[پارول] نوم ئالغىلى بارغانلار (غەرپكە يەنە بىر ساياھەت)
ئەلقىسسە
تاڭسىڭ قاتارلىقلار ئامىتانى تاماققا تەكلىپ قىلىپتۇ،تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن،ئۇلار مۇڭدىشىپ كېتىپتۇ……
-ئامىدتا،دىمەك بىز بىرىمچى بولۇپ نوم ئالغىلى ماڭغانلار ھېسابلىنىمىز ،شۇنداقمۇ؟-تاڭسىڭ تەلمۈرۈپ سورىدى
-بىي ئىشلىرىنى قىلسىلا موللام-دىدى ئامىدتا ياراتمىغان ئاھاڭدا-سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا نۇرغۇن دۆلەتلەردىن تەشكىللىگەن……
-بۇ……بۇ……قانداق گەپ ئەمدى……
-ئەمسە مەن سىلەرگە سۆزلەپ بېرەي……
1.بىرىنچى بولۇپ روسىيلىكلەرنى ئەۋەتكەن
ئامنا لېكىن بۇ روس دىگەن گۇيلار نوم ئەكىلىڭلار دەپ ئاجراتقان پۇلنىڭ ھەممىسىگە ۋوتكا ئېلىپ ئىچىۋىتىپ،نەدەلەردە يوقاپ كەتتىكىن تاڭ،تاھازىرغىچە ئىز دېرىكى يوق
2.فىرانىسىيىلكلەرنى ئەۋەتتۇق
بۇلارغۇ نومغا كەلدى،بىرچىرايلىق قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇق،بۇ سېرىق باشلار دۆلىتىگە بېرىپلا،ئۇنى ئىچىپمۇ باقماستىن،سىرتىنى چىرايلىق ئوراپ،ئۈستىگە ئەتتىر چېچىپ،ھېلى خوتۇنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغا قىلسا،بىردەم ئاشۇق مەشۇق بايرىمى دەپ قەز دوستىغا سوۋغا قىلىپ،بىردەم دۆلەت بايرىمىدا زۇڭتۇڭىغا ھەدىيە قىلىپ،ئاندىن زۇڭتۇڭى مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدە ،ماڭا سوۋغا قىلىپ،بىر چۆرگىلەپ يەنە قايتىپ كەلدى،ئىشىڭنى قىلىشە دىدۇق.
3.گىرمانىيەلىكلەرنى تەشكىللىدۇق
بۇلاربەك چىداملىق ئىكەن،شۇنچە جاپالارنى تارتىپ كېلىپ،نومنى ئېلىپ كەتتى،دۆلىتىگە بېرىپ 200مۇتەخخەسسىس تەشكىللەپ،ئون يىل تەتقىق قىلىپ،ئاخىرى “تەتقىق قىلىش ئەھمىيىتى يوق ئىكەن ،نەدە ئەتتىگەندە نەچچە داڭ ئۇرىدۇ،ياغاچ قۇتىنى نەچچەقېتىم چىكىدۇ دىگەن نىمىلەر ئىكەن”دەپ،ماڭا قايتۇرۇپ بەردى
……
4.ئىسپانىيىلىكلەرنى تەشكىللىدۇق
بۇلارغۇ كەلدى،بىراق گىتتار بىلەن كىرىپ ماۋۇ سارايغا،غەۋغا كۆتىرىپ،كۆرگەننىلا قۇچاغلاپ سۆيۈپ،مەڭزى يېقىپ،كالىنى دوراپ ئۈسۈپ،بەك بىسەرەمجان قىلدى،“چىقىشە!”دەپ چېرقىراپتىكەنمەن،كەتتىغۇ تاڭ
5.ئامرىكىلىقلارنى تەشكىللىدۇق
ئامما لېكىن بۇ خەقنىڭ تايىنى يوق ئىكەن،30دەك ئادەم ماشىنا ،تىك ئۇچار،ئايروپىلانغا چىقىۋاپتۇ،بىز تۆتلا ئادەم بارىدۇ دىسەك،ئۇلار بۇياق پىرىزدېنىت،ماۋۇ ئايالى،ماۋۇ مۇئاۋىن پىرىزدېنت،ئاۋۇ ئايالى،ماۋۇ دۆلەت بىخەتەرلىك باشلىقى،ئاۋۇ ئايالى دەپ ھارغىچە ئادەملەرنى تونۇشتۇردى،بىربىرلەپ كۆرۈشتۈم،مەن ئۇلارغا چوقۇم پىيادە بارىسىلەر،ماۋۇ نىمىلەرنى ئېلىشقا بولمايدۇ دىسەم،ئۇلار:
-بۇ دىگەن ئىنساننى خارلاش،ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلىي قىلىش!بىزسىزنى ئەرز قىلىمىز،ئالىي سوتتا ئادۇۋكاتىمىز بىلەن سۆزلىشىڭ دەپ يامانلاپ كىتىپ قالدى،
ھازىر پات پات ئۇيەر بۇيەرگە ھۇجۇم قىلىپ جىم يۈرمەيدۇ……
6.ياپونىيىكلەر نى تەشكىللىدۇق
بۇلار شۇنچىلىك ئەستايىدىل،شۇنچىلىك چىداملىق،قەيسەر خەقكەن،نوم ئالغىلى كىرىپتۇ،بەردىم،پاھ پاھ تولا ئىگىلىپ تازىم قىلىپ،بەللىرىم ئاغرىپ كەتتى،ھازىرغەمىچە ئاغرىيدۇ
ئاممازە،بۇلار دۆلىتىگە بېرىپلا،باشتا تەتقىق قىلماي،نومنى كىچىكلىتىپ كۆپەيتىپ،ئامرىكىغا سېتىپتۇ،ئامرىكا ئۆزىنىڭ ماركىسىنى چاپلاپلا،ھوقۇقىنى ئېلىۋاپتۇ……ھەي……
7.چاۋشەنلىكلەر
بۇلارمۇ جاپاغا چىداپ كەپتۇ،بەردۇق،
بۇلار ئاپىرىپلا،نومنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق تەرجىمە قىلمايلا،باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈپ،ئۇلارنى مەجبۇرىي ئۆگىتىپتۇ،كىشىلەرنى بەك قېيناپتۇ……
ئاخىرى بولماي،ھېندىستانغا يېقىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردىن تاپشۇردۇق
باشتاخوتەن خەلقىنى تەشكىلكىسەك،ئازراق مېڭىپلا ،دەريا بويىدىكى تاشنى كۆرۈپلا،تاش تېرىپ سېتىپ،قالتىس بايلاردىن بولۇپ نومنى ئۇنتۇپ قالدى.
قەشقەر خەلقنى تەشكىلكىسەك،يول بويى ساما ئويناپ،ئالدىغا بىر قەدەم ،كەينىگە ئىككى قەدەم مېڭىپ،ھازىرغىچە كەلمىدى……
ئاتۇش خەلقىنى تەشكىللىسەك،ئاجراتقان پۇلغا چوڭ سودا قىلىپ،ھەر ھەر بايلاردىن بوپ كەتتى……
كورلىلىقلارنى تەشكىلكىسەك،بۇلارنىڭ كۆپى ئوۋچى ئىكەن،ئۇچرىغانلار ھايۋانلارنى ئوۋلاپ،بىزنىڭ پەرشتىكى پەرشتە ،مۇھەككەللەرنى ئوۋلاپ،ھېچ ھالىنى قويمىدى،توختىتىۋالدۇق……
غۇلجا خەلقىنى تەشكىللىدۇق،توۋا ،بۇلار كۈندۈزى نورمال ماڭغان بىلەن،كەچتە سورۇن قۇرۇپ ئولتۇرىۋىلىپ،بىربىرىنى شاڭخو قىلىپ،كەچ يىتىپ،ئەتىسى تۇرماي،بەك قاقشىتىۋەتتى
ماۋۇ كۈيتۇنلۇق گۇيلارنى تەشكىللىسەك،ياڭگىر ئويناپ،تۈزۈك ماڭماي،قاقشىتىپ كىسەل قىلدى……
تۇرپان خەلقنى ئورۇنلاشتۇرساق،بۇلار ماۋۇ خويەنسەنلىك،ماۋۇ بۇيلۇقلۇق،ماۋۇ شەھەرلىك دىيىشىپ،“ئانى ئۇرىقويىمىزمۇ دىسە،ئۇرىقوينى ”دەپ،تولا مۇشتلىشىپ،پەقەت ئارام بەمىدى…
ئاخىرى ماۋۇ ئۈرۈمچىلىكلەر چوڭ شەلىكلەر دەپ ئورۇنلاشتۇرساق،چوڭ شەھەردە ئات كۆرمىگەنلەر،بىز بەرگەن ئاتقا بوۋىسىدىن تارتىپ نەۋرىسىگىچە مىنىۋىلىپ،كوللىكتىپ رەسىمگە چۈشۈپ،ئاندىن ئاتائانىسى بىر چۈشۈپ،ئاندىن بالىلىرى بىر چۈشۈپ،ئاندىن قىزئوغۇل بىر چۈشۈپ،ئاندىن قىزلار بىر چۈشۈپ……ۋاي ئىشقىلىپ ئون ئاتنى ھارام قىلدى……جاپاغا چىدىغان ئاتلارنىڭ بىلى پەسكە چۈشۈپ،ئالدى كەينى ئىگىزلەپ،تۆگىگە ئوخشاپ قالدى……
شۇڭا بىزتارىخنى كەينىگە ياندۇرۇپ،سىلەرنى ئورۇنلاشتۇردۇق،بارلىق ئىشەنچ سىلەردە قالدى،سىلەرگە بەك چوڭ ئۈمۈد باغلىدىم،شۇڭا مىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەڭلار!
تاڭسىڭ قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشتى،ئامىدتا:
-ماقۇلە،مەن قايتاي،رەھمەت تامىقىڭلارغا،يولداشلار،ئۈمىد سىلەردە قالدى،بەرداشلىق ئەڭ چوڭ غەلبە!!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: قىزىقارلىق، ھېكايە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,639 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: nom-elish-yengi-wariyanti.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بۇ رەسىملەرگە قاراپ بۇ ئاتا-بالىنىڭ ئۆز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي تۇرالامسىز؟ ئۆگەي؟! ياق، ئۆگەي ئەمەسكەن…
- كېيىنكى يازما > [پارول] دوختۇرخانىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
دىۋان دېگەن مۇشۇ
ئادەمنىڭ پەيزىنى ئۇچۇرۇپ…
داۋاملاشتۇرۇپ يازىدىغانلار يوقما ؟
ھا-ھا بەك قىزقكەن
ۋاخ ئەجەپ قىززىخكە ئۆزىڭىز يازدىڭىزما؟
بەك قىززىقارلىق چىقىپتۇ …….. ئەسلىدە ئۇيغۇرلارمۇ مېڭىپتىكەندە نوم دىگەن نەرسىنى ئالغىلى ………
مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇيغۇرلا ‹‹نوم›› ئەمەس ‹‹موم›› ئەككەلگىلى بارغان . ئۇنى بىزنىڭ مەھەللىگە ماي يول ياساشقا ئىشلىتىپتىكەن .
ماۋۇ راس گەپ بوپتۇ مانا …
نوم موم دەپ !
ئابومجان، يەھۇدىلارنى ئەۋەتمەپسىلىغۇ؟؟بۇ جوھۇتلىغا مەندەكلا ئۆچ ئوخشىمامسىلە؟
يەھۇدىلار كەم قېلىپتۇ ئەمما
بەك كەپتۇ
ھاھا دەھشەت قىززىق بوپتۇ..
دەھشەت قىززىق بوپتۇ
بەك قىززىق بوپتۇ
مۇشۇ تاڭ راھىبى ھازىرقى زاماندا بولغان بولسا ھە، ئۇنچىۋالا جافامۇ تارتمىغان بولاتتى، كۆچمە دىسكىدىن بىرنى ئېلىپ بېرىپلا…. ياكى تاتھا گاتانىڭ بۇلۇت سۇپىسىغا كىرىپلا چۈشۈرۈپ…. ۋە ياكى ئامىددا بۇددا ئېلخەتتىلا بىردەمدە بىرتەرەپ قىلىپ…