزادە دەپ قويغىنىمىز بىلەن 7 بالىنىڭ دادىسى قېرى گۇي ئۇ ، ھۇقۇق مەنسەپدار بولغانلىقى ئۈچۈن شاھزادە دەپ قويدۇم ، گەپكە كەسەك كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قاپتۇ ، ھەم ئۆزىدىن 14 ياش كىچىك كۈل قىزنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ ، لىكىن شۇنچە ھەپلىشىپمۇ ئىشىكنى ئاچالماي ئاخىرى كۈل قىزنى كىلەر ھەپتە ئوردىدا ئۆتكۈزۈلدىغان بەزمىگە تەكلىپ قىپ قۇيۇپ قايتىپتۇ ، كۈل قىزمۇ تالا تۈزگە ئانچە چىقالمايدىغان ، ھەم ئۆمرىدە بىر قانچىلا ئەركىشى كۈرۈپ باققاچقا بۇ بەزمىگە شۇنداق بارغۇسى كەپتۇ .
    دەل ئەتىسى بەزمە دىگەن كۈنى كۈل قىز قازناق ئۆيدە يىغلاپ ئولتاسا ، ھېلىقى بىز ئۇقىدىغان سىھىرگەر مۇماي پەيدا بوپتۇ ، ھەم كۈل قىزنى بەزمىگە ئاپىرىشقا قۇشۇلۇپتۇ ، لىكىن شەرتى يەنىلام 12 دىن بۇرۇن قايتىپ كىلىش ئىكەن .
    مۇماي سىھىرلىك ھاسىسىنى شۇنداق بىر سىلكىپتىكەن ، ياۋۋۋ ، كۈل قىز قار مەلىكىدىنمۇ چىرايلىق بوپ كىتىپتۇ ،كۈل قىز خوشلىقىدا مۇماي ئۆزگەرتىپ بەرگەن ئالتۇن مەپىگىمۇ چىقماي كۆڭلىگىنى قولتۇقلىغان پېتى ۋاتراقشىپ ئوردىغا يۈگۈرۈپتۇ.
    بۇ بەزمە شۇنچىلىك ئىسىل ئۆتكۈزىلىپتىكى ، كۈل قىز سەھنىدىن چۈشمەي ئۇسۇل ئويناپتۇ ، سائەت قوڭغۇرىقى دىڭ داڭ قىپ 12 گە ئۇرغاندا ، كۈل قىز ۋاي ئانام دەپلا ئوردىدىن ئۇچقاندەك چىقىپتۇ ، ( ئوردىنڭ سائىتى نەچچە مىنۇت كىيىن قاپتىكە ، بوممىسا كۈل قىزنىڭ ئەپتى بەشرىسى ئاشكارلىنىپ قالاتتى ) ، ئەمدى ئوردىدىن چىقىشىغا ھەممە نەرسە ئەسلىگە كىپ قاپتۇ ، كۈل قىزنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىققان شاھزادە ئەسلىگە كەپ قاغان كۈلقىزنىڭ كىيىم كىچىكىگە ماندا قاراپ سەت بىرنى ھومىيىپ قۇيۇپ ئوردىغا كىرىپ كىتىپتۇ ، ھەم كۈل قىز چۈشۈرۈپ قويغان خىروستال كەشنى بايقاپتۇ.
    شۇندىن بېرى بۇ قېرى شاھزادە كۈل قىزنىڭ دەردىدە ، خىروستال كەشنى قۇچاقلىقىنىغە ئوردىدىن ئايلاپ ئايلاپ چىقماي ئولتۇرۇپتۇ .بىر كۈنى بۇلالمىغان شاھزادە ۋەزىرنى چاقىرىپ كەشنى تۇتقۇزۇپ بۇيرۇپتۇ ، پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە پۇتىغا مۇشۇ كەش نەق كىلىىدىغان قىزنى تېپىپ كىلىشنى قايتا قايتا جىكىلەپتۇ.
    ئاي ئۈتۈپتۇ ، يىل ئۈتۈپتۇ ، خىروستال كەشنىڭ ئىگىسىنىڭ خەۋىرى بولماپتۇ .كۈل قىزنىڭ ۋىسالىغا يىتەلمىگەن قېرى شاھزادە 40نىڭ قارسىنى ئالماي تۇرۇپلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىپتۇ.
    ئەمدى گەپنى كۈل قىزدىن ئاڭلايمىز :
    كۈل قىز بەزمىدىن يېنپ كەلگەن كۈنى ئۆگەي ئانىسىدىن ئۆلگىچە تاياق يەپتۇ ، شاھزادىنى يەنە بىر كۈرۈش ئارزۇسى بولسىمۇ سىھىرگەر مۇماي ئىككىنجى پەيدا بولماپتۇ ، شۇنداق قىلىپ ۋەزىر خىروستال كەشنىڭ ئىگىسىنى ئىزدەپ بۇ كۈلقىزنىڭ مەلىسىگىمۇ كەپ قاپتۇ ، ئۆگەي ئانىسى ھەم ئىككى ئاچىسى شۇنچە قىپمۇ كەشنى پۇتىغا پاتقۇزالماپتۇ ، نۆۋەت كۈل قىزغا كەپتۇ ، كۈل قىز شۇنچىلىك ئىشەنچ بىلەن كەشنى قۇلىغا ئېلىپ كىيىپتىكەن ئەپسۇس ، بۇنىڭ پۇتىغىمۇ پاتماپتۇ ، (ئەسلىدە يالاڭ ئاياغ يۈرىۋىرىپ پۇتى يوغناپ كىتىپتىكەن)
    پاتمىغىنىنى كۈرۈپ كۈل قىز ھاپىلا شاپىلا تىقىپ قويغان يەنى بىر پاي كىشىنى ئېلىپ چىقىپ ۋەزىرگە چۈشەندۈرۈپتۇ ، ۋەزىر ئىشىنە ئىشەنمەي كۈل قىزنى ئوردىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ.
    كۈل قىز يول ئۆگەي ئانىسىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلغىنىغا خوش بۇلۇپ يول بۇيى ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشى توغرىسىدا ئويلاپ مېڭىپتۇ ، ئورىدىغا كىلىشى بىلەن خىزمەتكارلار كۈلقىزنى ئىسىل بىزەلگەن بىر ئۆيگە باشلاپ ئەكىرىپتۇ ، كۈلقىز ئۆيگە كىرىپ ئەمدى ئولتۇرىشىغا ، سىرىتتىن توي مۇراسىمى باشلانسۇن دىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ ، ھەم كۈل قىز تۇرغان ئۆينىڭ ئىشىكى تېشىدىن ئىتىلپ قاپتۇ ، ئۇزاققا قالماي كۈل قىزنىڭ بۇرنىغا شۇنچىلىك كۈچلۈك كۈيۈكنىڭ پۇرىقى كەپتۇ ، ھەم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئوت دەرياسىنىڭ ئىچىدە قاپتۇ .
    ئەسلىدە كۈل قىزنى ئىزدەپ تازا ئىچى پۇشقان ئاۋۇ قېرى شاھزادە ئۈلۈش ئالدىدا مۇشۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرغان ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۈجمە كۆڭۈل شاھزادىمۇ ئۈلۈپتۇ ، كۈلقىزمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق كۈلقىزغا ئايلىنىپتۇ

    • ___قوزام 2013.07.19 , 11:19

      ئاپلا ماۋۇ چۆچەكنى بەزى سىڭىلچاقلىرىمىز ئاڭلاپ قاممىغىيدى ….

    • سەۋدايى 2013.07.19 , 13:16

      :shock::shock::shock::shock::shock::shock:قانداق ۋەششىيكىن دېسەم …ئابومجانمۇ كىچىك باللانى گوللايدىغانغا ئۇستىكەن جۇمۇ…ئۇكامنى چىقىرۋېتىپ كۆرگەنتىم تېخى…

  6. ___قوزام 2013.07.19 , 11:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئابومجان ئوردىنىڭ سائىتى كىيىن قالغان بولسا چاتاقنىڭ چوڭى چىقار بولغىيتى ھەقاچان …….:roll:

    • ئابومجان 2013.07.19 , 11:39

      ئاپلا ما چاتاقنى ، چالا ئۇقۇلۇقتا دىققەت قىلماي يېزىپتىمە ، ئەسلە نەچچە مىنۇت بۇرۇن بوپ قاسا توغرا بۇلدىكەن … قوزامنىڭ ئەسكەرتكىنىگە رەخمەت

  7. ___قوزام 2013.07.19 , 12:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئابومجان فەقىردا سىزگە ئەسكەرتىش بەگۈدەك ئوماچ يوق ، شۇ قۇلىقىڭىزغا مۇنداقلا پىچىرلاپ دەپ قويغان يېرىم بار :razz::razz::razz: بولسا بۇندا چۆچەك ئاڭلاپ ئولتاماي يۇمۇر يېزىشقان بولساق پەيزى بۇلتىدە ….. ھەيييييييييي…..:dizzy:

  8. رىۋايەت 2013.07.19 , 13:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پالتىنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇپ ئۇكام ئىككىمىز ۋەششى كۈلۋېتىپتىمىز ،بىركەمدە خوشنىمىز يۈگۈرەپ چىقىپ بىرەر ئىش بولمىغاندۇ دەيدۇ!:mrgreen::mrgreen::!:

  9. مەنسۇر 2013.07.19 , 20:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋەششەت قاملاشقان مەسەللەركەنغۇ بۇ، نىيۇنىڭ ئۆيىگە ئىككى كالا بىلەن بىللە ئىپتارغا كەلگەن قىزىل كالا خېلى قاملىشىپتۇ دىسە.

  10. ھەۋەسكار 2013.07.20 , 06:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما چۆچەكلەنىڭ بىر بىرىدىن قاملىشىپ كەتكىنىنى، بولدى ئەمدى چۆچەك ئاتىسى ئاندىرسومنىڭ چۆچەكلىرنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، ئەمدە ئوقۇيدىغىنىمىز چۆچەك بوۋىسى ئابومدىرسوننىڭ چۆچەكلىرى، ھە باللا شۇنداغۇ….

    • ئابومجان 2013.07.20 , 15:09

      ئابومدىرسون دەڭا ھې ھې … ۋوي ئىچىم پۇشۇپ جۆلۈپ قويغان نەسىلە بۇ

  11. كارۋان 2013.07.20 , 14:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئابومقارىم، سائەت 12 دە ھەممە نەرسە ئەسلىگە كىلىپ قالىدىغان تۇرسا، ھەجەپ ئاۋۇ شاھزادە تېپىۋالغان خرۇستال كەش ئەسلىگە كەپ قامماپتا ھە ، ماندامۇ ئىش باكىن دىسلە ….

    • ئابومجان 2013.07.20 , 15:12

      كارۋان قارىم ، چۆچەك ئەمەسما قايدا قىلىمىز ئەمدى ! ئەسلى ئا خىرىستال كەش جۈپتى بىلەن بوغان بوسا ئەسلىگە قايتتىتى ، بىر پېيى يولدا چۈپ قاغاچقا سېھىر ئىشلىمەي ئەسلىگە كىلەممەي قاغان گەپ

  12. ئەلشاھ 2013.07.20 , 19:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جۈپتى بولمىغاچقا سېھىر ئىشلىمەپتۇ …. يامان كەپتىغۇ بۇ گەپ …:mrgreen::mrgreen:

  13. bomba 2013.07.21 , 13:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانداق ۋەششىيكىن دېسەم …ئابومجانمۇ كىچىك باللانى
    گوللايدىغانغا ئۇستىكەن جۇمۇ. ماندامۇ ئىش باكىن دىسلە
    ……………………….:mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量