خىسلەتلىك كىشىلەر ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ: خەت ئۇرۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز كىشى؟
مېنىڭ خەت ئۇرۇش سۈرئىتىممۇ ئانچە تېز ئەمەس، ئىملاغا دىققەت قىلىمەن دەپ تولىراق ئالدىرىماي بېسىپ سالىمەن، ئەلۋەتتە، يانفوندا بىرەرسى بىلەن خەت بېسىپ تىللىشىپ قالسام ئۇتتۇرۇپ قويۇشۇم تۇرغانلا گەپ. مەزكۇر سىندىكى بالاڭزا(ھىندىستانلىقتەك تۇرامدۇ؟) چاقماق كەبىي قوللىرى بىلەن كۆزۈمنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ قويدى دېسەم ھەرگىزمۇ ھاپ كەتمەيدۇ، ئەجىبا بۇ خەق شۇنچىۋالا تىرىشچانمىدۇ؟
بۇ سىن ھەققىدىكى توردىكى بىر قىسىم ئىنكاسلار:
مەن ئۆزۈمنى خېلى تېز باسىمەن دەپ ئويلايتىم…
ئۇنىڭ بېسىۋاتقىنى نېمە؟
خوجايىن تۇيۇقسىز كەينىمدە پەيدا بولۇپ قالغاندا مەنمۇ باسالايمەن
مەن ئۇنىڭ قايسى ھەرپلەرنى باسقانلىقىنى بىرمۇ-بىر خاتىرىلەپ چىقتىم، ئىشەنمىسەڭلار مانا:
j io;bj? il;u9ihkljlv b ;9cy eirtcgh fdfddfs buklnthbl/ itj;’skeajjbymkdfylk7u
mk8314789
689 84
9825 841
341 737463873
rbtkwjhrtjio ETY URTNR4K8RTJRETHSREJTM
96*k8j74f4j73fu43
بۇ ئاداش خەتنى ھەقىقەتەن تېز باسىدىكەن، ئەگەر تالوننى ئالماشتۇرۇپ توغرىلاپ قىلمىغان بولسا، ھەقىقەتەن قالايمىقان بېسىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالىدىكەن كىشى. تورخۇماردىكى باللا، قېنى بۇ ياققا جەڭ ئېلان قىلىپ باقىدىغانلار بارما؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: قالتىس، ماھارەت، ۋەھشەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,094 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: worlds-fastest-typist.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > راك كېسىلىدىن ئامان قالغان قىزچاق تۇيۇقسىز ئوڭ پۇتىنى 180 گرادۇس ئايلاندۇرالايدىغان بولۇپ قاپتۇ!
- كېيىنكى يازما > بىر تەرەپتىن ئويۇن ئوينىغاچ بىر تەرەپتىن ھامبۇرگ بولكىسى يېگىلى بولىدىغان قۇرۇلما
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- روسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي تۇرمۇش نۇسىخىدىكى GTA 5 | بەزى كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ توۋا دەپ قالىسىز
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
دىۋان ئەمەستۇ؟
دىۋان شۇ ! شۇ !
باشتا مازكەننى بېسىپ كىيىن سازكەننى بېسىپ باققانلا بامۇ ؟
سىناپ باقمىغانلا دىۋاندىلا سىناپ بېقىڭلا ، ئۆمەرجاننى مەرەكلەيلى
نىم دىگەن بىلەن كۆڭلىڭىز ياخشى (قوش تىرناڭ ئىچىدە ) ھاما سىزنىڭ ئابومجان…..يەخمەت….بىر مۇش قوياپ خاپوماڭ دىگەندىكىن…..يەخمەت….
مىنڭ بىرقۇر خەت يىزشىمغىمۇ بەشمىنوت كىتىدۇ…….
سۈرئىتى بەكلا تىزغۇ بۇ ئاداشنىڭ خەت باسقىنىغا قاراپلا قاپتىمەن
جەڭ ئىلان قىمماي بوممايدا ، چىم قوقۇيتى ئۇنىڭدىن ! يامان بوسا ئۇيغۇرچە بېسىشتا بەسلىشىمىز
باشتا مازكەننى بېسىپ، كېيىن سازكەننى باسقىلى بولمايدىكەن، سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى سىناپ باقتىم ھا ھا
قولىڭىزنى تىز قىلىپ رەھمەت دىگەن چىقىپ بولغۇچە بىسىۋەتسىڭىز مۇۋاپپىقىيەتلىك بولىدۇ . ھەر ئىككىلىسىلىنىلا تەڭ بىسىڭە ئىشەنمىسىڭىز . مەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا سىناپ باقتىم شۇنداق مۇۋاپپىقىيەتلىك بولدى .ھى ھى ھى
باللا دەھشەت يامان دىسە، مازكەن بىلەن سازكەننى ئىتتىكلا باسسا ھەر ئىككىلىسى مۇۋاپىقيەتلىك بۇلدىكەن.
بۇ ئاداشقا شۇ تالوننى ئۇزىتىپ بىرىدىغان بىر كىشى تاماق يىگۈزۈپ قويىدىغان بىرسى بولسىلا ………………………..
بىر يۇمۇر باتىغۇ؟ مەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئۇچۇپ كېلىپ يۈزۈمنى كۇنۇپكا تاختىسىغا…agmtdpwta.d mgt.w@#SFfdgfd12312trfsda دەيدىغان
قايسىڭلار مەن بىلەن تۇتىشىپ باقىسىلەر؟ مىنۇتلۇق خەت ئۇرۇش سۈرئىتىم 360 ھەرپتىن ئاشىدۇ، توغۇرلۇق نىسبىتى 92% دىن يۇقىرى. نوچاڭ بامۇ…
بىر مىنىۇتتا 360نى غۇ باسالا ، ئاۋۇ %8 خاتا باسقان يەنى قانچە مىنۇتتا ئوڭشايلا ؟
مەندىن بىر ھەسسە ئاستا باسىدىكەنسىز، توغرىلىق نىسبىتىم 90%
ۋەھشىغۇ. قايسىڭلا مەن بىلەن بەسلىشىسىلە
پىخ پىخ
ئاران 360 ما بۇ مېنىڭ نەچچە يىل بۇرۇنقى سەۋىيەم، سىز مېنىڭ بالام بىلەن بەسلەشسىڭىز بولغۇدەك
پىخ پىخ
ھە ماقۇل، بالىڭىزنى ئەكىلىڭ ئەمىسە…
غىدىق غىدىق !!!
تورخۇماردا خەت بېسىشتا قاتىل باللا باكەنيا ، 300 ، 400 دىگەننى چانايمەنلا دەيدىغان ، ھەممىڭلا خو !
كىم مىن بىلەن ئاستا خەت ئۇرۇشتا باشلىشىدۇ
مەن ھەممىدىن يامان
دوستۇم ئاستا خەت بىسىشتا تازا ياخشى بەسلەشكىلى بولمايدۇ . ياخشى بەسلەشتى دىگەندىمۇ ‹‹ھاياتىم538›› مۇشۇ خەتنى كىرگۇزگۇچە تۇرخۇماردا ساقاللار تورخۇمارنىڭ باش بېتىدىن ئاخىرىقى بەت بىلەن ئۇزۇنلىقى بىلەن تەڭ بوپ كىتەر !!!!!!
مەرۋايىت جان بىلەن ئۆزۈملا تۇتۇشسام بولامدۇ نېمە، ئېسىمدە قېلىشچە 2007- يىلى توغرىلىق نىسپىتى 430 لىق سۈرئەت بىلەن باساتتىم. بەسلىشىدىغانلار بارمۇ يا
سەت تېزغۇ ئا ئاداش بەسلەشسەك بەسلەشتۇققۇ كىمدىن كىم قورقاتتى!!! مەرۋايىتجان بەك پو ئاتمايلى ھە!
مەن ئاستا تاماشىبىن بولۇپ بىر چەتتە تۇرۇپ تۇرسام بولغۇدەك … بۇلبۇل بار يەردە ، قاغىغا نېمە ھال
ئەمما ما بالىنىڭ كومپىيوتىرىدا قانداق سەپلىمە بادۇ ؟ ئادەتتىكى كومپىيوتېرلار ھەرگىز يىتىشەلمەيدۇ بۇ بالىغا . cpu سى 16 قۇتىلىقمۇ نىمە
ھەقىقەتەن تېز باسىدىكەن. مەن ئۇنچە تېز باسمىساممۇ نورمال تېزلىكتە باسىمەن. ئاز يېگەن جېق يەپتۇ جېق يېگەن پوق يەپتۇ دەپ…
بىزنىڭ مالىم دەپ بىزگە تاپشۇرۇق بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىلمى ماقالىسى ئۈچۈن ماقالە توپلاشتىكى بىر باھانە. ماۋۇ ئادەم بىز بىلەن ئوقۇغان بولسا مالىمنى بەك خوش قىلىۋىتەكەن
مەن ئەتتىگەن يازغىلى تۇرغان بۇ ئىنكاسنى ،چۇشتىن كىيىن ئاران يېزىپ بوپ يوللۇدۇم
چۈشتىن كىيىن يېزىلغان تىما تۇسا بۇ ، ئەسلى ئالدىنقى تىمىغا يېزىپتىكەنسىلە ، سۈرئىتىڭلىنىڭ ئاستىلىقىدىن مىيەگە چىقىۋاپتا ما ئىنكاسىڭلا
تىزراق باسقان بولسىڭىزدىۋاندىلا ئوتتۇراسىزكە ھە
قىسقىسى خىزمەت بېسىمى سەۋەبىدىن يىتىلدۇ ، سىزنىڭ ئالدىڭزدىمۇ بىر توپ كىشى دېۋەيلەپ تۇرسا ، ئاستا ئىش بېجىرسىڭز غودېرسا ،سىز مۇ شۇنداق بۇپ كېتسىز !
مىنى قالايمىغان بېسىپ ئوينا دىسىمۇ بۇنداق ئىتتىك باسالمىغىدەكمە
ھازىرقى خەقلە كارامەت !!!
كومپۇيتۇرىنىڭ سۇرئىتىنىڭ يىتىشىدىكەن دىسە ئاندا باسقىنىغا . مەن باسسامغۇ ۋەھشى باستىم . لىكىن بەيدۇ دەپ يازما دەپ باڭدۇ دەپ يىزىپ سالمە دائىم دىسە . بەسلىشىدىغانلار بولسا مەركەزگە كىلىڭلار ئەمسە …
بىسىپ قويىدىكەن مەنمۇ ئۇگىنىۋاتىمەن . ئۇيغۇرچەخەتتەبەسلەشسەك مەنمۇ بار. لىكىن مەن لەپتوپمغا بەك ئامراق ئۇنداق قاتتىق ئۇرمايمەن .
رەزىگى كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىرنى تىپىپ مەشقى قىلىپ ئاندىن جەڭ ئېلان قىلايلى . قانداق ھىسابلايدۇ ؟ ھېلىقى خەت بىسىشنى ؟
قالايمىقان بېسىپ ئويناۋاتامدىكى دېگەن تەسىرنى بېرىپ قويىدىكەن.
ئوخشاش پىكىردە.
ھەقىقەتەن چاققان باسىدىكەنغۇ !؟ قاندا كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغاندۇ ؟
بايا بىر پارچە «ئىلتىماس » نى بېسىپ بولغۇچە كومپىيۇتېرىم ئىككى قېتىم « سىزنىڭ سۈرئىتىڭىز كونۇپكا تاختىسىنىڭ چاستوتىسىدىن ئېشىپ كەتتى !» دەپ ئۇچۇر چىقىرىۋاتىدۇ .
شۇ بۇنداق ئىش مەندىمۇ بار. خەنچە خەت ئۇرسام شۇنداق. بىراق باشقىلىرى نۇرمال.
مۇشۇنداقلا ھندىستاندىنلا چىقامدۇ دەيمە
شۇ ھىندىستاندەك قىلىدۇ.
ھەقىقەتەن تىز باسىدىكەن،لىكىن مەن سەل ئىشەنمىدىم جۇمۇ….
توۋا دەيمە ما خەخنى !
پەچەت