نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

تېرورچىنى «توسقان» قەھرىمان توختى ھەققىدە ھېكايەت

ئۇزۇن ئۆتمەي مەھەللىمىزنىڭ يۇرت چوڭلىرى ماڭا باش-پاناھ بولۇپ، تويۇمنى ئوبدانلا قىلىپ بەردى. ماڭا نىسبەتەن ئاسماندىكى ئاي بولغان ھاجىمنىڭ قىزى پاتمىخانمۇ ئاخىرى قولۇمغا چۈشتى، لېكىن توي ئاخشىمى سايىت چولاق دېگەن پەسەندىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ تىۋىپ ئاخۇنۇمنىڭ ئەشۇ «ھەببە ئاداراق» دېگەن دورىسىنى يەۋالغانلىقىم ئۈچۈن ھوجرىغا كىرە-كىرمەي چىشىم گىرەلىشىپ قېلىپ پاتمىخانغا دىيىشكە تەييارلاپ قويغان كۆڭلۈمدىكى گەپلەردىن ھېچقايسىسىنى ئېيتالمىدىم، دورا تەسىرىدىن بوينۇم قېتىپ قېلىپ ئىككى يېنىمغا قارىيالمىغاچقا يېنىمدىكى پىخلىداپ كۈلۈپ يۈرگەن سايىت چولاقنى بىر ئېغىز تىللاشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي پاتمىخان سالغان يوتقان- كۆرپىگە دەرەخ ئۆرۈلگەندەك يېقىلغان پېتىم كىرىپ كەتتىم…

qehriman-toxti

ئەتىسىدىن باشلاپ بىزنىڭ بەختلىك كۈنلىرىمىز باشلاندى، پاتمىخاننىڭ ئايىغى يارىشىپ ئۆلەي دەپ قالغان قوتا قويۇم بىر قېتىمدا ئىككىنى قوزىلاپ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلدى…«ئاينىڭ ئونبەشى يورۇق، ئونبەشى قاراڭغۇ» دېگىنىدەك بىزنىڭ مۇشۇنداق ئاسايىشلىق–خۇشال كۈنلىرىمىزدە ناھايىتى ئازساندىكى بىر ئوچۇم يامان نىيەتلىك كىشىلەر ھەرخىل-ھەرياڭزا ئىشلار بىلەن جەمىئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى بىر ئازجىددىلەشتۈرۈپ قويدى…

يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن بىز كەنت كومتېتىدا بىر قىسىم ياشلارنى تەشكىللەپ يول-يوللارغا چازا قۇرۇپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ گۇمانلىق كىشىلەرنى بايقىساق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەۋەر قىلماقچى بولدۇق. شەھەردىن بىزنىڭ كەنتىمىزگە ئالتە كىلومېتىر كىلەتتى، ھەر بىر كەنتە ئۆز ئالدىغاچازا قۇرۇپ «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان ھەركىتى» نى قانات يايدۇرغاچقا سىز مەيلى شەھەرگە كىرىڭ ياكى شەھەردىن بىزنىڭ كەنتكە چىقىڭ چوقۇم كامىدا ئالتە يەردىكى چازىدىن ئۆتۈشىڭىزگە توغرا كېلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئالتە ئورۇندىكى خەلق پىدائىيلىرىغا كىملىكىڭىزنى كۆرسىتىشىڭىز، تىزىملىتىشىڭىز شەرت، بويسۇنمايدىكەنسىز، ئومۇمى ۋەزىيەتكە ماسلاشمىغان بولىسىز…

بۇ قېتىم كەنتىمىزنىڭ ئامىتى كەلدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا مېنىڭ تەلىيىم ئوڭدىن كەلگەن بولدى. بىزنىڭكىدىن باشقا كەنتلەر ئۆزىنىڭ كىچىك توپىلاڭ يوللىرىغا چازا قۇرغان بولسا ئەكسىچە بىزنىڭ كەنتكە ماشىنا-تراكتورلار كۆپ ماڭىدىغان چوڭ يولغا چازا قۇرۇش توغرا كەلدى…كەنىتتىكى ياشلارنىڭ كۆپىنچىمىز يەكشەنبە كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلىشنى تالىشاتتۇق. چۈنكى بۇ بازار كۈنىدە بۇ چوڭ يولدىن ئۆتۈپ شەھەرگە كىرىدىغانلار ئىنتايىن جىق ئىدى، كەنت كومىتېتىدىكى يېقىنلىرىمنىڭ شاپائىتىدە مېنىڭ بازار كۈنلىكىدە چازىغا چىقىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى…

يەكشەنبە تاڭ ئاتار كېچىسى خۇشاللىقتىن ئۇخلىيالماي تاڭنى بەكلا تەستە يورۇتتۇم، چۈنكى مەن ئەمدى قولۇمدىكى ئالا كالتەكنىڭ كۈچى بىلەن يوللاردا ئىلگىرى توپا-چاڭ چىقىرىپ بىزنى بۇخۇناق ئىچىگە تاشلاپ قۇيۇپ مەغرۇرلارچە كېتىپ قالغان ماشىنا–تراكتورلارنى خالىغانچە توختىتىپ ئىچىدىكى ئادەملەرنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ چىقالايتتىم. تېخى ماشىنا-تراكتورلاردىكى ھارامزادە شوپۇرلاردىن باشلاپ دېمىقى ئۈستۈن ئاخۇنۇم-داموللىلارغىچە يەرگە چۈشۈپ ئالدىمدىن ئۆچىرەت بولۇپ مېڭىشاتتى، كۈلگىسى بولمىسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ ماڭا خۇشامەت قىلىشاتتى، بولمىسا ئىككى قۇلۇمنى تامبىلىمىنىڭ يانچۇقىغا تىقىۋېلىپ «ئاۋۇ نېمەڭ كەمكەن! ماۋۇ نېمەڭ يوقكەن!» دەپ ئۇلارنى بوش چۇكۇلداتمايتتىم…

ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن چىرايلىق ئايالىم پاتمىخان تويدا كىيگەن چىبەرقۇت تامبىلىمنى يوتقان دەزمىلىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ مىنى ئوبدانلا ياساندۇرغاندىن كېيىن كان ئوچاققا كۆمۈپ قويغان سوقتا كۆمەچنى پوتامغا تۈگۈپ بىرىپ بوينۇمغا ئېسىلغىنىچە مېنى ئۇزۇتۇپ قويدى…يېڭى ئىش ئورنۇمغا بېرىپ يېڭىمگە قىزىل يەڭلىك تاقىدىم-دە خىزمەتكە ئاتلىنىپ كەتتىم، مەن بۈگۈن بىر كۈنلۈك چازىنىڭ باشلىقى بولغاچقا ھەممە ئىشلارنى قول ئاستىمدىكى تۆت-بەش مەدىكار قىلاتتى، مەن ئىككى قولۇمنى يانچۇقۇمغا تىقىپ ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلاتتىم، كىشىلەر مېڭىۋاتىدۇ…كىملىك تىزىملىنىۋاتىدۇ…ئاللا كارامەت…بۈگۈن بۇ تەۋەلىكتە مەندىن چوڭى بولماس…قولۇم ھېلى يانچۇقۇمدا…ھېلى كەينىمدە…قورسىقىمنى ئالدىمغا چىقىرىپ باداڭ قورساق بولۇپ كىبىرىمنى كۆرسىتەي دىسەم يا قورسىقىم چىقمىغان…

– چازىجاڭ، ماۋۇ خوتۇننىڭ شىپىيجىسى يوقكەن قانداق قىلىمىز؟-دېدى قول ئاستىمدىكى بىرسى خىزمەت دوكلات قىلىپ.

«چازىجاڭ» دېگەن گەپتىن كۆڭلۈم سۆيۈنۈپ باشقىچە خۇشاللىق ھېس قىلدىم-دە ئۇنىڭغا يوغانلىقىمنى كۆرسىتىپ ۋارقىرىدىم:

– بولمايدۇ، بولمايدۇ، شىپىجىي بولمىسا قەتئى مېڭىشقا بولمايدۇ!

بۇ چاغدا يۈزىنى يۆگىۋالغان بىر چوكان گېلىنى قىرىپ ماڭا توۋلىدى:

– شىپىجىي دىگىنىڭ كىملىك شۇدۇ؟ توختاپ تۇرۇش ئېرىم ھازىر ئېلىپ كېلىدۇ…

– خېنىم نېمە ۋارقىرايسىز،-دېدىم ئۇ خوتۇنغا جاۋابەن،- ھازىر ۋەزىيەتنىڭ قانداقلىقىنى بىلىدىغانسىز؟ يۈزىڭىزنى ئېچىڭ تەكشۈرىمىز!

– توختاپ تۇرۇش، ئېرىم ھازىر كېلىدۇ!،- دېدى ئۇ خوتۇنمۇ بوش كەلمەي.

– ئېرىڭىز ھەرقانچە بولسىمۇ يامۇلنىڭ ئامبىلى ئەمەستۇ ئۇز خېنىم!

شۇنداق دېيىشىمگە بىرسى كەينىمدىن دولامغا قولىنى «پوككىدە» قويۇپ ماڭا ئۈنلۈك گەپ قىلدى:

– شۇنداق يامۇلنىڭ ئامبىلىمەن توختاخون!

مەن بۇ ناتونۇش ئاۋازدىن چۆچۈپ كەينىمگە قارىسام مەن دېمەتلىك بىرسى ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپتۇ.

-مەن سىلىنى تونىمىدىمغۇ!-دېدىم ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئۇنى مەنسىتمەي.

– سىلى مىنى تونىمىغان بىلەن مەن سىلىنى ئوبدان تونۇيمەن توختاخۇن!-دېدى ئۇ مېنى يول بويىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە شەرەت قىلىپ. مەن ئۇنىڭ قولىدىكى ياغلىققا ئورالغان نەرسىگە قاراپ دەرھال چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دېھقاننىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم. ئۆي ئىگىسى كۆرۈنمەيتتى، ئۇ مېنى ئايۋانغا باشلاپ ئىشكنى ھىم ئەتتى-دە ياغلىققا ئورالغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر تال كىملىكنى قولىغا ئېلىپ ماڭا ئېيتتى:

– سىلىگە لازىمى ئايالىمنىڭ مۇشۇ كىملىكىدۇ؟

– شۇنداق، نېمە دىمەكچىسەن؟

– مەن ساڭا دەپ قوياي توختى پوكان، تولا ھەددىڭدىن ئاشما!

ئۇ شۇنداق دىگىنىچە يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ ياقامنى تۇتقىنىچە يۈرىكىمنىڭ ئېغىزىغا ئىككىنى تىزلىۋىدى، ئولتۇرۇپلا قالدىم…ئاندىن بېلىمىدىن تۇتىۋېلىپ يانپاشقا ئالدى-دە بېشىدىن ئۈستۈن كۆتۈرۈپ ئايۋاننىڭ ئوتتۇرىسىغا تازا بىر سالدى…«دۈڭ »قىلغان ئاۋاز بىلەن بېشىم پىقىراپ كۆزۈمنى قاراڭغۇلۇق باستى…كاساپەت ئەسلىدە مۇشۇ يۇرتنىڭ داڭلىق چېلىشچىسى ھەم لۈكچىكى ئىكەن… مەن ئۇنى تونۇماپتىمەن…ئورنۇمدىن دەلدەڭشىپ ئاران تۇرۇشۇم، بۇ ھارامدىن بولغان بىر قولى بىلەن گېلىمنى بوغۇپ تۇرۇپ يەن بىر قولىدا كىملىكنى ئەكىلىپ ئاغزىمغا تىقماسمۇ؟ ھۆكۈمەتمۇ تازا قىزىق، كىملىك دېگەننى كىچىكرەك ياسىمامدۇ، بۇ ئەبلەخ كىملىكنى ئېغىزىمغا تىقىمەن دەپ تاس قالدى ئېغىزىمنىڭ ئىككى جاۋغىيىنى يىرتىۋەتكىلى ، بىر ھېساپتا ھۆكۈمەت يەنىلا يىراقنى كۆرىدىكەن، ناۋادا كىملىك دېگەننى قەرت ياكى دەپتەر چوڭلۇقىدا ياسىغان بولسا بۇ ھاراملىق كىملىكنى ئېغىزىمنى قايچىدا كېسىپ تىقامدىكىن تاڭ؟…

– كىملىككە تويدىڭما ئىتنىڭ بالىسى! تولا ھەددىڭدىن ئاشما، بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىز يەنە قالىمىز ماۋۇ يۇرتتا؟

– ماقۇل…-دېدىم ئېغىزىمدىكى كىملىكنى تەستە سۇغۇرۇپ ئېلىپ.

– يەنە خوتۇنۇمغا قالايمىقان گەپ قىلىدىغان بولساڭ، تىلىڭنى كېسىۋېتىمەن!

– ماقۇل دېدىمغۇ!!!

شۇنداق قىلىپ بۇ بەدبەخنىڭ ياغلىقىدىكى نەرسىسىدىن تەما قىلىپ بۇ نەس باسقان ئۆيدە بولدى دېگۈچە تاياق يەپ چىقتىم-دە قول ئاستىمدىكى نان قېپىلارغا ۋارقىرىدىم:

– بولدى، بۇ خان ئاچىمىز ئۆتۈپ كەتسۇن!

– بۇ ئاياللارنىڭمۇ شىپىيجىسى يوقكەن قانداق قىلىمىز چازىجاڭ؟

ساناپ باقسام يەتتە-سەككىز چوكان، بۇلارنىڭ ئېرىمۇ ھەرقاچان چېلىشچى بولسا كېرەك،قارىسام ئەپتى شۇنداق يامان- ماڭا ئالايغىنى ئالايغان…«سەككىزىنىڭ ئېرى كېلىپ سەككىز تال كىملىكنى يەنە ئېغىزىمغا نۆۋەت بىلەن تىققىلى تۇرسا قانداق قىلارمەن؟» ئاچچىقىمدا ئاغرىپ كەتكەن ئېغىزىمنى تۇتۇپ ۋارقىرىدىم:

– ھەممىسىنى ئۆتكۈزۋەت! مەن بۇ دۇنياغا خاس كىملىك يېگىلى تۇغۇلمىغاندىكىن!

ئۇلار ئەمدى ئۆتۈپ كېتىشى بىر كىچىك ماشىنا چىقىپ كەلدى، ئادەتتە بۇنداق كىچىك ماشنىلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچە مەخپى خىزمەت تەكشۈرۈدىغانلار بولاتتى، ئۇلار كۈندە دىگۈدەك بىر –ئىككى قېتىم چىقىپ ھە دىسىلا «ئۇنى بوش قويۇشۇپسەن! بۇنى ياخشى تەكشۈرمەپسەن!» دەپ كەنت كومتېتىغا ناھايىتى ئېغىر جەرىمانە قۇيىۋېتەتتى. شۇڭا بايا يېگەن تاياقنىڭ ئاچچىقىدا بۇ ماشىنىنى ئۆزەم تەكشۈردۈم:

-ماشىنىدا قانچە ئادەم بار؟!

– ئىككى ئادەم بار!- دېدى ھاكاۋۇر شوپۇر ئېغىزىدىكى پاپىرۇسنىڭ ئىسىنى ماڭا پۈۋلەپ تۇرۇپ.

– ئىككىڭلار چۈشۈپ بۇ يەرگە تىزىملىتىڭلار!

بۇ چاغدا شوپۇر قولىدىكى تاماكىنىڭ قالدۇقىنى ماشىنا ئىشىكىنىڭ ئەينىكىدىن يەرگە چۈشۈرىۋېتىپ ماڭا ئۈنلۈك ئېيتتى:

– ئۇكام! ماۋۇ يېنىمدىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟

– كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تىزىملىتىشى كېرەك!- دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي.

– ماۋۇ دېگەن شەھەر باشلىقى ئۇكام!

– شەھەر باشلىقى؟!

مەن سەل جىددىلىشىپ ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئۇ كىشىگە تازا سەپ سېلىپ چىقتىم، ئۇ شەھەر باشلىقى ئەمەس ئىدى، چۈنكى مەن شەھەر باشلىقىنى بىر قېتىم باجامتۇرانىياز باشلىقنىڭ ئۆيىدە پىششىق كۆرۈۋالغان ئىدىم. دەل مۇشۇ چاغدا «شەھەر باشلىقى» تۇيۇقسىز ماڭا تىل سالدى:

– ۋۇ ياللانما ئىت! ئۆزەڭنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ؟!

ئۇنىڭ ھاقارىتىنى ئاڭلاپ كاللامدىن قوقاس قۇيۇلۇپ كەتتى.

– نېمە؟ تېخى مىنى ئىت دەپ تىللىدىڭما؟ تۈفىي! ساڭا بوزەك بۇلىدىغان جاننى بۈگۈن ساڭا تىكتىم، بايا بىرسىڭ كېلىپ ئاغزىمغا كىملىك تىقىشىسەن، ئەمدى بىرسىڭ قوپۇپ مېنى ئىت دەپ تىللىشىسەن، دېگىنە ھەزىلەك، بىز كىم ئۈچۈن يول توسىۋاتىمىز؟! بىزنى ئىت قىلغان سەن خۇنىسارلار ئەمەسمۇ؟- مەن شۇنداق دېگىنىمچە يېنىمدا قاراپ تۇرغان قوشۇن ئەزالىرىمغا بۇيرۇق قىلدىم:

– ماۋۇ تېررورچىنى تۇتۇڭلار!

ئەزالىرىم «تېرورچى» دېگەننى ئاڭلاپ ھايتنى-ھۇيت دىگۈچە شوپۇرنى ماشىنىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ قولىنى كەينىگە باغلاپ ئۈلگۈردى، مەن بۇ پۇرسەتتە ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ھېلىقى ئاتالمىش «شەھەر باشلىقى» نىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ يەرگە كۈچەپ تارتتىم. بوي-بەستى مېنىڭدىن قاۋۇل بولغان بۇ خام سېمىز يالغان شەھەر باشلىقى توكتا يېرىلىپ پارنىكتا چوڭ بولغان نېمە بولسا كېرەك، بىر تارتىشىمغىلا ماشىنىدىن يەرگە موللاق ئېتىپ چۈشكەنچىلىك قىلدى، ئۇنىڭ بۇنداق ئاجىزلىقىنى كۆرۈپ خورىكىم ئۆستى-دە ئابايام ئېغىزىمغا كىملىكىنى تىقىپ ئوينىغان چېلىشچى ھاراملىقتىن ئالالمىغان ئۆچۈمنى بۇ گەدەنكەشتىن تازا بىر ئالماقچى بولۇپ بىر قولىنى ئارغامچا ئەشكەندەك كۈچەپ تولغىدىم، ئۇ ۋايجانلىغان پېتى يەرگە دۈم يېتىپ ئىڭراشقا باشلىدى، ئەتراپقا قارىسام يېنىمدا بىرەرسى يوق، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئۇ ئەبلەخنىڭ كاللىسىنى ئوڭ پۇتۇم بىلەن دەسسەپ ماشىنىنىڭ چاقى ئاستىدىكى يۇمشاق قۇم توپىغا تازا چىڭ پاتتۇردۇم، ئۇنىڭ مايلانغان پارقىراق چاچلىق بېشىنىڭ يېرىمى پىشانىسى بىلەن قېتىلىپ قۇمغا بولدى دىگۈچە پاتتى، لېكىن ئېغىز-بۇرنى يەنىلا قۇم ئۈستىدە تۇراتتى، مەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئاستا ئىككى يېنىمغا قارىۋېتىپ سول پۇتۇمدا قۇملارنى يىغىپ ئۇنىڭ ئېغىز-بۇرنىغا تازا تىقتىم، ئۇ ئەمدى چوشقىدەك چىقىراپ – خاقىرغىنىچە يىغلاشقا باشلىدى:

-جېنىم ئۇكام… ماڭا رەھىم قىلغىن! …ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن!…

– ئېيتە سەن راست شەھەر باشلىقىما؟

– ياق ئۇكام…مەن شەھەردىكى بىر ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى!

– نېمىشقا راست گەپ قىلمايسەن؟

– شوپۇرنىڭ كەينىگە كىرىپ ئەتىدىنكى چازىلاردىن شۇنداق ئۆتۈپتىكەنمىز ئۇكام…

– سەن بىر كادىر تۇرۇپ مۇشۇنداق قىلىپ يۈرسەڭ، باشقىلار نېمە قىلىدۇ؟

– مەن خاتا قىپتىمەن ئۇكام، ماڭا رەھىم قىلغىن! ئەمدى ئېغىزىمغا توپا تىقما!…خۇدا ھەققى…

بۇ غورۇرسىز ئەبلەخنىڭ خوتۇن كىشىدەك ۋايجانلاپ ماڭا يالۋۇرۇپ قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن نىجاسەتتىن يىرگەنگەندەك يىرگەندىم، ئىچىمدە «ئىسىت سېنىڭ باشلىق بولۇپ قالغىنىڭغا، كادىرلىقىڭغا چىچاي! تايىقىنى يېسەممۇ سەندىن يەنىلا بايامقى كىملىكچى ياخشى ئىكەن!» دەپ مىڭ لەنەت ئۇقۇپ ئۇنى قويىۋەتتىم. دەل شۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى: ئون سەككىز ياشلارنىڭ قارىسنى ئالغان بىر بالا بىر كونا ۋەلىسپىتنى ھەيدىگىنىچە بىزنىڭ چازىمىزغا قاراپمۇ قويماستىن ئۇچقاندەك ھەيدەپ ئورمانلىقتىكى چىغىر يولدىن ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇندى، ئاڭغىچە بىزنىڭ ئادەملەر چاققان كىلىپ ئۇنىڭغا ۋارقىردى:

– ھاي توختا! تەكشۈرىمىز!

قېرىشقاندەك ئۇ بالىنىڭ ۋەلىسپىتى ئورمانلىقتىكى قۇمغا پېتىپ قېلىپ ماڭالماي قالدى، بىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ بولغىچە ئۇ بالا ۋەلىسپىتنىڭ كەينىدىكى ئارتىلغان خۇرجۇندىن بىر دانە قاپقارا يۇمىلاق نەرسىنى بىز تەرەپكە قارىتىپ ئاتتى-دە ۋەلىسپىتىنى تاشلاپ قويۇپ قېچىپ كەتتى…بىز ئۇنىڭ تاشلىغان نېمىسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمەي ئالدىراپ ئۇ نەرسىنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتۇق، قارىساق ئۇ يۇمىلاق نەرسىنىڭ چوڭلۇقى بىر ئايلىق بوۋاقنىڭ بېشىدەك بولۇپ، بىر تەرىپىدە يىپ-شوينىدەك بىر نەرسە ئۆتكۈزۈگلۈك ئىكەن، مەن ئۇنى قولۇمغا ئالاي دىيىشىم، يېنىمدىكى ھېلىقى «يالغان شەھەر باشلىقى» تۇيۇقسىز قاتتىق ۋارقىرىدى:

– ۋوي بومبا!… ئاناي!

ئۇ شۇنداق دەپ ۋارقىرغىنىچە ياندىكى سۈيى يوق قۇرۇق ئۆستەڭگە كىرىپ كەتتى، بىزمۇ ئۇنىڭ ۋارقىراپ توۋلىشىدىن ئەندىكىپ كېتىپ بار كۈچىمىز بىلەن شۇ ئۆستەڭ تەرەپكە قاچتۇق…شەھەرلىك خۇمپەر لاغ-لاغ تىترىگىنىچە ئۆستەڭنىڭ يان تەرىپىگە قويۇلغان سىمۇنت قورغاچنىڭ ئىچىگە ئۆمىلىگەن پېتى كىرىپ كېتىپ بىردەمدىن كېيىن قورغاچنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئالا-تاغىل ۋارقىراشقا باشلىدى:

– ۋوي ئۇ دېگەن بومبا…سىلەر بىلمەيسىلەر… دەرھال بۇ يەرگە كىرىۋېلىڭلار!…تېز بولۇڭلار!

– ۋاي ئۆتەپ بارە! پارتلاش ھەرقانچە بولسىمۇ بۇ يەرگىچە يېتىپ كەلمەس!-دېدىم ئاچچىقىمدا زەردە بىلەن.

– چوپ-چوڭ ئادەم تۇرۇپ قىلىپ يۈرگىنىنى!-دەپ غەزەپلەندى يېنىمدىكى باغلاقتىن ھېلىلا يېشىنگەن شوپۇرمۇ ئۆز باشلىقىنىڭ قىلىقىدىن خىجىل بولۇپ. مىنۇتقا قالماي قورغاچنىڭ ئىچىدىكى باشلىق يەنە «ۋاي خۇدايىم! بۇ يەرنىڭ ھەممىسى قومچاقكىنا…» دېگىنىچە قورغاچنىڭ ئىچىدىن يەنە كەينىچىلەپ يېنىپ چىقىپ يېنىمىزدا ھاسىراپ دۈم ياتتى.بىز ئۆستەڭنىڭ قىرىدىن بېشىمىزنى چىقىرىپ بومبىغا قاراپ باقماقچى بولدۇق، لېكىن يېنىمىزدىكى «شەھەرلىك باشلىق» بىزنىڭ بېشىمىزنى چىقارغىلى قويمىدى:

– ۋوي ئۇكىلىرىم بېشىڭلارنى چىقارماڭلار…جان لازىم ئەمەسما سىلەرگە؟… بومبا پارتلاپلا كېتىپ قالسا ئىش چاتاق!،- دېدى ئۇ بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي ئاۋازىنى پەسلەپ.

– ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟- دېدىم مەنمۇ ئاۋازىمنى پەسلەپ ئېھتىيات بىلەن.

– توختاڭلار مەندە قول تېلىفۇنى بار، ساقچىلارغا خەۋەر قىلاي!

«باشلىق» بېلىنى ئاختۇرۇپ يېنىدىكى كىچىك رادىئودەك بىر نېمىسىنى ئېلىپ ئوڭدا ياتقىنىچە جىددى گەپلىشىشكە باشلىدى. شۇ چاغدا بىر توپ بالىلارنىڭ «سېنىڭ…مېنىڭ…»دەپ چۇرقىراشقان ئاۋازى ئاڭلاندى، مەن بېشىمنى چىقىرىپ قارىسام ئۇششاق بالىلاردىن بىر قانچىسى ئۇ نەرسىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ بىر نەرسىنى تالىشىۋاتقىلى تۇرۇپتۇ…«ئاھ خۇدا! يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن ئۈركىمەپتۇ دېگەن مانا مۇشۇدە…ئەمدى بۇ كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى پارتلاشتا ئۆلۈپ كېتەرمۇ؟» بۇلارنى ئويلاپ ئىختىيارسىز ئىمانىم شەيتىنىمدىن كۈچلۈك كەلدى، ئەركەكلىكىم تۇتۇپ ئورنۇمدىن ئىختىيارسىز تۇرۇپ كەتتىم-دە يۈگۈرگىنىمچە بومبىنىڭ ئۈستىگە ئېتىلىپ بالىلارغا ۋارقىرىدىم:

– ۋوي تېز قاچ، ئۇ دېگەن بومبا!

بالىلار مېنىڭ ئۆستەڭدىن ۋارقىراپ بوراندەك يۈگۈرۈپ چىققىنىمنى كۆرۈشۈپ پاتىپاراق بولۇپ قېچىپ كېتىشتى، مەن كىنودىكىگە ئوخشاش بومبىنىڭ ئۈستىگە ئۆزەمنى تاشلاپ تۈگۈلۈپ يېتىۋالدىم. بىر سېكۇنت…ئىككى سېكۇنت…بومبا تېخىچە پارتلىمايۋاتاتتى…بۇ جىددىي پەيتتە ئۆستەڭدە قالغان شەھەرلىك باشلىق بېشىنى ئۆستەڭدىن چىقارماي تۇرۇپ ماڭا بۇيرۇق قىلدى:

– يۇقىرىدىن خەۋەر كەلدى، ھېچقايسىمىزنى بومبىغا تەگمەڭلار دەيدۇ! ئۇلار ھازىر كېلىدىكەن!

– بىلدىم،- دەپ ۋارقىرىدىم تىترىگىنىمچە ،- ئەمدى قوپۇپ كەتسەم قانداق بۇلار؟

– توختا، مەن ئۇلاردىن سوراپ باقاي!

بىردەمدىن كېيىن شەھەرلىك باشلىق ماڭا جاۋاب قايتۇردى:

– ئۇلار سېنى جايىدا مىدىرلىمىسۇن ، بىز ھازىرلا يېتىپ بارىمىز دەيدۇ!

يۈرۈگۈمنىڭ دۈپۈلدىشى قۇلىقىمغا ئاڭلىنىۋاتاتتى…مەن بارغانسىرى قورقۇشقا باشلىدىم…ئايالىم پاتمىخاننى ئويلاپ كۆزۈمنىڭ چانىقى ياشقا تولدى…ۋاقىت يەنىلا توختاپ قالغاندەك…«ئىسىت نېمىشقىمۇ بومبىغا ئۆزەمنى ئاتقاندىمەن!» ئالاھەزەل ئون بەش مىنۇتلارغا قالماي ساقچىلار تۆت ئەتراپىمنى قورشاپ يەردە دۈم يېتىشىپ تۇرۇپ ماڭا كارنايدا ۋارقىراشقا باشلىدى:

– توختى ئاستىڭدىكى قانداقراق نېمىكەن؟

– ئۆزى يۇمىلاق، تۇم قارا، پارقىراق نېمىكەن!

– قانچىلىك بار؟

– بوۋاق بالىنىڭ كاللىسىدەك بار!

– يەنە نېمە باركەن؟

– بىر يېرىگە تۆشۈك ئېچىلىپ شوينىدەك بىر نېمە ئۆتكۈزۈگلۈكتەك تۇرىدۇ!

– ئۇ دېگەن بومبىنىڭ پىلتىسى توختى! ئۇ شوينىغا تەگمە! ھازىر تېلىۋېزىيە ئىستانسىدىكىلەر بىلەن بىزنىڭ باشلىقىمىز يولدا كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار كەلگەندە بىز سېنىڭ قەھرىمانلىق ئىش –ئىزلىرىڭنى ئېلىۋالماقچى، جايىڭدا جىم يات!

بىردەمدىن كېيىن كىچىك ماشىنىدىن بىرسى چىقىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن بويى پاكار بىر باشلىق چۈشۈپ كەلدى، كەينىدىن بىر قانچە كىشى دولىسىغا سىنئالغۇدەك بىرنېمىنى ئېلىۋېلىشىپ مېنى يىراقتىن سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى:

– توختى سەن ھاياتمۇ؟،- دەپ سورىدى يېڭىدىن كەلگەن چوڭ باشلىق قولىغا كارناينى ئېلىپ يەردە ئۆمىلىگىنىچە ئۈنلۈك ۋارقىراپ.

– مەن ھايات باشلىق!،- دېدىم ئۇ چوڭ باشلىققا خۇشامەت قىلىپ ئاۋازىمنى تىترىتىپ.

– سەن نېمىشقا بومبىنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭنى ئاتتىڭ؟

– مەن…مەن…

مۇشۇ تاپتا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىۋاتاتتىم.

– خەلقنىڭ ھاياتى ئۈچۈن شۇنداقمۇ؟،-دېدى باشلىق ئۆزى ئېغىز ئېچىپ.

– شۇنداق باشلىق!

– ۋەتەن ئۈچۈن شۇنداقمۇ؟

– شۇنداق باشلىق!

– ھە ئەمدى ئايىغىنى دېگىنە!

– ۋەتەن ئۈچۈن! خەلق ئۈچۈن! پارتىيە ئۈچۈن!…يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن!…يەنە …قۇرۇلتاي ئۈچۈن!…يەنە ئولىمپىك…

– ۋاي بولدى توختى، سەن جىددىلىشىپ كىتىپسەن، دېگىنە سىنىڭ يەنە نېمە ئارزۇيۇڭ بارئىدى؟

– مېنىڭما باشلىق؟

– ھەئە كۆڭلۈڭدىكى گەپلەرنى ئېيتقىن، سېنى تېلېۋىزورغا ئېلىۋاتىدۇ!

– ئارزۇيۇمنى دېسەم قىلىپ بېرەمسىلەر؟

– ئاۋۋال دېگىن!

– مېنىڭ ئۇچقۇچى بولۇش ئارزۇيۇم بار!

– ۋوي توختى ئەمىلىيەتكە يېقىن گەپنى قىل!

– مىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس بىلەن كۆرۈشكۈم بار!

– تېخىمۇ ئەمىلىيەتكە يېقىننى دە!

كۆڭلۈمدە ئويلاپ قالدىم، «تېخمۇ ئەمىلىيەتكە يېقىننى دېسەم مۇشۇ تاپتا ماڭا بەش يۈز كوي پول بەرگەن بولسا، ئۇ پۇلغا خوتۇنۇم پاتمىخانغا بىر كىشىلىك ئەتلەس ئېلىپ بېرىپ قالغان پۇلنىڭ بىرقىسمىنى بىر يىللىق سۇ پۇلىنى تۆلىسەم، يەنە ئوغۇت ئالسام، يەنە كېۋەز تېرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇلياۋ يوپۇق ئالسام، ئاندىن قالغان پۇلغا گۆشگىردە ئېلىپ يېگەن بولساق…ياق بەش يۈز كوي يەتمەيدىكەن، مىڭ كوي دەيمۇ-يا…لېكىن بۇنداق چاغدا پۇلنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرسەم خەق مېنى نېمە دەيدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى …» شۇنىڭ بىلەن ئۈنلۈك ۋارقىراپ باشقا ئارزۇيۇمنى ئېيتتىم:

– مېنىڭ پارتىيە ئەزاسى بولغۇم بار!

– ماۋۇ گېپىڭ بولدى، يەنىچۇ؟

– ساقچى بولۇپ ئۆزەمنى پارتىيە-خەلققە ئاتىغۇم بار!

– ياخشى توختى! دېگەنلىرىڭنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىمىز، لېكىن بۈگۈندىن باشلاپ سەن ئۆزەڭنى پارتىيە ئەزاسى دەپ ئويلىغىن! سېنى پارتىيە تەشكىلىگە ئۆزۈم تونۇشتۇرىمەن! مەن ھازىر يېنىڭغا بارىمەن، مىدىرلىماي شۈك يات!

چوڭ باشلىق شۇنداق دېگىنىچە يەر بېغىرلاپ مەن تەرەپكە كەلمەكچى بولدى، باشلىقنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئەر-ئايال ساقچىلار ۋارقىراشقىنىچە يىغلاپ ۋارقىرىشىپ ئۇنىڭغا چاس بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى، نەچچىسى ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىۋېلىپ يىغلاپ باشلىقنى ماڭغىلى قويمىدى، باشلىق دېگەن مىڭنى قىلسا باشلىق، خەلىقنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇ قانداقمۇ چىداپ تۇرالىسۇن؟ ئۇ يىغلاپ ئېقىپ كەتكەن يولداشلارغا تەسەللى قىلىپ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاللىقاچان ۋەتەن – خەلقنىڭ كەلگۈسىگە بېغىشلاپ بولغانلىقىنى، ناۋادا بۇ قېتىمقى بومبا تازىلاشتا قۇربان بولۇپ كەتسە ئۆزىنىڭ جەسىتىنى كوئىنلون تاغلىرىغا دەپنە قىلىشنى ۋەسىيەتلىدى ۋە ئاخىرىدا يانچۇقىدىن ئون يۈەنلىك پۇلدىن بىرنەچچە تالنى چىقىرىپ پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلىنى ئالدىنئالا تاپشۇرۇۋەتتى….ئەتراپتىكى ساقچىلار، مۇخبىرلار باشلىقنىڭ بۇ ۋىدالىشىش سۆزىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ كۆز-يېشىنى يامغۇردەك تۆكۈشكە باشلىدى…باشلىق ئاخىرى ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلىشىپ مەن تەرەپكە ئۆمىلىگىنىچە يېقىنلاپ كەلدى…

ئۇ ئاستىمدىكى بومبىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قولىغا ئالدى…باشلىقنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىسىدىن مونچاق-مونچاق تەر ئېقىۋاتاتتى…ئۇ بومبىنى قولىغا ئېلىپ ماڭا بىر قارىدى، تۈرۈلگەن قوشۇمىسى ئېچىلدىيۇ بىراق يەنە تۈرۈلدى… ئاندىن تېلېۋىزورغا ئېلىۋاتقان مۇخبىرلارغا بىر قارىدى… ئۇ چاپىنىنى ئاستا سېلىپ بومبىنى مەھكەم يۆگىگەچ قۇلىقىمغا كۇسۇرلاپ ئېيتتى:

– ھاي توختى، بۇ قارا قاشتېشىدىن ياسالغان كونا بىر تورۇز تېشىكەنغۇ!

– مەن بۇنى بىلمىسەم باشلىق!

– ئەھۋالدىن قارىغاندا بايامقى ئوغرى سىلەرنىڭ توسقۇنۇڭلاردىن قورقۇپ كېتىپ ئوغۇرلىغان بۇ قاشتاش تورۇز تېشىنى سىلەرگە تاشلاپ بەرگەن ئوخشايدۇ!

– ئەمدى قانداق قىلىمىز باشلىق؟

– بۇ يەردە قالايمىقان گەپ قىلما، بۇ ئىشلارنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىمىز، ئۇلار نېمە دېسە شۇ…چۈشەندىڭما؟

-چۈشەندىم باشلىق!

– خەۋىرىمىزنى كۈت!

– چۈشەندىم باشلىق!- دېدىم ياتقان يېرىمدىن قوپماي تۇرۇپ قول قوۋۇشتۇرغىنىمچە بۇ چوڭ باشلىقنىڭ ھەر نېمە بولسا بۇ ئىشقا تاپا-تەنە قىلمىغانلىقىدىن ئالەمچە خوش بولۇپ كەتتىم .



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ھېكمەت 2013.06.05 , 10:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەقەت چىدىمىدىم ….. دىۋان !!!!

    • داداش 2013.06.05 , 10:19

      دىۋان ؟! ھەي توختى ئاستىڭدىكى قارا قاشتىشىدىن ياسالغان كونا تورۇز تىشى تۇرمامدۇ؟:kiss:

    • ئابومجان 2013.06.05 , 18:13

      ئەزەلدىن دىۋان دەپ تولىغانغا سازكەن بىرىپ باقمىدىم ، ئۆزەمگىمۇ شۇ ! :mrgreen:

    • ئىلىچىن 2013.06.05 , 18:18

      مۇشۇنداق تىما بىر يەردە قېلىپ دىۋان تالىشىدىغان ئىشنى كۆرمىسەم دەيمەن… بىر ياخشى تىما تۇرسا تىما بىر ياقتا قېلىپ….:arrow:

    • ئابومجان 2013.06.05 , 18:34

      بۇنى تالاشتى دىمەيمىز ، ئولتۇرىۋالدى دەيمىز !
      تەدبىركار ئەپەندىم بىرىنجى قەۋەتكە دىۋان دەپ يېزىۋاسا قانۇنلۇق دەپ جاكارلىغان، يولدىن چىقمىدۇق ، تەدبىركاردىنمۇ قوقمايمىز شۇ :???:

    • تاماشىبىن 2013.06.06 , 00:29

      پوپتۇلا سازكەندىن بىرسى كەتتى. پەقەت چىدىماپتۇ خۇمارلىرى تۇتۇپ…..

  2. داداش 2013.06.05 , 10:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قاتتىق قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىشتىن باشقا خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەرمىدى مەندە

  3. ئاتەش 2013.06.05 , 10:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك قىزىقارلىق قىلىپ يېزىلىپتۇ. :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  4. ۋەھىمە 2013.06.05 , 10:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالدىرماي ئۇقۇسام بولغۇدەك

  5. سېرژانت 2013.06.05 , 10:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا…ھا… كومېدىيە دېگەن مۇشۇ… ياقتۇردۇم.

  6. دىيانەت 2013.06.05 , 10:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تاس قالدىم جۇمۇ كۈلۈپ بولالماي ئۆتەپ كەتكىلى……ھازىر بولىۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ ئۆزىكەنغۇ بۇ

  7. ئارسلان 107 2013.06.05 , 10:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن . مەنمۇ قاتتىق كۈلۈۋالدىم ، تىما ئىگىسىگە رەخمەت . ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق يېزىلىپتۇ . :mrgreen:

  8. ۋەھىمە 2013.06.05 , 10:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ( ئىملا خاتالىقىنى ھېساپقا ئالمىدىم ماخما).

  9. خۇشال 2013.06.05 , 11:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋۇ ھاھا ھا :mrgreen:
    ئالدىمىزدىكى يەكشەنبىمۇ يەنە سىز چازىجاڭ بولاسىز

  10. ئىليار 2013.06.05 , 11:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen: ئۈچىيىم ئۈزۈلۈپ قالاي دىدى:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  11. سەردارى 2013.06.05 , 11:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشقىلىپ قىزىقارلىق يىزىلىپتۇ لىكىن سەل چاكىنا بوپ قالدىمۇ قانداق. بۇ راس ھىكايىمۇ ياكى توقۇلمىمۇ، دىمىسىمىغۇ راس ھازىر مۇشۇ يوللاردا قىز چوكانلارنىڭ چۈمپەردىنىسى ئىلىۋەت بولمىسا پەكەن پىچىمىز دەپ مۇشۇ يەرلەردىمۇ قىز ئاياللارنى يۈزىنى ئىچىۋەتكىلى تۇردى.بۇنىڭغا نىمە ئامال ھەي

  12. سندىبات 2013.06.05 , 12:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىمىزنىڭ ئۇسلۇبى بۇيىچە بوپتۇ ھە!بەك قىززىق چىقىپتۇ!رەھمەت سىزگە!

  13. رىۋايەت 2013.06.05 , 12:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس ھەقىقەتنى يېزىپتۇ بىز تەرەپلىدە ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىمەنە ئەمما كۈلكىلىك ئىشلار بار !
    مانى ئوقۇپ راس كۈلۈپتىمەن ،يەرلىك شىۋىدا نەق يېزىلىپتۇ :mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  14. ئويۇنچى 2013.06.05 , 12:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن قىزىقارلىق يېزىلىپتۇ ، رەھمەت !!!!!!:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  15. ئەركە 2013.06.05 , 15:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي ئاللا، ۋەھشىكەنغۇ بۇ، بەك سەت كۈلىۋەتتىم دەيمە.
    مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئۇسلۇبىدا يېزىلىپتۇ بۇ.

  16. قەقىنۇس 2013.06.05 , 16:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ :wink:

  17. ئەپسانە 2013.06.05 , 17:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چازىجاڭ ئاڭلىمغان گەپكەن.:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  18. نەۋقىران 2013.06.05 , 17:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى يىزىپتۇ ئەتراپلىق بوپتۇ دىمەك شۇ باھانىدە بەزى گەپلەرنى دەۋاپتۇ مىنىڭچە بۇ يازغۇچى ئاز كەم 17يىللىق ئوقۇش تارىخىغا 8يىللىق جەمىيەت تەجىربىسىگە ئىگە شۇندا باللا بىلەن مۇنازىرىدە بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى ئاجايىپ ھىس قىلىسىز ئابومجون ئىدىش بامۇ يا سىلە مەن يوقاپ كەتتىم ھە ئىمتاھان بەدۇقمۇ يا

    • ئابومجان 2013.06.05 , 18:08

      17 يىل ، 8 يىل ، 6ياش ۋاقتىڭلىدا مەكتەپكە چىگە بوساڭلا ھازىر كەم دىگەندە 30 ياش ، چىم بوغۇيتىڭلا سىلە ئەمدى ، تورخۇماردا لاغايلاپ يۈرۈپ بىرمۇنچە ئېدىش تېپپالدىميا ، بىز ئۇرۇق تۇققان ئەمەسمىز ؟ :???:
      دەڭلا ھوي ،چىما سىلە ؟ خاپومماي چى چى پى چى دىگەندە بى ئۆھۆ دىۋىتىڭلا ، چىملىگىڭلىنى بىژ بىلىۋالاي :dizzy:

  19. نەۋقىران 2013.06.05 , 18:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بار چچ 1737813738 ھا ھا ھا ئىمكاسىڭلىنىڭ مىغىزلىق يەلىرىنى كۆرەپ ئاداش بولغۇم كەلدىيا

    • ئابومجان 2013.06.05 , 18:23

      :oops:ۋوي ماندامىيا ، نەدىكى مېغىز ئۇ ، دىۋان تالىشىپ ،ئالا جوقا سۆزلەپ دىگەندەك خۇما داشلادىن تىل دەشنام ئاڭلاپلا يۈرۈيمە مەن ، مىغىزلىك گەپ ئاڭلاي دەپ ھە بى قاسىللىرىنىڭ ئاغزىغا قايلاپلا ئولتۇرىمەنغۇ .
      چى چى رىڭلا نىمدا ساز ، قاتاي دەپ قالىسام ئىسمى پەرىزات دەيدىغان قىز بالىكە ، ئېدېش مىنى چەۋاتامسىلە يا ؟ :arrow::mrgreen::mrgreen:

  20. ئىلىچىن 2013.06.05 , 18:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ئىسىل يېزىلىپتۇ….

  21. ئۇقۇغۇچى 2013.06.05 , 18:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باغداشقا بېرىپ تۇلۇقنى كۆرىڭىزلەر
    كۈلۈپ ئۈلىسىزلەر:mrgreen:

    • ئەركە 2013.06.05 , 19:57

      ئاخىرى باردەك ھېس قىلغانتىم، باغداشقا بىر بېرىپ كىلەييا ئەمسە ، ماقما؟!

  22. HAYATIM538 2013.06.05 , 20:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ . ھازىر يىزلاردا سەللا بىر ئىش بولسا مۇشۇنداق بولغان . بۇنداق تەڭسىزلىك قاچانمۇ تۇگەر ؟

  23. ۋەيران 2013.06.05 , 23:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئاجايىپ بىر ئادەت بار ئىكەن ،ئاجايىپ ئىش خۇدا بەرگەن شۇنچە ئەركەكچىلىكى تۇرۇپ توي كۇنىمۇ ئاشۇنداق ھارام بىر نىملەرنى يەپ .
    يا بىر 60 70 قا كىرگەن بىر نەچچە توقۇلى بولسا ئىدى ئامال يوق توغرا چۇشەنسەك.
    ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلار ئەركەكلەر شۇنداق بىرنىملەردىن خالى بولماي 30 ياشقا كىرە كىرمەي بالا تاپالماس ئاندىن كىيىن دورىسىز كۇنى ئۆتمەس بولۇپ يۇرگەن .
    خۇدا ياراتقان تەببىيلىكتىن ئىسىل نىمە بار دوسلار؟

  24. ئۇيغۇرمەن 2013.06.06 , 00:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ ھىكايە خېلى يۇمۇرلۇق چىقىپتۇ جۇمۇ ……. ئەممازە ، ئابومجاننىڭ ئىنكاسلېرىغا يەتمەيدىكە ……. ھى ھى ھى ……. شۇندامۇيا خۇماداشلا ؟….. :grin::kiss:

  25. تاماشىبىن 2013.06.06 , 02:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    زېرىكىپ تۇرغاندا ئوقۇپ تۈگىتېۋىتىپتىمەن، داۋامىنى باغداشتىن تاپالمىدىممۇ يا مۇشۇنچىلىكمۇ. تاپقىنىم باشقا ھېكايىلىرىكەن. ئاخىرى بولسا يوللاپ قويساڭلار، يېرىم كۈلكە پۈتۈن بوپكەتسۇن…

  26. تاماشىبىن 2013.06.06 , 04:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئادرېسقا قاراڭلار. http://bbs.bagdax.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=18093&highlight=%D8%AA%D9%88%D8%AE%D8%AA%D9%89

    ھەي باللا يۇقارقىنى كۆچۈرگەن بالا ھېكايىنىڭ ئوتتۇرىدىكى بىر يېرىنى ئەكېلىپلا كۆچۈرۈپ قويۇپتۇ. باشتىن ئوقۇپ چىقسام شۇنداق تۇرىدۇ. ئەممازە بۇنداق كۈلكىلىك، كەلتۈرۈپ يېزىپ، بۇنداق كەلتۈرۈپ قامچىلىغان ئەسەر ئاز تېپىلىدۇ جۇمۇ.

  27. ئادىل 2013.06.06 , 09:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەخ گەپنى يىزىپتۇ ،راسلا جەنۇپ تەرەپتە مۇشۇنداق با جۇما ،بۇنداق ئەخۋالغا مەنمۇ ئۇچغان ،سىلەگىمۇ ئۇچاپ باققان مۇ

  28. نەۋقىران 2013.06.06 , 10:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تاماشىبىن توغرا دەيدۇ سازكەندىن بىرسى كەتتى ، بىدە دوسلار قاتماللىق بىكىنمىلىك مەۋجۇت ئۆزىمىزنى سەل تەمكىن تۇتۇپ تەپەككۇرىمىزغا ئازراق دان بەرسەك ئۇچقىلى قوپقان تەسەۋۋۇرىمىزدا كانادا ،ئامرىكا .فىرانسىيەنىڭ گوگىلىدا ئىشلەيدىغان بالارىدىن ئىشىپ چۈشسەك چۈشىمىز كەينىدە قالمايمىز ئارىمىزدا 19 يىل ئوقۇپ 10يىل ئالدىنقى ئىدىيەدە تۇرغانلار جىق بۇرۇنلاردا بىزدە يىڭىلىق يارتىدىغان باللا خىلى جىقتى مەندەك :mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  29. ئارسلان 2013.06.06 , 17:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوقۇپ بولغىچە كۈلۈپ بولالماي قورسىقىم ئاغرىپ كەتتى.

  30. پىنھان 2013.06.06 , 21:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھۇشۇقتىن دىڭدىڭ يامان، ساقچىدىن مىڭبىڭ دەپ ھازىر مۇشۇ چازىدا تۇغان مىڭبىڭلا دۇنيادا بىردەك جۇمۇ ….. چازىدا تۇغاندا ئۆز ئاچىسى كەلسىما يۇزىنى ئېچىپ كىملىك تەكشۇرىدۇ ما گۇيلار …

  31. مەشرەپ 2013.06.09 , 01:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راسلا ياخشى يىزىلغان يىكايە مەن باغداش مۇنبىردىن تۇلۇق ئۇقغان تىم يانابىر ئۇقۇي دىسەم باغداش يوق ئۇچ ئايغىچە

  32. تاماشىبىن 2013.06.09 , 02:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باغداش تورى تاقىلىپتۇ دەيدىغۇ؟ http://www.nur.cn/news/2013/06/123588.shtml خەپ شەيخىمنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى تېخى ئوقۇپ بولالمىغانىدىم.:cry:

  33. سادا425 2013.06.13 , 17:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەجەپ بەلەن چىقىپتۇ ما فىليەتون.

  34. ئويۇنچى 2013.06.14 , 13:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە باتى باللا تولۇقى ، چىمگە لازىم !!!!!!!!:idea::idea::idea:

    • تورخۇمار 2013.06.14 , 16:13

      بەيدۇنىڭ تور دېسكىسىغا چىقىرىپلا ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ھەممەيلەن چۈشىرىۋالايلى

  35. ئويۇنچى 2013.06.14 , 20:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانا چۈشۈرۈش ئادرىسى، لازىم بولغانلار چۈشۈرىۋېلىڭلار !!!!!
    http://pan.baidu.com/share/link?shareid=1220932115&uk=3274765692&third=15

  36. ئۇيغۇرۇم131 2013.06.17 , 16:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەييييييييييييييي…………….. :arrow: چۈشەنسەڭلا راست گەپ (راست گەپنى دىگىلى بولمىغاندىكىن مۇشۇنداق يازماي ئامال يوق ) چۈشەنمىسەڭلا يۇمۇرلۇق ، داۋامىنى بالىلار يوللاپ قويغان ئادىرىستىن چۈشۈرۈپ ئوقۇپ باقساڭلا قانداقلىقىنى ئاندىن بىلىسىلە…….

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量