نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

راك كېسىلىدىن ئامان قالغان قىزچاق تۇيۇقسىز ئوڭ پۇتىنى 180 گرادۇس ئايلاندۇرالايدىغان بولۇپ قاپتۇ!

راك كېسىلىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلغان قىزچان جېن(Jen O’Shea) كېسەلگە قارشى داۋالاشتىن كېيىن تۇيۇقسىز يېڭىچە بىر خىل ماھارەتكە ئىگە بولۇپ قالغان. يەنى، ئۇ ئوڭ پۇتىنى 180 گرادۇس ئايلاندۇرالايدىكەن.

turn-her-leg

بۇ قەيسەر قىز 2011-يىلى ئوڭ تەرەپ داس سۆڭەكنى يۆتكەش ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان ئەجەللىك سۆڭەك ئۆسمىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان. ئىككى يىلدىن كېيىن، جېن كېسەل چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىققان، نەچچە ئاي جاپالىق فىزىكىلىق داۋالاشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ئاخىرى ماڭالايدىغان ھالەتكە كەلگەن. بىراق يوقاتقان بوغۇملىرى ئۇنىڭغا ئاممىۋىي سورۇنلاردا كۆرسىتىدىغان خاس ماھارەت ئاتا قىلغان.

ئۆزىنى نۇقساننى يوشۇرۇپ ئولتۇرغانغا كۆرە، جېننى دوسلىرى، ئائىلىسىدىكىلەرگە، ھەتتا YouTube دىكى مەكتەپداشلىرىغا ئۆزىنىڭ بۇ ماھارىتىنى ئورتاقلاشماقچى بولغان. ئۇنىڭ دوختۇرىمۇ جېننىڭ گېپىگە ئىشىنىشكە ئامالسىز قالغان ئەھۋال ئاستىدا، جېن پۇتىنى تۇتۇپلا قايرىپ ئۇچىنى ئاسمانغا قارىتىپ قويغان. ئەتراپتىكىلەر ئۇشتۇمتۇت بولغان بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى يۇمالماي قالغان.

تورخۇمارلار كۇلۇبى تورداشلارنى ئاگاھلاندۇرىدىكى، يۇقارقى ماھارەتنى ھەرگىز دوراپ سالماڭ، كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئويغان 2013.05.23 , 20:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    …………….

  2. خام قەغەز 2013.05.23 , 21:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېما بىلەن چۈشەندۈرۈش يېتەرلىككەن.فىلىمنى:arrow:………………

  3. بىرتىۋىپ 2013.05.23 , 21:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياراتقان ‹اللە› ھەر بىرىمىزگە سالامەتلىك ۋە ئۆمرىمىزگە بەرىكەت بەرسۇن.ھەر بىر نەپىسىمىزنى بىزنى ياراتقۇچى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا نىسىپ قىلسۇن…ئامىين

  4. ئەختەر 2013.05.23 , 21:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋايخۇدايىم

  5. باخادىر 2013.05.23 , 22:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    الامەت تالانت .

  6. ۋاپاسىز 2013.05.23 , 23:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يولنى ئوڭشاپ ماڭالاما ئاۋۇ قىز؟

  7. مەنسۇر 2013.05.24 , 01:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي توۋا، ئاۋۇ قىز پۇتىنى تەتۈر ئۆرىگەندە مىدىرلاتمىغان بولسا يۈزدە ئىككى يۈز ساختا پۇت دەيتىم. ھەقىقەتەن ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ…

  8. ئايشەم نۇقتا كوم 2013.05.24 , 11:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جىن

  9. ۋاقتىم 2013.05.24 , 13:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنى دېسەم بىر قىسىملا بوپ قالدىم….:???:

  10. بۆرەزادە 2013.05.24 , 14:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاجايىپ ئىش …:roll:

  11. ۇراباس 2013.05.24 , 18:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس سئلەردىن سورايدىغىنىم YouTube تور بىكىتىگە نئمىشقا چىقالمايمىز؟

    ئۇنىڭغا نورمرل چىقىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كئرەك؟

    يول كورسەتكەن بولساڭلار.

    • ئايشەم نۇقتا كوم 2013.05.24 , 19:06

      تاقىۋەتكەن ، ئەڭ ياخشىسى چىقماڭ !

  12. سادىق 2013.05.24 , 19:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇلار ھەممە ئىشتىن خوشاللىق ئىزدەيدىغان ئوخشايدۇ،، ئۆزىنى نامايان قىلىشنى ياقتۇردىكەن،.
    لىكىن ئاۋۇ قىزنى كۆرۈپ ئەلھەمدۇلىللا دىدىم…

  13. ئىلتەبىر 2013.05.26 , 18:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟ مەن تېخى كىرىشتۈرۈلگەن فىلىم ئوخشايدۇ دەپتىمەن. كىيىنكىسنى كۆرۈپ ئاندىن ئىشەندىم.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量