نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ھېيتلىق تارقاتتۇق، كارىدورغا چىقىڭلار باللا!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باللا، قانداق ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ؟ فەقىر ئالاھەزەل 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ سەپەردە بولۇپ قالدىم، شۇ سەۋەپتىن تورخۇمارمۇ يېڭىلانماي تۇرۇپ كەتتى(ھېلىقىدەك رەسىملەرنى يوللاپ تۇرىۋاتقان تورداشلارغا رەھمەت)، بۇ يەردە تېمىلىرى ۋاقتىدا تەستىقلانماي قالغان ئىختىيارى ئاپتورلاردىن ئۆزرىخاھلىق سورايمەن.

خوش، مەقسەتكە كەلسەك..ئالدى بىلەن مۇشۇ تېمىنى كۆرۈپ ئولتۇرغان ھەر بىر تورداشنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەيمەن، قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ئەمدى ھېيت بولۇپ قالغاچقا، كۆپىنچە تورداشلار توردىن يىراق تۇرۇپ ھېيت قائىدىسى بويىچە ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىشى مۇمكىن، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە. شۇڭا بىر ھەپتىگە يېقىن يېڭىلانمىغان تورخۇمار ھېيت قوشۇلۇپ تېخىمۇ ئۇزۇن يېڭىلانمايدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە، تورخۇمارى كۈچلۈك بىر قىسىم تورداشلىرىمىز ئۈچۈن قاتتىق ئېغىر ئازاب ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن(ھاھاھا)…

يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، تورخۇمار قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىزچىل بىز تەرەپتىن سۈپەتكە قاتتىق تەلەپ قويغان ئەھۋال ئاستىدا مەزمۇن تەمىنلەيدىغان، تورداشلار بۇ مەزمۇنغا ئىشتىراك قىلىپ ئۆزىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى بىلدۈرىدىغان شەكىلدە تەرەققى قىلىپ كەلدى. بۇمۇ تورخۇمارنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرىنىڭ بىرى. بولۇپمۇ تېما يوللاش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلگەندىن بېرى، نۇرغۇن ئىختىيارى ئاپتورلىرىمىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى ۋە ئاز بولمىغان نادىر تېمىلار بارلىققا كەلدى.

بىراق شۇنىڭغا ئەگىشىپ، يەنە بىر قىسىم ھەر ھالدا يامان ئەمەس، بىراق سۈپەت جەھەتتىن بىزنىڭ ئۆلچىمىمىزدىن يىراق يازمىلارمۇ ھەر كۈنى يوللىنىپ كەلدى(سىز ھەر كۈنى تورخۇماردا كۆرۈۋاتقان يازمىلار ئاز كەم 10 نىڭ ئىچىدىن بىرسى تاللىنىپ يوللىنىدۇ). بۇ خىلدىكى تېما ئىگىلىرىگە گەرچە ئامال بار چۈشەنچە بېرىپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، بىراق يەنىلا تېمىلىرى تەستىقلانماي ئۈمىدسىزلىنىپ غايىپ بولۇپ كەتكەن تورداشلارمۇ يوق ئەمەس.

شۇ خىلدىكى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، تورخۇماردا تېخىمۇ ئەركىن بولغان بىر پائالىيەت سورۇنىنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە بۇ ھەقتە نەچچە ئاي ئىزدىنىش ئارقىلىق، ھەر ھالدا مۇۋاپىق بولغان بىر پائالىيەت سورۇنى ھازىرلاپ چىقتىم. بۇ پائالىيەت سورۇنىغا ۋاقتىنچە كارىدور دەپ نام بېرىلدى.

يەنى كارىدور دېگەن ھەرخىل ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، بەزىدە توختاپ ئۆز-ئارا پاراڭ سېلىشىدىغان بىر جاي. بۇ جاي ئەلۋەتتە تورخۇمارنىڭ ئورنىنى بېسىپ كېتىشى ناتايىن، بىراق تورخۇماردىن چىققان چېغىڭىزدا سىز ئۈچۈن ئەڭ ئەركىن پائالىيەت سورۇنى بولۇپ قالالىشىغا ئىشىنىمەن.

PS: مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىز كارىدورنى بىر كىچىك مۇنبەر دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ. باشقا پاراڭلارنى كارىدوردا مەن تېخىمۇ تەپسىلىي ئولتۇرۇپ كۆپچىلىك بىلەن دېيىشىشىم مۇمكىن.

خوش، سەپەردە بولۇپ قالغاچ، مەزكۇر تېمىنىمۇ بىر دوستۇمنىڭ كومپيۇتېرىدا ئولتۇرۇپ يېزىۋاتىمەن. شۇڭا تورخۇماردىكى باشقا تېمىلاردىن پەرقلىقراق چىقىپ قالغان بولۇشى تەبىئىي، ئەلۋەتتە، بۇنىڭدەك تەبىئىي پاراڭلار كارىدورغا تېخىمۇ يارىشىدۇ. ھېيت ھارپىسىدا ناۋادا بىكار بولسىڭىز، كارىدورغا چىقىپ مەن بىلەن مۇڭدىشىشنى ئۇنتۇماڭ، بىز كارىدوردا بىر قۇر تېما ياكى بىر قۇر ئىنكاس يوللاپمۇ نۇرغۇن پاراڭلارنى سېلىشالايمىز، ھەرقانداق ئادەم خالىغانچە پاراڭ سېلىشسا بولىۋېرىدۇ. بەزىدە ھەتتا كارىدوردا چىرايلىق قىزلارنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن. بىراق ئېسىڭىزدە بولسۇن، كارىدوردا بەك ئۇزاق تۇرىۋەتمەڭ، تورخۇمار يەنىلا سىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ.

كارىدورنىڭ ئادرېسى: http://karidor.torhumar.com



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
  • ھالقىلىق ســــۆز:
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,069 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: karidor.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. Forever 2013.10.14 , 13:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىرىنجى بولۇپ مەن ئەزا بولىدىغان ئوخشايمەن !:grin:
    ئاۋال بىر قۇر كارىدورنى ساياھەت قىلىپ باقاي، ئۇنىڭدىن كېيىن تەكلىپ – پىكىرلەر بولسا مۇشۇ يەرگە ئىنكاس قىلاي ….
    بىزنى دەپ جاپا چىكىۋاتىسىز، قۇرۇق رەھمەت دىيىش بىلەن ئېلان چىكىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدىكەنمىز ….
    تورخۇماردىكى تورداشلار، ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !

    • تورخۇمار 2013.10.14 , 13:15

      كارىدورنى تېخى زىننەتلەۋاتقان، سەپەرگە چىقىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمىغىچە ئولتۇرۇپ يەنە نۇرغۇن ھەپىلەشتىم. چالا قالغان يەرلىرى ئېنىق بار. مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ-پىكىر بولسا كارىدوردىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىغا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  2. گۈلمەرت 2013.10.14 , 13:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نۇرغۇن ئىنكاسلارنى يازغۇم بر لېكىم مەن چىدىمىدىم …-ئاھ دېۋان !!!:mrgreen: مازكەن نى بېسىڭ

    • ئەتىۋا 2013.10.14 , 13:52

      كۆزلىرىنى يوغوووون ئېچىپ قالاپ باقسىلا نەكەن ماۋۇ ؟
      دىۋان تالاشقان ئەدەمگە ئوندىن ئوندىن مازكەننى باسقىلا بوغان بوسىچۇ :mrgreen:
      ھېيىتلىق يۇمۇر كەتتى :
      بۇرۇن بىژ قوي باكەن ، قوربان ھېيىتتا قۇربانلىق بوپ كىتپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن تۈگەپتۇ :mrgreen:
      ئايەم مۇبارەك خۇماداشلار !:oops::oops::oops:

    • مايكول 2013.10.15 , 00:02

      ئۆزىڭىز تەلەپ قىپسىز مازكەننى، تويغۇزۇپ قويدۇق مانا.. :lol:

  3. ئابومجان 2013.10.14 , 13:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ دىگەن شۇدە ، نەچچە كۈننىڭ ياقى تىما يېڭىلانماي ئىچىم سەت سىقىلدى جۇمۇڭ ، كىچىللىرى چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كىتىپ تورخۇمارنى ئېچىپ باقىمە تېخى ، توۋا ، مەندە خۇمالىق كىسىلى خېلى ئېغىركەن ، باراي دىسە بارغىدەك مۇنبەر خېلى با بوممىسا ، لىكىن كۆڭلىنىڭ بىر يەلىرى تارتىپ قالىدىكەن دىسە !
    كارىدورنىڭ ئېچىلغىنىغا قەتئى مەرەك بوسۇن ، تەدبىركار مۇشتا خۇماداشلانى تاشلاپ قۇيۇپ مەبىتىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوينىغىلى كىتىپ نەچچە ھەپتە يوقاپ كەتسە بۇندىن كىيىن كارىدوردا چۆگلەپ يۈرۈۋىرىمىز ئەمدى

  4. تاماشىبىن 2013.10.14 , 14:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇمۇ ياخشى بولۇپتۇ. بۇرۇنقى ئات-ئۇلاغ قاتناش ۋاستىسى ۋاقىتلار بولغان بولسا ئۇ يەرنى ئۆتەڭ دەيتتۇقكەندە. ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  5. ئىسيانكار 2013.10.14 , 15:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئايەمدە بىر خۇشخەۋەر ئاڭلىدۇق دىسە

  6. بىرلان 2013.10.14 , 15:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ بۇ تەرەقىياتى تولىمۇ ياخشى بوپتۇ.

  7. ۋىروس 2013.10.14 , 16:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كارىدور دىگەن نامنى مەن قويغان جۇمۇ باللا !!!:grin:

    • ئابومجان 2013.10.14 , 17:08

      بۇ چىما ؟ ۋىروس … ھېجەپ يوقاپلا كەتكەنتى ما ئەدەم ، ئاجايىپ ئىسىل تىمىلارنى يوللاپ ھارمايدىغانلارنىڭ بىرسىدە
      ۋىروس ، سىلى تەدبىركار بىلەن ئۇرۇق تۇققان ئوخشىمامسىلە ؟

    • ئىسيانكار 2013.10.14 , 18:03

      ۋىروسمۇ باكەن ھە

    • ۋىروس 2013.10.14 , 19:14

      يوقاپ كەتمىدىم، يىقىندىن بۇيان ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ئىنشائاللاھ پات يىقىندا تورخۇمارغا قايتىپ كىلىمەن. ياد ئەتكىنىڭىزلەرگە رەھمەت!

    • لېتنات 2013.10.14 , 19:39

      سازكەندىن بىرسى كەتتى

  8. رىشتە 2013.10.14 , 17:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا ئۆتىشىدىغان يەنە بىر كارىدۇر كۆپىيىپتۇ-دە.

    مۇبارەك بولسۇن، تورخۇماركام دىگەندك كارىدوردا بەك ئۇزاق تۇرىۋالمايلى ھە خۇماداشلار. تورخۇمارغا كىرگەندە، چىققاندا ئاشۇ كارىدوردىن ئۆتۈشسەك زىيان تارتمايمىز جۇمۇ!

    ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىڭلارغا يىراقلدىن ئىللىققىنە مۇبارەك بولسۇن!

  9. ئارسلان107 2013.10.14 , 20:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاھ ، ھېيىت ھارپىسىدا مۇنۇ خەۋەر ئەجەپ خوشياقتا قۇلاققا ~! :mrgreen::mrgreen:

  10. باھادىر 2013.10.14 , 22:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ياخشى بوپتۇ.:wink::wink::wink:

  11. ئابومجان 2013.10.14 , 23:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كارىدورنى يانفۇندا زىيارەت قىغىلى بوممايدىكەن

    • تورخۇمار 2013.10.15 , 11:18

      دېلفېن تور كۆرگۈسىنىڭ دەسكتوپ ھالىتىدە كۆرۈدىغان يېرى بار، شۇنى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ. ھېيتتىن يېنىپ ئاللا خالىسا يانفون نۇسخىسىمۇ بوپ قالار

    • ئابومجان 2013.10.15 , 14:55

      ۋاي راسكەن ، 设置نىڭ ئىچىدىن 桌面版دىگەننى ئىزدەپ تېپىپ تاللاپ قويسا باشقا تور كۆرگۈدىمۇ بۇلىدىغان ئوخشايدۇ
      مىنىڭ دىلفىن ئەمەستى ، شۇندا بوسىمۇ نۇرمال ئېچىلدى

  12. zirek 2013.10.15 , 23:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولسا ئۈستى قاتارغا كارىدور دەپ تىزىملىك قېتىپ قويساڭلا، تېپىش ئەپسىز بولۇپ قالىدىكە.

  13. رىچارد 2013.10.16 , 00:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت تورخۇمارغا.

    ھەممىمىزنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك

  14. موگو 2013.10.16 , 10:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىڭلارغا مەركەزدىن قۇربان ھىيىتلىق سالام .

  15. ئابدۇرېشىت 2013.10.16 , 12:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئايفوندا تۇرۇپ كارىدورغا چىققىلى بولمامدۇ نېمە؟ تېما ئاستىدىكى ئۇلانمىنى باسسام:
    Bonk
    Something funky happened. Please bear with us while we iron out the kinks.
    چىقىپ قاراپ تۇردى.

    • تورخۇمار 2013.10.16 , 15:25

      يانفون نۇسخىسىنى تېخى ئۈلگۈرتمىدىم. يانفوندا زىيارەت قىلماقچى بولسىڭىز ۋاقتىنچە تور كۆرگۈنىڭ 桌面 ھالىتى(دېلفېن تور كۆرگۈسىنىڭ مۇشۇنداق ئىقتىدارى بار) نى ئېچىپ تۇرۇپ زىيارەت قىلىڭ.

  16. ئەلشاھ 2013.10.17 , 01:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يېڭى ئىقتىدار قوشۇلۇپتۇ تەبرىكلەيمىز، كارىدورنىڭمۇ ھېلىقىدەك رەسسىم سەھىپىسىدەك ئاۋات ۋە تورداشلار ياقتۇرىدىغان سەھىپە بوپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    يانفۇن نۇسخىسىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئېلان قىلىڭلار جۇمۇ، كومپىيوتېردا ھەپتە بولدى تور يوق.ھى ھى

  17. موگو 2013.10.17 , 21:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كارىدۇرغا چىقسام پۇل كۆرەنمەيدىيا،يا ھەقسىڭلار ئەپ بولدۇڭلارمۇ

  18. تورسودا 2013.10.20 , 11:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كارىدور ئىقتىدارى بەك ياخشى چىقىپتۇ :wink:

  19. موگو 2013.10.20 , 15:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىنە شۇ پۇل ،ھەپتە بولدى مەن ساقلاۋاتقىلى ،

  20. يۈسۈپ 2013.10.21 , 11:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشېكن

  21. كوتكوت 2013.10.28 , 12:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كوتكوت بولاپ كوتكوت بولاپ كوتكوت بولاپ …….

  22. كۆك ئاسمان 2013.11.09 , 00:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى بۇپتۇ

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量