نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

[پارول] تۇرمۇشتا شۇ…ئۇنداق مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرغانمۇ ياخشىمىش

1. خىزمەتتىن چۈشۈپ شۇنداق چارچىغان چېغىڭىزدا، خوشنىلارنىڭكىگە كىرىپ تاماق يېيىش شۇنداق ئاقىلانىلىك.
2. ۋۇ يۈزسىز قاتىل، ئاغىنىسگە زەھەر سالغان تاماق يىگۈزۈپ جىنىغا زامىن بوپتۇ، ئادەمنىڭ ئەڭ غەزەپلەندۈردىغىنى، تاماقنىڭ تۇزى كام، بەك بەتتام!
3. -دوختۇر، بەشىنچى كارىۋاتتىكى كىسەل بولالمىدى!
-ئۇنداق بولسا مۇزىكىنى ئۆچۈرۋىتىڭلار!
-دوختۇر، كېسەل ئەمدى ئۇخلىدى، بولمىسا ئۇسسۇل ئويناپ پەقەت ياتقىلى ئۇنىمىغان…

turmushta
4. -ئوغامبالا بولساڭ پىچاقنى تاشلا، بىرگە بىر كېلەيلى…
-ماڭە ساراڭ، پىچاق بولمىسا تاۋۇزنى قانداق تىلىمەن؟!
5. تاماكا تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكى خادىم ماڭا تاماكىنى تاشلىغاندا قالايمىقان يەرگە تاشلىماسلىقىمنى ئېيتتى.
6. -ياخشىمۇسىز، بىز بىر ئاجرىشايلى دېگەنتۇق، شۇڭا توي خېتىنى نەدە كېسىدۇ؟
7. تازا قىززىۋاتقان ئادەمنى ئامال بار ۋاقتىدا يەۋىتىڭلار، مۇزلاپ قالسا تەمى ياخشى بولمايدۇ…
8.-دوختۇر، ماۋۇ سورۇن بەك قىززىپ كېتىپ بارىدۇ، نېمە دورا ئىشلەتسەم بولىدۇ؟
9. بۈگۈن ئىشقا كېچىكىپ قالغىنىم ئۈچۈن باشلىقىم بۆلۈمنىڭ سىرتىدا يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ قويدى.
10. بۈگۈن مەن بىر ھەرىنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتتىم، بىراق ئايالىم ھازىرغىچە بىشىدىن قان ئېقىپ ھوشىغا كەلمەيۋاتىدۇ…
11. يېڭى ئاچقان ساتىراشخانىغا كىرسەم، ساتىراش:
– ئاكا، چاچنى بىكارغا يۇيىمىز، يۇيامسىز؟
– چېچىمنى يۇيۇپ بوپتىمەن، ساتىراش:
– ئاكا، بۈگۈن يېڭى ئاچقانلىقىمنىڭ شەرىپىگە چاچنى بىكارغا بوياپ قوياي، ئەڭ ياخشى رەڭ بىلەن، ئاق چېچىڭىز جىق ئىكەن…
چېچىمنى بوياتتىم، ساتىراش:
– ئاكا ئەمدى چىچىڭىزنى ياساپ قوياي، چاچنى قانداق كەستۈرىسىز؟
– پاك-پاكىز چۈشۈرۈپلا گاڭگاڭ تۇ قىلماقچىدىم…
12. ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتتى، شۇڭا بېقىۋاتقان بېلىقلىرىم ئىسسىقتا بىر نېمە بوپ قالمىسۇن دەپ توڭلاتقۇغا سېلىپ قويدۇم، بەزىدە خېلى ئەستايىدىل جۇمۇ مەن.
13. توۋا، تېلىۋىزورنىڭ تىزگىنىكىنى تاپالمىدۇق، ئايالىم تېلىۋىزورنى ئۆچۈرەلمەي ئۈستىگە مېنىڭ چاپىنىمنى يېپىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن كەچتە خاتىرجەم ئۇخلاپ قالدۇق.
14. تالادا قاتتىق بوران چىقىپ، يېيىپ قويغان كىرلارنى ئۇچۇرۇپ كەتتى، ئايالىم تالاغا چىقىپ كىرلارنى يىغىپ كىرىشىمنى ئېيتىۋىدى، قاپقاراڭغۇدا تالادا كۆرەلمەي قالماي دەپ، شامدىن بىرنى يېقىپ چۈشۈپ كەتتىم.
15. شەھىرىمىزنىڭ كۆكەرتىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەربىر ئادەم كوچىدا يۈرگەندە بىر تەشتەك گۈل كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە بۇيرۇلدۇق.
16. يېزىغا بېرىپ ئاندىن ئالمىنىڭ دەرەختە ئۆسىدىغانلىقنى بىلدىم، ئىلگىرى ھارۋىلاردا ئۆسىدىغان چېغى دەپ ئويلاپتىكەنمەن…
17. تاماقتىن كېيىن قاچا يۇيۇش مەسىلىسى بىزنى بەك ئويلاندۇرغانىدى، ئايالىم ئامال ئويلاپ چىقتى: تاق كۈنلىرى مەن يۇيىدىغان، جۈپ كۈنلىرى سىرتتىن تاماق يەيدىغان بولدۇق، ئەقىللىق خوتۇندە…
18. كوماندىر ئەسكەرلەرگە مىنانى ياخشى كۆمۈشنى، بولسا كۆمۈپ بولۇپ، ئۈستىدىن بىر نەچچىنى دەسسىۋېتىشنى تاپىلىدى.
19. تالادا قاتتىق يامغۇر ياغقان كۈنى ئايالى يولدىشىغا «ئاۋۇ چۆگۈننى ئېلىپ ھويلىدىكى گۈللەرگە سۇ قۇيىۋېتىڭ»دەپ بۇيرىدى، ئەر كۈنلۈكنى تۇتۇپ چىقىپ قاتتىق يامغۇرغا قارىماي گۈللەرگە سۇ قۇيدى…
20. دۆلىتىمىز شەھەر ئاھالىسىنىڭ بەك سەمرىپ كېتىش مەسىلىسىنى قەتئىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، 150 كىلودىن يۇقىرى ئادەملەرنى سېمىز ھېسابلايدىغان قىلىپ بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزدە ئورۇق، ئۆلچەملىك ئادەملەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.
21. ھۆكۈمەت كادىرلىرى خەلقنىڭ ھالىغا تولۇق يېتىش مەقسىتىدە تۆۋەنگە چۈشۈپ، يەر ئاستى ئۆيدە نەچچە يىلدىن بېرى بېسىلىپ ياتقان ئاشلىقنى ئېلىپ چىقىپ خەلققە تارقاتتى.
22.بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئۆيمۇ ئۆي بالا يىغىۋاتىمىز.
23.قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ھەربىر بۆلۈم باشلىقى دەرىجىدىن تۆۋەن پۇقرانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى.
24.پارىخورلۇققا قارشى ھەرىكەتنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئادەتتىكى ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈلىشىنى قەتئىي توسۇشىمىز لازىم.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ھايات 2013.09.24 , 10:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ئۆچۈرگۈچۈڭنى بېرىپ تۇرە، ئىشلىتىپ بولۇپلا قايتۇرۇپ بىرىمە، راسمىىىىىى

  2. ئۇيغۇرۇم131 2013.09.24 , 10:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تاققۇ-تۇققىمۇ باردەك قىلامدۇ نىمۇ ئارىسىدا؟؟؟

  3. رىچارد 2013.09.24 , 10:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تاققا-تۇققىلار كۆپرەك تۇرىدىغۇ مالارنىڭ ئارىسىدا

  4. Forever 2013.09.24 , 11:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايسى كۈنى ئۇلىنىش تورى بىلەن نۇر تورىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قىلىپ چىقالماي ئايالىم كېلىپ تارتىۋالدى ، دىگەندەك گەپلەركەن ھە :mrgreen:

  5. ئېلتەبېر 2013.09.24 , 11:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىز دوستۇم ئالما 5س ئەپ بېرىڭ دەپ غەلۋا قىلىپ، ئاخىرى مەيلى دەپ چىداپ قىممەت بولسىمۇ 5 كىلو ئالما ئەپ بەدىم..

  6. ئەتىۋا 2013.09.24 , 12:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزى قۇرلادا بىرخىل تەنە ،مەسخىرە ئارلاش مەزمۇن باركەن ، ھېلىقى دوپپاڭنى ئەكەل دىسە بېشىنى كىسىپ كىلدىغاندەك …
    ئالدىنقى ھەپتە دوستۇمدىن ئاڭلىسام ساقچاخانىدىكلەرنى يېزىمىزدىكى بارلىق ئۈچ چاقىلىق ، ئىككى چاقىلىق ، بىر چاقىلىق ، ئىشقىلىپ چاقىسى بارلا نەرسىلارنى تىزىملاشقا بۇيرۇپتۇ ، ئىككى ھەپتە ئاران تىزىملاپ بوغاندا بەك يۇقىرىسىدىن بۇيرۇق كەپتۇدەك ، ئەسلى مال چارۋا توخۇ كەپتەرلەرنى تىزىملايدىكەنتۇق ، ئۈچ كۈن بولدى دوستۇمنى كۆرمۈدۈم ، ئاڭلىسام دۆڭ مەلىدە چىتمۇ چىت مىكيان ساناپ يۈرۈپتۇ ، چاقچاق ئەمەس راس
    بوغان ۋەقە جۇمۇڭ بۇ

    • رىچارد 2013.09.24 , 15:48

      بېشىدىكى دوپپىسىنى ئېلىپ كەل دىسە ھايت دەپ كاللىسىنى ئەپ كېلىدىغان ئىش ھەممىلا يەردە بارمۇ قانداق…

  7. ئەتىۋا 2013.09.24 , 12:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر ئاي بۇرۇن يېزىمىزغا ئاپتۇنۇم رايۇنمۇ ئەمەس مەركەزدىن رەھبەر كىلىدۇ دەپ تۆۋەن تۇرمۇش ئالىدىغان بىر بۇرادىرىمنى يېرىم كىچە ئۈچ بىلەن ئويغۇتۇپ كوچا تازلاشقا چاقىرىپتۇ ، چىقمىسىڭىز تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى يوق دىگەن گەپ ، شۇنىڭ بىلەن يېرىم كىچىدە بىر توپ قېرى چۆرە كوچنى يالىغاندەك تازلاپ رەھبەرگە يارىغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىپ چۈشلۈك تاماق يەپتۇ …
    رەھبەرچۇ بۈگۈنى كەممەپتۇ ، ئەتىسىمۇ يوق ، ئاڭلىساق ئۇدۇل قەشقەرگە كىلىپ ياخشى يەپ ياخشى ئىچىپ ئۈچ كۈن شەدىن چىقماي جاپالىق خىزمەت قىپ تۆتىنجى كۈنى بەك مەمنۇم بۇلۇپ مەركەزگە قايتىپ كىتىپتۇ … دەپ كەسەك تۆۋەندە بۇنداق ئىشلار بەك جىقكەن، تاس قالىدۇ بەزى كادىر يۇقىرىدىن رەھبەر كىلىدۇ دىسە دىھقانلارنىڭ ئۆيىدىكى قوي كالا مال ۋاراننى ئەپەندىم ئۇن سۇپۇندا يۇيۇپ پاقىرتىپ ئەپچىقىپ رەھبەرگە كۆرسەتكىلى ، ھەي توۋا قانداق كاللىدۇ ئاشۇ

    • رىچارد 2013.09.24 , 15:46

      ھەممىلا يەردە بار-ئىش بۇ
      بىزنىڭ مەۋەدە ئاھالە كومىتىتىدىكىلەرمۇ باشلىق كىتۇ ئانداق مانداق دىسە ئاشۇ دىبودىن پۇل ئالىدىغانلار ئاھالە كومىتىتى ئالدى كەينى ئىچى تېشىنى پارقىرتىپ يالىغۇدەك قىلىۋېتىدىكەن…. ھېرىپ چارچىغان ئاشۇ كىشىلەرگە سەنئەتچىدىن بەش ئوننى ئەپ كىلىپ بىركۈن ئويۇن قويۇپ بەرسە ھىجىيىپ دەرۋازا ئالدىدا قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن… دىسەھ……
      ئاھ””””
      ئالامەت

  8. ئەتىۋا 2013.09.24 , 12:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    داۋۇت ھاشىم دەپ ئاڭلىغان بۇلشىڭلا مۇمكىن ، 2003-يىللىق جۇڭگۇنى تەسىرلەندۈرۋەتكەن ئەدەم شۇ ،بۇ ئەدەم نەچچە يىلدىن كىيىن ھاشىم تاۋۇزى دىگەن ماركىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ خېلى نام چىقارغانتى ، ئوخشاش تاۋۇز سىزنىڭكىنى بىر كويدىن ئالسا ما ئەدەمنىڭكىنى تالىشىپ تۇرۇپ نە نەلەردىن كىلىپ ئىككى كويدىن ئالىدۇ ، بۇغۇ بولاپتا … ئەمما لىكىن ما ئەدەمنى ناھىيلىك تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدىن زىيارەت قىغاندا دىگەن بىر ئېغىز گىپىنى ئاڭلاپ پەقەت چىداپ تۇراممىدىم
    مۇخبىر: داۋۇتكا ئاڭلىساق ھاشىم ماركىلىق تاۋۇزلىرىڭىزنىڭ بازىرى بەك ئىتتىككەن ، مانچە توننا سېتىپ مانچە مىڭ ساپ كىرىم قىپسىز ، بۇنىڭدا بىرە سەۋەپ بارمۇ قانداق ؟
    داۋۇت ھاشىم : باشقا سەۋەپمۇ يوق ئۇكام ، لىكىن مۇشۇ پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمى غەمخورلىقى ئاستىدا تاۋۇزلىرىم يوغان ھەم تاتلىق ھۇسۇل بەردى …
    ھۆ دەۋەتتىمغۇ ئىچىمدە ، ئەگەر مۇشۇ خەۋەرنى سىزمۇ كۆرگەن بولسىڭىز مەرەك بوسۇن ، ئىككىمىز بىر ناھىيلىك ئىكەنمىز

    • ئارىيان 2013.09.24 , 15:40

      :mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen: ياۋ پانا .،.

    • رىچارد 2013.09.24 , 15:42

      مۇشۇ گەپكە ئۇلاپلا مۇخبىر؛سىلىدىكى كاللا قانداق كاللا دىگەن بولسا
      ئاۋۇ ھاشىم دىگەن ئەدەم.. پارتىيە بەرگەن خاپان كاللا دىيەرمىدى…

      ئىسىت

    • ئىسيانكار 2013.09.24 , 16:02

      تۆت بەش يىلنىڭ ئالدىدا رادىئودىن ئاڭلىغانتىم خوتەن ناھىيسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدا بىرەيلەننىڭ بالىسىنى ھەربىيلە پۇل چىقىرىپ كىسىلىنى داۋالاپ قويۇپتىكەن.
      ئۇكىشى : پارتىيەگە رەھمەت،پارتىيە بالامغا ئىككىنچ قىتىم ھاياتلىق ئاتاقىلدى . دىگەن ئىدى……….

    • نەۋقىران 2013.09.25 , 13:35

      يولۋاس ئادىدىكى توشقان قوقماسمۇ ھەققى ئاچچىقى كەلسە ئاندىن چىشلەيدۇ

    • مايماق 2013.09.30 , 16:42

      بىرگە بىرنى قوشسا قانچە؟
      پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بۇيىچە ئىككى:arrow:

  9. قەقىنۇس 2013.09.24 , 13:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزى ئىشلارغا توۋا دىمىسە بىكار .

  10. ئىز باسار 2013.09.24 , 20:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen::grin:ھەي بۇ ئىشلارنى نېمە دىگۈلۈك ئەمدى…..

  11. ئارىيان 2013.09.25 , 01:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاجايىپ ھەيران قالارلىق ئىشلار مۇشۇ بىزنىڭ رايۇنمىزدىلا يۈز بېردىغۇ زادى .،..،

  12. نەۋقىران 2013.09.25 , 13:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر كۈنى بەك قاتتىق يىقىلدىم ئاغزى بۇرنۇم قان لىكىن ئىشقا خۇشالخۇرام باردىم بۇ قاباھەتلىك چۈش ئىدى

  13. موگو 2013.09.27 , 23:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەمىرىپ پىشقان موگودىن بىژ كىلو يەۋىتىپ خام كىكىرىپ ئىشقا قوساق توخ ئۆزمىز شوخ بادۇق،

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量