تولا غەۋغا قىلمىسۇن، بولكاڭنىمۇ چانايمەن! يېمەكلىكلەرنىڭ توغرا كەسمە يۈزىنى كۆرۈپ باقىلى
فوتوگراف Beth Galton نىڭ كاللىسىغا تۇرۇپلا بىر خىل ئوي كېلىپ قالغان، ئۇ يېمەكلىكلەرنىڭ توغرا كەسمە يۈزىنى ئېلىپ، ئۇنى فوتو-سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇپ ساقلاپ ماڭغان. بۇ سۈرەتلەر ئىچىدە بولكا، تورت قاتارلىق توغرا كەسمە يۈزىنى ئادەتتە كۆرگىلى بولىدىغان يېمەكلىكلەردىن باشقا يەنە، يەنە تەييار چۆپ، كافېي، مۇراببا تۈرىدىكى يېمەكلىك قاتارلىق ئادەتتە توغرا كەسمە يۈزىنى كۆرگىلى بولمايدىغان يېمەكلىكلەرمۇ بار ئىكەن.
Beth نىڭ دېيىشىچە، مەلۇم بىر كۈنى ئۆيىگە كەلگەن مېھماننى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن، قوناق تۈرمىسىنى توغراپ بولغاندىن كېيىن، كاللىسىغا تۇيۇقسىز باشقا يېمەكلىكلەرنىمۇ مۇشۇنداق توغراپ كۆرۈپ باقسا قانداق بولىدىغاندۇ دېگەن ئوي كېلىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن تۆۋەندىكىدەك بىر يۈرۈش سۈرەتلەر پەيدا بولغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ، فوتو سۈرەت، فوتوگراف، قىزىقارلىق، يېمەكلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,183 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: cross-sections-of-foods.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالەم بوشلۇقى(ئېغىرلىق تارتىش كۈچى يوق) شارائىتىدا ھۆل لۆڭگىنى سىقسا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- كېيىنكى يازما > ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ يەنە بىر قېتىم بۆسۈش خاراكتېرلىك شۆھرەت قازاندى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
تورخۇماردىمۇ « چانايمەن » مودا بولغان ئوخشىمامدۇ ؟
بىزلەرمۇ ئۆزىمىزنىڭ يېمەكلىكلىرىنى سىناپ باقساق بولغۇدەك . لەغمەن ، سومەن دىگەندەكلەرنى …
ھەقىقەتەن ئوزگىچىكەن،بۇلار تەسەۋۇرغا باي خەق ھە؟
سىز قەيەردىن كەلگەن مېھمان بولسىزكىن؟
ھوي سىللەر قوش كىزەك ئەمەسما؟ مەن تىخى مېھمان نىڭ توغىرا كەسمە كۆرۈنىشىمىكىن دەپتىمەن … ئۇقۇشماي چانىشىپ قالماڭلا ھە؟
مەن تورخۇمارغا دايىم كىرىپ يىڭى تىمىلارنى كۆرۈپ تۇرىدىغان،لىكىن تۇنجى قىتىم ئىنكاس يازغان مېھمان.سىزچۇ؟
يەنە بىر مېھمان بولسا تورخۇمارغا دائىم ئىنكاس يېزىپ تۇرىدىغان، ئەمما تورخۇمارغا تۇنجى كىرگەن مېھمان ئوخشايدۇ.
بۇمۇ بىر خىل ئۆزگىچىكەن…
تەۋسىيە قىلغان نەرسىە قانداق بوپكەتكەندۇ؟
تەخەللۇس: بەختىيار
ئېلخەت: 752749561@qq.com
مەزمۇن:
كۆرۈپ مەزمۇننى چۈشۈنۈپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن!!!!
—————————————————-
تەۋسىيە بولا مۇشتا بولا … بەك تەسىرلىنىپ كېتىپ يوللايدىغان يېرىنى تاپالمىدىم
ۋاي سازايى مۇشۇنداق قۇرۇق تىمىمۇ بولامدا
(بۇ تىمىنى ئەخمەق ئادەملە چۈشىنەممەيدۇ دەپ قويماپسىز )
ما ۋىروسنىڭ ئىنكاسىغا تازا كۈلۈپتىمەن ئەتتىگەندە، ئىنكاس بولا ماشىدا بولا.
چاناپلا شاققىدە تاتقان سۇرەتمۇ بۇ … كافىنى قانداق چاناپ تاتىپ ئۈلگۈگەندۇ … سۇرئىتى ۋەھشى تىزمۇ بۇ كاساپەتنىڭ …
مەنچە توڭلاتتىمىكى….
كەچۈرۈڭ لار مەن تىخى ئىسمىنى يازساملا باشقىسىنى ۋىروس ئەپەندى تۈزەيدۇ دەپ قاپتىمەن!!
مەزمۇن قۇرۇقكەن … قانداق تۈزەشنى بىلەلمىدىم .
ئاۋۇ تۇخۇم ئەجەپ رەڭلىككىنا
خوتۇن كىشى ئاۋۇ،ۋۇ ياغاچ قۇلاق
ھەجەپ قورسىقىم ئاچتى ئا تۇخۇملارغا قاراپ…