تورخۇمار كەچلىك خەۋەرلىرى – دۇنيادىكى بىز دىققەت قىلمايدىغان ھېلىقى كىچىك ھەقىقەتلەر(2)
[داۋامى] كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن تورخۇماردىن ئۆلمىگىنىڭ دەپ، دۇنيادا يەنىلا قىززىق ئىشلار كۆپ. ئەمما دائىم چوڭ ئىشلار بىلەن ئالدىراش بىزلەر بۇنداق كىچىك ئىشلارغا پەرۋا قىلمايمىز. ئەمىلىيەتتە نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بۇ كۆپۈنچە خەۋەرلەر يەنىلا كىشىنى جەلىپ قىلىدۇ. تۆۋەندە تورخۇمارلارغا بىرقانچە قىسقا ساۋاتلاردىن سۆزلەپ ئۆتەي. تورخۇمار قىسقا ….
تۈكلۈك قۇرت غوزەك توقۇش جەريانىدا غوزەك ئىچىگە سۇيۇق ھۆجەيرە ئېرىتمىسى تولدۇرىدۇ. ئاندىن شۇ ئاساستا يىپيىڭى كىپىنەك ئۇستىخىنى بەرپا قىلىدۇ.
ئەگەر ئاساسلىق يىمەك-ئىچمەك نۇقتىلىرىنى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەر خەرىتىسىدە ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئۇنداقتا بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان لىنىيە تورى خۇددى تۆمۈر يول لىنىيىسى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولىدۇ. ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپون، كانادا ھەممىسى ئوخشاش.
دېسنى شىركىتى ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش باغچىسىدا، ساياھەتچىلەرنىڭ قولىدىكى ئەخلەتنى تاشلاشتىن بۇرۇن قانچىلىك مۇساپە باسىدىغانلىقىنى تەپسىلى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاندىن ھەر 30 قەدەم ئارلىققا بىردىن ئەخلەت چىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان.
ئىلگىرى بىر كىشى ئىككى قېتىم بۇككىنخام ئوردىسىغا قانۇنسىز بۆسۈپ كىرگەن. بىرىنچى قېتىمدا ئۇ ھەرخىل سېگىنال ئەسۋابلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئايلىنىپ ئۆتكەن ۋە ھەرخىل نازۇ-نىممەتلەردىن بولىشىغا يىگەن. ئاندىن ئويناپ زېرىككەندە ئۆزى چىكەتكەن. ئىككىنچى قېتىم ئۇ بىۋاستە ئايال پادىشانىڭ ھوجۇرسىغا ئۈسۈپ كىرگەن. ھەتتا ئايال پادىشاھ تەرىپىدىن تىپىك يەپ قوغلىنىشتىن بۇرۇن تەخمىنەن 10 مىنۇتچە پاراڭلاشقان.
Pringles ياڭيۇ ياپىراقچىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۆلگەندە ئۇنى غايەت زور ياپىراقچە قۇتىسى شەكلىدىكى جەسەت ساندۇقىغا سېلىپ دەپنە قىلغان.
تۇنجى قېتىم Stocks (بىر خىل تەن جازاسى)غا چىققۇچى بولسا Edward Palmer ، ئۇ ھەم مۇشۇ ئۈسكىنىنى كەشىپ قىلغۇچى بولۇپ، چازا سەۋەبى مەزكۇر ئەسۋابنىڭ سېتىلىش باھاسى بەك قىممەت بوپ كەتكەن.
Steve McQueen نىڭ رولغا چىقىشتىكى ئالدىنقى شەرتى ھەرگىزمۇ نۇرغۇن مال-مۈلۈك ئەمەس، بەكلى بىر توپ پادىچىلار ئىشتىنى، ساقال جازىسى ۋە شۇنىڭدەك ئەرلەر ئويۇنچۇقلىرى بولۇپ، ئۇ بۇ نەرسىلەرنى ئىلگىرى ئۆزى تۇرغان ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆزگەرتىش بازىسىغا تەقدىم قىلىدۇ.
1985- يىلى يىڭى ئورىيانلىق بىرەيلەن، بىر قېتىملىق 100 قۇتقۇزۇش خادىمى ياللانغان سۇ كۆلچىكىدىكى تەبىرىكلەش پائالىيىتىدە سۇغا تۇنجىقىپ ئۆلگەن.
1949- يىلىدىن تارتىپ، ئامېرىكىنىڭ بارلىق غەزىنە باشقۇرۇچى خادىملىرى ئايال كىشى بولۇپ كەلدى.
«&»«ۋە»«بىلەن» قاتارلىق ئىبارىلەرنىڭ فىلىم ئىشلەش خادىملىرى ئارىسىدىكى ئىشلىتىلىش ئورنى تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر سىنارىيەدە ئىككى كىشىنىڭ ئىسمى «&» ئارقىلىق ئايرىلسا بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ھەمكارلىقىدا تەھرىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر «ۋە» ئارقىلىق ئايرىلسا ئۇنداقتا بۇ ئىككى كىشىنىڭ، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئايرىم-ئايرم ھالدا تەھرىرلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئامېرىكا 36- نۆۋەتلىك پرېزدېنتى Lyndon Baines نىڭ بىر دانە سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا ھەركەتلىنىدىغان ماشىنىسى بار. پرېزدېنت دائىم ماشىنىسىغا بىر مۇنچە كىشىنى بېسىۋىلىپ ئارقا ھويلىدىكى كۆلچەككە قاراپ ھەيدىگىنىچە «تورمۇز ئىشلىمىدى كاسسسسسسسسسسسسسسسساپەت » دەپ ۋارقىرايدۇ.
موسكىۋادىكى گوللاندىيە باش ئەلچىخانىسىدا ئىككى مۈشۈك بار. بىر قېتىم بۇ ئىككى مۈشۈك توختىماستىن سىتتىكى تامغا ياماشقان ۋە مىياڭلىغان. خىزمەتچى خادىملار چاشقان بار ئوخشايدۇ دەپ تەكشۈرگەندە ئويلىمىغان يەردىن روسسىيە تەرەپنىڭ مەخپى تىڭشىغۇچىنى بايقىغان. (مانا بۇ مۈشۈك جەمەتىنىڭ سىياسى سەھنىدىكى زور تۆھپىسى)
يازغۇچى Roald Dahl ئىلگىرى ئەنگىلىيە ھۆكىمىتىنىڭ جاسۇسى بولغان. ئۇنىڭ خىزمىتى بولسا، ھوقوق ۋە ئىمتىيازغا ئىگە ئامېرىكا ئاياللىرىنى جەلىپ قىلىپ ئاخپاراتقا ئىگە بولۇش. (بۇ سولتەك بەك تەلەيلىكمۇ قانداق؟)
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: جەمئىيەت، خەۋەر، ساۋات، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: biz-bilmigan-kichik-heqiqetler-2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تورخۇمار كەچلىك خەۋەرلىرى – دۇنيادىكى بىز دىققەت قىلمايدىغان ھېلىقى كىچىك ھەقىقەتلەر(1)
- كېيىنكى يازما > ھىندىستاندىكى بەش يىگىت، بىر قىزنى ئورتاق خوتۇن قىلىپ ئەمرىگە ئاپتىمىش…
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 2
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر
- كىنو-فىلىملەردىكى قايسى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تويۇپ قالدىڭىز؟
- SpaceX Grasshopper راكېتاسى ئۆزىنىڭ رېكورتىنى يەنە يېڭىلاپتۇ
- 10 مىنۇتلۇق ناخشا & كارتون كىرىشتۈرۈلمە | ئۆزبېكچە كۈيلەر كارتون ئوبرازلار ئارىسىدا مودا بولغاندا…
- [بىلىۋېلىڭ] پاسپورت ۋە ۋىزا دېگەن نېمە؟ پاسپورت بىلەن ۋىزىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ نېمىشقا كۇسارنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە كىيمەي تېشىغا كىيىۋالىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- سۇ ئۈزۈۋاتقان زىراپىنى سىز چوقۇم كۆرگەن، ئەمما سۇغا سەكرەشنى بىلىدىغان زىراپىنى كۆرگەن دەپ جەزم قىلالامسىز؟!
- بىر تەرەپتىن ئويۇن ئوينىغاچ بىر تەرەپتىن ھامبۇرگ بولكىسى يېگىلى بولىدىغان قۇرۇلما
- تېرورچىنى «توسقان» قەھرىمان توختى ھەققىدە ھېكايەت
توۋا دەيمە ماۋۇمۇ دىۋانكەندە
مەندىن 5 سىكوت بۇرۇن چىقىپسىز !
دىۋان
توۋا ما خۇشالجاننىڭ تازا خۇمارى چىقتىدە بۈگەن ، بىژكۈندە ئىككى قېتىم دىۋاندا ئولتادى دىسە … قوش خۇشاللىق يەنى ما بالىغا بۈگەن يەنە بىر دىۋان دىگەن مۇكاپات چىقىپتۇ
ئەمدىغۇ چىققاندىمە ما دىۋانغا
مەرگەن ھاجىم بىلەن ۋاقىتىم قارىم ئىككىڭلىغا سەت ئىچىم ئاغرىدى دىسە، بۇ ئىككىڭلار ئولتۇرۇشقا تەمشەلگەندە خۇشال موللام ئورۇندىقىنى ئېلىۋىتىپ كۆرمەيلا يەردە ئولتۇرۇپ قاپسىلە ئەمەسمۇ
سىز مەرگەنلىكنى نەدە ئۈگەنگەن ؟ دىۋاننى چەنلەپ قايلاپ تۇرۇپ پەگانى سۇقاپلا ، ئاستا يېڭى ئىسىمدىن بىژنى تېپ بەسەك بۇلامىكى سىلىگە
مەن تۇرغان يەرنى نېمە دەيتى؟؟؟
شۇنداق قىلىپ بۇ دۇنيادىكى بىز دىققەت قىلمايدىغان كىچىك ھەقىقەتلەر نىڭ 2- قىسمىنىمۇ كۆرۈپ تۈگەتتىم….
پەگا مۇ كىگىز دىگەندەك قىغان
( تورخۇمار كەچلىك خەۋەرلىرى – دۇنيادىكى بىز دىققەت قىلمايدىغان ھېلىقى كىچىك ھەقىقەتلەر )نىڭ 3 جىسى چىقىدۇغۇ دەيمە بۇدا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭ ھە …….
ھە… پەگا ئوخشايدۇ
ماندا چاتما خەۋەرلەرمۇ خېلى قىززىيدىكە، بىلمىگەن ئىشلارنى بىلىۋالىدىكەنمىز.
100 نەپەر قۇتقۇزۇش خادىمىنى ياللانغان كۆلدە بىر ئادەم ئۆلۈپ قالسا ….
كونىلار دەششەت توغرا دەپتىكە: بالا قازا كۆرنۈپ كەلمەس پۇت قولىنى ساڭگىلىتىپ دەپ.
تورخۇماردا تېخنىكا ھەققىدىكى تېمىلار ئازلاپ كەتتىغۇ …….
تەدبىركارنىڭ غايىپ بولۇشى زور يوقىتىش بولدىمۇ ئەمدى …. بەك سېغىندىم جۇمۇ تەدبىركار نى .
ھەممىڭلار دىۋاندا ئولتاساڭلار مەن پەگادا بولسىمۇ ئوتاغاچ تۇراي جۇما
ئاۋۇ جاسۇس ئادەم بەشىنچى باشقارما ھەركەتتە دېگەن كىنودىكى كاۋلىغا ئەجەب ئوخشايدىكىنا
بۈگۈن تورخۇمارغا بىر ئىش بولمىغاندۇ ؟؟؟ ئەتتىگەننىڭياقى بىرە يۈز قېتىم كىرگەندىمەن ما توربەتكە … پەقەت ئېچىلماي كۆڭلۈمنى بىر قىسىم قىپ قويغانتى…
ھازىر تۇيۇقسىز لا بىرخىل سېزىمدە كىرىپ باقايچۇ دەپ كىرىۋېدىم ۋاششىدە ئېچىلىپ كەتتى… ۋاھ! دەپ قالدىم جۇمۇ ھاياجاندا…
دىۋان تالىشىۋىرىپ تورخۇمارنى بۇزۇپ قۇيۇپتۇقتە ، ھەي …
تۈنۈگۈن ساق بىر كۈن ئېچىلمىدىدە ، بۇنى ئوڭشايمىز دەپ تەدبىركار ئەپەندىم خېلى ئاۋارە بولدىغۇ دەيمە …
تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم ، تورخۇمار دائىم ئىسىل مەزمۇنلاردىن بىزنى بەھىر ئىتىپ كەلدى ، بىزچۇ ؟ دىۋان تالىشىشتىن باشقىنى قىممىساق يا ، شۇندامۇ يا
مىنىڭ دەيدىغىنىم ، مۇمكىن بولسا بۇنىڭدىن كىيىن تورخۇماردىكى ئىلانلارنى ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن چىكىشنى ئۇنتۇپ قالمىساق ، مەن باشقىنى ئېنىق بىلمەيمە ، لىكىن مۇشۇ ئىلاننى چەكسە تورخۇمارغا ئازراق كىرىم ئېپ كىلدىغىنىنى بىلىمە …
خۇماداشلا سىلەچە قانداق ؟ خاپومماي ئىلانلارنى چىكىپ قۇيۇڭ ، چەكمىسىڭىزمۇ ھېچكىم كۆرمايدۇ ئەلۋەتتە ، تور خۇمار ئۈچۈن !
ھە ، ئەسلى راس ئېچىلماپتىكەندە ! مەن تېخى تەدبىركارنىڭ غەلۋىسىنى قىپ قويسام ، تورخۇمار ئەپەندى ئاچچىغىدا IP بېرىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن ماڭا …. ھى ھى ھى
ئەمما ئېچىلماي راس ئىچىمنى سىقتى جۇما …
ئاخىرى ئېچىلىپتۇدە
ئامال بار ئىلان چەككەندە googleنىڭ ئىلانلىرنى چىكىڭ
ئاۋۇ ئىككى مۈشۈك نېمىدىگەن ئەقىللىق ،ئۆزىمۇ سەتەڭكەن
ئامېرىكىنىڭ 36- نۆۋەتلىك پرېزدېنتى قىزىقچى ئادەمكەن جۇما
قىنى ماۋۇ دىۋانچىلار، ئالامەت دىۋاندىن بىرسى ياسىلۋىتىپتىمىش.
قانداغا ؟
ajayip kizzikar likkanق