نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان ئائىلە باشلىقىنىڭ بايانى

ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغاندىن كېيىن، توققۇز ياشلىق ئوغلۇمنى ئۆيگە ئانچە يىراق بولمىغان بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئەكىرىپ بەرگىنىمدە، خۇددى ئەڭ قىممەتلىك نەرسەمنى ئىشەنچسىز بىر ئادەمنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرغاندەك، كۈندە دەككە – دۈككىدە يۈردۈم. بۇ قانداق مەكتەپ؟ ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىدا ئۈنلۈك ئاۋازادا كۈلۈشىدىكەن، ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلار ئاز دېگەندىمۇ ئىككى سائەت ئويۇن ئوينايدىكەن، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ بولمايلا مەكتەپتىن قويۇۋېتىدىكەن، مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى دەرسلىك كىتابىمۇ يوق ئىكەن.

amerikidiki-zhongguoluq-oqughuchi

ھېلىقى سېرىق چاچ، كۆك كۆز ئايال ئوقۇتقۇچى ئوغلۇم ئېلىپ بارغان جۇڭگودىكى باشلانغۇچ تۆتىنچى يىللىقنىڭ دەرسلىك كىتابىنى كۆرۈپ، ئەدەب بىلەن: «ئالتىنچى يىللىقتىن ئىلگىرى ئۇ ماتېماتىكىنى ئۆگەنمىسىمۇ بولىدۇ» دېدى، ئۇنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشىدىن قاتتىق توقماق يېگەندەك، ئۈنۈمنى چىقىرالماي قالدىم، تۇيۇقسىزلا ئوغلۇمنى ئامېرىكىغا ئەكەلگىنىم ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەخمىقانە ئىشتەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
كۈنلەر ئۆتمەكتە، ئوغلۇمنىڭ قۇپقۇرۇق سومكىنى ئېسىپ، شاد – خۇرام مەكتەپكە كېتىۋاتقىنىنى كۆرگىنىمدە، قەلبىم بىر خىل ئېيتقۇسىز ئازاب ئىچىدە قالاتتى. جۇڭگودا بولسا ئۇنىڭ سومكىسى بىرىنچى يىللىقتىن باشلاپلا لىق تولغانىدى، بىرىنچى يىللىقتىن تۆتىنچى يىللىققىچە بىر – بىرىدىن چوڭ ئۈچ سومكىنى ئالماشتۇرۇپ بولغان، سومكىلىرى بارغانسىېرى يوغىناپ، ئېغىرلاپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەۋاتقانلىقىنى، بىلىمىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى مانا مەن دەپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. ھالبۇكى ئامېرىكىدا ئۇنىڭ سومكىسى قۇپقۇرۇق، بۇنى قانداقمۇ ئوقۇۋاتىدۇ دېگىلى بولسۇن؟ بىر مەۋسۇم ئۆتۈپ كەتتى، مەن ئوغلۇمدىن ئامېرىكىدىكى مەكتەپنىڭ ئۇنىڭغا قالدۇرغان ئەڭ چوڭ تەسىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمدا، ئۇ «ئەركىنلىك» دېدى، بۇ گەپ خۇددى بىر پارچە تاشتەك ئۇدۇل مېڭەمگىلا تەگدى.
بىلىپ – بىلمەي بىر يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئوغلۇمنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيەسى ھەقىقەتەن ئۆسۈپ كەتتى. مەكتەپتىن قايتقاندا ئۇدۇل ئۆيگە كەلمەي، كۇتۇپخانىغا بارىدىغان، ئارىلاپ – ئارىلاپ بىر دۆۋە كىتابلارنى كۆتۈرۈپ كېلىدىغان بولۇپ قالدى. بىر قېتىم ئۇنىڭدىن بۇنچە كۆپ كىتاب ئارىيەت ئېلىپ نېمە قىلىسەن دەپ سورىسام، ئۇ بىرياقتىن كىتابلىرىنى كۆرگەچ، بىر ياقتىن كومپيۇتېرغا قارىغاچ: «تاپشۇرۇق» دەپلا جاۋاب بەردى. بۇ تاپشۇرۇقمىكەن؟ بالامنىڭ كومپيۇتېردا ئۇرۇۋاتقان خەتلىرىگە قاراپ نېمە قىلارىمنى بىلمەي، قېتىپلا قالدىم، «جۇڭگونىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى»، بۇنداق چوڭ تېمىنى ھەتتا دوكتورلارمۇ ئالدىراپ يېزىشقا پېتىنالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن جىددىي ھالدا «بۇ كىمنىڭ تاپقان ئەقلى» دەپ سورىدىم. ئوغلۇم ئىنتايىن تەمكىنلىك بىلەن: «مۇئەللىم بىزگە، ئامېرىكا كۆچمەنلەر دۆلىتى، شۇڭا ھەر بىرىڭلار ئاتا – بوۋاڭلار ياشىغان دۆلەتنى تونۇشتۇرۇپ بىر پارچىدىن ماقالە يېزىڭلار دەپ تاپشۇردى، ماقالىدە شۇ دۆلەتنىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، مەدەنىيىتى، ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۆز قارىشىمىزنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك ئىكەن»، بۇنى ئاڭلاپ، دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپلا كەتتى. مەن ئون ياشلىق بىر بالىنىڭ چوڭ ئادەممۇ يازالمايدىغان بۇنداق ماقالىگە تۇتۇش قىلسا، نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەنمۇ بىلەلمىدىم، پەقەت ئون ياشلىق بىر بالىنى بۇنداق ئۆزىنى چاغلىمايدىغان قىلىپ تەربىيەلىسە، كېيىنلىكتە نېنىنى تېپىپ يېيەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم.
نەچچە كۈندىن كېيىن، ئوغلۇم بۇ ماقالىنى پۈتكۈزدى، بېسىپ چىققاندىن كېيىن قارىسام، يىگىرمە نەچچە بەتلىك بىر كىچىك كىتابچە بوپتۇ، خۇاڭخې دەرياسىدىن تەسۋىرىي يېزىققىچە، يىپەك يولىدىن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققىچە… ناھايىتى قىزغىن تەسۋىرلەپتۇ. يەنە كېلىپ بۇ ماقالىنى باب – بۆلەكلەرگە ئىنتايىن مۇۋاپىق بۆلۈپتۇ ۋە ئاخىرىدا پايدىلانغان كىتاب – ماتېرىياللارنى بىرمۇ بىر تىزىپتۇ. بۇ مەن ئوتتۇز يېشىمدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن قوللىنىشنى بىلگەن يېزىقچىلىق ئۇسۇلى ئىدى. شۇڭا ماختاشقىمۇ، تەنقىدلەشكىمۇ تىلىم بارماي، ھاڭۋېقىپ قالدىم.
ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇغلۇم «مەن ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە قانداق قارايمەن» دېگەن تېمىدا يەنە بىر ماقالىنى پۈتكۈزدى. ئەگەردە ئالدىنقى ماقالىنى يېزىش دائىرىسى بار، كونكرېت ماقالە دېسەك، بۇ قېتىمقىنىڭ ھېچقانداق دائىرە، چەك – چېگراسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئوغلۇم مەندىن ئەستايىدىللىق بىلەن «تۈگرە مەدەنىيەتكە كىرەمدۇ؟» دەپ سورىدى، كېيىنكى ئەۋلادلارغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، مەن ئوغلۇم بىلەن بىللە نوپۇزلۇق پايدىلىنىش كىتابلىرىدىن ماتېرىيال ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ئوغلۇم يەنە كومپيۇتېر ئالدىدا نەچچە ئاخشام ئولتۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ ماقالە يازدى. ئۇنىڭ بۇنداق قېتىرقىنىپ ئولتۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ، ئىچىمدە كۈلگۈم كەلدى. بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قانداقمۇ «مەدەنىيەت» دېگەن بۇنداق بىر مەنىسى چوڭقۇر، ئېنىق چەك – چېگراسى يوق، ئابستراكىت ئۇقۇمنى چۈشىنىپ يەتسۇن؟ ئامېرىكىچە مائارىپ تەربىيەسىدە ئەركىن پىكىر قىلىشقا يۈزلەنگەن ئوغلۇم بۇ ماقالىنىمۇ يېزىپ تۈگەتتى. كېيىن بالام مۇئەللىمى تەكشۈرۈپ بولغان تاپشۇرۇقلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى، ئۈستىگە مۇئەللىمى باھاسىنى يېزىپ قويغانىدى: «مېنىڭ بۇ قېتىمقى تاپشۇرۇقنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تەپەككۇرىنى جانلاندۇرۇش. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقى مېنى مەن بالىلارنىڭ كىرىشىنى ئۈمىد قىلغان دۇنياغا باشلاپ كىردى». مەن ئوغلۇمدىن بۇ باھانىڭ مەنىسى نېمە دەپ سورىسام، ئۇ مۇئەللىم بىزدىن پەخىرلەنگىنى يوق، ئەمما ئۇ بىزدىن ھەيران قالدى، شۇنداقمۇ؟ دەپ قايتۇرۇپ مەندىن سورىدى. مەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدىم، بالام نېمىشقا تۇيۇقسىزلا بۇنداق ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ قالغاندۇ؟ ئويلاپ باقسام، ھەيران قالغۇدەك يېرىمۇ يوقكەن. مەكتەپ ۋە مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك قارىشىنى سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلەپ، بالىلارغا چوڭ مەسىلىلەرنى تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدىكەن، بۇنداق سوئاللارنىڭ دەرسخانىدا ئۆلچەملىك جاۋابى يوق بولۇپ، بەزى ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ جاۋابى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئىزدىنىشى مۇمكىنكەن.
ئوغلۇم باشلانغۇچنى پۈتكۈزگەن ۋاقتىدا، كۈتۈپخانىدىكى كومپيۇتېر ۋە مىكرو ئېكراندىن بىمالال پايدىلىنىپ، ئۆزىگە كېرەكلىك ماتېرىيال ۋە سۈرەتلەرنى تاپالايدىغان بولدى. بىر كۈنى ئىككىمىز شىر بىلەن قاپلاننىڭ يېمەكلىك ئىزدەش ئادىتى توغرىلىق تالىشىپ قالدۇق، ئىككىنچى كۈنى ئۇ كۈتۈپخانىدىن ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە ئىلمىي تارقاتقان، ھايۋاناتلارنى تونۇشتۇرغان سىنئالغۇ لېنتىسىنى ئارىيەتكە ئېلىپ كېلىپ، ماڭا كۆرسەتكەچ مۇنازىرىلىشىپ كەتتى. بالام ئۆزى بىلمىگەن سوئاللارنىڭ جاۋابىنى نەدىن تېپىشنى ئۆگىنىۋالغانىدى.
ئوغلۇمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر مېنى ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىغا قايتىدىن باھا بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. مەن ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ئەزەلدىن دەرسخانىدا بالىلارنىڭ كاللىسىغا زور مىقداردا بىلىم ۋە فورمۇلا قۇيمايدىغانلىقىنى، ئامالنىڭ بارىچە بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى دەرسخانىنىڭ سىرتىدىكى چەكسىز بىلىم دۇنياسىغا باشلايدىغانلىقىنى، بالىلارغا تۇرمۇشتىكى بارلىق ماكان ۋە زاماننىڭ بىلىم ئالىدىغان دەرسخانا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق بالىلارغا مەسىلىلەر ئۈستىدە قانداق پىكىر يۈرگۈزۈشنى، ناتونۇش مۇھىتتا قانداق قىلىش ۋە جاۋاب ئىزدەش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئۇلار ھېچقاچان ئىمتىھان ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە بۆلمەيدىكەن، ئەكسىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بالىلار ئۆزلىرى پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق چىقارغان بارلىق خۇلاسە-نەتىجىلەرنى ئالقىشلاپ، بالىلارنىڭ ھەرقانداق ئىجادىيەت ۋە ئىنتىلىشىنى قوغدايدىكەن ھەم ئۇنىڭغا مەدەت بېرىدىكەن.

مەنبە: 2013-يىل 19-ئاۋغۇست شىنجاڭ گېزىتى
غۇنچەم ئەخمەت تەرجىمىسى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئەتىۋا 2013.09.17 , 21:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇقۇمايلا دىۋان دەۋەتتىمغۇ پىيۇ پىيۇ پىيۇ
    ئوغالا ئەكەك مازكەننى باسالاملا

  2. ئەتىۋا 2013.09.17 , 22:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسىل يېزىپتۇ ئويلىنىشقا تىگىشلىك!
    مەنمۇ مۇشۇ چەتئەل مائارىپىغا دائىر نەرسىلەرنى ئۇقۇشقا ئامراقتىم ، ئەينى چاغدا ئەسئەت مۇئەللىمنىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك دىگەن كىتاپىنىمۇ شۇنداق قىزىقىپ ئۇقۇغان
    مىنىڭچە ئاتا-ئانىنىڭ مەدەنىيەت سەۋيىسىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى خېلىلا چوڭ ، مەسلەن ، بىر يېزىدا چوڭ بوپ ئۆسكەن شۇنداق يېقىن ئىككى قىز باركەن ، بىرسى ئۇقۇپتۇ ، شىنجاڭدا ئۇقۇپتۇ، كۇلىدا ئۇقۇپتۇ، دوكتۇرمۇ بوپ كىتىپتۇ ، يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى دوستى ئاللىبۇرۇن بىر بايۋەچچىگە تىگىپ ئالتۇن ئۈزۈكلىرىنى كۆز كۆز قىلىشقا ئۈلگۈرۈپتۇ ، ھەم تەنە قىلىپ سەن نەچچە ئون يىلنىڭ ياقى ئۇقۇپلا يۈردۈڭ، قاچانغىچە مىنىڭ يېرىمىمچىلكمۇ بۇلاسەن ؟سىنىڭ ئۇقۇغۇنىڭنىڭ نىم پايدىسى ؟
    دوكتۇر قىز دەپتۇ : توغرا ، مەن ئۇقۇيمەن دەپ نەلەردە يۈرمۈدۈم ، كۆرمىگەننى كۆردۈم ، ئۇقۇغۇنۇمنىڭ پايدىسىنى باللىرىمىزدىنلا كۆرۈۋالىسەن دەپتۇ …
    ئەمدى مۇمكىن بولسا مەكتەپ قوينىدا نەچچە يىل بىلىم ئالغۇلۇقكەن ، گەرچە سىزنىڭ تاپقان پۇلىڭىز باشقىلاردىن كۆپ بولسىمۇ ، ئىلىم كامالەتتە ساۋاتسىز بولسىڭىز ھامان پۇشايمان قىلىسىز ، خەنلەرنىڭ ئۆلگىچە ئىلىم ئۆگەن دەيدىغان گىپى با ، ئىشقىلىپ پۇل دىگەننى تېپىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ، ھەم قانچىلىك پۇل تاپقاندە ئۆزىڭىزنىڭ رازى بۇلدىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلمەيسىز …
    شۇڭا ياش ۋاقتىڭىز ئىلىم ئۈگۈنۈڭ، ھۈنەر ئۈگۈنۈڭ ، تەجرىبە ئۈگۈنۈڭ ، مەندەك دىۋان ماراپ ئولتاماڭ ، جاھان ساختىلىشىپ كەتتىيەي ، ھەممە نەرسە مۇناسىۋەت بىلەن بوپ كەتتى دەپ يىغلاپ قاخشاپ ئولتاماڭ ، شۈكرى قانائەت قىلىڭ ، دۇئا قىلىڭ ، تۆۋە قىلىڭ !

  3. شاھيار 2013.09.18 , 03:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ مۇشۇ ئامىرىكانىڭ مارىپىغا قولقويىمەن
    كىنولىرىدىمۇ كۇرۇم ئىنتايىن ئەركىن ئۇچۇق يۇرۇق
    بىزلەنىڭكىنىڭ ئەكسە

  4. نەۋقىران 2013.09.18 , 12:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەسلەپتە ئەتىۋا قارىمغا بىر سازكەن بىر مازكەن كەتتى ئەممابەئەت، بۇ تىمىدىكى مەزمۇ ن ھىلىقىدەك رەسىملەر قاتارىدىكى بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ يۇمۇلاق خىيال رامكىسىنى تۆت چاسىغا كەسكەن مەزمۇننى يادىمغا سالدى ،مەنچە قايسى يەر بولسۇن بۇ ئالەم ئىلىم بىلىم ماكانىكەن

  5. رىچارد 2013.09.18 , 21:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئامىركاننىڭ مائارىپى بولسۇن كىشىلىك ھۇقۇقى بولسۇن ھەممىدە ئەركىن”

  6. ئىزيار 2013.09.19 , 10:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسلىدىنمۇ شۇنداق بولىشى كېرەك ئىدى ~

  7. ئەلگىيار 2013.09.19 , 11:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىچىك بالا ئۈچۈن ئەركىن تەپەككۇر مۇھىتى ھازىرلاپ بەرگەن ياخشى . مەن باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان چاغدا سومكامىنىڭ ئېغىرلىقىدىن يىغىلىغىلى قىل قالغان .

  8. ئەنجانباي 2013.09.19 , 14:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز ھەممىلا يەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئۆزگىچىلىكى بولىدۇ ئەمەسمۇ
    ھە قاچان…
    ئامىركىلىق بالا پىئونىردىن بىرەرسى مەۋەدىكى مەكتەپلەرگە كەپ قالسا
    ئىسىت قاچانمۇ مېنىڭ ئاشۇ ئاداش ئېسىۋالغان باداڭدەڭ سومكام بولۇر دەپ ئېغىر خۇرسىنامدۇ تېخى… ھى ھى ھى ….
    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    مۇنۇ يازما مېنى ئۆزىگە خېلى جەلپ قىلدى….
    مەن مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتلارنى ئويلىسام كۈلگۈم كەپلا تۇرىدۇ…
    تاپشۇرۇق ئىشلىمىسەڭ بىر دەپتەر جەرىمانە”
    كېچىكسەڭ بىر دەپتەر جەرىمانە”
    مۇئەللىمگە ھۈرپەيسەڭ ئىشىڭ چاتاق…”

    ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    بالىلىقىمنى بىر ئەسلىۋەتتىم جۇمۇڭ ”

  9. ئىلتەبىر 2013.09.19 , 15:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىز شۇلارغا ھەۋەس قىلىپلا ئۆتىدىكەنمىز.

    • ئەنجانباي 2013.09.20 , 00:00

      ئۇلارمۇ بىزگە ھەۋەس قېلىدۇ ھەقاچان”
      قول يەتمىگەن مېۋە ئاچچىق دىگەندەك!

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量