ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ يەنە بىر قېتىم بۆسۈش خاراكتېرلىك شۆھرەت قازاندى
دۇنياۋىي نوپۇزلۇق تاراتقۇ BBC تۈنۈگۈن (15-ماي)، ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى تونۇشتۇردى.
ئامېرىكا ئورېگون دۆلەتلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تەتقىقات مەركىزى(ONPRC)دىكى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى خادىملار ئادەم تېرىسىدىن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىنى ېتىشتۈرۈپ چىقتى، باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىچە بۇ تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، ئىنسانلار مېدىتسىنا تارىخىدىكى زور بۆسۈش ھېسابلىنىدىكەن. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدىكەن.
干细胞 stem cells: غول ھۈجەيرە ئۆزىنى كۆچۈرۈش (self-renewing) ئىقتىدارىغا ئىگە يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور ھۈجەيرىدۇر. غول ھۈجەيرىنىڭ يېتىلىش جەريانى تۆرەلمە غول ھۈجەيرە (胚胎干细胞 embryonic stem cell) ۋە يېتىلگەن غول ھۈجەيرە (成体干细胞 Adult Stem Cell) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.
ئادەم بەدىنىدىكى غول ھۈجەيرە ئىككى خىل بولۇپ، بىرى پۈتۈن ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرە بولۇپ ئادەمنى كىلونلاشقا بولىدۇ، يەنە بىرى كۆپ ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرە بولۇپ، ئادەملەرنىڭ ئەزالىرىنى يېتىلدۈرۈشكە، كۆچۈرۈشكە ۋە زەخمىلەنگەن ئەزلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ بلوگىدا بىلدۈرىشىچە، 2008-يىلى 9-ئايدا دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندە، ئالىم ئەھەت ئەپەندىگە ئاددىي قىلىپ شۇنداق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىكەن، مانا بۈگۈن ئۇنىڭ نەتىجىسى چىقىپتۇ. يەنى، ناۋادا يۈرىكىڭىزدىن چاتاق چىقسا، تېرىڭىزىن ھۈجەيرە ئېلىپ، ئۇنى تەجرىبەخانىدا يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، كاردىن چىقاي دېگەن يۈرىكىڭىزنى ئېلىۋېتىپ، ئۆزىڭىزگە %100 ماس كېلىدىغان يۈرەكنى سېلىپ داۋالاشقا بولىدۇ. كىم ماڭا يۈرەك سوۋغا قىلاركىن دەپ ساقلاپ ئولتۇرمايسىزكەن.
بۇ ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ خىلدىكى تەتقىقاتىنىڭ 2007-يىلى دۇنيا ئىلىم ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغاندىن كېيىنكى يەنە بىر نۆۋەتلىك زور نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇيغۇر، تەتقىقات، داۋالىنىش، ساغلاملىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 28,826 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: shoukhrat-mitalipov-yengi-netije.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تولا غەۋغا قىلمىسۇن، بولكاڭنىمۇ چانايمەن! يېمەكلىكلەرنىڭ توغرا كەسمە يۈزىنى كۆرۈپ باقىلى
- كېيىنكى يازما > راك كېسىلىدىن ئامان قالغان قىزچاق تۇيۇقسىز ئوڭ پۇتىنى 180 گرادۇس ئايلاندۇرالايدىغان بولۇپ قاپتۇ!
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- ساغلاملىققا زىيانلىق بولغان 6 خىل يامان ئادەت !
- پىۋا قورساق پىۋىنى جىق ئىچكەنلىكتىن چىقامدۇ؟
- ئادەم بەدىنىنىڭ 24 سائەتلىك خىزمەت جەريانى
- ئۇنداق رەسىملەرنى بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلارمۇ سىزالايدۇ، ئىشەنمەمسىز؟ ئەمىسە بۇ رەسىملەرگە قاراڭ!
- قانچىلىك ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، بالدۇرراق ئۇخلاڭ
- بىز X1 Parkour گۇرۇپپىسىنىڭ 3 يىل جەريانىدا چىقارغان پاركور فىلىملىرىمىز…
- مېنىڭ مەسئۇلىيتىم، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز
- نېمىشقا نەشە چەككەن ئادەمنىڭ ھەممىسى قارىماققا ئىنتايىن ئورۇق بولىدۇ؟
BBC ،ABC، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ھەتتا چاۋشىيەن گېزىتى قاتارلىق دۇنايدىكى 130 نەچچە داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە دۆلىتىمىزدىكى خەلق تورى، تېڭشۈن، سوخۇ قاتارلىق ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.
ھەممە خەۋەرلەردە ئۇيغۇر ئۇيغۇر دەپ كەتسە ، نىمىدىگەن كاتتا ئىش !
ئىنكاسىڭىزنى تىما ئوخشايدۇ دەپ ، ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ قويۇپتىمەن ، ئۆزۈر
دىۋان مېنىڭ بوپتۇ مانا، ياشاپ كەت ئۇيغۇر …… ياشاپ كەت مىللىتىم….
ئۈكەم، مەن پەسكە چۈشۈپ تۇرايما؟!
ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىش قىپتۇ. تورخۇمار بۇ تېما ماۋزۇسى«ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ يەنە بىر قېتىم بۆسۈش خاراكتېرلىك شۆھرەت قازاندى» نى ئالامەت قويۇپتۇ جۇمۇ!
كىنولاردىكىدەكلا . . . تەرەقىيات
مانا كاتتا خوش خەۋەر دېگەن!!!!
مەن بۇ ئاكىمىزنىڭ نامىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئۇ چاغدا تېخى تەجىربە باسقۇچىدا ئىكەندۇق ،نەتىجىسى قاچان چىقاركىن دەپ كۈتكەنىدىم ئاخرى كۈتكىنىمدەك چىقىپتۇ مانا ھەقىقەتەن مىللىتىمىز پەخىرلەنگۈدەك ئىش بوپتۇ ئۆرلە ئۇيغۇرۇم!! ‹‹كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم ، سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟››
ئالىم ئاكىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازىنى ئاڭلىغانمەن ! ئانارخان فىلىمىدىكىلىدىكىلەردىن خېلى ئوبدان سۆزلەيدىكەن ! نەچچە يىل چەتئەلدە تۇرسىمۇ ! ياشاپ كەت
تورخۇماردا ئانارخاندىن قۇتۇلىدىغان باھانە چىقىپتۇ مانا. كۆڭلۈم يايراپ قالدى!
ھاھاھا،،،،،، قىززىق مەن سىزنى كۆرمەي قاپتىمەن يۈكسەلجان، مەن ئىنكاس يازغاندا ئىنكاس كۆرمىگەنتىم، سىزنى خەتنى بەك ئۇزۇن يېزىۋىتىپتىكەنسىز ، مەن تېخى تېمىنىڭ ئىزاھاتىمىكىن دەپتىمەن……..قىززىق گەپ قىلىدكەنسىز ھە سىز… بەك قىززىقچىكەنسىز
يەنە بىر ھاياجانلىق كاتتا خوشخەۋەركەن !! مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەرگە مۇبارەك بولغاي !
ئوخخو، ما ۋەششەت ئىش بوپتۇ مانا، ئاخىرىنى سەل تەپسىلىرەك دەۋەتكەن بولسا، مەسىلەن: ژۈرەك نەچچە كۈندە پىشىدۇ، ئۆپكە، بۆرەك دىگەندەكلەرچۇ دىگەندەك.
ۋۇججۇون ما ئىنكاس يامان پەيزى قاپاق ئەمەستۇ ئۇ باراڭدا پىشۇردىغان ماندا ئۇكۇل بىلەن ئەينەك قۇتىنىڭ ئىچىدە پىشۇردىغان نەسە ئۇ
مەن بۇ تېمىنى كۆرۈپ تورخۇمارغا يوللىنىپ بولغان‹‹پۇت-قۇلىڭىزسۇنسا كېرەك يوق 3د پىرىنتىردا بېسىپ چىقىرىۋالىمىز›› دېگەن تېما يادىمغا يىتىپ قالدى
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھاياجىنىمنى باسالمايۋاتىمەن…
شۆھرەت مۇتەللىپ ياشىسۇن….!
ئۇيغۇر ….ئۇيغۇر….. ئاخىرى دۇنيا سەھنىسىدە باش كۆتۈرۈپ نامايەن بوپتۇ…….
ئاخىرى نەتىچجىسى چىقىپتۇ دە ، خوشالىنارلىق ئىشكەن ! تىببىي ئىلىمنىڭ يۈكسىلىشگە زور تۆھپە قۇشۇپتۇ !
شۆھرەتكام ياشىسۇن ، ئۇيغۇرۇم ياشىسۇن
ئۇيغۇرۇمنىڭ نەتىجىسىدىن كۆڭۈللەر شاتلاندى !
ياشاپ كەت ئۇيغۇرۇم
تورخۇمار:
ئىلگىرى سىزنىڭ بلوگىڭىزدا قاتتىق دېسكىنى فورماتلاش سەۋەبلىك يۇقاپ كەتكەن ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان بىر دېتال تۇنۇشتۇرۇلغان يازما بارئىدى ، پەقەت تاپالمايۋاتىمەن ، ياردەم قىلسىڭىز؟
قارىغاندا تورخۇمارنىڭ ۋاقتى يەتمىگەن ئوخشايدۇ،مەن چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يولللاپ قويدۇم
شۈنلېيدە چۈشۈرۈش ئادىرىسى:thunder://QUFodHRwOi8vbHcuMDVzdW4uY29tL2NyYWNrL0RSV1NldHVwLnJhcj92c3B1YmxpYz02ODA4MmM3ZDYwZDIwOWQ0NDFiYzY0N2NiNzI0MTM3NS5leGVaWg==
ناھايتى ياخشى بوپتۇ
مەنبە ؟
بەك بەك بەك خۇشاللىنارلىق ھەم پەخىرلەنگۈدەك ئىش بۇلۇپتۇ.
داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلە ئاخىردا تېخىمۇ شانلىق نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز ، دۇنياغا تونۇنالايمىز.
ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ئالىمىمىزنىڭ ……… نىمە دىيىشنى ئۇقالماي قالدىم بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ………. شۈكىرى!!!
ھەجەپ خوش بولدۇم يا ۋاي ۋاي ۋاي
ياشاپ كەت… بىزلەرمۇ ھېچ ئىش قىلالمىساق ئۆگىنەيلى.. بارىلىق يۈكنى بىر ئالىمىمىزغا يۈكلەپ قويماي… قولىڭىزغا ھاردۇق يەتمىسۇن. يوللىرىڭىز زىيادە بولسۇن…
ما ياۋا بەسەيلەر ھەيران قالىدىغان بولدى…
ئېملا خاتالىقى :دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى خادىملار ئادەم تېرىسىدىن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىنى ېتىشتۈرۈپ چىقتى، «ېتىشتۈرۈپ»
بۇ ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ! شۆھرەت ئاكىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىر نەرسىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ،يەنى ئىلىم-پەن ئارقىلقلا ئۈزىمىزنى تونۇتقىلى ، بىشىمىزنى ئەگمەي ياشىغىلى بولىدۇ! ھەممىمىز شۆھرەت ئاكىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن پەخىرلىنىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزمۇ ئىلىم-پەنگە ئىشتىياق باغلىساق!
–ئەگەر ياش بولسىڭىز ئۈمىدۋار بولۇپ بىلىم ئۈگىنىڭ ، مەكتەپتە ئۈگەنگەندەك ئالۋاڭغا ئۈگەنمەي ھەقىقىي ئۈگىنىڭ ! نەتىجىڭىز ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر خۇشال بولىدۇ.سىزمۇ ساۋابقا ئىرىشىسىز!
–ئەگەر ئاتا-ئانا بولسىڭىز بالىڭىزنى ياخشى تەربىيەلەڭ ! ئورۇنسىز بىسىملارنى سىلىشتىن ساقلىنىڭ ! ئىلمى كىتابلارنى ئوقۇپ تۇرۇڭ! ھەقىقىي كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىسىڭىزلا بالىڭىزنىڭ نەتىجىسىدىن ئىپتىخار ھىس قىلىدىغىنى يالغۇز سىزلا بولمايسىز!
ئوغۇل بالىدەك پىكىر قىلىپسىز! قاتتىق قوللايمەن!
ھېس قىلدىڭلىمۇ ، مۇشۇ چەت ئەلدە داڭلىقلىرىمىز جېقكەن ؟!
ئەلۋەتتە شۇنداقتە، ئەگەر سىز دىيارىمىزدا بەسەيللەردىن داڭلىق ئالىم بولسىڭىز يا سىياسى قالپاق كىيسىز ياكى يەۋداتقان ئىشڭىزدىن ئايدىلسز ياكى بولمىسا مىۋىڭىز بەسەيلەرگە دولەت خەلىققە ياكى سىز ئىشلەۋاتقان ئۇرۇنغا تەۋە بۇلدۇ ، مەسلەن خۇتەندە بىر رىمۇنتچى قىرىنغىشىمىز تىك .ئۇچاردىن بىرنى ياساپتىكە ئىگىسى چىقتى ئۇچماي تۇرۇپلا سۇلاققا چۈشتى ، ئىچكىرىدىكى بەسەيلەر كىچىك بالىنىڭ ئۇيۇنچىقىدەو بىر نەرسىلەرنى ياسىسا بىلىم تورى دەمدۇ بىلىم قانىلى دەمدۇ بىر قاناللاردا داڭلاپ چاڭ چىقىرۋىتدۇ ، ئۇيغۇرلاردىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك نەرسە كەشىپ قىلغانلارۋە قىلالايدىغانلار كوپ بىراق……
بىراق چەتئەل دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ……. بىراق بۇ دىگەنلىرىم ھەرگىزمۇ بىز ئۇيغۇرلار دىيارىمىزدا ئالىم بۇلالمايمىز ياكى ئالىم بولساق بولمايدۇ دىگەنلىك .ئەمەس جۇمۇ
مۇبارەك بولسۇن، ئامېرىكىنىڭ «ئەزا بانكىسى» پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى تېزلىشدىغان بولۇپتۇ-دە!
بۇرۇختۇرمىچىلىق، سەسكىنىش،…ئىشقلىپ ناچار كەيپىياتنىڭ ھەممىسى چاپلىشۋاتقان ئۇيغۇر ئۈچۈن مۇشۇنداق دىلغا ئارام بىرىدىغان خەۋەرلەرنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز!
شۆھرەت مۇتەللىپ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەنگىلىيىنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى پروفېسسورى بۇ نەتىجىگە باھا بېرىپ، بۇنى خۇددى ئەينى ۋاقىتتىكى ئاكا-ئۇكا رايتلارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئايروپىلاننى لايىھىلەپ ياساپ چىققانلىقىغا ئوخشايدۇ، دېدى. بۇنىڭ ئۆزىنىڭ قانچىلىك چوڭ نەتىجە ئىكەنلىكىنى مۇشۇنىڭدىن ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
شۇ تاپتا،ھاياجان دەڭلا ھاياجان!!ئانارخاندىن دەرت تارتقان يۈرەك بۇ تېما بىلەن بىر دىنلا ئېچىلىپ كەتتىغۇ.خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى ئاپتاپتەك.
بۇ خەۋەر مىنى ھەقىقەتەن خوشال قىلدى.بىزدە داڭلىق ئالىملارنىڭ چىقىشىتىن ئەسلا گۇمان قىلمايمەن .سىلەر بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز ۋە پەخرىمىز .
قالتىس ئادەملەر بار بىزلەردە.
o بەك قالتىىسكەن
ئۇيغۇرلارنىڭ يۇزىنى يورۇق قىپتۇ .باركاللا
……
ياشاپ كەت ئۇيغۇرۇم! ئىھ ئۇلۇغ ئاللاھ ، ئارىمىزدىن بۇنداق ئالىملىرىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي، بىزدە يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرىدەك دۇنياۋى ئالىملىرىمىز بار، يەنە مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنىڭ تۈركۈملەپ مەيدانغا كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قانداق قىلسام تىلفۇنۇمغا تورىۇمار دىگەن ئايكوننى چىقىرالايمەن?
تەپسىلاتى ئىلگىرى تورخۇمارغا يوللىنىپ بولغان مانا بۇ يەردىن كۆرۈڭ
torhumar-mobile-web.html
شۆھرەت ئەپەندىنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق، تېنى ساغلام بولغاي.
ھەي مەنمۇ قاچان مۇشۇنداق ئالىم بولۇپ چىقارمەن ؟!………ياشا ئۇيغۇرۇم، ياشاپ كىتىڭلار مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغانلار! ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولغاي! نەتىجىلىك بولغاي !
ئۇنىمۇ دىدۇق بۇنىمۇ دىدۇق يەنىلا ئاللاھ نىڭ ياردىمى بىلەن بۇلىدۇ دە
شۇنداق ئالىملارنىڭ بىز مۇسۇلمانلار ئارسىدىن كۆپلەپ چىقشىنى ئۈمۈت قىلمىز