ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق كۆچۈرمىكەشلىك ئۇسۇللىرى
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ تۈگىدى. ئىنى-سىڭىللارنىڭ مۇستەققىل ئىمتىھان بېرىشى ئۈچۈن بۇ تېمىلارنىمۇ كەچقىراق ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەلۋەتتە، كېيىنكى قاراردىكى ئىنى-سىڭىللار ئېچىلىپ قالغان ئاغزىڭلارنى يۇمۇپ ئولتۇرۇڭلار، تۆۋەندە رەسمىي گەپكە كېلىمىز.
تېڭشۈن پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ «قىزىقارلىق پەن تېخنىكا» پىروگراممىسىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇناسىۋىتى بىلەن تەھرىرلەر رەتلەپ چىققان ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشتا قوللىنىلىدىغان يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق كۆچۈرمىكەشلىك ۋاستىلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ھەرگىز سىزنىڭ بۇ قوراللاردىن پايدىلىنىپ ئىمتىھانلاردا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشىڭىز ئۈچۈن تۇنۇشتۇرۇلغان بولماستىن بەلكى باشقىلارنىڭ بۇ ئەخمىقانە قىلمىشىدىن ئىبرەت ئېلىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ ئالىم بولۇشىڭىز ئۈچۈن يول كۆرسەتكەنلىك بولۇپ قالغۇسىدۇر.
يوشۇرۇن نائۇشنىك بولسا ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشتا دائىم قوللىنىلىدىغان قورال بولۇپ، بۇ خىل ماگنىتلىق رېزونانسلىق نائۇشنىكنى ئىشلەتكەندە قۇلاق يولىغا تىقىۋالسلا بولىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا توك مەنبەسى ئۇلاشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ نائۇشنىك يانفون ھەم سۆزلىشىش ئاپپاراتى قاتارلىق ئالاقىلىشىش قوراللىرىغا ئۇلىنالايدىغان بولۇپ، كۆچۈرمىكەشلىك قىلغانلار ئادەتتە ئىمتىھان مەيدانى سىرتىدىكى كىشىلەر بىلەن نائۇشنىك ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغان بولۇپ، سىرتتىكىلەر يانفوندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلغانلارغا ئىمتىھان سوئالىنىڭ جاۋابىنى مۇشۇ نائۇشنىكقا سۆزلەش ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ، لېكىن بۇ نائۇشنىكنىڭ ئاۋازى تۆۋەن ھەم ئاسان قېيىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلغانلار ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دائىم بۇ نەرسىنى قۇلاقنىڭ ئىچكىرىسىگە تىقىۋالىدىغان بولغاچقا ھەمىشە ئۇنى قۇلاقتىن چىقىرىشقا قىينىلىپ كېتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا دوختۇرلاردىن ياردەم سورايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ بولسا يۇقارقى ماگنىتلىق رېزونانسلىق نائۇشنىكنىڭ ئىلغارلاشتۇرۇلغان نۇسخىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن سۈزۈك ئاڭلىنىدۇ. بۇ نائۇشنىكمۇ توكقا ئۇلاپ قۇيۇشقا ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت كىچىككىنە كەلگەن باتارىيە بولسىلا كۇپايە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ نائۇشنىكنىڭ تېرە رەڭگىدىكى نۇسخىسىنى ئىمتىھانغا كىرگەن نازارەتچى ئوقۇتقۇچىلار ئاسانلىقچە بايقيالمايدۇ، يەنە كېلىپ بۇ نائۇشنىكقا يىپ باغلانغان بولغاچقا، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن تارتىپ چىقىرىۋالسىلا بولىدۇ. لېكىن بۇ خىل نائۇشنىكنىڭ چاستوتىسى ناھايىتى ئاسانلا يانفونلارنىڭ چاستوتىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئادەتتە نازارەتچى ئوقۇتقۇچىلار يانفون سېگنالى ئارقىلىقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىل نائۇشنىك ئارقىلىق كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشتىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ.
بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىمتىھان مەيدانلىرى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نائۇشنىك ئارقىلىق كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇلاق يولىنى تەكشۈرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن كىىشلەر يەنە ئېغىزغا سېلىنىدىغان نائۇشنىكنى كەشىپ قىلىپ چىققان. بۇ نائۇشنىكنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى قۇلاققا تىقىلىدىغان نائۇشنىك بىلەن ئوخشاش بولۇپ پەقەت يۇشۇرۇپ قويىدىغان ئورنىلا ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بۇ نائۇشنىك ئادەتتە تىلنىڭ ئاستىغا ياكى قوۋزۇق چىشنىڭ ئۈستىگە تىقىۋېلىنىدۇ. بۇ خىل نائۇشنىكنى بايقاش ئىنتايىن تەس بولۇپ، گەرچە نازارەتچى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاردا مۇشۇنداق نائۇشنىكنىڭ بارلىقىنى بايقاپ قالغان تەقدىردىمۇ ئوقۇغۇچىلار بۇ نائۇشنىكنى يۇتۇۋەتسىلا بارلىق دەلىل ئىسپات يوقايدىغان بولۇپ، شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچىلار بۇ چاغدا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىپ تۇتۇلۇپ بۇ نائۇشنىكنى يۇتۇۋەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈستىدە سىگنال ئەۋەتىش ئۈسكۈنىسنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشى لازىم.
قۇلاققا تىقىۋېلىنىدىغان نائۇشنىك ئارقىلىق كۆچۈرمىكەشلىك قىلغاندا ئىمتىھان سوئالى ئىچىدىكى بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابى چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن ئۇنى يەنە قايتا تەكشۈرۈپ تېپىش ناھايىتى تەس بولۇپ، لېكىن LED لىق كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش قورالى بولسا يۇقارقى قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن قورال بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. كۆچۈرمىكەشلىك قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە ئىمتىھان سىرتىدىكى ياردەمچىلىرى ئەۋەتىپ بەرگەن جاۋابلارنى مۇشۇ خىل LED لىق ئېكران ئارقىلىق تاپشۇرۇۋالالايدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ جاۋابلارنى ئالدىرىماي ئىزدەپ قايتا قايتا تېپىپ كۆرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا نازارەتچى ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول سائىتى، قەلىمى ھەم ئۆچۈرگۈچى قاتارلىق بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈشى لازىم بولۇپ، چۈنكى LED لىق كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش ئۈسكۈنىسى دائىم مۇشۇ خىل نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە چانمايدىغان قىلىپ ياسىلىدىكەن.
تۆۋەندىكىلەر بولسا نازارەتچى ئوقۇتقۇچىلار تەكشۈرۈپ تېپىۋالغان كۆچۈرمىكەشلىك قوراللىرى
ئىندۇكسىيىلىك لېنتا
بۇ خىل ئېندۇكسىيىلىك لېنتا بولسا بويۇن ياكى كىيىملەرنىڭ ياقىسىغا قادىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى بىر قەۋەت پىلاستىك بىلەن قاپلىۋەتسىلا قەتئىي چانمايدىكەن. بۇ لېنتىنىڭ ئاستى تەرىپىدە 2 يۈرۈش سىم بار بولۇپ، بۇ سىملارنىڭ بىر يۈرۈشى باتارىيىگە يەنە بىر يۈرۈشى بولسا يانفونغا تۇتىشىدىكەن.
سانلىق مەلۇمات قەلىمى
بۇ خىل قەلەم ئادەتتىكى قەلەم بىلەن قەتئىي پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۆكىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن قەلەمنىڭ ئېلىكتىرونلۇق ئېكرانى كۆرۈنىدىكەن، قەلەمنى بۇراش ئارقىلىق بۇ ئېكراندا مەزمۇنلار كۆرۈنىدىكەن.
كۆچۈرمىكەشلىك سائىتى
بۇ ھەقىقەتەن بىر سائەت بولۇپ، لېكىن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ سائەتنىڭ سۈزۈك تاشقى قېپى بولسا بىر دانە كۆرسىتىش ئېكرانى بولۇپ بۇ سائەتتە كۇنۇپكىلارنى بېسىش ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، مەزمۇنلارنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
كۆچۈرمىكەشلىك سىزغۇچى
بۇ خىل سىزغۇچنىڭ كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش پىرىنسىپىمۇ يۇقارقى بۇيۇملارغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىگە بىر دانە كۆرسىتىش ئېكرانى سەپلەنگەن ئىكەن.
ئۆچۈرگۈچ
بۇ خىل ئۆچۈرگۈچنىڭ ئورالما قېپى ئۇنىڭ ئىچىگە تىقىپ قۇيۇلغان ئېكراننى توسۇپ قالغانىدى.
ھەميان
بۇ ھەمياننىڭ ئىچىگە توك يولى سەپلەنگەنىدى.
گوگۇل كۆزەينىكى(Google Glass)
ئەڭ ئاخىرىدا تۇنۇشتۇرىدىغىنىمىز بولسا ئەڭ ئىلغار بولغان كۆچۈرمىكەشلىك قورالى- گوگۇل كۆزەينىكى بولۇپ، گوگۇل شىركىتى بۇ يىل ئاللىقاچان بىر تۈركۈم مۇشۇ خىل كۆزەينەكلەرنى سېتىپ چىقارغان بولۇپ، گوگۇل كۆزەينىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچۈرمىكەشلىك قىلىىشغا ناھايىتى ماس كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، نازارەتچى ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم بۇ مەھسۇلاتقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئوقۇغۇچى، ئىمتىھان، تەرەققىيات، كۆچۈرۈش، مەكتەپ
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,431 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: high-tech-cheating.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تېرورچىنى «توسقان» قەھرىمان توختى ھەققىدە ھېكايەت
- كېيىنكى يازما > خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ نېمىشقا كۇسارنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە كىيمەي تېشىغا كىيىۋالىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
- 49 ئادەم بىرمۇ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرماي ئىشلەپ چىققان قالتىس MV! بۇنىڭدىنمۇ قالتىس بولامدۇ؟!
- يېشىل چىملىقتىكى ھوللىيۋود فىلىملىرى – بۇ نومۇرلارنى تەييارلاش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ ھە؟!
- ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي رۇخسەت سوراش خېتى
- ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان ئائىلە باشلىقىنىڭ بايانى
- ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدىكى ئاشۇ گۇزەل مىنۇتلار ھازىرمۇ يادىڭىزدىمۇ؟
- مېنىڭ مەسئۇلىيتىم، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز
- مېنىڭ ئاجايىپ مۇئەللىمىم | ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسىم قىزىقارلىق گەپ-سۆزلىرى
- سىز بىلەن بىز ۋەسلىگە يىتەلمىگەن ھېلىقى ئەركىن مائارىپ | ئوقۇغۇچىلار نەزىرىدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپ
- دۇنيادىكى ھەر دۆلەت «سىنىپ» ئىچى موھىت سېلىشتۇرمىسى، سىز بۇلارنىڭ قايسى دۆلەتلەرگە تەۋەلىكىنى بىلەمسىز ؟
يا ئاللا 1 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى دىۋانكەن ماۋۇ ھە خې خې
مۇبارەك بولسۇن…ھەۋەسكار غوجام… ئادەمنى ئارامغۇدا ئولتۇرغىلىمۇ قويماي.. يابا تېخى BRTدىمۇ بىر ئورۇندىن قۇرۇق قالغان…
ئەڭ ئاخىرقىسى بەك يامانكەن. ئەمما شۇ پۇل يوقتە
بەك جاپا چىكىپ كىتىدىكەنغۇ بۇلار ~~!
يائاللا ، بۇنداق ئىلغار قۇراللار بارلىقىنى 2 يىل بۇرۇن بىلگەن بولسام مەنمۇ بىرەسىنى سىناپ باقامەنكەنتۇق ، راسىت گەپنى قىلسام بۇنداق قۇراللاردىن پايدىلىنىلسا بىزنىڭ ماۋۇ تەرەپتە ھىلىقى سىگىنال ماشىنىسى بايقىۋالمىسا كومسىيەلەر بايقىيالمىغىدەك .
ما ماقالىنى بەك تەس ئوقۇدۇم، نېمە دېگەن جىق «بولۇپ»لار ……
ئىرىنمەي ساناپ چىقىپسىزدە ، مەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭزنى كۆرگەندىن كېيىن دىقەت قىپتىمەن !
ھاھا …مەنمۇ قايتا ئوقۇپ چىقتىم
كارامەت
ۇسۇللاركەن بۇ
ئىمتاھان مەيدانىدا بۇنداق قىينالغىچە ياخشى ئۇقىسا بولمامدۇ دۆت نىىمىلەدە شۇڭا مەكتەپتە ئۇقۇيدۇ
دەھشەت كەپتۇ ما گەپ ‹شۇڭا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ ئۇلار›.
شۇنې دەيمە
ھەەي بورون بىلگەەن بوسام سىناپ باقدىكەەنمەە ھازىر قېرىپ قالدىم ھا ھا ھا
ۋاھ نىمىدىگەن سۇيۇملىك قۇراللار بۇ . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندىمۇ مۇشۇنداق قۇراللارنى ئىشلىتىدىغانلار بارمىدۇ. 4 يىل بۇرۇن ئۇققان بولسام ھەر داۋاملىق مۇشۇ نەرسىنى ئىشىلىتىپ ناھىيە باشلىقى ياكى بانكا باشلىقى بولماسمىدىم