كىنولارنىڭ ساغلاملىق دەرىجە كۆرسەتكۈچىنى بىلەمسىز؟ بۇھەقتە ئاز-تولا توختىلىپ ئۆتەي…

كىنو كۆرۈشمۇ بىرتۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەت،  شۇڭا كىنوغا ئائىت ئانچە-مۇنچە بىلىملەرنى ئىگىلەپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق.  چوڭ-كىچىك ئادەملەر توپى ئىچىدە ھەرقايسى قاتلامغا مۇناسىپ ئېكران چېگرىسى بولمىغاندا قانداق كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى بىزگە ئايدىڭ.  بۈگۈن مەن كىنو دەرىجىسى( يەنە ساغلاملىق دەرىجىسى دەپمۇ ئېلىنىۋاتىدۇ)  ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.

filim

كىنو دەرىجسى بىرتۈرلۈك ئۆلچەم، يەنە بىرتۈرلۈك پايدىلىنىش قىممەت ئۆلچىمى. بۇنىڭدا كىنونىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك دەرىجە بېكىتىلىپ، مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈشكە ماس كېلىدىغان كۆرەرمەن توپى بېكىتىلىدۇ.
دۇنيا مىقياسىدا بىرلىككە كەلگەن، ئېنىق بىر كىنو دەرىجىسى بېكىتىش پرىنسىپى، بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بولغانلىقى نامەلۇم. ئەمما بۇنىڭ قاراتمىلىقى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنى قوغداشتىن ئىبارەت.
لېكىن كۆپىنچە ھاللاردا ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئالدىدا مەزكۇر دەرىجە كۆرسەتكۈچى رولىنى يوقىتىپ قويماقتا، بىرقىسىم كىنو سودىگەرلىرى مەزكۇر قائىدىگە رىئايە قىلماي، ياش-ئۆسمۈرلەر توپىنى زوراۋانلىق ۋە شەھۋانىيلىق مەزمۇنى قېتىلغان كىنولارنىڭ ئاساسلىق ئېستىمالچىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن بىزلەردە بۇ ھەقتە بىلىدىغانلار پەقەتلا يوق دېيەرلىك بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن بەزى مەسىلىلەر كېلىپ چىقىۋاتقان بولۇشى تەبىئىي.
نۆۋەتتە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپۇنىيە ، كورىيە قاتارلىق ساناقلىقلا دۆلەتلەر كىنو دەرىجىسىنى بېكىتىش ھەققىدە خىلىلا مۇكەممەل تۈزۈم بېكىتكەن. نۇرغۇن دۆلەتلەردە كىنو دەرىجىسىنى بېكىتىش كونكرېت قانۇنى كۈچكە ئىگە ئەمەس، بەلكى مۇشۇ كەسىپ ئىچكى قۇرۇلمىسىدا كونكرېت چەكلىمە كۈچىگە ئىگە بولۇپ، پەقەت كۆرۆرمەنلەرگە ئەسكەرتىش بېرىش بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى بۇيەردە خۇددى تاماكا قېپىغا ئەسكەرتىش يېزىلغىنىدەكلا،  ئىستىمالچىلاردا تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ. كىنو كۆرۈرمەنلىرى ئۆزىنى قوغداشنى بېلىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۈن-سىن سودا ساھەسىدىكىلەرمۇ بۇ جەھەتتە مەدەنىي ھەرىكەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە بۇخىل مەنزىرىنى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىنلا كۆرۈش مۇمكىن.
ھازىرچە دۆلىتىمىز كىنو ساھەسىدە بۇخىل دەرىجە تۈزۈمىدىن تېخى سۆز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ، ئەمما سىياسىغا ياتىدىغان چەكلەش ئۆلچەملىرىنىڭ بارلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز.

مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك تاللاش ھوقۇقى يەنىلا ئۆزىمىزدە بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇندىن كېيىن كىنو كۆرۈشتىن ئىلگىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇشۇنداق بىر ئىش بار ئىكەنلىكىنى بىلىپ قويساق بولىدۇ.

توردىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈشۈمچە ھازىر بىزگە ئاساسلىق كىنو كىرگۈزىۋاتقان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپۇنىيە، شياڭگاڭ، كورىيە، سىنگاپور، ئىران…قاتارلىق دۆلەت-رايونلارنىڭ بۇھەقتە ئېنىق بەلگىلىمىسى بار ھەم ئېنىق ئەسكەرتىشى بار.

مەن بۇيەردە ئارىمىزدىكى ئامېرىكا كىنولىرى مەستانىلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا كىنولىرىنىڭ دەرىجە ئايرىلىشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:

ئامېرىكا كىنولىرىنىڭ دەرىجىگە ئايرىلىش ئەھۋالى

ئامېرىكىدىكى «ئامېرىكا كىنو ئۇيۇشمىسى»( MPAA تولۇق نامى The Motion Picture Association of America) نىڭ باش شىتابى كالىفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان بولۇپ،  1922-يىلى قۇرۇلغان.  MPAA ئامېرىكا كىنوچىلىقىدىكى مۇھىم ئورگان ھېسابلىنىدۇ.MPAA لوس-ئانجېلىس ۋە ۋاشىڭتوندا ئەزالىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.  ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھەيئەتلىك ۋەزىپىلىرىنى ئامېرىكىدىكى يەتتە چوڭ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە گىگانت شىركەتلىرىنىڭ رەئىس ۋە لىدىرلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئۇلار :

1.دېسنى شېركىتى(Walt Disney Company)
2. سونىي شېركىتى (Sony Pictures Entertainment,Inc)
3. پارامونت شېركىتى (Paramount Pictures Corporation)
4. بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان 20 -ئەسىر فوكس شېركىتى (Twentieth Century Fox Film Corp)
5. ئۇنىۋېرسال ستۇدىيىسى( Universal Studios,Inc)
6. ۋېرنېر ئاكا-ئۇكىلار شېركىتى (Warner Bros)

MPAA بېكىتكەن كىنو -تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنىڭ دەرىجە تۈزىمى تۆۋەندىكىچە :

G دەرىجە( GENERAL AUDIENCES All ages admitted)

ئاممىباب دەرىجە، ھەرقايسى قورامدىكىلەر كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇ دەرىجىدىكى فىلىملەردىكى مەزمۇنلاردىن بالىلار بىلەن چوڭلار ئورتاق بەھر ئالالايدۇ. يالىڭاچ، جىنسىي ئالاقە، زەھەر چىكىش، زوراۋانلىق كۆرۈنۈشلىرى بولمايدۇ. نورمال تۇرمۇشتىكى نورمال ئالاقە تەسۋىرلىنىدۇ.

PG دەرىجە( PARENTAL GUIDANCE SUGGESTED Some material may not be suitable for children)

بۇ ئادەتتىكى دەرىجە بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا كۆرۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ئەمما ئايرىم ئازبىرقىسىم كۆرۈنۈشلەر، گەپ-سۆزلەر بالىلارغا ئۇيغۇن كەلمەسلىكى مۇمكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا جىنسىيەت، زەھەر، زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۆرۈنۈشلىرى بار بولسىمۇ، ئىنتايىن قىسقا، ياكى مۇۋاپىق بولۇپ چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن ھالەتتە. (ئەمما سەمىمىزدە بولسۇنكى بۇ باھا سۆزى مېنىڭ ئەمەس، بەلكى شۇ ئۆلچەمدىكى چۈشەندۈرۈش، شۇڭا ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغانلىقىغا كاپالەت بېرەلمەيمەن.)

PG-13 دەرىجە ( PARENTS STRONGLY CAUTIONED Some material may be inappropriate for children under 13)

بۇمۇ ئادەتتىكى دەرىجە ، لېكىن 13 ياشتىن تۆۋەنلەرگە ماس كەلمەيدۇ. يېتەكچىلىك قىلىشتا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، دېمەكچى بىر قىسىم مەزمۇنلىرى بالىلارغا ئىنتايىن ماس كەلمەيدۇ. بۇ دەرىجىدىكى كىنولاردا قوپال، زوراۋانلىق كۆرۈنۈشلىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولمىسىمۇ، ئارىلاپ يالىڭاچ كۆرۈنۈش، زەھەر چىكىش، مەينەت گەپ-سۆز دېگەندەكلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ.

R دەرىجە (RESTRICTED Under 17 requires accompanying parent or adult guardian)

بۇ چەكلەش دەرىجىسىگە تەۋە، 17 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ كۆرمەسلىكى ياكى ئاتا-ئانا، مەخسۇس يېتەكچىلەرنىڭ يېتەكچىلىگىدە كۆرۈشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ)ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە ماس كىلىدۇ. بۇ خىلدىكى فىلىملەردە جىنسىيەت، زوراۋانلىق، زەھەرگە ئالاقىدار مەزمۇنلار بىرقەدەر كۆپ، قوپال- مەينەت گەپ-سۆزلەرمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.

NC-17دەرىجە (NO ONE 17 AND UNDER ADMITTED)

17 ياشتىن تۆۋەن كۆرۆرمەنلەر بىردەك چەكلىنىدۇ، بۇ ئادەتتە قورامىغا يەتكەنلەر كۆرۈشكە بولىدىغان فىلىملەر ھېسابلىنىدۇ . بۇخىلدىكى فىلىملەردە جىنسىي تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى كۆپ ھەم ئىنچىكە تەسۋىرلەنگەندىن تاشقىرى يەنە كۆپ مىقداردا زوراۋانلىق كۆرۈنۈشلىرى بولىدۇ. بۇ خىل كىنولارنى ئاممىۋى كىنوخانىلاردا قويۇشمۇ چەكلىنىدۇ.

电影分级

داداشتىن يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىش : يۇقىرىقى چەكلىمىلەردە ئوبيېكت قىلىنغان كۆرۆرمەنلەر ئايرىمىسى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى تەبىئي، ئەمما بىزگە ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى ئەقىللىك بولغان سىز جەزمەن بىلەلەيسىز.

قىسقىسى، بۇ يەردىكى كىنو دەرىجسى دىن ۋە ئەخلاق قاتارلىق خاس مەدەنىيەت ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن بولغانلىقى سەۋەبىدىن خەلقئارالىق بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەمنىڭ بارلىققا تەس. سۆزۈمنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تىپىك ئىسلام دۆلىتى بولغان ئىراننىڭ كىنو تەستىقلاش تۈزۈمىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەي:
ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە ئىراننىڭ كىنو تەستىقلاش تۈزۈمى 4 باسقۇچتىن تەركىپ تاپىدۇ: بىرىنچى باسقۇچتا، كىنو سىنارىيىسى تەكشۈرۈش قۇبۇل قىلىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتا، رول ئالىدىغان ئارتىسلار ۋە كىنو ئىشلەش خادىملىرى تەكشۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچتا، كىنو پۈتكەندىن كېيىنكى تۇنجى ئەۋرىشكە تەكشۈرۈلىدۇ. تۆتىنچى باسقۇچتا، مەزكۇر كىنونى تارقىتىش -قويۇش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ، A,B,C ئۈچ دەرىجە بويىچە كىنونى تارقىتىش، تەشۋىق قىلىش ئىشلىرى ھەققىدە تەستىق چىقىرىلىدۇ.
شۇنداق بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىران كىنولىرى دەرىجىگە ئايرىلغاندا ئامېرىكا فىلىملىرىدەك مەزمۇنىغا قاراش بىھاجەت، بەلكى سۈپىتىگە قاراپ ئايرىلىدۇ. A دەرىجىلىك فىلىملەر ئورگان تەرەپنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تەشۋىقات ئېلانى بىرىدۇ، ئەڭ ياخشى كىنوخانىلاردا، ئەڭ ياخشى ۋاقىتتا قويۇلىدۇ. C دەرىجىلىك كىنولار بولسا تېلېۋزىيە تەشۋىقاتى تارقىتالمايدۇ، بىرقەدەر شارائىتى تۆۋەن كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ…

ناۋادا باشقا دۆلەت-رايونلارنىڭ كىنو ساغلاملىق دەرىجىسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز بەيدۇدىن 电影分级 دەپ ئىزدەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. كۆك تاش 2013.02.09 , 13:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەزرەتنىڭ كىنو كۆرۈش ئۇسۇلى بىلەن بۇ تىمىنى بىرلەشتۇرسە ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولغىدەك.

  2. ساددا 2013.02.09 , 14:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان

  3. پەرئان 2013.02.09 , 15:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دۆلىتىمىزنىڭ كىنو ئۆلچىمى ھەر ھالدا بۇلىدۇ لىكىن يېقىندىن بۇيانقى ئىشلەنگەن فىلىملەردە دەرىجىلەر ئامىركىنىڭ فىلىملىرىدىن قېلىشمىغۇدەك كۈرۈنۈشلەر خېلىلا كۆپ ….

    • ياساۋۇل 2013.02.09 , 18:04

      مىڭ نوچى ئىشلىۋەتسىمۇ بىر يەرلىردىن چېنىپ قالىدۇ بۇ خەقنىڭ كىنولىرى .،يەنىلا ئامرىكىنىڭ كىنولىرغا يەتمەيدۇ …

  4. بانكىر 2013.02.09 , 15:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىلگىرى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ تېلېۋۇزۇردا قويغان كىنولاردا بەزى ناشايان قىلمىشلارنى كىسۋىتىپ كۆرسىتىدىغان، ھازىر قويىۋىردىكەن دەيمە، بەزىلىرىنى چوڭلار بىلەن بللە كۆرۈش ئەسلا مومكىن ئەمەس،

  5. ياساۋۇل 2013.02.09 , 18:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشقىلىپ ئۇنۋېرسال شىركىتنىڭ ئىشلىگەن كىنولىردا ئاساسەن دىگۈدەك ناشايان يەرلىرى چىقماي قالمايدۇ .،.:arrow:

  6. ئايشەم تورى 2013.02.09 , 19:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماندا مۇھىم ئىشلارنى بىلىۋالغىنىمىز چوڭ ئىش بولدى ! :wink:

  7. Forever 2013.02.09 , 21:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    4-5 يىل بولدى، ئۆيدىكىلەر ياكى دوست بۇرادەرلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كىنو كۆرمىگىلى …..
    ——
    ھازىرقى زاماندا چەتئەلنىڭ كىنولىرىدا ف *** ، ش *** دىگەندەك گەپلەر ئادەتتىكى سۆز – ئىبارىلەر بوپ قاپتۇ ( مۇشۇنىڭدىنلا بىلگىلى بولىدۇ كىنونىڭ سۈپىتىنى )

    • قارا ھەرە 2013.02.10 , 15:32

      توغرا دەيسىز، ھازىر ئامېركىنىڭ قايسى كىنوسىنى كۆرسىڭىز 10 كىنونىڭ 9 دا ف****، ش*** دىگەن گەپلەرنى ئۇچىراتماي قالمايسىز.

      ——————

      ئاۋۇ رەسىمدىكى «تېددىي» دېگەن كىنونى كۆرۋاتسام ئىشخانىدىكى ئىككى-ئۈچ ئايال كېلىپ بىللە ئولتۇرۇپ كۆردى، كىنونى كۆرۈپ بىر يېرىگە كەلگەندە ….:dizzy:
      «بىز تېخى سىزنى خېلى ئەخلاقلىق بالا دەپ يۈرسەك….» دەپ بىرمۇنچە گەپ قىپتى، خىجىلچىلىقتا….:arrow::evil:

  8. Forever 2013.02.09 , 21:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھېلىقى بىر 90-يىللاردىكى ئىتوت بار ئىدىغۇ .
    كىنو كۆرەي دەپ بىر قانالنى ئاچسا تات – تات – تات ئىتىشىۋاتقان ، بىر قانالنى ئاچسا ھايىت ھۇيت دەپ مۇشلىشىۋاتقان ، يەنە بىر قانالنى ئاچسا موزاي ئىنكىنى يالاۋاتقانداق …… دەپ :mrgreen: ئىشقىلىپ ھاياتلىقنى قەدىرلەپ ئائىلىدە ئەزالار بىلەن بىللە كىنو كۆرۈشتىن ساقلىنىڭ !
    —–
    تېمىنىڭ قىستۇرما رەسىمىمۇ تېمىغا ئالامەت ماس كەپتۇ جۇمۇ داداشجان :kiss:

  9. ئىلتەبىر 2013.02.09 , 22:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردىكى قېرىنداشلارنىڭ كىنو ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرگىنىگە رەھمەت.

  10. ABC 2013.02.10 , 13:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇدەرىجىنى كىنو كۆرۈشتىن بۇرۇن قانداق بىلدۇ:arrow:

    • داداش 2013.02.10 , 16:18

      كىنو ئېلان مۇقاۋىسىدا ھەم كىنونىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا ئەسكەرتىش بەلگىسى بولىدۇ.

  11. تەلبا 2013.02.10 , 16:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەپتە بۇرۇن كورگەن تىمىكەنغۇ بۇ.

  12. لالا 2013.02.10 , 21:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    NC-17دەرىجە مۇشۇنداق كىنولارنى نەدىن تاپىمىز :oops:

    • بۇركۇت 2013.02.14 , 14:05

      توۋا …..ئوبدان يەدىن تاپىسىز.

  13. بەختىيار 2013.02.18 , 22:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسىل:smile:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量