[پارول] دوختۇرخانىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار
ھېلىقى نىمە دەپ ئاتايدىغان ياشلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە باردى:
1. ھېلىقى ياش Bچاۋ ئۆيىدە…
دوختۇر: تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن كىچىك تەرەتنى يېتەرلىك يىغىپ كېلىڭ، مانداق بولغاندا ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ!
ھېلىقى ياش: ھىم، ماقۇلە……
15 مىنۇتتىن كېيىن ھېلىقى ياش يوغان خالتىدا لىق بوتۇلكا سۇيۇقلۇق كۆتىرىپ كەلدى:
– دوختۇر، ماۋۇنى ئون ئادەمنىڭ كىچىك تەرىتى…يىتەمدۇ، يىتەمدۇ……تەمدۇ…دۇ…
ئەگەر دوختۇردا تاپانچا بولغان بولسا ئېتىۋېتەتتى…
2. ھېلىقى ياش رېنتىگىندە…
دوختۇر: قېنى، چاپىنىڭىزنى سېلىپ، ئاپاراتنىڭ كەينىدە تۇرۇڭ!
ھېلىقى ياش: ھە مانا…
دوختۇر: ۋوي، نېمە ئاغىنىڭىزنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالىسىز؟
ھېلىقى ياش: ئاغىنەمنىڭ ئىسمى ئاراپات……پات…پات…پات…
دوختۇر:پات پات پاتىرۇگىت!!!!(街头霸王)
3. قان تەكشۈرۈش بۆلىمىدە…
دوختۇر: يېڭىڭىزنى تۈرۈپ، بىلىكىڭىزنى مايەرگە قويۇڭ!
ھېلىقى ياش: مەن بۈگۈن كالتەڭ يەڭ كىيگەن
دوختۇر: ئۇنداق بولسا قولنى مايەرگە قويۇڭ
ھېلىقى ياش: ئوڭ قولمۇ سول قول؟
دوختۇر: مەيلى، قايسى قول بولسا بولىدۇ!
ھېلىقى ياش: ئاغىنەمنىڭ قولىنى قويسام بولامدۇ؟
دوختۇر: ئۇف…كېيىنكىسى!
4. بەدەن تەكشۈرۈش ئۆيىدە
دوختۇر: كىيىملىرىڭىزنى سېلىۋىتىپ كىرىڭ
ھېلىقى ياش: ھە، مانا كىردىم!
دوختۇر: ۋاييەي، كىم سىزنى قىپيالىڭاچ كىرىڭ دېدى…ۋاي…
ھېلىقى ياش: نەدە قىپيالىڭاچ؟! پۇتۇمدا پايپاق بارغۇ…
دوختۇر: شىيا يى گى!
5. كۆز تەكشۈرۈش ئۆيى
دوختۇر: ئاۋۇ سىزىقنىڭ كەينىدە تۇرۇپ كۆزىڭىزنى ئېتىڭ!
ھېلىقى ياش: مانا…
دوختۇر: ۋاي ۋۇي، مەن سىزنى ئىككىلا كۆزىڭىزنى ئېتىڭ دىمىدىم، بىرلا كۆزىڭىزنى ئېتىۋالسىڭىز بولدى
ھېلىقى ياش: مانداق دەڭە، ھە مانا
دوختۇر: بەلگىلەرنىڭ قەيەرگە قارايدىغانلىقنى دەپ بېرىسىز، ماۋۇ…
ھېلىقى ياش: شەرققە
دوختۇر: ئوڭ سول دىسىڭىزلا بولدى، مانى دەپ بېقىڭە…
ھېلىقى ياش: مانى…
دوختۇر: ئۇف، قەيەرگە قارايدۇ شۇنى دەڭ
ھېلىقى ياش: شۇنى…
دوختۇر: ئۇف…بولدى، چىقىپ كىتىڭ!
6. قان بېسىم ئۆلچەش ئۆيىدە…
دوختۇر: قولىڭىزنى ئۈستەلگە قويۇڭ، يەڭلىرىڭىزنى يۇقىرىغا چىقىرىڭ!
ھېلىقى ياش: ئىككىنچى قەۋەتكىما؟
دوختۇر: ھە؟! مانداق بىلەككچە بولسا بولدى، ئەمدى ئۆلچەيمەن، ئاۋاز چىقارماي تۇرۇڭ، ھە بولدى، ئۆلچەپ بولدۇم، 70/110 ئىكەن.
ھېلىقى ياش: دوختۇر خاپا بولماي 70 نى 90 قىلىپ قويامسىز؟ ئۆيدىكىلەر بەك تۆۋەن نۇمۇر ئاپسەن دەپ رەنجىپ كەتمىسۇن…
دوختۇر: مەن بۇلتۇر سائەت سېتىۋالدىم
7. ئېغىرلىق ۋە ئېگىزلىك ئۆلچەش ئۆيى
دوختۇر: ئاياقنى سېلىپ ئاۋۇ تارازىغا چىقىڭ
ھېلىقى ياش: پايپاقنىمۇ سالامدىم؟
دوختۇر: ياق بولدى، پايپاقنى سالماڭ
ھېلىقى ياش: ئېگىزدە بىشىم قاياتتى، زوڭزىيىپ ئولتۇرسام بولامدۇ…
دوختۇر: خەپ…
8. ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۆيى
دوختۇر: كىرىڭ بولىڭە، ھە، ئاۋۇ تام تەرەپتە تۇرۇپ مەن نېمە دىسەم شۇنى تەكرارلايسىز ھە؟
ھېلىقى ياش: ماقۇل
دوختۇر: باشلايلى ھە
ھېلىقى ياش: باشلايلى ھە
دوختۇر: بۇنى دېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمدى باشلايمىز!
ھېلىقى ياش: بۇنى دىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمدى باشلايمىز!
دوختۇر: بولدى قىلىڭ!
ھېلىقى ياش: بولدى قىلىڭ!
دوختۇر: ھەي يىگىت!
ھېلىقى ياش: ئادۇگىت!
دوختۇر: چىقە ئاداش!!
شۇنىڭ بىلەن 2B يىگىتنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرىشى تۈگىدى…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: پاراڭ، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,059 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: doxturxanidiki-qizziq-paranglar.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [پارول] نوم ئالغىلى بارغانلار (غەرپكە يەنە بىر ساياھەت)
- كېيىنكى يازما > غەربكە ساياھەتتىكى ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلەر
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
مەن بەك تەلەيسىزكەنمەن. بىرىنجىسىنى ئاغزىمغا لىق ئاش سېلىۋېلىپ ئوقۇپتىمەنكەن……
ئىككىنجىسىنى ئادۇگىت ئېتىپ باقمىغانلار چۈشەنمىگۈدەك…….
خەن لەرنىڭ دوختۇرخانىسى ئوخشىمامدۇ بۇ ؟
تازىمۇ ئەقىللىق ئاداشكەن. دوختۇرنى خېلى چاپتۇ دېسە. بەزى گەپلەرنى ئۆگنىۋىلىپ دوختۇرخانىغا بارغاندا دەپ ئاچچىقىمنى چىقارمىسام
5-سدىن باشقىلىرى مازكەن.
نەدىنمۇتاپىدىغانسىلەردەيمەن مۇشۇنداق قىززىق گەپلەرنى ھەي ..مۇشۇ خۇماداشلارقىززىقچى جۇما
ھەممىسى سازكەن . 100 نومۇر ئالدىڭىز. كىيىنكىسى…..
دوختۇرنى دوختۇرغا ئاپارغۇدەك قىلىۋىتىپتۇدە
بىرسى بىرسىدىن كۈلكىلىك ئىكەن… تەشەككۈر ئە…
ھادىگىيت!
راس دەيمەن ئادۇگىت دىيىشلىرىچۇ 90-يىللارنى ئەسلىتىپ ماندا تىما بولسا كۈندە 3 ۋاخ ئوقىۋالسا زىرىكمەيدۇ كىشى بولاپمۇ كەيپىياتى ناچار چاغدا
بەك قىززىقكەن
2B نى نېمە دەپ ئۆزلەشتۈرسەك بولا ؟
ئادۇگىت!!
– دوختۇر، ماۋۇنى ئون ئادەمنىڭ كىچىك تەرىتى…يىتەمدۇ، يىتەمدۇ……تەمدۇ…دۇ…
ھېلىقى ياش: دوختۇر خاپا بولماي 70 نى 90 قىلىپ قويامسىز؟ ئۆيدىكىلەر بەك تۆۋەن نۇمۇر ئاپسەن دەپ رەنجىپ كەتمىسۇن…
دوختۇر: مەن بۇلتۇر سائەت سېتىۋالدىم
مانى چۈشىنەلمىدىميا؟
مەن بۇلتۇر سائەت سېتىۋالدىم
我去年买了个表
我去你妈了个逼
مۇشۇ گەپنىڭ سىلىقلاشتۇرۇلغىنى
مۇنداقمىتى ؟
kompiyotirmim sl qatak qekip uyhgur qa qikmaywatiduم
ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا بىر بىمار يېڭى كەلگەن دوختۇرغا دەپتۇ:
– دوختۇر ، بىز سىزنى بارغانچە ياقتۇرۇپ قالدۇق ، سىز ئىلگىرىكى دوختۇرغا قارىغاندا خېلە بولىدىكەنسىز.
– رەخمەت، لېكىن قانداقسىگە؟…
– سىز قارىماققا بىز بىلەن جىق پەرقىڭىزمۇ يوقكەن .
– نېمە؟!!!!..
تور خۇمار دا تېما كۆرۈپ بولۇپ باشقىلانىڭ يازغان ئىنكاسىغا باھا بىرىىش، مىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپەم، مەسىلەن ھەربىر ئىنكاسنىڭ سول تەرىپىدىكى ‹‹ مازكەن ›› نى بىسىش، چۈنكى ‹‹ مازكەن ›› نى بىسىش ئۈستىكى يۇمۇرلاردىنمۇ قىززىقارلىق بولىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بىقىڭ….
بىر كۈنى ئىككى ساراڭ ساناتورىيەنىڭ ئارقىسىدىكى شۇرا بار تامدىن ئارتىلىپ قېچىشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ. ئەتىسى بىر ساراڭ يەنى بىرسىنى بېرىپ ئەھۋالنى كۈزىتىپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ . بىر ئاز ۋاقتىتىن كىيىن ھېلىقى ساراڭ يېغلىغىنىچە كەپتۇ. دە ھېلىقى ساراڭغا:- ئاداش قاچالمايدىغان بولدۇق . بىز ئارتىلىپ قاچماقچى بولغان تام كېچىدىن ئۆرۈلۈپ كېتىپتۇ…ھۈ….ھۈ…..
تېمىغا ئانچە ماس كەلمىدى ، لىكىن شۇنداقتىمۇ يوللاپ قويدۇم.
[ئاللىقاچان 19 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
مەنمۇ يازاي
بۇ ياش نىمىشقا داۋالىنىشتىن ۋاز كەچكەندۇ؟
مەن تورخۇماردا كۆرگەن ئەڭ ماز تېما بولدى، ئۆزلەشتۈردۇق دەپ مۇشۇنداقمۇ تايىنى يوق نەرسىنى تورخۇمارغا يوللىدۇقمۇ ئەمدى؟
مەن تورخۇماردا كۆرگەن ئەڭ ماز ئىنكاس بولدى، ئىنكاس يازدۇق دەپ مۇشۇنداقمۇ يازامدۇق ئەمدى؟
شۇمۇ گەپ بوپتۇ، ئەمەلىيەت شۇ تۇرسا يەنە نېمە قىلىمىز ھەممىگە ئايان بولغان ھەقىقەتنى يالغاندىن يوشۇرۇپ؟ راس ئەمەسمۇ، مەنغۇ سىزگە نىسبەتەن ئىنكاسنى ماز ياغان ھېسابلىنىپتىمەن، ئەجىبا بۇ تېما تورخۇمارغا نىسبەتەن ماز يوللانماپتىمۇ؟ ماز دېگەن گەپ ئېغىر كەلگەن بولسا ھەر بىر ئىنكاسنىڭ كەينىدىكى سازكەن دېگەن خەتنىڭ كەينىگە قاراپ بېقىڭ. ئىشقىلىپ ھازىرغىچە مۇشۇ تېمىنىڭ قانداقلارچە تورخۇماردا تۇرغىنىغا شۇنچىلىك ھەيرانمەن.
بەك قىززىق كەن ھىلىقى يىگىت
ئىشۇ ئۇكۇلنى كىچىك بوۋاققا ئۇرامدىغاندۇ ،