غەربكە ساياھەتتىكى ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلەر
سۈن ۋۇكۇڭ ئەرشنى قالايمىقان قىلغاندىن كېيىن تاتھاگاتو تەرىپىدىن جايلىنىپ، بەش ئاناسىر تېغىنىڭ ئاستىغا 500 يىللىق بەند قىلىۋىتىلگەن ئىدى، ھەش-پەش دېگۈچە جازا مۇددىتىنى تولۇق ئۆتەپ بولدى.
«بۇ مايمۇنەك قايتىپ چىققاندىن كېيىن جەمئىيەتتىن ئۆچ ئالماس؟!» يۇرۇن سۇلتان ئاز-تولا ئەندىشە قىلىپ قالدى، قانداقلا بولمىسۇن تاتھاگاتو ئۇنىڭ ياساۋۇلى ئەمەستە، ئۇنى ھەركۈنى قوغداپ يۈرۈيدىغان…
«ھېچ ئىش چىقمايدۇ، بىز ئاللىقاچان ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدۇق!» ئاۋالوكسىۋارا بۇتسادۋا كۆڭلىدە سان بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى جاۋابەن. دەرۋەقە، ئۇنىڭ دېگىنىدەكلا ئۇزۇن ئۆتمەي، سۈن ۋۇكۇڭنىڭ بىشىغا ئالتۇن چەمبىرەك ئورنىتىلىپ، بىر توخۇنىمۇ بوغۇزلىيالمايدىغان تاڭ سىڭنىڭ بىرئەپسۇنى بىلەنلا يىپتەك بولۇپ كېتىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.
«بىراق ئۇلار نومنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئالغان ۋاقىتتا، سۈن ۋۇكۇڭ كەسپى خادىمغا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭغا داۋاملىق ئالتۇن چەمبىرەك تاقاپ قويۇش’ ئەمگەك قانۇنى’ غا خىلاپ بولۇپ قالىدۇ..» دەپ ئەندىشىسىنى قىستۇرۇپ قويدى چولپان يۇلتۇز مۇئەككىلى. شۇنىڭ بىلەن بىرقانچە رەھبەرلەر بىردەكلىككە كېلىپ، يەنىلا «دۈشمەننىڭ ئىرادىسىنى بوشىتىش» چارىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. ئۇلار غەرب سەپىرىدە سۈن ۋۇكۇڭغا تاغنىڭ ئارقسىدا تاغ بارلىقىنى، ئادەمنىڭ ئۈستىدە ئادەم بارلىغىنى بىلدۈرۈپ قويۇش قارارىنى قۇۋەتلىدى. سۈن مايمۇننىڭ ئالدىنقى قېتىم ئەرشنى قالايمىقان قىلىپ، تەڭشداشسىز بولۇپ كېتىشى ئەسلى ئەرش مەمۇرلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن، مۇھىمى ئۇلارنىڭ پەزىلىتى ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلىدىغان كىشىلەردىن بولغانلىقىدا ئىدى. ئەگەردە ئۇنداق بولمىغاندا ئىدى، بۇ سەھرالىق مايمۇننىڭ تاناۋىنى بۇرۇنلا تارتىپ قويغان بولاتتى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۈن ۋۇكۇڭ مەلۇم بۇتخانىدا قارا ئېيىق ئالۋاستىغا يولۇقتى، ئۇ يۇندا پۇرۇش تەپ – تارتماي تاڭسىڭنىڭ ئالى سۈپەتلىك خىزمەت فورمىسىنى ئوغۇرلىغان ئىدى. قارا ئېيىق ئالۋاستىنىڭ پۈتۈن بەدىنى قاپ-قارا بولۇپ، قارىماققا كان ئىشچىسدەك قىلاتتى. دەسلىپىدە مايمۇنەك ئۇنى كۆزگە ئىلمىدى، ئەمما بىرقەپەس جەڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى پەملىدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئامالسىز يەنىلا ئاۋالۇكسىۋارا بۇتسادۋانىڭ ياردىمىدە ئاران بىر نېمە قىلدى.
«بۇنداق قىلىپ قانداقمۇ باشقارما دەرىجىلىك شىتات ھەل قىلغىلى بولسۇن؟» دەپ ئويلىدى سۈن ۋۇكۇڭ، ئۇنىڭ بايقىشىچە قارا ئېيىق ئالۋاستى قابىلىيەت جەھەتتە ئەرش سەركەردىسى ئېرلاڭدىن قىلشمايتى، ئەمما ئۇنىڭ كەسپى ئۇنۋانى بەك تۆۋەن ئىدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە، قارا ئېيىق ئالۋاستى يۇغۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرشتىكى مەلۇم ئورۇننىڭ ئامانلىق خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىتات بىرىلمىگەچكە ، ۋاقىتلىق ئىشچى بولۇپ بولۇپ قالدى.
ئۇ يۇندا پۇرۇشنىڭ چىرايى شۇنچە كۆرۈمسىز تۇرسا، كادىر بولۇپ قالسا جەزمەنلا ئىدارىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشمەمدۇ؟! ئەمما سۈن ۋۇكۇڭدەك مۇشۇنداق قامەت ئىگىسىگە نېمە ئۈچۈن ئاشۇ ۋاقىتلىق ئىشچىلىقمۇ ئاشمايدىغاندۇ؟ سۈن ۋۇكۇڭ بۇنىڭغا ئائىت بەزى سەۋەبلەرنى كېيىنكى كۈنلەردە چۈشىنىپ يەتتى.
ماڭا-ماڭا…نەچچە كۈنلەردىن كېيىن تاڭسىڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر جۈزى دۆلىتىگە يېتىپ باردى. بۇيەردە ئۇلار قوڭغۇراقلىق ئالۋاستىغا دۇچ كەلدى، بۇ ئالۋاستىنىڭ قابىلىيىتى چاغلىقلا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قولىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق قۇرال-ئالتۇن قوڭغۇراق بار بولۇپ، ئۇ قوڭغۇراقلىرىنى بىر سىلكىپلا چاڭ-توزان چىقىرىپ ئوت پۈركۈيتى. ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا سۈن ۋۇكۇڭ خېلىلا ھەرەج تارتىپ قالدى، ئاقىۋەت ئۇ ئالدامچىلىق ۋاستىسى بىلەن ئالتۇن قوڭغۇراقلارنى ئوغۇرلىۋالدى ھەم شۇنىڭغا تايىنىپ ئالۋاستىنى بويسۇندۇردى.
« ئۇ مېنىڭ شوپۇرۇم ئالتۇن تۈك بولىدۇ!»…ئاۋالۇكسىۋارا بۇتسادۋا يەنە بىرقېتىم سۈن مايمۇننىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئۆزخادىمىنى ئۆزى بىرتەرەپ قىلماقچى بولدى.
ئەسلىدە، جۈزى دۆلىتىنىڭ شاھى ۋەلىئەھدى چاغلىرىدا، ئىككى دانە قۇشقاچنى ئېتىۋەتكەن بولۇپ، بۇ قۇشقاچلارنىڭ بۇدداھ ئانىسىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتى. بۇ ئىشتىن كېيىن بۇدداھ ئانا بىلەن ئاۋالۇكسىۋارا بۇتسادۋا ئىككەيلەن بۇ ئىش ھەققىدە پاراڭلىشىپ، جۈزى دۆلىتىنىڭ شاھىنى ئۈچ يىلغىچە « قۇشلارنىڭ جۈپتىدىن ئايرىلىش كېسىلى» گە گىرىپتار قىلىۋىتىش توغرىسىدا قەسەم ئىچىشتى. بۇ گەپلەرنى بىر چەتتە تۇرغان ئالتۇن تۈك زەن قويۇپ ئاڭلىدى ۋە كۆڭلىدە : ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللارمابەينىدە باشلىقى ئۈچۈن شۇنچە خىزمەت قىلسىمۇ ھازىرغىچە ۋاقىتلىق ئىشچى سالاھىيىتىدە تۇرغانلىقىنى، مانا ئەمدى رەسمىيلىششنىڭ ياخشى پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن باشلىقىدىن بۇيرۇق كۈتمەيلا، ئىش تاشلاپ ئاساسى قاتلامغا چۈشتىدە جۈزى شاھىنىڭ خوتۇنىنى بۇلاپ قېچىپ، خوجايىنى ئۈچۈن ئۆچ ئالغان بولدى.
شۇڭا بۇ ۋەقەنىڭ ھەممىسگە ئالتۇن تۈك ئۆزى سەۋەبچى بولۇپ، رەھبەرلىك بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، شۇ ئىشتىن كېيىن ئالتۇن تۈك رەسمىي شىتاتلىق بولۇپ كېتىپتۇ. گەرچە يەنىلا شوپۇر بولسىمۇ تەمىناتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، يەنە بىر يۈرۈش پاراۋانلىق ئۆيىگىمۇ ئىرىشىپتۇ.
نوم سەپىرىدە سۈن ۋۇكۇڭ نۇرغۇن ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلەرگە يولۇقتى، مەسىلەن: كۈنزادىنىڭ توشقىنى، ئەرش پىشىۋاسىنىڭ كالا شوپۇرى قاتارلىقلار… بۇ ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى، ھەممىسىنىڭلا قابىلىيىتى تۆۋەن بولسىمۇ، ھەممىسىدىلا يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللار بارئىدى. ھەرقايسىغا تاقابىل تۇرۇش ئىنتايىن تەسكە چۈشتى. سۈن ۋۇكۇڭ ئەينى يىللىرى ئەرشنى قالايمىقان قىلغاندا ئۇلارنى يولۇقتۇرمىغان ئىدى، ئەگەر بۇلار بولغان بولسىزە، بۇ مايمۇن نەچچە ئۆلۈپ-تىرىلگەن بولاتتىكىن –تاڭ؟!
ھىندىستانغا بارغاندىن كېيىن، بۇدداھ ھوزۇرىدا سۈن ۋۇكۇڭ بۇدداھ غالپكارى ئاتىلىپ، كەسپى ئورۇن شىتاتىغا ئېرىشتى. بۇدۆرەم ئۇنىڭ كۆڭلى تەسكىن تاپقاندەك بولدى، ھەتتا ئىچ-ئىچىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يۇۋاش ۋە مەمنۇنكار بىر كىشىگە ئايلىنىپ كەتتى.
« سىز بەختلىكمۇ؟» بىر قېتىم ئۇ ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە، تۇلۇمدىن توخماق چىققاندەكلا، بىر مۇخبىر شۇنداق سوراپ قالدى.
« بەختلىك بولمايچۇ!» سۇنۋۇكۇڭ ئىككىلەنمەستىنلا شۇنداق دېدى. شۇ پەيتتە ئۇ قارا ئېيىق ئالۋاستى، كالا دىۋە، شىرئالۋاستى…قاتارلىقلار ئەسلەپ قالدى، بۇ سەلبى ئوبرازلار ھازىرمۇ ۋاقىتلىق ئىشلەمچى ئىدى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەرجىمە، فېليەتون، ھېكايە
- يازمــا مەنبەســى: داداش بلوگى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,306 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: gherpke-sayahettiki-ishlemchiler.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [پارول] دوختۇرخانىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار
- كېيىنكى يازما > ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان ئائىلە باشلىقىنىڭ بايانى
- [پارول] نوم ئالغىلى بارغانلار (غەرپكە يەنە بىر ساياھەت)
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 2
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر
- تېرورچىنى «توسقان» قەھرىمان توختى ھەققىدە ھېكايەت
- خوجايىندىن مەدىكارغا ئۈچ نەسىھەت | ھايات سەپىرىڭىزدە ئەسقاتىدىغان ھېكايە
- بىر يولۋاسنىڭ ئۈچ يۇۋاش قوي تەرىپىدىن ھالاك قىلىنىشى ھەققىدە چۆچەك | سەپرالارنىڭ ئوقۇشى چەكلىنىدۇ
- تورخۇمارلارغا بىرقانچە دەرس | دۇنيا ھامان سىز ئويلىغاندىن جىق مۇرەككەپ
- ئايفۇنچى ئوسمان ۋە دەريا مۇئەككىلى ھەققىدە چۆچەك _ ئوغلۇم بۇ ئايفۇن (iPhone) سېنىڭمۇ ؟
- قار مەلىكە شاھزادە ۋىسالىغا يەتتى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاجراشتى | باللار چۆچەكلىرىدىكى سىز بىلمەيدىغان ئارقا كۆرۈنۈشلەر
- مۇۋاپىقىيەتنى ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدۇ: سىتايلون ھەققىدە راست-يالغان ھېكايە
بۇ ئەسەر ماڭا تولوڭ ئوتتۇرىدىكى بىر قىزنى ئىسىمگە سەپ قويدى… …ئۇ رومانتىزىمغا بەك ئۇستا ئىدى.
ھەي ھەي ھەي جىم ھە
ياخشىمۇسىز نەۋقىران، قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز؟ نىمە دىسەم بولامدا ؟بوپتىلا دەۋىتەي بۇ ئەسەر بەزى ئىچكى ۋەزىيەتنى ئاشكارلىغان بولۇپ قولىنى يۇيۇپ نان يىگەن ئادەملا چۈشىنىدۇ. نۆل ۋە بىر بۇرادەر ۋىتۋۇلاقنى چوشماپسىلە ھە بىر ئويۇندا تۇتۇشىلى دىسەم قوقماڭلا
گەپنىڭ كەينىدە گەپ بار
مۇشۇنىڭغا مازكەننى باسقان يولداشلار، ئۆزۈڭلارنىڭ نېمىنى چۈشىنىپ نېمىنى چۈشەنمەي باسقانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر… مەن نۇرغۇن گەپنى يۇتىۋەتسەم بولمامدىكەن…
يا كۈلۈشنى يا يېغلاشنى بىلەلمىدىم
مەن چۈشەنمىدىم بۇنى، تازا بىر كۈلىدىغان نەشىرىمىكىن دېسەم، ئىلمى ماقالىدەكلا باشلاپ، بىزنىڭ ئىدارىدىكى يىغىندەك تۈگەپ قالدىغۇ بۇ.
ئاجايىپ ئوخشىتىش ھە .
ماۋۇ ئىنكاس كۆزنىكىنى ئوڭشاپ قويساڭلار بولمامدۇ دەيمەن لاتىنچە چىقىۋېلىپ تۇرىدۇ .
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
خاتا يوللىنىپ كىتىپ قالدى
شۇندا جىڭ پاراڭ قىسام، مازكەندىن يەتتە دانىسى تۇرىدىيا، ھوقۇقنى بەسە ماشتا قالايمىقان ئىشلىتەمسىلە؟
ئەسلى ئۇلار لىڭسىگۇڭمىدى ،
بىز ھەمىمىز سۇن مايمۇنغا ئوخشايمىز ، پەرقىمىز شۇكى بىر تىخىچە تاغقا باستۇرۇغلۇق ، چەمبىرەك ئېلىۋىتىلمىگەن
«تاغنىڭ ئارقسىدا تاغ بارلىقىنى، ئادەمنىڭ ئۈستىدە ئادەم بارلىغىنى» ما گەپنى ئۇيغۇر تىلىدا «غوجامنىڭ غوجىسى، چامغۇرنىڭ ئورىسى بار» دەيمىز.
ھەممە ئىنكاسقا مازكەننى بېسىپ چىقىپتۇ دىسە ، توۋاااااااااااااااااااااااا!
ئەمدى مايمۇنغا ئۇسۇل ئوينايدىغان گەپ دەڭلا بۇرادەرلە
ياخشى يېزىلىپتۇ