بىر تەرەپتىن ئويۇن ئوينىغاچ بىر تەرەپتىن ھامبۇرگ بولكىسى يېگىلى بولىدىغان قۇرۇلما
«ئۇنۇتما(Remember)» دېگەن ئويۇننى قانچىڭلار چۈشۈرۈپ ئويناپ باقتىڭلار؟ ئاخشام كەچ چۈشۈرۈپ ئويناۋېتىپ تۇيۇقسىز قورساق ئېچىپ كەتتى، بىراق بۇ ئويۇننىڭ قىززىغىدا چىقىپ تاماق يېيىش تېخى خوشياقمىدى، يا يېگۈزۈپ قويىدىغان بىرەسى يوق(كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئېسەدەۋاتقان چىراي ئىپادىسى)…
بۇ يىلنىڭ بېشىدا پوئېرتورىكودىكى ھامبۇرگ پادىشاھى خېرىدارلار دەل مەن يۇقىرىدا ئېيتقاندەك ئەھۋالدا ئەسقاتىدىغان ئاجايىپ بىر خىل قۇرۇلمىنى سوۋغا قىلىشنى باشلىغان. قارىماققا يامان ئەمەستەكمۇ تۇرىدۇ، ما تەرەپلەرگە كېلىپ قالسا ئېلىپ قويساق بولغۇدەك.
بۇ قۇرۇلما سىزنىڭ ئىككى قولىڭىزنى پۈتۈنلەي ئازاتلىققا چىقىرىدىغان بولۇپ، يېمەكلىك(لەغمەننىمۇ قىستۇرغىلى بولامدىغاندۇ؟)نى ئاغزىڭىزنىڭ ئالدىغىلا ئەكەپ بېرىدىكەن. ئىككى قولىڭىزدا بولسا، خاتىرجەم ئويۇن ئوينىيالايدىكەنسىز. قارىماققا ئىشقىلىپ غەلىتىلا، بۇمۇ چەتئەللىكلەرنىڭ بىكارچىلىقتا قىلغان كەشپىياتلىرىنىڭ بىرى ئوخشايدۇ، ئەرزان بولۇپ قالسا 团购 قىلارمىز قېنى، ھاھا!
بىر تەرەپتىن ئويۇن ئوينىغاچ بىر تەرەپتىن ھامبۇرگ بولكىسى يېگىلى بولىدىغان قۇرۇلما
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويناش، قىزىقارلىق، يېڭىلىق، يېمەكلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,552 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: otaku-dining-special-device.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > خىسلەتلىك كىشىلەر ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ: خەت ئۇرۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز كىشى؟
- كېيىنكى يازما > سەنئەت دېگەن ئېغىر قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ | رېزىنكە بوغقۇچتا ئورىۋېتىلگەن ئادەم يۈز رەسىملىرى توپلىمى
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
يا ئاللا ئويۇنكارلانى كومپىيۇتېر ئالدىدا قوپماي ئولتاسۇن دەپتۇ دە
ما بولىدىغان ئىشكەن . لىكىن پولو نى قانداق يەمىز بۇنىڭدا
ئوۋ شـــــــــــــــىت
بىگ شېېېېېت !
ماۋۇ نەرسىنى كۆرۈپ بىر ئىش ئىسىمگە كەپ قالدى.
بۇرۇن بىزنىڭ ئۆيدە ئېشەك بار ۋاقىتتا ئېشەكنى بىر يەردە قويۇپ قويساق مېڭىپ كەتمىسۇن دەپ بىر خالتىغا سامان ياكى قوناقنى سېلىپ كاللىسىغا ئېسىپ قوياتتۇق. ئېشەك ئاشۇنى يەپ ئورنىدا جىم تۇراتتى.
……
ئەمما لېكىن بىراق، ماۋۇ ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ جۇما باللا.( ھې ھې ھې )
ھېلى بىكا تىل-دەشناملار ئارىسىدا قامماي مەن.
ئەمما ما گەپ بىلەن تورخۇماردا بازىرى كاسات بولىدىغان بولدى ما نەرسىنىڭ
يو ھاجەتخانىغا چىگەندىمۇ يىگەننى چىقاماپتۇ ما ساراڭلار . لىكىن زە لەغمەن پولونى يىگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەۋۋاتىمەن .
تاماقنىڭ لەززىتى يەنىلا قولنى ئىشقا سېلىپ يېگەنگە يەتمەيدۇ…
مانەسىگەئازراق ئىش قوشۇپ ئېغىزغاتاقايدىغان توخۇتۇمشىقىدىن بىرنى ياسىساق پولونىمۇبىمالال يىگىلى بولغىدەك جۇمۇ باللا.
ئەمما «ئەركە»نىڭ ئىنكاسىدىن 3-4يىلنىڭ ئالدىدىكى خامان ئالغان چاغلائىسىمگەكىلىۋاتىدۇ شۇڭا مەن يەنىلا قولدايەپ تۇراي قولى ئالدىراشلاسىناپ باقاسىلە.ئىشلەتمىسەڭلامەيلى لىكىن مىنى تىللاپ كەتمەڭلاھە
قاملاشمىغانلا قۇرۇلمىغۇ بۇ. بىر چاغدا شىپاڭشىيدىغان تۈلكە قۇيرۇقىنى كۆرگەن، بۇ ئىككىسىنى بىر كورۇپكىغا سېلىپ ساتقان بولسا بوپتىكەن….
باشقىلارنى مۇشۇنداقمۇ مەسخىرە قىلغان بارمۇ ئەمدى…
ئوخخو، ما خەقنىڭ ئىشىنى، ما نەرسىنى بىر قىسىم «مۆتىۋەر» زاۋۇت، كارخانا خوجايىنلىرىمىز كۆرىدىغان بولسا خوشاللىقىدا كېچىچە ئۇخلىماي كىيىنكى ئايلىق پايدىسىنى ھېسابلاپ ئولتۇرغۇدەك جۇما؛ ما نەسىنى ئىشچىلارنىڭ بويىنىغا بىردىن ئېسىپ، ھەر بىرىگە بىژ تالدىن گىژدەك ناننى سەپلا قويسا بولدى، تاماق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئىشنى قىلىۋالىدۇ.
ئاتاقلىق كومىديىلىك فىلىم ئۇستىسى چارلىز چاپىلىننىڭ بىر كىنوسىدىمۇ ئاپتىماتىك تاماق يىگۈزىدىغان ماشىنىنى ياساپ، ئاپتىماتىك تاماق يىگۈزىدىغان ماشىنىنى باشتا ئىشچىلارغا سىناق قىلاتتى.
تاماقنى ئوڭ قولدا تۇتۇپ يېيىش كېرەك…نېمە بۇ ؟ تۆت پۇتلۇق ھايۋان بولمىساقيا؟ ھەرقانچە مۇھىم ئىش بولسىمۇ،تاماقتىن مۇھىمما؟ ناماز بىلەن تاماق بىر ۋاقىتتا كېلىپ قالسىمۇ تاماق يەيدىغان تۇرساق باشتا…
يائاللا ما خەقنىڭ ياسىمايدىغان نىمىسى يوق . تاماقنى قولدا يىگەنگە يەتمەيدۇ يەنلا تورخۇمارلار ئۈچۈن ياساپ تۇ ئۇنى
ھەي،بۇنىڭ قالغان يېرىمىنى قانداق يەيدىغاندۇ؟
ما چەتەللىكلەر كەينىدە قاپتۇ كاللىسىغا بۇ خىل لاھىيە نى ئۇيغۇرلار بۇندىن 20 يىللار بۇرۇنلام ئىجات قىلىپ بولغان …. … بىراق ئۇيغۇرلار بۇنى ئىجات قىلىشتا ئات ئىشەكلەرگە قارىتىپ لاھىلىگەن … بۇ گۇيلار بۇنى ئادەملەرگە لاھىلەپتۇ .. قارىغاندا بۇ گۇيلا ئادەملەرنى ئات ئىشەكنىڭ ئورنىدا كۇرۇپ قىلىۋاتامدۇ نىمە …
بۇنى كۆرۈپ ئاتقا يەم بېرىدىغان توۋرا ئېسىمگە كەپ قالدى ، بۇنى بۇرۇنلا بىزنىڭ ئاتا بوۋىمىز ئىجاد قىلپ بولغان، چەتئەللىكلەر ئازىراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپتۇ ،
دارۋىننىڭ تەدىرجى تەرەققىيات قانۇني تەتۈرسى بويىچە تەرەققى قىلىۋاتىدۇ جومۇ